چىلاننىڭ ئوخشاش بولمىغان يېيىش ئۇسۇلى يېمەكلىكلەر

چىلاننىڭ ئوخشاش بولمىغان يېيىش ئۇسۇلى

چىلاننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىي مول، تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش رولى بار. ئىشلىتىلىشى كەڭ بولۇپ، «ياغاچ غوللۇق ئاشلىق» دەيدىغان نامى بار، شۇنداقلا ئۇ ئىستېمالچىلار ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى. ئوزۇقلۇق ئانالىزلىرىغا ئاساسلانغاندا ، ھۆل چىلاننىڭ قەنىت مىقدارى %35-25، قۇرۇق چىلاننىڭ قەنىت مىقدارى %75 - 60؛ ھەر 100 گرام ھۆل چىلان تەركىبىدە 23.2 گرام كاربۇنلۇق بىرىكمىلەر، 12 گرام ئاقسىل، 10.2 گرام ماي؛ ھەر 100 گرام چىلاننىڭ تەركىبىدە 50.3 -80.6 گرام كاربۇنلۇق بىرىكمىلەر، 3.3 گرام ئاقسىل. 0.4 گرام ماي، يەنى كالىتسى، فوسفۇر، تۆمۈر قاتارلىق مىنرال...
داۋامى..
تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاشتا دېققەت قىلىدىغان نۇقتىلار بىلىۋىلىڭ

تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاشتا دېققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

تۇرمۇشتا ھامان بىر قىسىم كىشىلەر قان ئازلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىئارام بولىدۇ. بىز ئادەتتە نىمە يەپ بەرسەك قان تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟   قان ئازلىق دېگىنىمىز- ئادەم بەدىنىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ مىقدارى ئازىيىپ، نورمال دائىرىنىڭ تۆۋەن چېكىدىن تۆۋەن بولغان بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ. قان ئازلىقنىڭ تۈرى ۋە سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدا كۆپ ئۇچرايدىغان قان ئازلىق- تۆمۈر كەملىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق. تۆمۈر كەملىك ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلى بولۇپ، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئەھۋالى دوكلاتى...
داۋامى..
ئاغىرىپ قالغاندا سەككىز خىل يېمەك-ئىچمەكنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ! يېمەكلىكلەر

ئاغىرىپ قالغاندا سەككىز خىل يېمەك-ئىچمەكنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ!

  يېمەكلىك ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، بىراق، بەزىدە يېمەكلىك ياكى ئىچىملىكلەر كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئالدىنى ئېلىش» ژۇرنىلى يېقىندا ئاغرىپ قالغاندا يېسە بولمايدىغان بىرنەچچە خىل يېمەك-ئىچمەك تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. قەھۋە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بەدەندە سۇ يېتەرلىك بولسا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ۋە كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىكەن. قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىن سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ، بىماردا سۇسىزلىنىش پەيدا قىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ۋىرۇسقا ۋە يۇقۇملىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن. ئاپېلسىن شەربىتى. زۇكامدىغان ياكى يۆتىلىپ قالغاندا...
داۋامى..
ھەسەل راستتىنلا ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرالامدۇ؟ يېمەكلىكلەر

ھەسەل راستتىنلا ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرالامدۇ؟

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھەسەل ئىزچىل ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىنىۋاتقان ئىسىل يىمەكلىك بولۇپ، ئەتىگەندە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۈتۈنۈش ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ھەسەل راستتىنلا شۇنداق ياخشىمۇ؟ ھەسەل ئىستېمال قىلشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ھەسەل راستتىنلا ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرالامدۇ؟ ھەسەلنىڭ تەركىبىدە %75 ~ %65 ساخارىدلار بولۇپ، بۇ گلۇكوزا، فرۇكتوزا، ساخاروزا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە فرۇكتوزا بۇ ئۈچ خىل ساخارىدلارنىڭ %40تىنى ئىگىلەيدۇ. بەزىلەر ھەسەل ئىچسە ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ دېيىشىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق...
داۋامى..
كۈز پەسلىدىكى ئاسان قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەر قايسى؟ ساغلاملىق بىلىملىرى

