قورساق پەردە ياللۇغى ئىچكى كېسەللىكلەر

قورساق پەردە ياللۇغى

تونۇش: قورساق پەردە ياللۇغى ھەرخىل جاراسىملارنىڭ بىۋاستە ياكى لىمفا ئارقىلىق قورساق پەردىسىگە يامرىشىدىن، بىماردا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش، قورساق مۇسكۇلىدا كۈچلۈك سىپازما پەيدا بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. سەۋەبى: ھەرخىل سەۋەبلەردىن كۆرۈلىدىغان ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ تېشىلىشى، ئۆت خالتىسى، ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغلىرىنىڭ يېرىلىشى، ئۈچەي ياللۇغلىرى، ئۈچەي سىلى، قورساقنىڭ ھەرخىل زەخىملىنىشلىرى ۋە ئوپېراتسىيە مەشغۇلاتىنىڭ توغرا بولماسلىقى، يېقىلىش، قورساقنىڭ بېسلىق بۇيۇملاردا كېسىلىپ كېتىشى ھەمدە مىخ كىرىپ كېتىش قاتارلىق بىۋاستە ئامىللار تەسىرىدىن قورساق...
داۋامى..
ئاشقازان ئاغرىش ئىچكى كېسەللىكلەر

ئاشقازان ئاغرىش

تونۇش: ئاشقازان ئاغرىش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان، بىماردا كۆپىنچە كېچىسى ئاشقازان سانجىلىپ ئاغرىش، تاماق ئىستېمال قىلغاندا ئاغرىق پەسىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. سەۋەبى: ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلاپ كېتىش، ياش ئاياللاردا ھەيز توختاپ قېلىش ياكى ھېستىرىيە كېسەللىكى پەيدا بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەزىم بۇزۇلۇش، قېنىق چاي ۋە ھاراقنى كۆپ ئىچىش، ھەرىكەت قىلماسلىق ھەمدە كۆپ ئويلاش، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىشلەردىنمۇ كۆرۈلىدۇ. بەزگەك كېسەللىكىنىڭ ئوفۇنەتلىك ماددىلىرى، كىچىك بوغۇملار ئاغرىقىنىڭ ئاسارەتلىرى قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ...
داۋامى..
جىگەر ئاغرىسا ئاگاھ بولۇڭ ئىچكى كېسەللىكلەر

جىگەر ئاغرىسا ئاگاھ بولۇڭ

تونۇش: جىگەر ئاغرىقى بولسا جىگەرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان ، كىلىنىكىدا جىگەر ساھەسى يېقىمسىزلىنىش ۋە ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. سەۋەبى: جىگەر مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى ،جىگەردە قاتتىق ئىششىق شەكىللىنىش، جىگەرگە يەل يىغىلىش ، جىگەر زەخىملىنىش، جىگەردە ئۇششاق تاش پەيدا بولۇش، جىگەر قېتىش، بوھران كۈنلىرىدە خىلىتلانىڭ ھەرىكەت قىلىشى، جىگەر ئاجىزلىقى، جىگەر مودۇر- چاقىلىرى سەۋەبىدىن بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. تەكشۈرۈش: ئەگەر جىگەر ساھەسىدە ئاغرىق بولۇپ قىزىتما بولمىسا ، بۇ يەلدىن بولغان جىگەر ئاغرىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئاغرىش بۆھران كۈنلىرىدە يۈز بەرسە، بۇ بۆھران كۈنلىرىدە...
داۋامى..
سەمىرىپ كېتىش ئىچكى كېسەللىكلەر

سەمىرىپ كېتىش

ئادەم بەك سەمرىپ كەتكەندە نورمال تۇرمۇش، جىسمانىي ھەرىكەت ۋە خىزمەتلەرگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.ئىنتايىن بەك سەمرىپ كەتكەن كىشىلەر ھامان بەزى خەتەرلىك كېسەللىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پېشقەدەم ھۆكۈمالار پەۋقۇلاددە سېمىزلىكتە كۆپىنچە ھاللاردا ياخشىلىق يوق، دەپ قارايدۇ. سەۋەبى 1 . بەزى كىشىلەر تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولغانلىقتىن داۋاملىق ھالدا گۆشلۈك ۋە ئوزۇقلۇقى يۇقىرى بولغان نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئارتۇقچە ھەرىكەت قىلماي ئارام ئېلىش، ئۇخلاش ۋە سۇيۇقلۇقلارنى كۆپ ئېچىش قاتارلىقلاردىن مىزاجى ئۆزگىرىپ بارا –...
داۋامى..
سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى ئىچكى كېسەللىكلەر

