چىلاننىڭ ئوخشاش بولمىغان يېيىش ئۇسۇلى يېمەكلىكلەر

چىلاننىڭ ئوخشاش بولمىغان يېيىش ئۇسۇلى

چىلاننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىي مول، تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش رولى بار. ئىشلىتىلىشى كەڭ بولۇپ، «ياغاچ غوللۇق ئاشلىق» دەيدىغان نامى بار، شۇنداقلا ئۇ ئىستېمالچىلار ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى. ئوزۇقلۇق ئانالىزلىرىغا ئاساسلانغاندا ، ھۆل چىلاننىڭ قەنىت مىقدارى %35-25، قۇرۇق چىلاننىڭ قەنىت مىقدارى %75 - 60؛ ھەر 100 گرام ھۆل چىلان تەركىبىدە 23.2 گرام كاربۇنلۇق بىرىكمىلەر، 12 گرام ئاقسىل، 10.2 گرام ماي؛ ھەر 100 گرام چىلاننىڭ تەركىبىدە 50.3 -80.6 گرام كاربۇنلۇق بىرىكمىلەر، 3.3 گرام ئاقسىل. 0.4 گرام ماي، يەنى كالىتسى، فوسفۇر، تۆمۈر قاتارلىق مىنرال...
داۋامى..
ئاغىرىپ قالغاندا سەككىز خىل يېمەك-ئىچمەكنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ! يېمەكلىكلەر

ئاغىرىپ قالغاندا سەككىز خىل يېمەك-ئىچمەكنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ!

  يېمەكلىك ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، بىراق، بەزىدە يېمەكلىك ياكى ئىچىملىكلەر كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئالدىنى ئېلىش» ژۇرنىلى يېقىندا ئاغرىپ قالغاندا يېسە بولمايدىغان بىرنەچچە خىل يېمەك-ئىچمەك تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. قەھۋە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بەدەندە سۇ يېتەرلىك بولسا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ۋە كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىكەن. قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىن سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ، بىماردا سۇسىزلىنىش پەيدا قىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ۋىرۇسقا ۋە يۇقۇملىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن. ئاپېلسىن شەربىتى. زۇكامدىغان ياكى يۆتىلىپ قالغاندا...
داۋامى..
ھەسەل راستتىنلا ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرالامدۇ؟ يېمەكلىكلەر

ھەسەل راستتىنلا ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرالامدۇ؟

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھەسەل ئىزچىل ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىنىۋاتقان ئىسىل يىمەكلىك بولۇپ، ئەتىگەندە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۈتۈنۈش ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ھەسەل راستتىنلا شۇنداق ياخشىمۇ؟ ھەسەل ئىستېمال قىلشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ھەسەل راستتىنلا ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرالامدۇ؟ ھەسەلنىڭ تەركىبىدە %75 ~ %65 ساخارىدلار بولۇپ، بۇ گلۇكوزا، فرۇكتوزا، ساخاروزا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە فرۇكتوزا بۇ ئۈچ خىل ساخارىدلارنىڭ %40تىنى ئىگىلەيدۇ. بەزىلەر ھەسەل ئىچسە ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ دېيىشىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق...
داۋامى..
تاتلىق يىمەكلىكلەرنى يېيىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى ھەققىدە يېمەكلىكلەر

تاتلىق يىمەكلىكلەرنى يېيىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى ھەققىدە

  مەيلى بالىلار ياكى چوڭلار بولسۇن، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرۈش ئادەمنىڭ تۇغما قابىلىيىتى. بۇ خىل تۇغما قابىلىيەت كىچىك بالىلار ۋە قىزلاردا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.   قەنت تىلغا ئېلىنسىلا، ھەممىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ساغلام ئەمەس» دېگەن سۆزنى ئەسكە ئالىمىز. چۈنكى، بىز دائىم قەنت يېسە چىشنى قۇرت يەيدىغانلىقى، يەنە دىئابېتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، ھەتتا قەنتنى كۆپ يېسە دانىخورەك چىقىدىغانلىقى، سەمىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. قەنت يېسە، راستتىنلا زىيىنىلا بولۇپ، پايدىسى يوقمۇ؟   قەنت- گېزەك ئەسلىدىنلا ئىنتايىن ئادەتتىكى يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە ئېنېرگىيە مول. بۇ خىل...
داۋامى..
ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ياخشى ئادەتمۇ يېمەكلىكلەر

ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ياخشى ئادەتمۇ

ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ياخشى ئادەتمۇ بىلىمنۇر تورى تەرجىمىسىمۇچ-لازا تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل تەم  تەڭشىگۈچ بولۇپ،يېمەكلىكلەر،تائاملار  ئاچچىق بولمىسا خۇشال بولمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇچ بولمىسا، يېمەكلىكنىڭ لەززىتى بولمايدۇ. مۇچ يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئازراقلا سىناپ باقسا، گېلىدىن ئوت چىقىرىىپ چىراينى قىزارتىپ، قارا تەرگە چۆمۈپ كېتىدۇ .ئۇنداقتا ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا ياخشىمۇ؟ تۆۋەندە بىز بىرلىكتە تەپسىلىي چۈشىنىپ باقايلى. ئاچچىق يېمەكلىكەر ئەمەلىيەتتە ئىغىزىمىزدىكى تىل ھېس قىلىدىغان ئاغرىق، ھەرگىزمۇ بىر خىل تەم ئەمەس. قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى كاپزائىتسىن ئېغىز بوشلۇقى يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى...
داۋامى..
يازدا نىمىشقا زەنجىۋىل يەيمىز يېمەكلىكلەر

يازدا نىمىشقا زەنجىۋىل يەيمىز

«كونىلاردا قىشتا لوبو، يازدا زەنجىۋىل يېسە، دوختۇرنىڭ رېتسېپ يېزىشى ھاجەتسىز» دەيدىغان گەپ بار، ئۇنداقتا، يازدا نېمە ئۈچۈن زەنجىۋىل يېيىش كېرەك؟ بۇنىڭ زادى قانداق پايدىسى بار؟     بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى داشۆسى شەرق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى شيې ليەندى كۆپچىلىككە يازدا زەنجىۋىل يېيىش توغرىسىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.    يازدا نېمە ئۈچۈن زەنجىۋىل يەيمىز؟    بىرىنچىدىن، ئىسسىق ياز كۈنلىرىدە، ئادەم بەدىنىدىكى ياڭچىمۇ تەبىئەت دۇنياسىغا ماسلىشىپ، بەدەن سىرتىغا تارقىلىپ چىقىدۇ، بەدەندىكى ياڭچى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ. بەدەندىكى ياڭچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ياز پەسلىدىكى يېمەك-ئىچمەكلەردە قىرتاق تەمنى ئازايتىش،...
داۋامى..
ناشـتـىلىق يېمەكلىكلەر

ناشـتـىلىق

كۆپىنچە ھاللاردا خەيرىلىك باشلانغان بىر ئىشنىڭ ئاخىرى ياخشى بولغىنىدەك بىر كۈنلۈك ھايات پائالىيىتىمىز ئۈچۈن ناشتىلىق ئىنتايىن مۇھىم. مېڭىگە زۆرۈر قۇۋۋەتلەر ئاساسلىقى قاندىكى قەنتتىن قوبۇل قىلىنىدۇ. مېڭىگە زۆرۈر بولغان ئېنېرگىيە كەچتە ئۇخلاش جەريانىدا كۆپلەپ خورىغانلىقتىن سەھەردە ئويغانغاندا قۇۋۋەتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ناشتىلىق قۇۋۋەتلىك، سۈپەتلىك قىلىنغاندا چوڭ مېڭە ئېھتىياجلىق زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىيالايدۇ. ناشتا قىلمايلا ئالدىراپ ئۆيدىن چىققاندا قاندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ-قان قەنتى تۆۋەن بولۇپ مېڭىگە كېرەكلىك ئېنىرگىيەنى تولۇقلاپ بېرەلمەي ئاسانلا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ئىزلەڭگۈلۈك، روھسىزلىق، چارچاش پەيدا بولۇپ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر...
داۋامى..
ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا يېمەكلىكلەر

ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا

كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكىسى كېسىلىنىڭ ئاسان قايتىلىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبنىڭ بىمارلارنىڭ يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلماسلىقى ئىكەنلىكى بايقالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى دورا ئارقىلىق داۋالانغاندىن باشقا، يەنە تۇرمۇشتا «ئۈچتىن چەكلىنىش، ئۈچنى تاشلاش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. 1. مايلىق يېمەكلىك يېمەسلىكى كېرەك. كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلار ئارقىلىق تاماقتىن كېيىن قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئاستىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇلنىڭ بېسىمى تۆۋەنلەيدىغانلىقى، ماي تەركىبى يۇقىرى (غاز گۆشى، قورداق) دېگەندەك تاماقلارنى يېگەندىن كېيىنكى تۆۋەنلىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقى بايقالدى. ياغنىڭ ئاشقازاندىكى چىقىرىلىش سۈرئىتى ئاستا بولغانلىقتىن ئاسانلا خولېتسستوكنىننىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ...
داۋامى..
ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش يېمەكلىكلەر

ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش

39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 1. زىيادە سوغۇق كۆكتات ياكى مېۋە شەربىتى كۆپىنچە ئاياللار ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىر ئىستاكان مېۋە شەربىتى ئىچىشنى ياقتۇرىدۇ. گەرچە مېۋە ياكى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىسى مول بولسىمۇ، بەدەندىكى بەزى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاشقا ياردەم بەرسىمۇ، بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ بەدەن ساپاسى سوغۇققا مايىلراق كېلىدۇ. ئاشقازانمۇ ئىسسىقنى ياقتۇرۇپ، سوغۇقتىن قورقىدۇ. مۆتىدىل مۇھىتتا بەدەندىكى مىكرو ئايلىنىشلار راۋانلىشىدۇ. شۇڭا ناشتىدا سوغۇق كۆكتات ياكى مېۋە شەربىتى ئىچمەسلىك كېرەك. بۇلاردىن سىرت، سوغۇق ئىچىملىكلەرنىمۇ ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئىچمەسلىك...
داۋامى..
زەنجىۋىلنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى يېمەكلىكلەر

زەنجىۋىلنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

زەنجىۋىل ئاشخانىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان تەبىئىي تېتىتقۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنە جۇڭيى دورىسى ھېسابلىنىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ تىبابەتتىكى شىپالىق رولى: ياندۇرۇش، قەينى تىزگىنلەش، يۆتەلنى توختىتىش قاتارلىقلار. شۇڭا زەنجىۋىلنى تاماقتىكى تېتىتقۇ ئورنىدا ئىشلىتىشتىن باشقا يەنە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. زەنجىۋىلنى كىندىككە چاپلاشنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك شىپالىق رولى بار: بىرىنچى، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. زەنجىۋىلنى كىندىككە چاپلىغاندىن كېيىن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەپ ھەرىكەتلىنىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشۇرىدىغان بولۇپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىككىنچى، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ. ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى...
داۋامى..
قىزىل ھاراق بىلەن ئاچچىقسۇ قان تومۇرنى يۇمشىتامدۇ؟ يېمەكلىكلەر

قىزىل ھاراق بىلەن ئاچچىقسۇ قان تومۇرنى يۇمشىتامدۇ؟

قان تومۇر كېسەللىكلىرى سالامەتلىككە ئېغىر تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك كېسەل. كۈندىلىك تۇرمۇشتا سىزمۇ بەلكىم قان تومۇرلارنى ئاسرايدىغان ھەر خىل «خىسلەتلىك» ئامال-چارىلەرنى ئاڭلاپ تۇرىسىز.مەسىلەن ھەر كۈنى بىر رومكا قىزىل ھاراق ئىچىش، ھەر كۈنى ئازراق ئاچچىقسۇ ئىچىش، ھەر كۈنى قېرىنقۇلاق يېيىش... بۇنداق يازمىلاردا سۆزلەنگەن سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىگە قارىسىڭىز، ئاڭلىماققا ئىنتايىن ئۈنۈملۈكتەك تەسىر بېرىدۇ-دە، شۇھامان تاللا بازىرىدىن قىزىل ھاراقنى «دورىلىق» ئورنىدا ئېلىشقا باشلايسىز.
داۋامى..
كۆكتات بازىرىغا يۇشۇرۇنغان تەبىئى دورىلار بىلىۋىلىڭ

كۆكتات بازىرىغا يۇشۇرۇنغان تەبىئى دورىلار

 كونىلاردا، دورا ئۈچ ئۈلۈش زەھەر بولىدۇ دىگەن گەپ بار. بۇ سەۋەپلىك مەن تەبىئى ساپ بولغان رىتسىپلار ئۈستىدە ئىزدەندىم ھەمدە مۇھىم بولغان بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم؛ تۆۋەندىكىلەر دەل مەن بۇ قېتىم بىلىۋالغان ئۇچۇرلار بولۇپ، سالامەت ياشاي دىسىڭىز، سىزمۇ كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ!  تەبىئى بۆرەك قۇۋۋەت دورىسى—پىچەكگۈل     پىچەكگۈلنىڭ " ئاق رەڭلىك ئادەمگىياھ" دىگەن نامى بار بولۇپ، باشقا دورا ماتىرياللىرى ئۇنىڭ ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. جوڭگۇ تىبابىتىدە، پىچەكگۈلنى ئاشقازان-ئۈچەي، ئۆپكە ۋە ئۆتنى ياخشىلاپ ، باھنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا دەپ تەرىپلەيدۇ.  ...
داۋامى..
بېسىمنى تۈگىتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان ساغلام يېمەكلىكلەر يېمەكلىكلەر

بېسىمنى تۈگىتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان ساغلام يېمەكلىكلەر

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: كىشىلەر ئادەتتە ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغاندا ياكى بىر قىسىم كۆڭۈلسىز ئىشلارغا دۇچار بولغاندا، بەرەڭگە قەلەمچىسى ياكى مارۇژنا يېيىش ئارقىلىق بېسىمنى يەڭگىللەتمەكچى، كەيپىياتىنى ياخشىلىماقچى بولىدۇ. بۇ خىل ئادەت «بېسىملىق يېمەك-ئىچمەك» ياكى «كەيپىياتلاشقان يېمەك-ئىچمەك» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل «تەسەللى بېرىش يېمەكلىكى»دىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، سىز بەلكىم ئۆزىڭىزنى ۋاقتىنچە ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ خىل كەيپىياتلاشقان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بەدەن ساغلاملىقىڭىزغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. تەشۋىشلىنىش...
داۋامى..