كۈز پەسلىدىكى ئاسان قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەر قايسى؟

39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 1. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئېغىز بوشلۇقى يارىسى كۈز پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە قۇرغاق ھاۋارايى شارائىتىدىن سىرت، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ زەخمىلىنىشى، ئوزۇقلۇقنىڭ كەملىكى ھەمدە ھورمۇن ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىپ، ئېغىزنى تۇز سۈيىدە چايقاپ، ئاچچىق ۋە كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ھەمدە تەرەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بەدەن ساغلاملىقى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئەمەلىيەتتە بەدەن...
داۋامى..
چىش يۇيۇشتىكى نۇرغۇن خاتا قاراشلار بەش ئەزا كېسەللىكلىرى

چىش يۇيۇشتىكى نۇرغۇن خاتا قاراشلار

 ھەر كۈنى ئەستايىدىل چىش چوتكىلىغان تۇرۇقلۇق، يەنە نىمە ئۈچۈن چىشنى يۇيۇش كېرەك؟ چىش يۇيسا چىش بوشاپ كېتەمدۇ؟ چىش يۇيۇش توغرىسىدىكى ھەر خىل قاراشلاردىن زادى قايسىسى راست؟ بۇلارنى نۇرغۇن كىشى ئېنىق بىلمەيدۇ.   1. ھەر كۈنى ئەستايىدىل چىش چوتكىلىسا، چىش يۇيمىسىمۇ بولىدۇ دەيدىغان خاتا قاراش.   نۇرغۇن كىشى دائىم: ھەر كۈنى ئەستايىدىل چىش چوتكىلىغان تۇرۇقلۇق، نىمىشقا يەنە چىش يۇيغۇزىمىز دەپ سورايدۇ؟ بىرىنچى، مەيلى سىز چىش چوتكىلىغاندا قانچىلىك ئەستايىدىل بولۇڭ، ھامان بىر قىسىم جايلارنى چوتكىلاش ئاسان ئەمەس. مەسىلەن، ئىككى چىشنىڭ ئارىلىقى ۋە بارلىق چىشنىڭ...
داۋامى..
تاتلىق يىمەكلىكلەرنى يېيىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى ھەققىدە يېمەكلىكلەر

تاتلىق يىمەكلىكلەرنى يېيىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى ھەققىدە

  مەيلى بالىلار ياكى چوڭلار بولسۇن، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرۈش ئادەمنىڭ تۇغما قابىلىيىتى. بۇ خىل تۇغما قابىلىيەت كىچىك بالىلار ۋە قىزلاردا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.   قەنت تىلغا ئېلىنسىلا، ھەممىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ساغلام ئەمەس» دېگەن سۆزنى ئەسكە ئالىمىز. چۈنكى، بىز دائىم قەنت يېسە چىشنى قۇرت يەيدىغانلىقى، يەنە دىئابېتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، ھەتتا قەنتنى كۆپ يېسە دانىخورەك چىقىدىغانلىقى، سەمىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. قەنت يېسە، راستتىنلا زىيىنىلا بولۇپ، پايدىسى يوقمۇ؟   قەنت- گېزەك ئەسلىدىنلا ئىنتايىن ئادەتتىكى يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە ئېنېرگىيە مول. بۇ خىل...
داۋامى..
يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش ھەققىدە تېبابەت نەزىريەسى

يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش ھەققىدە

                                   قىسقىچە چۈشەنچە يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاش بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئوزۇقلىنش تەرتىپلىرىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشەش، زىيان قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىىىننېمال قىلىشتىن توسۇش ئارقىلىق ھەر قايىىىى ئەزاللارىنىڭ خىزمىتىنى نورماللانتىتۇرۇش، قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كېسەلنىڭ تېزراق ساقىيىشىغا شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بېرىشتىن ئىبارەت. كېسەل داۋالاشتا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى ناھايىتى مۇھىم ھەم ئاساسىلىق ئورۇننى ئېگەللەيدۇ. ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىپ يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تەڭشىگەندە، يالغۇز...
داۋامى..
تۆت پەسىللەرنىڭ  مىزاجى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان تېبابەت نەزىريەسى

