تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاشتا دېققەت قىلىدىغان نۇقتىلار بىلىۋىلىڭ

تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاشتا دېققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

تۇرمۇشتا ھامان بىر قىسىم كىشىلەر قان ئازلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىئارام بولىدۇ. بىز ئادەتتە نىمە يەپ بەرسەك قان تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟   قان ئازلىق دېگىنىمىز- ئادەم بەدىنىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ مىقدارى ئازىيىپ، نورمال دائىرىنىڭ تۆۋەن چېكىدىن تۆۋەن بولغان بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ. قان ئازلىقنىڭ تۈرى ۋە سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدا كۆپ ئۇچرايدىغان قان ئازلىق- تۆمۈر كەملىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق. تۆمۈر كەملىك ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلى بولۇپ، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئەھۋالى دوكلاتى...
داۋامى..
كۈز پەسلىدىكى ئاسان قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەر قايسى؟ ساغلاملىق بىلىملىرى

كۈز پەسلىدىكى ئاسان قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەر قايسى؟

39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 1. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئېغىز بوشلۇقى يارىسى كۈز پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە قۇرغاق ھاۋارايى شارائىتىدىن سىرت، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ زەخمىلىنىشى، ئوزۇقلۇقنىڭ كەملىكى ھەمدە ھورمۇن ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىپ، ئېغىزنى تۇز سۈيىدە چايقاپ، ئاچچىق ۋە كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ھەمدە تەرەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بەدەن ساغلاملىقى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئەمەلىيەتتە بەدەن...
داۋامى..
ياخشى ئۇيقۇ زادى قانچىلىك مۇھىم؟ ساغلاملىق بىلىملىرى

ياخشى ئۇيقۇ زادى قانچىلىك مۇھىم؟

ئەگەر بىرەرسى سىزگە بىر خاسىيەتلىك دورىنىڭ بارلىقىنى، ئۇ ئارقىلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەقلىي قۇۋۋىتىڭىزنى ئاشۇرۇپ، بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتسا، بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ بۇ ئاڭلىماققا يالغاندەك، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن غىزا ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىسى ئىستېمال قىلىش، ئىلمىي، مۇۋاپىق چېنىقىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ۋە ساغلام تەڭپۇڭ غىزالىنىش كېرەكتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇيقۇ دەل يۇقىرىدا ئېيتىلغان خاسىيەتلىك دورا ئىكەن. ئۇ جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ۋە كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دورا ئىكەن. گەرچە ئۇيقۇنىڭ مۇھىملىقى مۇقەررەر...
داۋامى..
ئۇيقۇنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان 10 چوڭ ئۆزگىرىشىنىڭ سىرى ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۇيقۇنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان 10 چوڭ ئۆزگىرىشىنىڭ سىرى

  ئەگەر بىرەرسى سىزگە بىر خاسىيەتلىك دورىنىڭ بارلىقىنى، ئۇ ئارقىلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەقلىي قۇۋۋىتىڭىزنى ئاشۇرۇپ، بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتسا، بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ بۇ ئاڭلىماققا يالغاندەك، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن غىزا ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىسى ئىستېمال قىلىش، ئىلمىي، مۇۋاپىق چېنىقىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ۋە ساغلام تەڭپۇڭ غىزالىنىش كېرەكتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇيقۇ دەل يۇقىرىدا ئېيتىلغان خاسىيەتلىك دورا ئىكەن. ئۇ جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ۋە كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دورا ئىكەن. گەرچە ئۇيقۇنىڭ مۇھىملىقى...
داۋامى..
سۇنى كۆپ ئىچسە بۆرەك زەخىمىلىنەمدۇ؟ ساغلاملىق بىلىملىرى

سۇنى كۆپ ئىچسە بۆرەك زەخىمىلىنەمدۇ؟

سۇ ئىچىش تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىش، بۆرەك بولسا كۆپچىلىك ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بىر ئەزا، سۇ بىلەن بۆرەك تەڭ تىلغا ئىلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بۆرەك ئادەم بەدىنىنىڭ سۇ ۋە ئېلېكتىرولىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان مۇھىم ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنغاندىلا، زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ماددا ئالماشتۇرۇپ چىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ (سۈيدۈك شەكلىدە)، لېكىن ھەممىلا ئادەم سۇنى كۆپ ئىچىشكە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، بۆرەك كېسىلى بار بەزى ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۇنى كۆپ ئىچىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. سۇنى كۆپ ئىچسە بۆرەكنى زەخمىلەندۈرەمدۇ؟...
داۋامى..
ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلقنى تەڭشەش ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلقنى تەڭشەش