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى نۆۋەتتە ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ %80-%90دە بۇخىل سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى بارلىقى ئىستاتىستىكا قىلىنغان . كېسەللىك خاراكتېرى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن : 1) ئۇزە قەۋەتلىك ئاشقازان ياللۇغى 2) يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى←بەزىلەردە راكقا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. 3) قىلنلاش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى دەپ 3تۈرگە بۆلىنىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى ۋە مېخانىزىمى : ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئاسارىتىدىن پەيدا بولىدۇ. ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغى دەسلەپ قوزغالغاندا ئۇنىڭغا مۇناسىپ چارە -تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تەلتۆكۈس داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا كېلىپ چىقىدۇ. فىزىكا، خىمىيەلىك ئامىللارۋە يېمەك- ئىچمەك ئادىتى...
داۋامى..
سوغۇقتىن بولغان يۆتەل ئىچكى كېسەللىكلەر

سوغۇقتىن بولغان يۆتەل

تۇنۇش : سوغۇقتىن بولغان يۆتەل-غەيرى تەبىئىي  بەلغەم ۋە سوغۇقتا قېلىش،  سوغۇق تەبىئەتلىك غىزا ۋە دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كاناي ۋە كاناي شاخچىلىرىغا سوغۇق ئۆتكۈزىۋىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كىلىنكىدا سوزۇلما ھالەتتە يۆتۈلۈش، بەلغەم تۈكۈرۈش، يۈز تېرىسى ئاق رەڭدە ياكى كۆككە مايىل بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت . سەۋەبى: بۇخىل يۆتەلنىڭ سەۋەبى ئاساسەن ئىسسىقتىن بولغان زۇكامنىڭ سەۋەپلىرىگە ئوخشاش ئامىلاردىن تاشقىرى ئۆزگىرىشى تەسىرىدىن ۋە ئوزۇقلىنىشنىڭ   مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن بەدەن مىجەزى بولۇپمۇ ئۆپكە ۋە ئۆپكىگە مەنسۇپ ئەزالارنىڭ  مىجەزى سوغۇق ھالەتكە ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن...
داۋامى..
ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ئىچكى كېسەللىكلەر

ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل

ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل تونۇش ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل-ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كىلىنىكىدا،يۆتىلىش،يۇز كۆزلىرى قىزىرىش،ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. سەۋەبى ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش ھاۋاسى ئىسسىق جايلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەپەس يوللىرى خۇسۇسەن كاناي شاخچىلىرى ۋە ئۇششاق شاخچىلارغا تەسىر قىلىپ يۆتەلنى پەيدا قىلىدۇ. ئالامىتى ئىچكى ئەزاسى قىزرىىپ ئېچىشش،ئۇسسۇلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، سوغۇق ھاۋادىن راھەتلىنىدۇ. ئاغرىشتىن ئىلگىرى ئىسسىقلىق يۇقىرى تاماق ياكى ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەكلەرنى كۆپلەپ ئىستېمال...
داۋامى..
بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ ئالامەتلىرى ئىچكى كېسەللىكلەر

بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ ئالامەتلىرى

بۆرەك ئادەم بەدىنىدىكى 24 سائەت توختىماي خىزمەت قىلىدىغان «پاسكىنا سۇ تازىلاش زاۋۇتى»، بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلسە ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزم جەريانىدا ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلار ۋە ئارتۇق سۇلار ئۈنۈملۈك ھالدا تەن سىرتىغا چىقىرىلمايدۇ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مۇۋاپىق سۈمۈرۈلۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئېغىر بولغاندا ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. ئۇنداقتا بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟ بىرىنچى، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ. ئادەم ئۇخلاش ھالىتىگە كىرگەندىن كېيىن بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ خىزمىتى بارا-بارا ئاستىلايدۇ، شۇڭلاشقا ئاسانلىقچە قورسىقى ئاچمايدۇ ھەمدە چوڭ-كىچىك تەرەتمۇ پەيدا بولمايدۇ. ئەگەر سۇنى كۆپ ئىچمىگەن...
داۋامى..
زۇكامدىغاندا بۇ ئىشلارنى قىلىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر

زۇكامدىغاندا بۇ ئىشلارنى قىلىڭ

1. زۇكامدىغاندا ئەڭ ياخشىسى كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىڭ، ئۆزىڭىزنى قىيناپ خىزمەت قىلماڭ، سورۇنغا بارماڭ، ئويۇن-تاماشىغا قاتناشماڭ ۋە ئېغىر ھەرىكەت قىلماڭ. قېنىپ ئۇخلاش «ئەڭ ئۈنۈملۈك زۇكام دورىسى» بولۇپ، ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ. ئەگەر شارائىت يار بەرسە، ئامال بار رۇخسەت سوراپ ئۆيدە بىر ئىككى كۈن ئارام ئېلىڭ، شۇندىلا زۇكامنى باشقىلارغا يۇقتۇرمايسىز. 2. ۋىتامىنC تولۇقلاڭ. مەيلى ۋىتامىن Cنى ئىچىڭ ياكى تەركىبىدە ۋىتامىن C بولغان مېۋىلەرنى مەسىلەن چىلان، ئاپېلىسىن، مايمۇن شاپتۇلى، ئاق تۇرۇچ قاتارلىقلارنى يەڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى زۇكام...
داۋامى..
ئەگەر تۇيۇقسىز مېڭىگە قان چۈشسە قانداق جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك؟ ئىچكى كېسەللىكلەر

ئەگەر تۇيۇقسىز مېڭىگە قان چۈشسە قانداق جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك؟

مېڭىگە قان چۈشۈشنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ئادەتتە بۇ كېسەلنىڭ يۈز بېرىشى تېز، داۋالاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى شۆبە 2-دوختۇرخانىسى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جى يۈنشياڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىماردا مېڭىگە قان چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش نومۇرىغا تېلېفون قىلىش كېرەك، ئاندىن تۆۋەندىكىدەك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ: بىمارنىڭ بېشىنى بىر تەرەپكە يانتۇ قىلىپ، بەدىنىنى تۈز قىلىپ ياتقۇزۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بەلغەم، قۇسۇقلارنىڭ كانايغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بىمارنىڭ ياقىسى ۋە تاسمىسىنى دەرھال بوشىتىش...
داۋامى..
مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالامەتلىرى ئىچكى كېسەللىكلەر

مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالامەتلىرى

مېڭىگە قان چۈشۈشنى چۈشىنەمسىز؟ مۇخبىرنىڭ يېقىندا گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلىنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش» ساغلاملىق لېكسىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جى يۈنشياڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: كۈز ۋە قىش پەسلىدە مېڭىگە قان چۈشۈش كۆپ كۆرۈلىدۇ، تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك: قان بېسىمى روشەن ئۆرلەپ كېتىش. مېڭىگە قان چۈشۈشتىن ئىلگىرى بىمارنىڭ قان بېسىمى روشەن ئۆرلەيدۇ، ئاسانلا كۆز قاراڭغۇلىشىپ، باش قېيىپ، بىمار تۈز تۇرالمايدۇ، مېڭە پەردىسى غىدىقلانسا، كۆڭلى...
داۋامى..
كىچىك تەرەت سارغۇچ رەڭدە كېلىش قانداق ئەھۋال؟ ئىچكى كېسەللىكلەر