تۆت پەسىللەرنىڭ مىزاجى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان

 تۆت پەسىللەرنىڭ  مىزاجى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان پەسىللەر مىزاجى  بولسا  شۇڭلاشقا كىلىماتولوگىيە ئىلمىدە پىنتىدالىق تېمپېراتۇرا (ئارقىمۇ – ئارقا بەش كۈن ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا) ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆت پەسىل ئايرىلغان. پىنتىدالىق تېمپېراتۇرا℃ 22 دىن يۇقىرى بولغان مەزگىل ياز پەسلى دەپ ئايرىلغان. پىنتىدالىق تېمپېراتۇرا ℃10 دىن تۆۋەن بولغان مەزگىل قىش پەسلى دەپ ئايرىلغان. قىش پەسلى بىلەن ياز پەسلى ئارىىقىدىكى مەزگىل ئەتىياز پەسلى، ياز پەسلى بىلەن قىش پەسلى ئارىلىقىدىكى مەزگىل كۈز پەسلى دەپ ئارىلغان . تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدىكىپارلىق جانلىق، جانسىز مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆزىگە خاس كەيپىياتى...
داۋامى..
قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش تېبابەت نەزىريەسى

قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش

قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش ئادەتتە قۇم بىلەن داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ قۇمدىكى ھەر خىل پايدىلىق تەركبلەرنىڭ بەدەنگە تەسىر قىلىشى ۋە قۇمنىڭ قىززتىش ، شۈمۈرۇش قاتارلىق ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆرىىىتىدۇ. قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش بولسا ئۇيغۇر تببابىتىدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمكى يەرلىك داۋالاش چارلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەت، ھادىسىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش، كۈندىلىك تۇرمۇشنى باشقۇرۇش جەريانىدا ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز (تاسادىپىي) ئىشلەتكەن چارە-ئاماللىرىنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەجرىبە ساۋاقلارنى يەتكۈنشىدىن تەدرىجىي شەكىللىنىپ چىققان، ئۈنۈملۈك...
داۋامى..
ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت ئەھۋالى تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت ئەھۋالى

كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساپاسى، كەيپىياتى، تۇرمۇش ئادىتى، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى تەڭشىشى ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتىنىڭ رېتىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، ھەر بىر كىشى تۈۋەندىكى ئادەم بەدىنىنىڭ خىزمەت پائالىيىتىگە ئاساسلىنىپ ھەمدە ئۆزىنى بىر مەزگىل كۆزىتىپ، بىئولوگىيىلىك سائىتىنىڭ رېتىمىنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەت ۋە دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. سائەت 1:00 دە ئادەم سەزگۈر ئۇيقۇ ھالىتى (ئۇيقۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى) گە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاغرىشقا بولغان سېزىمى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ ھەمدە ئاسان ئويغىنىپ كېتىدۇ. سائەت 2:00 دە ئادەم بەدىنىدىكى زور كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ خىزمەت سۈرئىتى...
داۋامى..
قەۋزىيەت كېسەللىكى ھەققىدە تونۇش ۋە داۋالاش ئىچكى كېسەللىكلەر

قەۋزىيەت كېسەللىكى ھەققىدە تونۇش ۋە داۋالاش

كېسەللىك ھەققىدە: بۇ كېسەللىك، تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ۋە ئىچكى ئەزالار ئامىللىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.قەۋزىيەت ئۈچەينىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ ھەرىكىتىدە سۇسلۇق پەيدا بولۇش، ئۈچەينىڭ چىقىرىش ھەرىكىتى ئاجىزلىشىش، ئۈچەيلەردىكى جازىبە (غىزا جەۋھەرلىرىنى شۈمۈرۈپ قانغا ئەۋەتكۈچى) كۈچىنىڭ خىزمىتى ئارتىپ كېتىش، ئۈچەيدىكى ھۆللۈك ئازىيىش، جىگەردىكى سەپرا ماددىسى ئازىيىش، ئۈچەي سىپازمىلىنىش، ئۈچەي پالەچلىنىش، تەستە سىڭىدىغان تاماقلارنى كۆپ يېيىش، ھۇرۇنلۇق، جىسمانىي ھەرىكەتنى كۆپ قىلماسلىق، بەدەن چېنىقتۇرماسلىق، ئاچچىق، چۈچۈمەل نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش، قېنىق دەملەنگەن چاينى كۆپ ئىچىش ئۇنىڭدىن باشقا ئاشقازان كېسەللىكلىرى، بوۋاسىر كېسىلى، سەمرىپ كېتىش، نېرۋا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ كېسىلى،...
داۋامى..
تۇمۇرنڭ تۇرلىرى ۋە ئالامەتلەر تېبابەت نەزىريەسى