ئۇيقۇ ، ئويغاقلىق تەننىڭ سالامەتلىكنى ساقلىغۇچى مۇھىم پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، داۋالاش جەريانىدا بۇنى نەزەردە تۇتۇپ ئېلىپ بېرىش لازىم. 1 ئۇيقۇ: ئۇيقۇ تەبىئىي ئۇيقۇ ۋە غەيرى تەبىئىي ئۇيقۇ دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. تەبىئىي ئۇيقۇ نورمال بولغان ئۇيقۇ بولۇپ، تەن سالامەتلىكنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيقۇ نورمال بولغاندا مېڭە ھۈجەيرىلىرى تورمۇزلىنىپ ، ئەسەبلەر بوشايىدۇ. نەتىجىدە روھىي قۇۋۋەت يۈرىشىدىغان يوللار قېلىنلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن روھىي نەپسانىمۇ قويۇقلىشىپ، ئەسەبلەرگە يوللارغا سىڭمەيىدۇ ۋە يۈرۈشمەيدۇ. شۇ ئارقىلىق سىرتقى ھېسلاردا تۆۋەنلەش ۋە توختاش پەيدا بولىدۇ-دە، ئۇيقۇ شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئىچكى...
داۋامى..
يۈرەكنى ساغلام قىلىدىغان ئون ئادەت ساغلاملىق بىلىملىرى

يۈرەكنى ساغلام قىلىدىغان ئون ئادەت

يېمەك-ئىچمەكنى ياخشىلاش ۋە چېنىقىشنى كۈچەيتىش ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان ئۈنۈملۈك يۈرەك ئاسراش ئۇسۇلى. لېكىن ئامېرىكىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، بارغانسېرى كۆپ تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەك-ئىچمەك ۋە چېنىقىشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئۇسۇللارمۇ يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغداش رولىنى ئوينايدىكەن. بىرىنچى، قۇچاقلىشىش. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆيگىنى بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرۇش قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان، بېسىمنى چۈشۈرىدىغان بىر خىل ھورمون، ئوكسىتوتسىن قويۇپ بېرىدىكەن. ئىككىنچى، قاقاقلاپ كۈلۈش. قاقاقلاپ كۈلۈش قان تومۇرلارنىڭ كىڭىيىشىنى غىدىقلاپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە %22كە يېتىپ، قاننىڭ ئېقىشىنى كۈچەيتىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئۈچىنچى، شاكىلات يىيىش. كاكائۇ پۇرچىقى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى...
داۋامى..
بەلنى ئاسراشنىڭ بىرقانچە خىل ئۇسۇلى ساغلاملىق بىلىملىرى

بەلنى ئاسراشنىڭ بىرقانچە خىل ئۇسۇلى

بىر قىسىم كىشىلەر ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتسە، بېلى ئاغرىيدۇ. ئەمەلىيەتتە بەل ئاغرىش، بەل تېلىش، بەل ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار تۇرمۇشتىكى ناچار قىياپەت ۋە ھەرىكەتتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنداقتا، قايسى خىل قىياپەتلەر بەلگە ئەڭ زىيانلىق؟ بىر قولدا ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش بەلنى زەخمىلەندۈرىدۇ. ئېغىر نەرسىلەرنى بىر قولدىلا كۆتۈرگەندە ئېغىرلىقنىڭ بەدەنگە تەقسىملىنىشى تەكشى بولماسلىقتىن ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە چۈشكەن كۈچ تەسىرى تەكشى بولمايدۇ ھەم مۇسكۇلنىڭ جىددىيلىشىش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئاسانلا زەخىملىنىدۇ. توغرا قىياپەت بولسا: ئېغىر نەرسىلەرنى ئىككى قولدا تەڭ كۆتۈرۈش، ئېغىر...
داۋامى..
ئەنجۈر بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدىكەن ساغلاملىق بىلىملىرى

