بۆرەكنىڭ بەدەندىكى رولى… بىلىۋىلىڭ

بۆرەكنىڭ بەدەندىكى رولى…

بۆرەك بولسا سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا . شۇنداقلا ئورگانىزىمىڭ ئىچكى ماددا ئا لمىىشىش جەريانىنى كونترول قىلىپ ، شۇ ئارقىلىق ئىچكى مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ،ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرلىشىغا كاپالەتلىك قېىلىدۇ . بۆرەكنىڭ ئاساسلىق فىزىئولو گىيىلىك ئىقتىدارى تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك بولىدۇ . 1. سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىش رولى ؛بۆرەك سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ . 2. ماددا ئالماشتۇرۇش رولى :بۆرەك ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىدىن ھاسىل بولغان ماددىلارنى ۋە ئورگانىزمغا كىرگەن زىيانلىق ماددىلارنى ھەيدەپ چىقىرىدۇ . 3. كىسلاتا ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقنى...
داۋامى..
نېمىشقا بۇرۇننىڭ بىر تەرىپى دائىم پۈتۈپ قالىدۇ؟ بىلىۋىلىڭ

نېمىشقا بۇرۇننىڭ بىر تەرىپى دائىم پۈتۈپ قالىدۇ؟

زۇكامداپ قالغاندا بۇرنىمىز دائىم پۈتۈپ قالىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسلەر بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بەردى: بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى بۇرۇننىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت مېخانىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئايلىنىشى مۇستەقىل بولىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى مۇستەقىل نېرۋىلار سىستېمىسى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئالمىشىپ خىزمەت قىلىش جەريانىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىكەن. شۇنداقلا بۇ سىستېما يەنە ھەزىم قىلىش ۋە يۈرەك ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك فۇنكسىيەنى تەڭشەپ تۇرىدىكەن. بۇرۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇستەقىل نېرۋىلار سىستېمىسى بۇرۇن بوشلۇقى ئايلىنىشىنى تەڭشەپ، بۇرنىمىزنى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرىدىكەن. ئامېرىكا بالىلار بۆلۈمى دوختۇرى، مەخسۇس تېببىي يازغۇچىسى جېنىففېر...
داۋامى..
بۇ بىر نەچچە خىل ۋىتامىننى خالىغانچە تولۇقلاشقا بولمايدۇ بىلىۋىلىڭ

بۇ بىر نەچچە خىل ۋىتامىننى خالىغانچە تولۇقلاشقا بولمايدۇ

بۇ بىر نەچچە خىل ۋىتامىننى خالىغانچە تولۇقلاشقا بولمايدۇ ھازىرقى تېز رېتىمدىكى تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرماقتا، كىشىلەرمۇ بارغانسېرى تەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ۋىتامىن تولۇقلاشمۇ دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى، لېكىن ۋىتامىنلار شېكەر، پۇرچاق ئەمەس، ئوخشىمىغان ۋىتامىنلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بار، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش كېرەك، ئارتۇق تولۇقلىسا ئەكسىچە ياخشى بولمايدۇ. ۋىتامىننىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان رولى ۋىتامىن ۋە ئاقسىل، ياغ، قەنتلەر، سۇ، ئانورگانىك تۇز قاتارلىقلار ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن كەمچىل بولغاندا،...
داۋامى..
بەدەنگە قاراپ ۋىتامىن ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى بىلىۋىلىڭ

بەدەنگە قاراپ ۋىتامىن ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى

كىشىلەر بەزىدە چاچلىرىنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى، بۇرنى قانايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ، ئۇنداقتا بەدەندە قىسمەن بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، مەلۇم ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ كەملىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش جۇڭگو تىبابىتى بىلەن غەرب تىبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە ئىلمىيلىككە ئىگە، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندە بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى سېلىشتۇرۇش جەدۋىلى رەتلەپ چىقىلدى. بىرىنچى، باشقا قاراش. 1. ئەگەر چېچىڭىز سارغىيىپ، ئۇچى كۆيۈپ كەتكەندەك كۆرۈنسە، ئاقسىل تولۇقلاش؛ 2. چاچ شالاڭ، نۇرسىز بولسا: ئاقسىل ۋە ۋىتامىن Aنى تەڭ تولۇقلاش؛ 3. ئاق چاچ:...
داۋامى..
​دوختۇرلار تەۋسىيە قىلغان 29 ساغلاملىق مەخپىيىتى بىلىۋىلىڭ