تۇمۇرنڭ تۇرلىرى ۋە ئالامەتلەر

  1- ئاجىز تومۇرقولغا ئاجىز ۋە ۋە بوش ئۇرۇلىدىغان تومۇر بولۇپ، بەدەننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2- ئاستا تومۇر  بۇ قولغا ئاستا ئۇرۇلىدىغان تومۇر بولۇپ، بەدەنگە ساپ ھاۋانىڭ يېتەرلىك تەمىنلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 3- بازغانسىمان تومۇر بارماققا نورمال ئۇرۇلۇپ بولۇپ ئارقىغا بىر ئاز قايتىپ مەركەزگە بارماي تۇرۇپلا كېڭىيىپ ھەرىكىتىنى تاماملايدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن ھاياتلىق كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بەدەننىڭ ھاۋاغا ئىھتېياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 4- بۇزۇلغان ۋەزنىلىك تومۇر كىشىگە خاس بولمىغان ياكى باشقا بىر كىشى ۋە باشقا بىر خىل ھالەتتە بولىدىغان تومۇرغا ئوخشاپ...
داۋامى..
دىئابېت كېسىلىگە شىپالىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار دېئابىت كېسلى

دىئابېت كېسىلىگە شىپالىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار

ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ، ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﯟﻩ -ﭼﯩﯟﻩ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ . 1. كاۋا. كاۋىنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە ﻗﻪﻧﺖ ﺳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. 2.ﻳﺎﯕﺎﻕ . ﻳﺎﯕﺎﻕ ﺑﯚﺭﻩﻙ ،ﺋﯚﭘﻜﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ ،ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﻳﺪﯗ .ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺷﯩﺮﻧﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ،ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻧﺖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﺗﻮﻟﯩﺮﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . 3.ﭼﺎﻱ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻐﻰ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ...
داۋامى..
ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ياخشى ئادەتمۇ يېمەكلىكلەر

ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ياخشى ئادەتمۇ

ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ياخشى ئادەتمۇ بىلىمنۇر تورى تەرجىمىسىمۇچ-لازا تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل تەم  تەڭشىگۈچ بولۇپ،يېمەكلىكلەر،تائاملار  ئاچچىق بولمىسا خۇشال بولمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇچ بولمىسا، يېمەكلىكنىڭ لەززىتى بولمايدۇ. مۇچ يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئازراقلا سىناپ باقسا، گېلىدىن ئوت چىقىرىىپ چىراينى قىزارتىپ، قارا تەرگە چۆمۈپ كېتىدۇ .ئۇنداقتا ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا ياخشىمۇ؟ تۆۋەندە بىز بىرلىكتە تەپسىلىي چۈشىنىپ باقايلى. ئاچچىق يېمەكلىكەر ئەمەلىيەتتە ئىغىزىمىزدىكى تىل ھېس قىلىدىغان ئاغرىق، ھەرگىزمۇ بىر خىل تەم ئەمەس. قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى كاپزائىتسىن ئېغىز بوشلۇقى يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى...
داۋامى..
ئاق ناۋات ۋە سېرىق ناۋاتنىڭ پەرقى ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە شىپالىق رېتسىپلار

ئاق ناۋات ۋە سېرىق ناۋاتنىڭ پەرقى ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە

