بالىغا قالايمىقان ئاچچىقلىنىشنىڭ زىيىنى ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ ئېغىر پەرزەنىت تەربىيسى

بالىغا قالايمىقان ئاچچىقلىنىشنىڭ زىيىنى ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ ئېغىر

شامال گۈركىرەيتتى، بالا يىغلايتتى، ئانا ھۆركىرەيتتى. ئۆيىڭىزدە دائىم مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بىرەمدۇ؟ بىز دائىم بالىلارنى «كىچىك بومبا» دەيمىز، ئاچچىقى كىلىپ قالسا ئۆز ئورنىدا «پارتلاپ كېتىدۇ»، بالا بۇنداق بولغان يەردە ئانا قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن؟ خىزمەت بېسىمى، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت، رېئاللىقتا تەشۋىشلىنىش، بالىلارنىڭ غىمى ھەممىسى ئانىنىڭ كەيپىياتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ۋارقىراپ-جارقىراپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئادەتلىنىدۇ: ئۇخلىمسا_ۋارقىرايدۇ؛ تاماق يىمىسە_ۋارقىرايدۇ؛ مىسىلداپ ئىش قىلسا_ۋارقىرايدۇ؛ ئۇششۇقلۇق قىلسا_ۋارقىرايدۇ؛ ..... ئانا قەرەللىك بومبا دەپ قارامدۇ، يەنە كېلىپ بىردەملىكلا پارتىلايدىغاندەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئەمما ۋاقىراپ، ئاچچىقلاپ بولۇپ ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ...
داۋامى..
بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان 41 خىل ھەرىكەت پەرزەنىت تەربىيسى

بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان 41 خىل ھەرىكەت

1. كۆزنى يۇمۇپ تاماق يېيىش ئاڭلىق ھالدا چوڭ مېڭىنى ئىشلىتىشى ئۈچۈن سىز بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۈزۈۋېتىپ تۇرىسىز، مەسىلەن سېزىم ئۇچۇرلىرى. كۆزنى يۇمغاندا باشقا ئەزالار بىلەن يېمەكلىكنى ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ، ئاندىن ئېغىزغا ئاپىرىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا تېگىش سېزىمى غىدىقلىنىدۇ، تەم سېزىمى، پۇراق سېزىمىمۇ تەڭ غىدىقلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىدىكى مۇناسىۋەتلىك رايونلارنىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ. 2. تەركىبىدە لېتىستىن كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ بېرىش ئاتسېتىل خولىن چوڭ مېڭىنىڭ «سىلىقلىغۇچىسى» بولۇپ، ئۇ مېڭىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ. لېتىستىن ئاتسېتىل خولىنغا ئايلىنالايدۇ. شۇڭا يەر ياڭىقى، دادۇر قاتارلىق لېتىستىن مول بولغان...
داۋامى..
بىر شادىمان بالا تەربىيلەپ چىقىش ، ھەممىدىن مۇھىم پەرزەنىت تەربىيسى

بىر شادىمان بالا تەربىيلەپ چىقىش ، ھەممىدىن مۇھىم

بىر شادىمان بالا تەربىيلەپ چىقىش ، ھەممىدىن مۇھىم فىرانسىيەلىك پىسخولوگلار نەچچە مىڭ بالىنى 20 يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، شادىمان بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن تۇرمۇشتىكى ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا تېخىمۇ تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا تاپالايدىغانلىقىنى ، بەخت تۇيغۇسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى ؛ ئۈمىدسىز ، پاسسىپ بالىلار تېخىمۇ ئاسان قايغۇ-ھەسرەت ھېس قىلىپ ، مەكتەپ ، خىزمەت ، تەنھەرىكەت مەيدانلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن تۆۋەن بولىدۇ ، سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ نىسپەتەن ناچار بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. كۆپچىلىكنىڭ...
داۋامى..
ئاتا ـ ئانىلار بۇنداق قىلسا، بالىلار ۋىجدانسىز بولۇپ قالىدۇ پەرزەنىت تەربىيسى

ئاتا ـ ئانىلار بۇنداق قىلسا، بالىلار ۋىجدانسىز بولۇپ قالىدۇ

ئاتا ـ ئانىلار بۇنداق قىلسا، بالىلار ۋىجدانسىز بولۇپ قالىدۇ، چوڭ بولغاندا قوۋم-قېرىنداشلىرىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ھەر بىر ئائىلە باشلىقى ۋاپادار بالا تەربىيلەپ چىقىشنى ، ۋاپادارلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، «ۋىجدانلىق» ئادەم بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ، لېكىن بۇ خىل ئارزۇنى ھەممە ئادەم ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دېگەندەك، بەزى ئاتا ـ ئانىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن يەنىلا ئاتا ـ ئانىسى بىلەن يىراقلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ۋاپاسىز بولۇپ قالىدۇ.بۇنىڭدىكى سەۋەب، مۇقەررەر ھالدا ئاتا ـ ئانىلارنىڭ مەغلۇپ...
داۋامى..
كۈزدە كۆپ قوزغىلىدىغان5خىل بالىلار كېسىلى ،ئانىلار بۇنىڭغا ياخشى تەييارلىق قىلىڭ بالىلار ساغلاملىقى

