نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ ماينى سېيرىپ ئورۇقلىتىش رولى بار شىپالىق رېتسىپلار

نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ ماينى سېيرىپ ئورۇقلىتىش رولى بار

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى ئاساسىي تەركىب قىلغان ئورۇقلىتىش، ماينى سېيرىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە، نېلۇپەر يوپۇرمىقى راستتىنلا ماينى سېيرىپ ئورۇقلىتامدۇ؟ جۇڭگو تېبابىتىدە قەدىمدىن تارتىپ نېلۇپەر يوپۇرمىقى ئورۇقلىتىدىغان ياخشى دورا دەپ قارىلىپ كەلگەن، «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا خاتىرىلىنىشىچە، نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ ئىچسە، ئادەمنى ئورۇقلىتىپ، تەننى ياشارتىدۇ، تال ۋە ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىدۇ، دېيىلگەن. نېلۇپەر يوپۇرمىقى دۆلىتىمىزدە ئىنتايىن كۆپ، ئۇ تەبىئىي دورا ۋە يېمەكلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ساغلاملىق ئۆسۈملۈكى. نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق بولۇپ، جىگەر، تال، ئاشقازانغا پايدىلىق، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، چاچنى ئۆستۈرۈپ...
داۋامى..
ئاق ناۋات ۋە سېرىق ناۋاتنىڭ پەرقى ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە شىپالىق رېتسىپلار

ئاق ناۋات ۋە سېرىق ناۋاتنىڭ پەرقى ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە

ئاق ناۋات يەككە كىرىستالدىن، سېرىق ناۋات كۆپ كىرىستالدىن شەكىللىنىدۇ. ئىككىلىسى ئاق شېكەرنى خام ئەشيا قىلىدۇ، ئېرىتىش، قالايمىقان دانىچىلارنى چىقىرىۋېتىش، قاينىتىش، كىرىستاللاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولىدۇ. پەرقلىنىدىغىنى، ئاق ناۋاتنىڭ بارلىققا كېلىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئاقارتىپ، رەڭ يوقىتىش جەريانىنى چوقۇم باشتىن كەچۈرىدۇ. سېرىق ناۋات رەڭگى چۈشۈرۈلمەي، پىششىقلاپ ئىشلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغاچقا، شېكەرنىڭ ئەسلىدە بار بولغان تەركىبى بىر قەدەر كۆپ ساقلىنىپ قالىدۇ، تاتلىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇق مىقدارى شۇنچە مول بولىدۇ. ئوزۇقلۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سېرىق ناۋات ئاق ناۋاتقا قارىغاندا ياخشى. سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئېلىپ...
داۋامى..
ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن شۆلگەي ئېقىشنى داۋالاش شىپالىق رېتسىپلار

ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن شۆلگەي ئېقىشنى داۋالاش

ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن شۆلگەي ئېقىشنىڭ سەۋەبى ئۈچ خىل بولىدۇ. بىرىنجى: ئىسسىق تەبىئەتلىك ئاشقازاندا ھۆللۈكنىڭ كۆپلىكدىن بولىدۇ. ئىككنىچىسى؛ تىل بىلەن تاڭلاينىڭ ئەتىراپدىكى ھۆللۈكتىن پەيدا بولغان ھارارەتنى تارقىتىدۇ. ئۈچىنچسى: ئاشقازان سۇيۇقلىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆللۈكنىڭ كۆپلۈكىدىن بولىدۇ. ئاشقازان ئىسسقلىقنىڭ ئالامىتى شۇكى، ئىسىق تائام ۋە دورىلار ئاشقازانغا ياراشماس. شۆلگەي ئېقىشنىڭ بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ كۆپلىكىدىن بولغانلىقنىڭ ئالامىتى شۇكى، ئاشقازاننىڭ ھۆللۈكىدىن ئۇسۇزلۇق پەيدا بولمايىدۇ، ھۆللۈكنى ئاشۇرىدىغان تائاملارنى كۆپ يىيىشتىن سۇيۇقلۇق كۆپ پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى شۇك، ئىسىق تەبىئەتلىك تائام يېسە، ئېغىزدىن ئاقىدىغان سۇتوختايدۇ. ئاشقازان سوغوق ھۆللۈكنىڭ ئالامىتى شۇكى،...
داۋامى..
ئۆت ياللۇغىنىڭ ئاددىي داۋاسى شىپالىق رېتسىپلار