ئاق ناۋات يەككە كىرىستالدىن، سېرىق ناۋات كۆپ كىرىستالدىن شەكىللىنىدۇ. ئىككىلىسى ئاق شېكەرنى خام ئەشيا قىلىدۇ، ئېرىتىش، قالايمىقان دانىچىلارنى چىقىرىۋېتىش، قاينىتىش، كىرىستاللاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولىدۇ. پەرقلىنىدىغىنى، ئاق ناۋاتنىڭ بارلىققا كېلىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئاقارتىپ، رەڭ يوقىتىش جەريانىنى چوقۇم باشتىن كەچۈرىدۇ. سېرىق ناۋات رەڭگى چۈشۈرۈلمەي، پىششىقلاپ ئىشلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغاچقا، شېكەرنىڭ ئەسلىدە بار بولغان تەركىبى بىر قەدەر كۆپ ساقلىنىپ قالىدۇ، تاتلىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇق مىقدارى شۇنچە مول بولىدۇ. ئوزۇقلۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سېرىق ناۋات ئاق ناۋاتقا قارىغاندا ياخشى. سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئېلىپ...
داۋامى..
يازدا نىمىشقا زەنجىۋىل يەيمىز يېمەكلىكلەر

يازدا نىمىشقا زەنجىۋىل يەيمىز

«كونىلاردا قىشتا لوبو، يازدا زەنجىۋىل يېسە، دوختۇرنىڭ رېتسېپ يېزىشى ھاجەتسىز» دەيدىغان گەپ بار، ئۇنداقتا، يازدا نېمە ئۈچۈن زەنجىۋىل يېيىش كېرەك؟ بۇنىڭ زادى قانداق پايدىسى بار؟     بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى داشۆسى شەرق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى شيې ليەندى كۆپچىلىككە يازدا زەنجىۋىل يېيىش توغرىسىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.    يازدا نېمە ئۈچۈن زەنجىۋىل يەيمىز؟    بىرىنچىدىن، ئىسسىق ياز كۈنلىرىدە، ئادەم بەدىنىدىكى ياڭچىمۇ تەبىئەت دۇنياسىغا ماسلىشىپ، بەدەن سىرتىغا تارقىلىپ چىقىدۇ، بەدەندىكى ياڭچى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ. بەدەندىكى ياڭچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ياز پەسلىدىكى يېمەك-ئىچمەكلەردە قىرتاق تەمنى ئازايتىش،...
داۋامى..
تۇربا سۇيىدىكى دۇغ زادى نىمە؟ بەدەندە تاش پەيدا قىلامدۇ؟ تۇرمۇش ساۋاتلىرى

تۇربا سۇيىدىكى دۇغ زادى نىمە؟ بەدەندە تاش پەيدا قىلامدۇ؟

تۇرمۇشتا بىز دائىم ئىچىدىغان سۇنىڭ كۆپىنچىسى ساپ سۇ بولۇپ، قاينىغاندىن كېيىن ئانچە كۆپ سۇ دېغى بولمايدۇ. لېكىن، بەزى كىشىلەر ساپ سۇدا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىنېرال ماددىلار يوق دەپ قاراپ، تۇرۇبا سۈيىنى قايناتقاندىن كېيىن ئىچىدۇ. سۇ قاينىغاندىن كېيىن، چەينەكتە ئازراق سۇ دۇغى قالىدۇ-دە، ھەر كۈنى يىغىلىپ، بىر قەۋەت قېلىن سۇ دۇغى ھاسىل بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر سۇدىكى بۇ سۇ دۇغلىرى تاش پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇنداقتا ھەقىقەتەن مۇشۇنداقمۇ؟ تۇرۇبا سۈيى قاينىغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن سۇ دۇغى ئەمەلىيەتتە سۇدىكى كالتسىي ئىئونى ۋە ماگنىي...
داۋامى..
بالىلاردىكى كېكەچلىك كېسىلى بالىلار كېسەللىكلىرى