ئەنجۈر بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدىكەن

ئەنجۈر ۋە ئەنجۈر يوپۇرمىقىنىڭ بوۋاسىرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بار بولۇپ، بوۋاسىر بىمارلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ زەھەر ياندۇرۇپ، ئىششىق ۋە ئاغرىقنى توختىتىش رولى بار.تېببىي قامۇسلاردا خاتىرلىنىشچە، ئەنجۈرنىڭ تال، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ئۈچەي ۋە تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار ئىكەن، ئاشقازاننىڭ ھۆل ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى، بولۇپمۇ ھۆل ئىسسىقتىن بولغان قەۋزىيەتنى داۋالايدىكەن. چۈنكى بوۋاسىر ھۆل ئىسسىق پەيدا قىلغان مەقئەت كېسەللىكى بولۇپ، قەۋزىيەت بولغاندا قوزغىلىدۇ.كونكرېت ئۇسۇلى: پىشقان ئەنجۈردىن تۆتتىن ئالتىگىچە تەييارلاپ پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى ئېلىۋېتىپ قازانغا سالىمىز، ئۈستىگە 20 گىرام قەنت ۋە 1000 مىللىلىتىر...
داۋامى..
ئاشقازان ۋەئۇنى ئاسراش ساغلاملىق بىلىملىرى

ئاشقازان ۋەئۇنى ئاسراش

ئاشقازان ۋەئۇنى ئاسراش ئاشقازان ھەزىم قىلىش يولىنىڭ چوڭايغان قىسمى بولۇپ، خالتىسىمان بولىدۇ. ئاشقازاننڭ يۇقىرى كىرىش ئېغىزى قىزىلۆڭگەچ بىلەن، تۆۋەنكى چىقىش ئېغىزى ئون ئككى بارماق ئۈچەي بىلەن تۇتىشىدۇ. ئىچكى قىسىمدا پۈرمىلەر بولىدۇ. ئاشقازان تاماق بىلەن تولغاندا پۈرمىلەر يوقىلىدۇ. ئاشقازان شىللىق پەردىللىرىدە نۇرغۇنلىغان بەزلەر بولۇپ، بۇلار ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان سىرتقى يۈزى سىلىق بولىدۇ. ئاشقازان مىزاجى ھۆل سوغۇق، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ۋە لۆمىلدىمە ھەرىكىتى ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جەريان تۆۋەندىكىدەك ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئاشقازاندىكى...
داۋامى..
ناشتا قىلمىغاندا پەيدا بۇلىدىغان كىسەللىكلەر ساغلاملىق بىلىملىرى

ناشتا قىلمىغاندا پەيدا بۇلىدىغان كىسەللىكلەر

ناشتا قىلمىغاندا پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈچ ۋاقلىق تاماقنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق تاماق ھېسابلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇزاق مەزگىل ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا تۈرلۈك كېسەللىكلەر پەيدا بولىدىكەن. 1. ئاشقازان ياللۇغى ياكى ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەممىدىن زىيانلىق، ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا ئالدىنقى كۈنى كەچتە يېگەن تاماقلار ئالتە سائەت ئەتراپىدا ئاشقازاندىن ئۆتۈپ ئۈچەي يولىغا كىرىپ بولىدىكەن، ناۋادا ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا، چۈشلۈك تامقنىمۇ يېمىگەندە ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازاندىكى ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى ئاشقازاننىڭ تىرىپسىنى...
داۋامى..
بۇرۇننى ئۇۋۇلاپ بەرسە ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ساغلاملىق بىلىملىرى

بۇرۇننى ئۇۋۇلاپ بەرسە ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، جۇڭيى تېبابىتىدە بۇرۇن نەپەسلىنىش يولىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى ئىشىك دەپ قارىلىدىكەن . ئىقتىدار جەھەتتىن ئېيتقاندا ، بۇرۇن ھەم نەپەسلىنىش يولىنىڭ كىرىش -چىقىش ئېغىزى ، ھەم كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكروب ، چاڭ – توزان قاتارلىقلار كىرىدىغان 1- مۇداپىئە سېپى بولغاچقا ، قىش پەسلىدە بۇرۇن ساغلاملىقى ، بۇرۇننى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدىكەن . ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق شىللىق پەردىنىڭ ئاجرالما ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ نەملىكىنى ساقلىسا ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش...
داۋامى..
زۇكام بولغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ساغلاملىق بىلىملىرى

زۇكام بولغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

زۇكام بولغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟زۇكام بولغاندىن كېيىن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بولمايدۇ. زۇكام ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. ئادەم زۇكام بولغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىسى ئېشىپ كېتىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ يۇتۇش رولى، ئانتىتېلا ھاسىل بولۇش، جىگەر، ئۈچەينىڭ زەھەرنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەن ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىشمۇ كۈچىيىپ، توقۇلمىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە ئورگانىزمنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىۋېتىدۇ. بۇنداق چاغدا بەدەن چېنىقتۇرغاندا، بەدەن ئىچىدە پەيدا بولىدىغان ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، بۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ،...
داۋامى..
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ساغلاملىق بىلىملىرى