ئۆت ياللۇغىنىڭ ئاددىي داۋاسى

  ئۆت ياللۇغىنىڭ ئاددىي داۋاسى ئۆت ياللۇغى خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئۆت خالتا شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىقىپ، يۇقىرى قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى قورساق ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر ئۆت ياللۇغى توغرا داۋالاپ ساقايتىلمىسا، سوزۇلما ئۆت خالتا ياللۇغىغا ئايلىنىپ، ياغلىق تاماقلارنى يېگەندە يۇقىرىقى ئالامەتلەر تەكرارلىنىش بىلەن بىرگە قۇسۇش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئۆت ياللۇغى بولغان بىمارلار تۇخۇم، گۆش، ماي، كۈچلۈك تاماقلاردىن، يەللىك، ئاسان سىڭمەيدىغان غىزالاردىن پەرھىز قىلىش كېرەك. ئۆت ياللۇغى بىمارلىرىغا ئۇيغۇر تېبابەت ياسالمىلىرىدىن...
داۋامى..
ھەسەل سۈيىنىڭ شىپالىق رولى شىپالىق رېتسىپلار

ھەسەل سۈيىنىڭ شىپالىق رولى

ھەسەل سۈيىنىڭ شىپالىق رولى تەييارلاش ئۇسۇلى: ساپ يەرلىك ھەسەل بىر ھەسسە، ساپ يامغۇر سۈيى ياكى ساپ ئادەتتىكى سۇدىن ئىككى ھەسسە ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، كۆپىكى ئېلىنىدۇ. يېرىمدىن كۆپرەك قالغاندا ئېلىپ سۈزۈپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ”ساددە ھەسەل سۈيى“ دېيىلىدۇ. كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپمۇ تەييارلىندۇ. بۇ ”مۇرەككەپ ھەسەل سۈيى“ دېيىلىدۇ. ئاددىي تەييارلاش ئۇسۇلى: ساپ يەرلىك ھەسەلنى سۇس ئوتتا قاينىتىپ كۆپىكىنى ئېلىنىدۇ(بۇ چەككىلەنگەن ھەسەل دېيىلىدۇ) چەككىلەنگەن ھەسەلگە مۇۋاپىق مىقتاردا قايناق سۇ قويۇپ تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ. تەبىئىتى: ھۆل ئسىىىق. خۇسۇسىيىتى: بەدەننى پارقىرىتىش،...
داۋامى..
ھەسەلنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرى شىپالىق رېتسىپلار

ھەسەلنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرى

ھەسەلنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرى ھەسەلنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرى ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان تەبىئىي ھەسەل كۆنەكتە پىشىپ ۋايىغا يەتسە دورىلىق ۋە ئوزۇقلۇق ئۈنۈمى يۇقىرىلاپ تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەت مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ: 1. ئاشقازان ئاستى بېزى خىزمىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قۇۋۋەت ساقلاشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇقى بولۇپ جىگەر،تالنىڭ تەبىئىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تولۇقلىنىدۇ . 2. قاننى ساپلاشتۇرۇپ يۈرەك، مېڭىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ قاننى جانلاشدۇرۇش ئارقىلىق يۈرەك ،مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، ۋە شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش، زېھنىي قۇۋۋىتى...
داۋامى..
بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى شىپالىق رېتسىپلار

بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى

1. ھاۋا سوغۇق چاغلاردا قېلىن كىيىنىش، بەلگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئامال بار پوتا باغلىۋېلىش. 2. ھايۋانات بۆرىكىنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش. 3. زەيتۇن يېغى، قوينىڭ كونا دۈمبە يېغى، بۆرەك يېغى ئارقىلىق بەل ساھەسىنى ياغلاپ بېرىش. 4. زىيادە چارچاپ كەتكەندە تۈز يەردە بىردەم يېتىپ بېرىش، پات-پات بەل ساھەسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش. 5. ئارىلاپ-ئارىلاپ تۇخۇم ئارقىلىق بۆرەككە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە تۇخۇم ئىستېمال قىلىش. 6. سەۋزە، چامغۇر، ئەنجۈر، خورما، بانان قاتارلىق مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش، ئارىلاپ چامغۇر، سەۋزە سېلىنغان شورپا ئىچىپ...
داۋامى..
گال ئاغرىقىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش شىپالىق رېتسىپلار