بالىلاردىكى كېكەچلىك كېسىلى

مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىلاردىكى تۇيۇقسىز كېكەچلەپ سۆزلىيەلمەسلىك كېكەچلىك كېسەللىكى دېيىلىدۇ. ئادەتتە ئىككى ياشتىن تارتىپ 15 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. سەۋەبى: مېڭە ۋە تىل نېرۋىلىرىغا قاتتىق سوغۇق ئۆتۈش، ھۆل ۋە سوغۇق مېۋە، غىزالارنى كۆپ يېيىش سەۋەبىدىن تىل نېرۋىلىرى ئاجىزلاپ، كەمتۈك سۆزلەش ياكى تەكرار سۆزلەش كېلىپ چىقىدۇ. بەزى بالىلاردا تۇغما ھالدىكى تىلنىڭ كەمتۈكلۈكى، سەرسام، چېچەك، قىزىل قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ياكى تارتىشىش پەيدا قىلغۇچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش، روھى ئامىل قاتارلىقلاردىن كېكەچلىك پەيدا بولىدۇ. روھى ئامىلدىن پەيدا بولغان كېكەچلىك بالىلارنىڭ تىلى چىقىۋاتقان مەزگىلدە...
داۋامى..
بالىلاردىكى سىيگەكلىك كېسىلى بالىلار كېسەللىكلىرى

بالىلاردىكى سىيگەكلىك كېسىلى

بۇ كىچىك بالىلار كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ ئورنىغا سىيىپ ياتىدىغان، بەزىلىرى تېخى ئويغاقلىق ھالەتتىمۇ سىيىپ قويىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ ئۈچ ياشتىن يۇقىرى 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. سەۋەبى: ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشىدىن دوۋساقنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ۋە توقۇلمىلىرى بوشاش، دوۋساققا تاش چۈشۈش، دوۋساق ياللۇغى، ئاشقازان ۋە جىگەر ھەزىمنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ھۆللۈك كۆپىيىپ كېتىش، بەدەن ئاجىزلىقى، قۇۋۋەتسىزلىك، ئۇزۇنغىچە كېسەل تارتىشىش، بالىنىڭ تۆۋەن تەرىپى پالەچلىنىش، مېڭە سىرتىدىن زەخىملىنىش، مەددە قۇرت كېسەللىكلىرى قاتارلىق سەۋەبلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كېسەللەنگەن بالىلاردا سۈيدۈك كۈندۈزىمۇ...
داۋامى..
بالىلارنىڭ ماڭقىسىدىن كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ بالىلار كېسەللىكلىرى

بالىلارنىڭ ماڭقىسىدىن كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ

بالىلارنىڭ ماڭقىسىدىن كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ         قىش پەسلى بالىلارنىڭ كۆپ زۇكام يۈز بېرىدىغان مەزگىلى بولۇپ، نۇرغۇن بالىلاردا مۇشۇ سەۋەبلىك ماڭقا ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئالاقىدار دوختۇرلارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بالىلار زۇكام بولۇپ قالغاندا، ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ ماڭقا ئالامىتىدىن، يەنى ماڭقىنىڭ رەڭگى قاتارلىقلاردىن بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلىۋالالايدىكەن.  ئەگەر بالىدا سۈزۈك سۇ ماڭقا پەيدا بولسا بۇ كۆپىنچە زۇكام ۋە زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. «زۇكامنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ماڭقا ئېقىش، بۇرۇن شىللىق پەردىسى يېپىشقان كېسەل قوزغاتقۇچىنى ئېقىتىپ كېتىپ كۆپلەپ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق...
داۋامى..
ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن شۆلگەي ئېقىشنى داۋالاش شىپالىق رېتسىپلار

ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن شۆلگەي ئېقىشنى داۋالاش

ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن شۆلگەي ئېقىشنىڭ سەۋەبى ئۈچ خىل بولىدۇ. بىرىنجى: ئىسسىق تەبىئەتلىك ئاشقازاندا ھۆللۈكنىڭ كۆپلىكدىن بولىدۇ. ئىككنىچىسى؛ تىل بىلەن تاڭلاينىڭ ئەتىراپدىكى ھۆللۈكتىن پەيدا بولغان ھارارەتنى تارقىتىدۇ. ئۈچىنچسى: ئاشقازان سۇيۇقلىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆللۈكنىڭ كۆپلۈكىدىن بولىدۇ. ئاشقازان ئىسسقلىقنىڭ ئالامىتى شۇكى، ئىسىق تائام ۋە دورىلار ئاشقازانغا ياراشماس. شۆلگەي ئېقىشنىڭ بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ كۆپلىكىدىن بولغانلىقنىڭ ئالامىتى شۇكى، ئاشقازاننىڭ ھۆللۈكىدىن ئۇسۇزلۇق پەيدا بولمايىدۇ، ھۆللۈكنى ئاشۇرىدىغان تائاملارنى كۆپ يىيىشتىن سۇيۇقلۇق كۆپ پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى شۇك، ئىسىق تەبىئەتلىك تائام يېسە، ئېغىزدىن ئاقىدىغان سۇتوختايدۇ. ئاشقازان سوغوق ھۆللۈكنىڭ ئالامىتى شۇكى،...
داۋامى..
ئورنىدىن تۇرۇش ۋە پىسخىكا پىسخېكا بىلىملىرى