كىچىك تەرەت سارغۇچ رەڭدە كېلىش قانداق ئەھۋال؟

كىچىك تەرەت سارغۇچ رەڭدە كېلىش قانداق ئەھۋال؟ نۇرمال ئەھۋالدا كىچىك تەرەت سۇغا ئوخشاش رەڭسىز ۋە سۈزۈك پىۋە رەڭدە كېلىدۇ)ئاق رەڭ دەپمۇ قۇيىمىز، بىراق رەڭگە قارىتىلمىغان(، بىراق بەزى ۋاقىتتا سېرىق ياكى قېنىق رەڭلىك كېلىدىغان ئەھۋال بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا كۆپىنچىمىز ئەنسىرەپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇنداقتا كىچىك تەرەت رەڭلىك كېلىش قانداق ئەھۋال؟ 1. سۇنى ئاز ئىچىش كىچىك تەرەتنىڭ رەڭگى، سۇنى ئاز-كۆپ ئىچىش سەۋەپلىكمۇ قېنىق ۋە سۇز بولىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچكەندە، سۈيدۈك كۆپ يىغىلىدۇ، سۈيدۈك تەركىبىدىكى ئۇرۇخروما(سۈيدۈكرەڭ ماددىسى) نىڭ نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ، تەبىيلا سۈيدۈك رەڭگىمۇ...
داۋامى..
راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى 20 ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىچكى كېسەللىكلەر

راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى 20 ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى

  راك كېسىلىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىنى تولۇق چۈشۈنىشىمىز لازىم. ئادەم بەدىنىنى بىر شىركەت دەپ قارىساق، خىزمەتچىلەر دەل بەدەندىكى ھەربىر ھۈجەيرىلەر بولىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقى شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. راك ھۈجەيرىلىرى كۈندە پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئادەم بەدىنىدەك بۇنداق چوڭ شىركەتتە خىزمەتچىلەرنىڭ ئالمىشىپ تۇرىشى ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش، شۇڭلاشقا بىزنىڭ بەدىنىمىز ھەركۈنى 100 مىليارد يېڭى ھۈجەيرە ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بۇ يېڭى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ھۈجەيرىلەر گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن راك ھۈجەيرىلىرىگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. سالامەت ئادەمگە نىسبەتەنمۇ...
داۋامى..
قانداق قىلغاندا بوۋاسىرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئىچكى كېسەللىكلەر

قانداق قىلغاندا بوۋاسىرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ئەڭ ئاسان بوۋاسىر بولۇپ قالىدىغان بەش خىل ئادەم: 1. ھاجەتخانىدا ئۇزۇن ئولتۇرىدىغانلار: تەرەت قىلىۋاتقاندا يانفون ئويناش، گېزىت كۆرۈش قاتارلىقلار تەرەت قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا، قورساق بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، قاننىڭ ۋېنا تومۇرىدىن قايتىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، مەقئەتكە قىسمەن قان تولۇپ ئىششىيدۇ، ۋېنا تومۇرى ئاسانلا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ بوۋاسىر شەكىللەندۈرىدۇ. 2. ئۇزۇن ۋاقىت قەۋزىيەت بولغانلار: تەرەت قىلغاندا ئاغرىش پەيدا قىلغانلىقتىن بەزى بىمارلار ئاغرىقتىن قورقۇپ تەرەت قىلىشقا پېتىنالمايدۇ ياكى تەرىتىنى مەجبۇر قىسىۋالىدۇ. تەرەت ئۈچەيدە ئۇزۇن تۇرسا قەۋزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 3. مەزى بېزى ئۆسۈپ قالغانلار:...
داۋامى..
قەۋزىيەتكە تۈگىتىدىغان  ئۇسۇل ئىچكى كېسەللىكلەر

قەۋزىيەتكە تۈگىتىدىغان ئۇسۇل

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: دوختۇرلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ئەگەر 2-3 كۈندە ئاران بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىسڭىز قەۋزىيەت بولۇپ قالغان بولسىز، ئەگەر بانان يەپ، ھەسەل سۈيى ئىچىپمۇ ئۈنۈمىنى كۆرمىسىڭىز، مەن تۆۋەندە دېمەكچى بولغان ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز قەۋزىيەتتىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ كېتىسىز. قەۋزىيەت بەكمۇ ئازابلىق ئىش، بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئادەم بۇنىڭ دەردىنى ھېس قىلالمايدۇ. قەۋزىيەت، بىر ھەپتىدە چوڭ تەرەت قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئاز بولۇشنى ياكى 2-3 كۈندە بىر قېتىم تەرەت قىلىشنى ھەمدە تەرەت مىقدارى ئاز بولۇش، قۇرۇق تۈگۈن بولۇش، تەرەت قىلىش...
داۋامى..