گال ئاغرىقىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش

گېلىڭىز ئاغرىپ قالغاندا ،بىر قوشۇق جاڭيۇ بىلەن ئېغىزىڭىزنى غار –غار قىلىپ بىر مىنۇت ئەتراپىدا چايقىسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرىسىز ،ئەگەر بىر قېتىمدا ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە يۇقىرقىدەك ئۇسۇلنى كۈنىگە ئۈچ –تۆت قېتىم تەكرارلىسىڭىز ئاغرىق توختايدۇ . گال ئاغرىش ،ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش ،گالدىكى شىللىق پەردىلەرگە قان تولۇشتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى سېزىلگەندە ،سېرىق ھېلىلىنى سوقۇپ ،ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈپ ،ئازراق تۇز قوشۇلغان قايناق سۇ بىلەن يېرىم گىرام (بىر چىمدىم )دىن كۈنىگە ئۈچ ۋاق ئىچىپ بەرسىڭىز ،كېسىلىڭىز شىپا تاپىدۇ. گېلىڭىز ئاغرىپ قالسا ،ئىككى قۇلاقنىڭ ئۇچىنى ئىككى قول بىلەن چىڭ تۇتۇپ...
داۋامى..
يۆتەلنى داۋالايدىغان رېتسىپلا شىپالىق رېتسىپلار

يۆتەلنى داۋالايدىغان رېتسىپلا

يۆتەلنى داۋالايدىغان رېتسىپلا 1. خۇرۇچى:تۇخۇم ئىككى تال،ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق مىقداردا. ياساش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى ئاچچىقسۇ بىلەن قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى:يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە بىر-ئىككى قېتىم تۇخۇمى ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2. خۇرۇچى: ئاچچىقسۇ 600 مىللىلېتىر، تۇخۇم ئىككى دانە. ياساش ئۇسۇلى: ئاچچىقسۇدا تۇخۇمنى پىشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى:بەلغەم بوشىتىدۇ،يۆتەل توختىتىدۇ،سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى:بىر تالدىن بىر ئايغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3. خۇرۇچى:يېڭى زەنجىۋىل 30 گىرام،قارا شېكەر 15 گىرام،رەيھان 10 گىرام. ياساش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ،توغراپ،ئاندىن رەيھاننى پاكىز يۇيۇپ، بىرلىكتە ئىستاكانغا سېلىپ،ئۈستىگە200~300 مىللىلىتېرقايناق...
داۋامى..
ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر شىپالىق رېتسىپلار

ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر

ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر ئۆپكە پۈتۈن چاڭ توزان مىكروبلارنى سۈمۈرىدۇ، شۇڭا ئۆپكىنى ئاسىرا ش ئىنتايىن مۇھىم ، تۆۋەندە ئۆپكىنى ئاسىرايىدىغان ، ئۆپكىگە پايدىلىق بولغان بىرقانچە يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، 1. نەشپۈت نەشپۈت بولسا يېيىشلىك ھەم سۇلۇق، تەركىبىدە %85 سۇ بار، تاتلىق چۈچۈمەل تەملىك، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋېتامىن ۋە كالتسىي، سىنك، تۈمۈر، يود قاتارلىق مىكرو ئېلىمىنىتلار بار ، شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن مېۋىلەرنىڭ بىرى، كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق ، نەملىك مىقدارى تۆۋەن، ئەگەر ھەر كۈنى بىر تال نەشپۈت يېيشىنى داۋاملاشتۇرغاندا قۇرۇق ئىسسىقنى...
داۋامى..
يۆتەل ئۈچۈن شىپالىق رېتسىپلار شىپالىق رېتسىپلار

يۆتەل ئۈچۈن شىپالىق رېتسىپلار

10گرام زىغىرنى سارغايتىپ ئېزىپ، ئۇنى 24 گىرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، سوزۇلما يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. 2. ئىككى گىرام پىندۇق مېغىزىنى ئېزىپ، ھەسەل سۈيى بىلەن بىرگە ئېستېمال قىلسا يۆتەلگە شىپا بولىدۇ. 3. 18 دانە ئەينۇلانى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە، باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يۆتەل شىپا بولىدۇ. 4. 16 گىرام ئاق لەيلى ئۇرۇقىنى قايناق سۇغا چىلاپ لوئابىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارا شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ئۈچۈن شىپا بولىدۇ. 5. پالەكنى سېرىقمايدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، يۆتەل، گال ۋە كۆكرەك يىرىڭلاشقا...
داۋامى..
سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىنىڭ غىزايى داۋالىرى شىپالىق رېتسىپلار

سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىنىڭ غىزايى داۋالىرى

1. بۆرەك شورپىسى ماتېرىيالى: يېڭى سويۇلغان قوي سۆڭىكى g500 ، قوي بۆرىكى بىر جۈپ تەييارلاش ۋە ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى : قوي سۆڭىكىنى پاكىزلاپ،پارچىلاپ ئېزىپ ، قوي بۆرىكى بىلەن بىرگە كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈكلىرنى ئېلىۋېتىپ ،ھۆل زەنجىۋىل ،غول پىياز ، تۇز سېلىپ يەنە 1-2 سائەت قاينىتىلىدۇ، شورپىسى قويۇلغاندا ئوتنى ئۆچۇرۇپ ، شورپىنى ئىچىپ بۆرەكنى يېسە بولىدۇ . رولى :بۆرەك ۋە ئۇستىخاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، پەينى چىڭىتىدۇ، كالتسىي تولۇقلايدۇ، ئاساسلىقى بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان سۆڭەك شالاڭلىشىشنى داۋالايدۇ، ياشانغانلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بەل- پۇت ئاغرىقى، سۇنۇق،پۇت-قول ئىسسىماسلىق،...
داۋامى..
كۆز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار شىپالىق رېتسىپلار

كۆز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى. كۆزنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكەندە پۈتۈن بەدەندىكى قان، قۇۋۋەتنى خورىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە كۆز قۇرغاقلىشىش يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن، چوقۇم كۆزگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ، كۆز كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. كۆز قايسى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ياخشى كۆرىدۇ؟ 1. كاروتىن كاروتىن بەدەندە ۋىتامىن A غا ئايلىنىدۇ، ۋىتامىن A كۆزنىڭ نۇر سېزىش جەريانىغا قاتنىشىدۇ، يېتەرلىك ۋىتامىن A بولسا، مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆزنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى...
داۋامى..
پەمىدۇرنىڭ پايدىلىق روللىرى شىپالىق رېتسىپلار

پەمىدۇرنىڭ پايدىلىق روللىرى

پەمىدۇرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن كۆپ، ئۇ كۆپلىگەن ھەزىم يۇلى ۋە قان كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تېرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئاسرىغۇچىسى ھېساپلىنىدۇ. 1. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلايدۇ. پەمىدۇردا ۋىتامىنA، Cلار مول بولۇپلا قالماي، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرىدۇ. پەمىدۇردىكى مول ئۆسۈملۈك خىمىيىلىك ماددىسى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ لىكوپېن، كىسانتوفىل ۋە كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى قاتارلىقلار كۆزنى نۇر زەخمىسىگە ئۇچراشتىن ساقلايدۇ، كۆزگە ئاق چۈشۈشكە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. 2. راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. پەمىدۇرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش مەزى بېزى راكىغا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىپ،...
داۋامى..
قان تازىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بۇ كۆكتاتلارنى ئاڭلىغانمۇسىز؟ شىپالىق رېتسىپلار

قان تازىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بۇ كۆكتاتلارنى ئاڭلىغانمۇسىز؟

1. پەمىدۇر قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پەمىدۇر يەنە قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ. پەمىدۇردىكى ۋىتامىن مىقدارى مول بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ئەركىن رادىكالغا ئوخشاش بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى يوقىتىدۇ. 2. سەۋزە قان-تومۇرلار قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سەۋزە يەنە سىمابنى ھەيدەيدىغان ئۈنۈملۈك يېمەكلىك، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى قاندىكى سىماب ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم توكسىننى ھەيدەيدۇ. 3. كىچىك يېسسىۋىلەك خولېستېرىننى خورىتىپ، قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ. كىچىك يېسسىۋېلەك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يىرىك تالا بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ياغ بىلەن...
داۋامى..
سۇڭپىيازنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى بىلەمسىز؟ شىپالىق رېتسىپلار

سۇڭپىيازنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى بىلەمسىز؟

سۇڭپىياز تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، ۋىتامىن، مېۋە يېلىمى قاتارلىقلار بار بولۇپ، سۇڭپىيازنىڭ يوپۇرماق قىسمىدا سۇڭپىياز بېشىغا قارىغاندا ۋىتامىن A، ۋىتامىن C ۋە كالتسىي تېخىمۇ كۆپ. 1. سۇڭپىياز تەركىبىدە غىدىقلىغۇچى پۇراققا ئىگە ئۇچۇچان ماي ۋە لازا ئېلېمېنتى بولۇپ، سېسىق پۇراق قاتارلىق مايلىق، پۇرىقى كۈچلۈك قورۇمىلاردىكى غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىپ، ئالاھىدە خۇش پۇراق ھاسىل قىلىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ھەم مىكروب ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە. 2. سۇڭپىيازنى تەركىبىدە ۋىتامىن B1 مول بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، چارچىغاندىكى ھاردۇقنى چىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ. 3. ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،...
داۋامى..