ئورنىدىن تۇرۇش ۋە پىسخىكا

بىر ئادەمنىڭ سەھەردىكى ھەرىكەتلىرىدىن شۇ كىشىنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى بىلگىلى بولىدۇ .1. ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدىغانلار ئۈمىدۋار خاراكتېرگە ئىگە ، ھەر قانداق ئىشنى ئىشەنچ بىلەن قىلىدۇ، ئىش قىلغاندا ئاقىۋىتىنى ئويلايدۇ، ئالاقىلىشىشقا ماھىر ھەم ئامما ئارىسىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بىر ياقىدىن باش چىقارغاندىلا ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ. 2. باشقىلار ئورنىدىن تۇرسا ئورنىدىن تۇرىدىغان ،كۆپچىلىككە ئەگىشىپ ئىش قىلىدىغانلاركونكېرت ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خارەكتېرغا ئىگە ، پايدىسى يوق ئىشلارنى قىلمايدۇ ، ئىشلىرىنى تېز ھەل قىلىدۇ ھەم ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. بۇ...
داۋامى..
چوڭ مېڭىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟ بىلىۋىلىڭ

چوڭ مېڭىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟

چوڭ مېڭە تەخمىنەن 14 مىليارد دانە ھۈجەيرىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 1400 گىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ. چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 2-3 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي ھەجمى 2200 كۇۋادرات سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كۈنىگە تەخمىنەن 100 دانە ئەتراپىدا ھۈجەيرە ئۆلىدىغان بولۇپ، ئادەم مېڭىنى ئىشلەتمىگەنسېرى ئۆلىدىغان ھۈجەيرىنىڭ سانى شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. ئادەتتە، بىر ئادەم مېڭىسىنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ئىسكىلاتى تەخمىنەن 10 مىليون پارچە كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدىكەن. چوڭ مېڭىنىڭ %80 تى سۇدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇ ئادەم تەن ئېغىرلىقىنىڭ...
داۋامى..
مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكى دېگەن نېمە؟ تېبابەت نەزىريەسى

مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكى دېگەن نېمە؟

مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكى دېگىنىمىز قان تومۇر مەنبەلىك ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، بۇ كېسەللىك كلىنىكىلىق نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىك، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈش، مېيىپلەندۈرۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، راك كېسەللىكى، يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكى بىلەن بىر قاتاردا ھازىر ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۈچ چوڭ قاتىلنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى مۇنداق ئىككى چوڭ تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچىسى، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى ۋە باشقا سىستېمىلار ياكى ئەزالارنىڭ كېسەللىكتىن زەخىملىنىشىنىڭ مېڭە قان تومۇرى ۋە...
داۋامى..
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى پىسخېكا بىلىملىرى

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى

باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزىنى كۆرسىتىش كەيپىياتى نىسبەتەن كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سەۋرچانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . كۆپ ئاڭلاش ئادەمنىڭ ماتېرىيال توپلاش ۋە كۆزىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىددۇ ۋە كۆپ سۆزلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ . ئازراق سۆزلەپ كۆپ ئاڭلاش ھازىرقى زامان كىشىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم پەزىلەتلەرنىڭ بىرىدۇر . باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ يېقىن بولۇشى ھەرگىزمۇ بارلىق ئىچكى سىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشنى...
داۋامى..
ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلقنى تەڭشەش ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلقنى تەڭشەش