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار

زورۇقۇش. ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغاندا ئاسانلا بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. ستاتستىكىغا ئاساسلانغاندا، 30 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى، بېشىنى ئىگىپ خىزمەت قىلىدىغانلار ئىكەن. بويۇن سىرتقى زەخمىسى. %50 يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى بويۇننىڭ سىرتقى زەخمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىر قىسىم بىمارلار بويۇن ئومۇرتقىسى سۆڭىكى ئۆسۈپ قېلىش، بويۇن ئومۇرتقا ئارقىلىق تەخسىسى چىقىپ قېلىش، ئومۇرتقا نەيچىسىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ كېسەل ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار بويۇن نەيچىسى كىرتىك تارىيىش ھالىتىدە تۇرۇش ۋە بويۇن سىرتقى زەخمىسى قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدۇ. ناچار قىياپەت....
داۋامى..
ھەرىكەت بىلەن يېمەكلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ساغلاملىق بىلىملىرى

ھەرىكەت بىلەن يېمەكلىكنىڭ مۇناسىۋىتى

سۆڭەك- بوغۇم ياللۇغى ياشانغانلارنى مېيىپ قىلىپ قويىدىغان قاتىل. گەرچە بۇ كېسەللىك سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، بىراق ياشانغان، سېمىز، زىيادە كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغان، مېتابولىزمى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان كىشىلەر ئاسانلا سۆڭەك-بوغۇم كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. سۆڭەك-بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى سۆڭەك-بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرى كۈندىلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا چېنىقىشتىن ۋاز كەچسە بولمايدۇ، مۇۋاپىق چېنىقىشنىڭ تىز بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار. تىز بوغۇمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش: ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، پۇتنى يەنە بىر ئوخشاش ئېگىزلىكتىكى ئورۇندۇققا قويۇپ، ئېگىلگەن...
داۋامى..
پۇت قول مۇزلاشنى ياخشىلاشنىڭ 7 چارىسى ساغلاملىق بىلىملىرى

پۇت قول مۇزلاشنى ياخشىلاشنىڭ 7 چارىسى

. بەدەننى ئىسسىق ساقلاش تېشى پال-پال ئىچى غال-غال بولسا بولمايدۇ. تۆۋەنكى بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۆۋەنكى بەدەن ئىللىق بولغاندا پۈتۈن بەدەن ئىللىق ھېس قىلىدۇ. زىيادە تار كىيىملەرنى كەيمەسلىك كېرەك. تار كىيىملەر قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئاخشىمى ئىسسىق سۇ بىلەن پۇتنى يۇيۇش كېرەك. پۇت ئىسسىق بولغاندا تېخىمۇ ئاسان ئۇخلىغىلى بولىدۇ. 2. كۆپ ھەرىكەت قىلىش ئەتىگەن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندا بەدەندىكى قان ئايلىنىش ۋە مېتابولىزىم كۈچلىنىپ پۈتۈن بىر كۈن روھلۇق بولىدۇ ۋە توڭلىمايدۇ. ئاددىغىنە پەلەمپەيگە چىقىش، ئورۇندا تورۇپ سەكرەش قاتارلىق ھەركەتلەر...
داۋامى..
سىزدە مۇنداق ئاغرىق ئالامەتلىرى بولسا يۈگۈرۈپ بېرىڭ ساغلاملىق بىلىملىرى

سىزدە مۇنداق ئاغرىق ئالامەتلىرى بولسا يۈگۈرۈپ بېرىڭ

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: يۈگۈرۈشنىڭ پايدىسى بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ئورۇقلاش، بەدەن شەكلىنى تۈزەش قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. يۈگۈرۈپ چېنىقىپ بەرگەندە يەنە بەدەندىكى مۇنداق كېسەللىك، ئاغرىق-سىلاق ئالامەتلىرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش شىۋېتسىيە گولدبورگ داشۆسىنىڭ تەتقىقات خادىملىرى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنىڭ يۈگۈرۈش ئىكەنلىكىنى بايقىغان. چۈنكى يۈگۈرۈش ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسىنى ئۈنۈملۈك تەڭشىگىلى بولىدىكەن. بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان بىمارلار ھەپتىدە ئۈچ قېتىم 40 مىنۇت ھەرىكەت قىلىپ چېنىقسا ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈنەرلىك يېنىكلەيدىكەن. يۈگۈرۈپ چېنىقسا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى...
داۋامى..
يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئون خىل ئادەت ساغلاملىق بىلىملىرى

يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئون خىل ئادەت

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى يۈرەك ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم قان تەمىنلىگۈچى ئەزا، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدىكى زەھەر قايتۇرغۇچى ئەزا، يۈرەكتە مەسىلە كۆرۈلۈش بەدەندە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىتىدىغان يۈرەك كېسەللىرىدىن يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىقلار بار، بۇ كېسەللىكلەر ئېغىر دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. تاماكا چېكىش ۋە ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق قاتارلىق تۇرمۇش ئادىتىدىن باشقا يەنە قايسى قىلمىشلار يۈرەكنى ئېغىر دەرىجىدە چارچىتىدۇ؟ يۈرىكى ئەڭ چارچايدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك:     ئولتۇرۇش...
داۋامى..
سەھەر تۇرغاننىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ساغلاملىق بىلىملىرى

سەھەر تۇرغاننىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر كەچتە خىزمەت ياكى ئويۇن سەۋەبىدىن ناھايىتى ۋاقچى ئۇخلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتىمۇ كەينىگە سۈرۈلۈپ ماڭىدۇ. كونىلارنىڭ «سەھەر تۇرغان قۇش قۇرۇت يېيەلەيدۇ» دېگەن سۆزى بار. ئۇنداقتا سەھەر قوپۇشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟ ئەگەر سىز ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى: 1. سىز چوقۇم باشقىلاردىن ياش تۇرىسىز؛ داۋاملىق سەھەر تۇرىدىغانلارنىڭ كۆز ئەتراپى قارىداپ قالمايدۇ، يۈز تېرىسىمۇ باشقىلارغا قارىغاندا نۇرلۇق ۋە ئېلاستىكىلىق بولىدۇ؛ 2. سىز چوقۇم باشقىلاردىن ساغلام تۇرىسىز؛ داۋاملىق سەھەر تۇرىدىغانلارنىڭ ۋاقچى ئۇخلاش ئادىتى بولمايدۇ، بۇ...
داۋامى..
ئاشقازانغا زىيانلىق 10 ناچار ئادەت ساغلاملىق بىلىملىرى

ئاشقازانغا زىيانلىق 10 ناچار ئادەت

ئاشقازانغا زىيانلىق 10 ناچار ئادەت ئاشقازان بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى، بىراق ئۇ ناھايىتى ئاسان زەخمىلىنىدۇ، تۆۋەندە بىز ئاشقازانغا ئەڭ زىيانلىق 10 خىل ئادەتنى كۆرۈپ باقايلى. 1. بىر تەرەپتىن بىر نەرسە يەپ بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىش: بىر تەرەپتىن تاماق يەپ بىر تەرەپتىن گەپ قىلغاندا ياكى تاماقنى يالماپ يۇتقاندا، ھەممىسى كاناي ئاستىدىكى گاز جىسىمغا ئايلىنىپ كېتىپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، تاماقنى تېز يەيمەن دەپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىدىنى كۆيدۈرۈۋالىدۇ. 2. تەمى بەك ئېشىپ كەتكەن يىمەكلىكنى يېيىش: قاقلاپ پىشۇرۇلغان...
داۋامى..
«ساغلاملىق ساپاسىدىكى 66 ماددا» ساغلاملىق بىلىملىرى

«ساغلاملىق ساپاسىدىكى 66 ماددا»

نۇر تورى تەرجىمىسى: ساغلاملىق كېسەل ياكى ئاجىز بولماسلىق ئەمەس، بەلكى بەدەن، پىسخىكا ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىشتىكى ئەڭ ياخشى ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. 2.ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ. 3.مۇھىت ۋە سالامەتلىك زىچ مۇناسىۋەتلىك، مۇھىتنى ئاسراش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 4.ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش، باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىق. 5.ھەر بىر كىشى مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كەمسىتمەسلىكى كېرەك. 6.قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش. 7.چوڭلارنىڭ قان بېسىمى ۋە يۈرەك سوقۇشىغا دىققەت قىلىش. 8.ۋاكسىنا ئەملەش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى...
داۋامى..
بۇ سەككىز يامان ئادەت ساغلاملىقىڭىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ بىلىۋىلىڭ

بۇ سەككىز يامان ئادەت ساغلاملىقىڭىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ

ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا ئاندىن ساغلاملىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، تۆۋەندىكى سەككىز يامان ئادەت ساغلاملىقىمىزغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، سىزنىڭمۇ بۇنداق ئادەتلىرىڭىز بارمىكەن؟ بولۇپ قالسا چوقۇم ئۆزگەرتىڭ. 1.قورساق ئاچقاندا ئاندىن نەرسە يېيىش نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قورسىقىم تېخى ئاچمىدى دەپلا تاماقنى ۋاقتىدا يېمەيدۇ، بەزىلەر بولسا قولىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ بولۇپ ئاندىن تاماق يەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاقىلانىلىك ئەمەس، يېمەكلىكنىڭ ئاشقازاندا تۇرىدىغان ۋاقتى پەقەت 5~4 سائەتكىچە بولىدۇ، بىز ئاچقانلىقىمىزنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا ئاشقازىنىمىز ئاللىبۇرۇن قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاشقازان سۇيۇقلىقى تەرىپىدىن «ھەزىم» قىلىنىدۇ، ئاقىۋەتتە ئاشقازاننىڭ...
داۋامى..
جىگىرىڭىزنى يىنىك دەرىجىدە ماي قاپلىسا جىددىيلىشىپ كەتمەڭ ساغلاملىق بىلىملىرى

جىگىرىڭىزنى يىنىك دەرىجىدە ماي قاپلىسا جىددىيلىشىپ كەتمەڭ

39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: كۆپىنچە كىشىلەر ئادەتتە يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلمىغانلىقتىن، شۇنىڭدەك يۇقىرى ياغلىق، خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەنلىك سەۋەبىدىن جىگەرنى يىنىك دەرىجىدە ماي قاپلايدۇ. ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەك؟1.مۇۋاپىق چېنىقىش جىگىرىنى يىنىك دەرىجىدە ماي قاپلىغان كىشىلەر ئادەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىشى زۆرۈر. ھەرگىزمۇ ئۆيگە بېكىنىۋالماسلىقى كېرەك. بىر جەھەتتىن دائىم چېنىقىش بەدەندىكى ئارتۇقچە ياغنى ئازايتىپ، ئىمۇنېتىت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. چېنىقىش ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنى ئاساس قىلىشى كېرەك. تىپىك ھەرىكەت شەكىللىدىن يۈگۈرۈش، ۋېلىسپىت مىنىش، ئاتلانغۇچ تاقلاش، پەي توپ ئويناش، سۇ...
داۋامى..
ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئالتە خىل ئۇسۇل ساغلاملىق بىلىملىرى

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئالتە خىل ئۇسۇل

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئالتە خىل ئۇسۇل مەنبە: خەلق تورى تەھرىر ئىلاۋىسى: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشى ئۆيىدە تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئۇزاق ۋاقىت ئۆيدە تۇرۇپ سىرتقا چىقمىغاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىشى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئۆيدىمۇ مۇۋاپىق دەم ئېلىش، كەيپىياتنى تەڭشەش، يېمەك- ئىچمەك، ئۇيقۇنى تەڭشەش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن يۇقۇمغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، «كېسەل بولماي تۇرۇپ ئالدىنى ئېلىش» مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىرىنچى، مۇۋاپىق ئۇخلاش لازىم پايتەخت تېببىي داشۆسى...
داۋامى..
جۇڭ نەنشەن: كېسەل بولماسلىقتىكى تۆت تەۋرەنمەس پىرىنسىپ ساغلاملىق بىلىملىرى

جۇڭ نەنشەن: كېسەل بولماسلىقتىكى تۆت تەۋرەنمەس پىرىنسىپ

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: جۇڭ نەنشەن، تېببىي ئالىم، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، داڭلىق نەپەس كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى. 83 ياشلىق ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نەچچە يۈزلىگەن ئوتتۇرا ياش، ياشانغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، كېسەل بولماسلىقتا مۇنداق تەۋرەنمەس پىرىنسىپ بار ئىكەن. بۇ «كېسەل بولماسلىق» تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنىدە داڭلىق دوختۇرلارنىڭ كۈتۈنۈشتىكى مەخپىي رېتسىپلىرى ئاز ئەمەس ئىكەن. ساغلام ياشاي دېسىڭىز، بۇ پىرىنسىپلارنى چوقۇم ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ! 1. ئاچچىقلانماسلىق كېرەك. «ئادەم ئاچچىقلانمىسا ئاغرىپ قالمايدۇ»، بۇ...
داۋامى..