​دوختۇرلار تەۋسىيە قىلغان 29 ساغلاملىق مەخپىيىتى

1. قان بېسىمى بىر قېتىم ئۆرلەپ كەتكەنلىك يۇقىرى قان بېسىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. يۇقىرى قان بېسىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئۆلچەش لازىم، ھەمدە ئوخشاش بولمىغان كۈنلەردە ئۆلچەپ دىئاگنوز قۇيۇش لازىم، دېمەك ئۇدا ياكى كۈن ئاتلاپ ئۈچ كۈن قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە 90-140 دىن يۇقىرى بولسا ئاندىن يۇقىرى قان بېسىم دەپ بېكىتىلىدۇ. 2. مېۋە سۈيى ئىچكەندىن كۆرەر بىۋاستە مېۋە يېگەن ياخشى. مېۋە سۈيى تەركىبىدە مېۋىنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق قەنت بار، لېكىن يېمەكلىك تالاسى ۋە بىر قىسىم ۋىتامىنلار يوق، شۇڭلاشقا مېۋە سۈيى بەدەندىكى...
داۋامى..
پەقەت دوختۇرلا بىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ساغلاملىق بىلىملىرى بىلىۋىلىڭ

پەقەت دوختۇرلا بىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ساغلاملىق بىلىملىرى

نۇرغۇن كىشىلەر ساغلاملىققا ئىنتىلىدۇ، لېكىن بەزىلەر ساغلاملىقنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ، تۆۋەندىكى كۆپچىلىك كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىدىغان 50 تۈرلۈك ساغلاملىق بىلىملىرىدۇر. مېدىتسىنادىكى سوغۇق بىلىملەر دائىم تىلىنى چىشلىۋېلىش بەلكىم سەكتىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن يېقىندىن بېرى دائىم تىلىڭىزنى چىشلىۋالىدىغان بولۇپ قالغان بولسىڭىز بۇ تاسادىبىيلىق ئەمەس بەلكىم سەكتىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، تىلىڭىزنى چىشلىۋېلىشتىن باشقا يەنە باش ئاغرىش، باش قېيىش، يول ماڭغاندا قەدەم نورمال بولماسلىق، گەپنى ئېنىق دېيىلمەسلىك قاتارلىقلار تەڭ كۆرۈلگەندە تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم. 2. سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە تۈز ئۈچەينى تەكشۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق 80% تۈز ئۈچەي راكىنى...
داۋامى..
بەدىنىڭىز توغرىسىدا يەنە توققۇز سوغۇق بىلىم بىلىۋىلىڭ

بەدىنىڭىز توغرىسىدا يەنە توققۇز سوغۇق بىلىم

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ‎ئىنسانلارنىڭ تېنىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز نۇرغۇن ئېنېرگىيە يوشۇرۇنغان، شۇنداقلا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر تونۇشىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن. گەرچە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىشلىنىش ئورنى ۋە ئارتۇقچىلىقى ھەممىمىزگە ئايان بولسىمۇ، بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ھەممە ئادەمنىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى! ‎1. يۈزى قىزارغاندا ئاشقازانمۇ قىزىرىدۇ. ‎بىز ئىنسانلار ئىنتايىن ئالاھىدە، بەدىنىمىزدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر ھايۋانلاردا بولمايدۇ، مەسىلەن، ئادەمنىڭ يۈزى قىزارغاندا، ئەمەلىيەتتە ئاشقازىنىمۇ قىزىرىدۇ. بۇ ئادرېنالىننىڭ بەدەندىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتكەنلىكىدىن بولىدۇ، ئاشقازان دىۋارىمۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشى بىلەن...
داۋامى..
ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى بۇ يەتتە ئىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى بۇ يەتتە ئىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار

ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى بۇ يەتتە ئىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش كىشىلەرنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان ئارزۇسى، بىراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يەتكىلى بولمايدۇ، پەقەت تۇرمۇش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتكەندە بۇ ئارزۇيىمىزغا يېتىلەيمىز. ئۇنداقتا بىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ياردىمى بولىدىغان ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى يەتتە ئىشنى كۆرۈپ باقايلى. 1. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چىشىنى چوتكىلاش ۋە يۈزىنى يۇيۇش: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چىشىنى چوتكىلاش ۋە يۈزىنى يۇيۇشنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسى بار، چۈنكى ئۇخلىغاندا نىسپىي ھەرىكەت مىقدارى بەك كىچىك ھالەتتە بولىدۇ، ئەگەر ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چىشىمىزدىكى تاماق قالدۇقلىرنى...
داۋامى..
توققۇز خىل كەيپىيات سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ بىلىۋىلىڭ

توققۇز خىل كەيپىيات سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ

توققۇز خىل كەيپىيات سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ دائىم تالاش – تارتىش قىلىدىغان ئەر – ئاياللارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ھەسسىلەپ ۋاقىت كېتىدۇ ئەگەر جورىڭىز بىلەن يېرىم سائەت تالاش – تارتىش قىلغان بولسىڭىز، بەدىنىڭىزنىڭ ئىنكاس ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئاز دېگەندە بىر كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن؛ دائىم تالاش – تارتىش قىلىدىغان ئەر–خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ھەسسىلىنىدىكەن.   «سۆيۈلۈش» ئادەم بەدىنى، ئىدىيەسىنى تېخىمۇ تەمكىن قىلىدۇ ئىتالىيە پاۋىيا داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، مۇھەببەتلەشكەندە كىشىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى، بەدىنىدىكى نېرۋا ئۆسۈش فاكتورى سەۋىيەسى ئۆسۈش ھالىتىدە بولىدىكەن، بۇ خىل ھورمونغا...
داۋامى..
ئىنسانلاردا ئاز ئۇچرايدىغان 10 تۈرلۈك قورقۇش كېسىلى بىلىۋىلىڭ

ئىنسانلاردا ئاز ئۇچرايدىغان 10 تۈرلۈك قورقۇش كېسىلى

قورقۇش كېسىلى بىر خىل روھىي فۇنكىسىيە كېسىلى بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار مەلۇم ئالاھىدە ئوبيېكت ياكى ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە سەۋەبسىزلا جىددىيلىشىدۇ، قورقىدۇ ياكى كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ ناھايىتى بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ. قورقۇش كېسىلى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋال بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەممىمىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر بۇ خىل كېسەللىك ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. مەسىلەن ئېگىزدىن قورقۇش كېسىلى، قاراڭغۇدىن قورقۇش كېسىلى، ئىنچىكە نەرسىلەردىن قورقۇش كېسىلى، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار (مەسىلەن يىلان، سەكسەن پۇت دېگەندەك) دىن قورقۇش كېسىلى قاتارلىقلار. بۇ خىل قورقۇش كېسەللىكلىرى بىزگە پايدىلىق....
داۋامى..
بۇ كېسەللىكلەر ئاچچىقلىنىشتىن پەيدا بولىدىكەن بىلىۋىلىڭ