ئۇيقۇ ، ئويغاقلىق تەننىڭ سالامەتلىكنى ساقلىغۇچى مۇھىم پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، داۋالاش جەريانىدا بۇنى نەزەردە تۇتۇپ ئېلىپ بېرىش لازىم. 1 ئۇيقۇ: ئۇيقۇ تەبىئىي ئۇيقۇ ۋە غەيرى تەبىئىي ئۇيقۇ دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. تەبىئىي ئۇيقۇ نورمال بولغان ئۇيقۇ بولۇپ، تەن سالامەتلىكنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيقۇ نورمال بولغاندا مېڭە ھۈجەيرىلىرى تورمۇزلىنىپ ، ئەسەبلەر بوشايىدۇ. نەتىجىدە روھىي قۇۋۋەت يۈرىشىدىغان يوللار قېلىنلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن روھىي نەپسانىمۇ قويۇقلىشىپ، ئەسەبلەرگە يوللارغا سىڭمەيىدۇ ۋە يۈرۈشمەيدۇ. شۇ ئارقىلىق سىرتقى ھېسلاردا تۆۋەنلەش ۋە توختاش پەيدا بولىدۇ-دە، ئۇيقۇ شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئىچكى...
داۋامى..
كۆز كېسىلىنىڭ 10 بېشارىتى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى

كۆز كېسىلىنىڭ 10 بېشارىتى

كۆزدە كۆرۈلگەن ئالامەتلەر كۆز كېسەللىرىدىن بېشارەت بېرىپ ، بالدۇر بايقاش ، بالدۇر داۋالاشقا پايدىلىق بولىدۇ . ئەمما سەل قارىسا كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن . 1.كۆزگە قان ئويۇپ قېلىش كۆزدىكى بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە قىلدام قان تومۇرلار تارقالغان بولۇپ ، قان تومۇرلار يېرىلسا ، كۆزگە قان ئۇيۇپ قالىدۇ . مۇتەخەسىسلەر كۆزگە قان تولۇشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ، بىراق يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قان پىلاستىنكىسى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسەللىكلىرىدە كۆزگە قان ئويۇپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى . 2.كۆز پولتىيىپ چىقىش قالقانسىمان بەز...
داۋامى..
ياشانغانلار ئۇيقۇسىنىڭ 5 كاپالىتى تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ياشانغانلار ئۇيقۇسىنىڭ 5 كاپالىتى

ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى. شۇنداقكەن، ياشانغانلار قانداق قىلغاندا ئۇيقۇسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلىيالايدۇ؟ 1. ياشانغانلار ئۇيقۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ياشانغانلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا، ئادەتتە 8-6 سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتىمۇ ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ، ئوڭاي ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ، تەستە ئۇخلاش، ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ ئاسانلا ئويغىنىپ كېتىشكە ئوخشاش ئۇيقۇ ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 2. ياشانغانلار ئۇيقۇسىنى ياخشىلاشنىڭ ئامال-چارىلىرى (1) مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش: كۈندۈزى سىرتلارغا چىقىپ تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ بەرگەندە، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئۇزاق...
داۋامى..
يۈرەكنى ساغلام قىلىدىغان ئون ئادەت ساغلاملىق بىلىملىرى

يۈرەكنى ساغلام قىلىدىغان ئون ئادەت

يېمەك-ئىچمەكنى ياخشىلاش ۋە چېنىقىشنى كۈچەيتىش ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان ئۈنۈملۈك يۈرەك ئاسراش ئۇسۇلى. لېكىن ئامېرىكىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، بارغانسېرى كۆپ تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەك-ئىچمەك ۋە چېنىقىشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئۇسۇللارمۇ يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغداش رولىنى ئوينايدىكەن. بىرىنچى، قۇچاقلىشىش. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆيگىنى بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرۇش قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان، بېسىمنى چۈشۈرىدىغان بىر خىل ھورمون، ئوكسىتوتسىن قويۇپ بېرىدىكەن. ئىككىنچى، قاقاقلاپ كۈلۈش. قاقاقلاپ كۈلۈش قان تومۇرلارنىڭ كىڭىيىشىنى غىدىقلاپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە %22كە يېتىپ، قاننىڭ ئېقىشىنى كۈچەيتىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئۈچىنچى، شاكىلات يىيىش. كاكائۇ پۇرچىقى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى...
داۋامى..