بۇ كېسەللىكلەر ئاچچىقلىنىشتىن پەيدا بولىدىكەن

1. سۈت بېزى ئۆسۈش كۆپ ساندىكى ئاياللاردا سۈت بېزى ئۆسۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى ئاچچىقلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۇغۇتتىن كېيىن كەيپىيات ناچار بولسا، ئاسانلا سۈت بېزى ياللۇغى كۆرۈلىدۇ؛ ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا سۈت بېزى راكى قوزغىلىدۇ. 2. باش قىيىپ، ئاغرىش بەزىدە زىيادە ئاچچىلانسا باش چىڭقىلىپ، ئاغرىيدۇ، ھەتتا مېڭىگە قان چۈشۈپ، تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىشتەك تاسادىپىي ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. 3. سەكتە، مېڭە تىقىلمىسى ئادەمنىڭ قەلبى بىلەن تېنى زىچ مۇناسىۋەتلىك گەۋدە بولۇپ، يۈرەك، مېڭە، قان- تومۇر كېسەللىك بىمارى ئاچچىقلانسا قەتئىي بولمايدۇ، چۈنكى ئاچچىقلانغاندىن كېيىن...
داۋامى..
ئاسان سەمىرىتىۋېتىدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئاسان سەمىرىتىۋېتىدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى

1. بەك ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇن تامىقى، گۈرۈچ تامىقى كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم يەيدىغان يېمەكلىك. ئەمما نۇرغۇن ئاق ئۇن ۋە گۈرۈچلەر ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن. پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ئۇلار زور مىقداردىكى ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنى ئاسانلا ھەزىم قىلىپ، گىلۇكوزىغا ئايلىنىپ، ئاندىن يەنە قانغا كىرىپ، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئۇنداق بولسا، گۈرۈچ تامىقى، ھورنان يەۋەرمەي، مۇۋاپىق مىقداردا قارا ئاشلىقلارنىمۇ يەيلى، بەك «ئىنچىكە ئىشلەنگەن»...
داۋامى..
تاماكا بولمىسا ئۆپكە راكىنىڭ نەسلى قۇرۇيدۇ؟ بىلىۋىلىڭ

تاماكا بولمىسا ئۆپكە راكىنىڭ نەسلى قۇرۇيدۇ؟

تاماكا بولمىغان بولسا ئۆپكە راكى كەم ئۇچرايدىغان ئەتىۋا كېسەل قاتارىغا كىرىپ قالاتتى دېسەم ئىشىنەمسىز؟ ئۆپكە راكى ئېلىمىزدىكى قوزغىلىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كېسەللىك بولۇپ،  350 مىليون تاماكا خۇمار«تۇرخۇن»لىرى بىلەن دۇنيادا بىرىنچىلىك ئورۇننى مەھكەم ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ھەممىمىز بىلىمىز، تاماكا ئۆپكە راكىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى، ئۆپكە راكىنىڭ 90 پىرسەنتى تاماكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئەگەر تاماكا بولمىغان بولسا ئۆپكە راكىمۇ كەمدىنكەم ئۇچرايدىغان راك تۈرىگە كىرىپ، «نەسلى قۇرۇش» گىردابىغا بېرىپ قالاتتى.
داۋامى..
جىددىي ھاراق تاشلاشنىڭ زېينى بىلىۋىلىڭ

جىددىي ھاراق تاشلاشنىڭ زېينى

ئىسپىرت مېڭە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەككە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇنداقلا راك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى كۆپەيتىدۇ. مەسىلەن: ئېغىز راكى ۋە ئۈچەي راكى. ئۇ يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ كىشىلەرنى ئوڭايلا ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۆپكە قېتىش قاتارلىق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ. ئەگەر ئىسپىرتنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىۋالغاندا جاننى ئالىدۇ. بۇ خىل ئېغىر ساغلاملىق ئاقىۋەتلىرىنى ئويلاشقاندا نۇرغۇنلىغان ھاراققا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەر ھاراق تاشلاشنى سىناپ بېقىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەمما ئۇسۇل توغرا بولمىغاندا ھاراقنى تاشلاش سالامەتلىككە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بىزنىڭ بەدىنىمىز ھاياتلىقنى...
داۋامى..
ئىچكى ئەزالارنى تازىلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى بىلىۋىلىڭ

ئىچكى ئەزالارنى تازىلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى

بىزنىڭ ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، ئۈچەي، ئاشقازان قاتارلىق ئەزالىرىمىز خۇددى سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ مەركىزى خىزمەت ئورنىغا ئوخشاش بەدىنىمىزدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، قاننى ساپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە سۇ تازىلاش ئەسۋابى ئۇزۇن خىزمەت قىلسا مەينەت نەرسىلەر تېگىگە ئورنىۋالغانغا ئوخشاش بىزنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمىزمۇ ئەخلەتلەرگە توشۇپ قالىدۇ، ئۇنداقتا  بۇ مەينەتلەرنى قانداق تازىلايمىز؟ 1. ئۆپكە-ئادەم بەدىنىدىكى چاڭ-توزاڭ سۈمۈرگۈچ ئۆپكىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مەينەت ئەزا ھېسابلىنىدۇ، ئۆپكىنى زەھەرلەيدىغان ئىككى ئامىل : بۇلغانغان ھاۋا ۋە تاماكا. نورمال ئادەمنىڭ ئۆپكىسى ئادەتتە قىزىل رەڭدە بولىدۇ، تاماكا...
داۋامى..
بۇ سەككىز يامان ئادەت ساغلاملىقىڭىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ بىلىۋىلىڭ

بۇ سەككىز يامان ئادەت ساغلاملىقىڭىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ

ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا ئاندىن ساغلاملىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، تۆۋەندىكى سەككىز يامان ئادەت ساغلاملىقىمىزغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، سىزنىڭمۇ بۇنداق ئادەتلىرىڭىز بارمىكەن؟ بولۇپ قالسا چوقۇم ئۆزگەرتىڭ. 1.قورساق ئاچقاندا ئاندىن نەرسە يېيىش نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قورسىقىم تېخى ئاچمىدى دەپلا تاماقنى ۋاقتىدا يېمەيدۇ، بەزىلەر بولسا قولىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ بولۇپ ئاندىن تاماق يەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاقىلانىلىك ئەمەس، يېمەكلىكنىڭ ئاشقازاندا تۇرىدىغان ۋاقتى پەقەت 5~4 سائەتكىچە بولىدۇ، بىز ئاچقانلىقىمىزنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا ئاشقازىنىمىز ئاللىبۇرۇن قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاشقازان سۇيۇقلىقى تەرىپىدىن «ھەزىم» قىلىنىدۇ، ئاقىۋەتتە ئاشقازاننىڭ...
داۋامى..
قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟ بىلىۋىلىڭ

قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟ بىلەمسىز؟ تۆت ئادەمدىن بىرىنىڭ ئاغزى پۇرايدۇ، ئېغىز پۇراشقا سېسىق پۇراق پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە سەۋەب بولىدۇ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاغزى پۇرىشى كېسەللىكتىن بولىدۇ، ياش چوڭايغانسېرى ئېغىز ئاسانلا پۇرايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئېغىز نېمىشقا پۇرايدۇ؟ 1. ئېغىزى قۇرۇيدىغان، شۆلگىيى بەك ئاز ئادەملەرنىڭ ئاغزى «سېسىق پۇراق پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە»نىڭ قالايمىقانچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. 2. بىر قىسىم يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، قەھۋە، ھاراق، پىياز، سامساق، دۇريان مېۋىسى دېگەندەك پۇرىقى كۈچلۈك مېۋىلەر ئېغىز پۇراشقا سەۋەب بولىدۇ. 3. ناچار ئادەتلەر، مەسىلەن، تاماكا چېكىش،...
داۋامى..
بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ تۇرمۇش ساۋاتلىرى

بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ

ئومۇمىي خەلق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى سالونى خەۋىرى: كونىلاردا «بەلۋاغ ئۇزۇن، ئۆمرى قىسقا» دەيدىغان گەپ بار، بەل ئايلانمىسى بەك توم بولۇپ كەتسە، مۆلچەر ئۆمرى قىسقىرايدۇ، مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش. بەل ئايلانمىسى قانچىلىك بولسا خەتەرلىك سىگنال پەيدا بولىدۇ؟ بەل ئايلانمىسى ئېھتىيات سىزىقى: 80 سانتىمېتىر مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بەل ئايلانمىسى 80 دىن ئېشىپ كەتمىسە ياخشى. بەل ئايلانمىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش قايسى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ 1. ئارتېرىيە قېتىش: يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى بەل قورساق قىسمىغا يىغىلىپ قالغان ماي ھۈجەيرىسى يۈزىدىكى...
داۋامى..
نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟ تۇرمۇش ساۋاتلىرى

نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟

جۇڭگو ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: نېمە ئۈچۈن ساغلام بەدەن ئېغىرلىقى بولۇشى كېرەك؟ دۆلىتىمىزدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى سېمىز بولۇش، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ئېشىپ كېتىدۇ. سانلىق مەلۇماتقا قاراپ باقايلى: كېسەل بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى كۆپەيتىدۇ 2 تىپلىق دىئابىت كېسىلى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە: BMI كۆرسەتكۈچى ھەر بىر ئۆلچەملىك پەرق بىرلىكى ئۆرلىگەندە، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپ-خەتىرى %78 كۆپىيىدىكەن. ساغلام سېمىز كىشىلەر توپىنىڭ Ⅱ تىپلىق قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ساغلام بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەر توپىنىڭ 4.03 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ، ئەمما ساغلام...
داۋامى..
نېمىشقا ئەتىيازدا ئۇيقۇ كېلىپلا تۇرىدۇ؟ بىلىۋىلىڭ

نېمىشقا ئەتىيازدا ئۇيقۇ كېلىپلا تۇرىدۇ؟

  نېمىشقا ئەتىيازدا ئۇيقۇ كېلىپلا تۇرىدۇ؟ ھاۋا ئىسسىشقا باشلىۋىدى، نۇرغۇن ئادەم ئۇيقۇسىغا قانمايدىغان، ئىشقا كېچىكىدىغان، ماغدۇرى يوقتەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. گەرچە ئەتىيازدا ئۇيقۇ باسىدىغانلىقى كەڭ تارالغان ساۋات بولسىمۇ لېكىن تىببى ساھەدە بۇنىڭغا قارىتا كەسپى سۆز يوق، لېكىن ئادەم بەدىنى نۇقتىسىدىن مۇلاھىزە قىلساق يەنىلا ئىلمىي چۈشەندۈرۈش تاپقىلى بولىدۇ. نېمىشقا ئەتىيازدا ئۇيقۇ كېلىپلا تۇرىدۇ؟ ئادەم بەدىنىدە سائەتنىڭ رېتىمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يوشۇرۇن بىئولوگىيلىك سائەت بولىدۇ، ئۇ 24 سائەت دەۋرىي قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ نۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بەدەنگە قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ، قايسى...
داۋامى..
كۆكتات بازىرىغا يۇشۇرۇنغان تەبىئى دورىلار بىلىۋىلىڭ

كۆكتات بازىرىغا يۇشۇرۇنغان تەبىئى دورىلار

 كونىلاردا، دورا ئۈچ ئۈلۈش زەھەر بولىدۇ دىگەن گەپ بار. بۇ سەۋەپلىك مەن تەبىئى ساپ بولغان رىتسىپلار ئۈستىدە ئىزدەندىم ھەمدە مۇھىم بولغان بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم؛ تۆۋەندىكىلەر دەل مەن بۇ قېتىم بىلىۋالغان ئۇچۇرلار بولۇپ، سالامەت ياشاي دىسىڭىز، سىزمۇ كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ!  تەبىئى بۆرەك قۇۋۋەت دورىسى—پىچەكگۈل     پىچەكگۈلنىڭ " ئاق رەڭلىك ئادەمگىياھ" دىگەن نامى بار بولۇپ، باشقا دورا ماتىرياللىرى ئۇنىڭ ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. جوڭگۇ تىبابىتىدە، پىچەكگۈلنى ئاشقازان-ئۈچەي، ئۆپكە ۋە ئۆتنى ياخشىلاپ ، باھنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا دەپ تەرىپلەيدۇ.  ...
داۋامى..