كۈزدە كۆپ قوزغىلىدىغان5خىل بالىلار كېسىلى ،ئانىلار بۇنىڭغا ياخشى تەييارلىق قىلىڭ

كۈزدە كۆپ قوزغىلىدىغان5خىل بالىلار كېسىلى ،ئانىلار بۇنىڭغا ياخشى تەييارلىق قىلىڭ كۈز پەسلىنى تۆت پەسىل ئىچىدىكى ئەڭ قىسقا بىر پەسىل دېيىشكە بولىدۇ، خۇددى پەقەت بىر ياز بىلەن قىشنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلىدەك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنى بىلگىلى بولمايدۇ، بەدەن ساپاسى ناچار بالىلار ئاسانلا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاغرىپ قالىدۇ. ھەر يىلى ياز بىلەن كۈز ئالمىشىدىغان مەزگىلدە، دوختۇرخانا دائىم يېڭى بىر تۈركۈم كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى كۈتۈۋالىدۇ، كۈز پەسلى دوختۇرلار ۋە ئاتا ـ ئانىلار ئېتىراپ قىلىدىغان بالىلار كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل...
داۋامى..
ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە تەۋسىيىلەر پەرزەنىت تەربىيسى

ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە تەۋسىيىلەر

بۇ مەزگىلدە بالىغا كىتبۇ مەزگىلدە بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ. بالىنىڭ تەپەككۇر قىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بالا ھېكايىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىغا تېخىمۇ قىزىقىدىغان ۋە كىرىشىپ كېتىدىغان بولىدۇ، ھەمدە كىتابتىكى رەسىملەرنى چۈشىنىدىغان، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قاپىيىداش سۆز ۋە سۆز-ئىبارىلەرنى يادلىۋالىدىغان بولىدۇ. بالىڭىز 3 ياشقا توشقان ۋاقىتتا، ئۇ دائىم ئېلىپ بارىدىغان يېڭىلىقلارنى بايقاش جەريانىدىن ۋاقىتلىق ئارام ئېلىپ، سىز بىلەن بىللە بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇيدىغان بولىدۇ. ھەمدە بالىڭىزغا بۇنداق كىتاب ئوقۇش ئىشى...
داۋامى..
مۇھىم بولغان بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرى بالىلار ساغلاملىقى

مۇھىم بولغان بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرى

تۆۋەندە بىر قىسىم ئەپچىل بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. 1.بىر ياش ئىچىدىكى بالىلارنىڭ ئوڭدىسىغا يېتىشى ۋە ئۆمىلەپ ئوينىشى بوۋاقلارنىڭ ئوڭدا يېتىپ ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ، بوۋاق بالىلار ئويغاق ۋاقىتدا چوڭلارنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئۆمىلەپ ئوينىغاندا مۇسكۇللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 2.قىزىپ قېلىش يامان ئىش ئەمەس قىزىپ قېلىش بالىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا نىسبەتەن پايدىلىقتۇر، بالىلاردا قىزىش سەۋەبىدىن بىئاراملىق كۆرۈلگەندە ئۇلارغا قايناق سۇنى كۆپ ئىچكۈزۈش كېرەك، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 39 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارغا قىزىتمىسىنى ياندۇرىدىغان دورىلارنى يېگۈزۈش، قىزىتمىسى يانمىسا...
داۋامى..
ھامىلىدار ئاياللار ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىق بىلىملىرى ئانا-بالا

ھامىلىدار ئاياللار ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىق بىلىملىرى

دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: قەدىرلىك ھامىلىدار ئانىلار: ئاۋۋال سىزنى قۇتلۇقلايمىز! سىز دەسلەپكى ئانا بولۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئالدىدا تۇرغان چاغدا، بىز مۇشۇ ماقالە ئارقىلىق سىزگە ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى زۆرۈر بولغان ئېغىز بوشلۇقى ساقلىقنى ساقلاش بىلىمىنى سۆزلەپ بەرمەكچى. بۇلارنىڭ سىزنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئېغىز بوشلۇقى جىددىي كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېغىز بوشلۇقى ساقلىقىنى ساقلاش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، بوۋىقىڭىزنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ئاسراشقا پايدىلىق بولۇشقا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەيلى سىز...
داۋامى..
بالىلاردا كالتسىي ئېغىر كەمچىل بولسا قانداق تولۇقلاش كېرەك بالىلار ساغلاملىقى

بالىلاردا كالتسىي ئېغىر كەمچىل بولسا قانداق تولۇقلاش كېرەك

كالتسىي بولسا ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ مىنېرال ماددا بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %1.5تىن %2.0تىنى ئىگەللەيدۇ. % 99 كالتسىي سۆڭەك ۋە چىشقا مەركەزلەشكەن . نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلاردا ئەگەر كالتسىي كەم بولسا، سۆڭەك بىلەن چىشنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بوۋاقلاردا كالتسىي كەم بولسا راخىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلاردا كالتىسىي كەملىك ئالامىتىنى بايقىغان ھامان، بالىغا چوقۇم ۋاقتىداكالتسىي تولۇقلاش كېرەك. كالتسىي تولۇقلاش مەھسۇلاتى كالتىسىي تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاتا-ئانىلار تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى بىر...
داۋامى..
بالىلارنىڭ بەدىنىدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ بەدىنىدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك

  ھەرىكەتتىن كېلىدىغان تەر ئاقىلىق ھۆللۈكنى ھەيدەش تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، مايسىز تائاملارنى مۇۋاپىق يەپ بېرىش نەم مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرماسلىق ھۆللۈكنى ھەيدەيدىغان يېمەكلىكلەر كۆممىقوناق : كۆممىقوناق تەركىبىدىكى ۋىتامىن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، گۈرۈچ، بۇغداينىڭ بەش ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە كېلىدۇ، ئالاھىدە سورتلۇق كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى كۆممىقوناققا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. تاتلىق كۆممىقۇناق تەركىبىدىكى ئاقسىل، ئۆسۈملۈك مېيى ۋە ۋىتامىن ئادەتتىكى كۆممىقۇناققا قارىغاندا بىر ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە، سېلېننىڭ مىقدارى سەككىز ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە يۇقىرى ، تەركىبىدىكى 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ئىچىدىكى 13خىلى...
داۋامى..
سىنىك بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بالىلارغا زىيانلىق بالىلار ساغلاملىقى

سىنىك بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بالىلارغا زىيانلىق

نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن سىنىكنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنىنى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بۇنى بىلمەيدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار سىنىك بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق دەپ قارايدۇ،لېكىن بۇ بىر خىل خاتا كۆز قاراش. سىنك خاراكتېرنى قوزغاتقۇچى ماددا ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر بالىلارغا قارىغۇلارچە سىنىك تولۇقلىغاندا، بالىلاردا جىنسىي يېتىلىش تېزلىشىپ، بويى پاكار بولۇپ قېلىش، پىسخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىپ، بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن سىنىك بالىلاردا ئەكس تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، قۇسۇش، كۆڭلى ئېلشىش، باش ئاغرىشتىن...
داۋامى..
بالا تەربىيەلەشتىكى خاتا ئۇسۇللار پەرزەنىت تەربىيسى

بالا تەربىيەلەشتىكى خاتا ئۇسۇللار

بالا تەربىيەلەشتىكى خاتا ئۇسۇللار ئائىلە شارائىتى بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيەسىدە تۆۋەندىكى خاتا ئۇسۇللاردىن ساقلىنىشى كېرەك: چوڭلار ئۆزى ئارام ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقماسلىق بالا بېقىش جاپالىق، بولۇپمۇ ئەمدىلا ئۆمىلەشنى، مېڭىشنى ئۆگەنگەن بالىلارنى باقماق تېخىمۇ قىيىن. شۇڭا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھەپتە ئاخىرىدا بالىغا ئۆيدە ھەمراھ بولۇشنى ئويلاپ، بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقمايدۇ. ئەمما بالا ئۇزۇن مەزگىل ئۆيدە ئولتۇرسا، ھەرىكىتى ئازىيىپ، يېتەرلىك قۇياش نۇرىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، بالىدا ۋىتامىن D يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن بويىنىڭ ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بالىلار ئۆيدە...
داۋامى..
بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ     پەرزەنىت تەربىيسى

بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ    

بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ بىلىمخۇمار          ئىرسىيەتنىڭ تەسىرى بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىرى جىسمانىي جەھەتتىن بېقىپ چوڭ قىلىش، يەنە بىرى بولسا روھىي جەھەتتىن بېقىپ چوڭ قىلىش. بالىنى جىسمانىي جەھەتتىن بېقىپ چوڭ قىلىش ئاسان. بىز ئۇلارغا پەقەت مۇۋاپىق مىقداردا تاماق بېرىمىز، ھەمدە ئۇلارنى جىسمانىي زىيان-زەخمەتتىن قوغدايمىز. شۇنداق قىلساقلا كۇپايە قىلىدۇ. ئەمما بالىنى روھىي جەھەتتىن بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن، بىز ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئوزۇقلۇق بەرمىسەك بولمايدۇ. بىز ئۇلارغا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى زەھەرلەپ قويمايدىغان ئوزۇقلۇقلارنى بەرمىسەك بولمايدۇ. بالىڭىزنىڭ كۆڭلىگە كېسەل...
داۋامى..
بالىنىڭ تەلىپىنىرەت قىلىشقا بولىدۇ،لېكىن قائىدە سۆزلەشكە بولمايدۇ پەرزەنىت تەربىيسى

بالىنىڭ تەلىپىنىرەت قىلىشقا بولىدۇ،لېكىن قائىدە سۆزلەشكە بولمايدۇ

بىز بالىنى قانداق تەربىيىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ بىر مەڭگۈلۈك تېما، بۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق بار. ھەربىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس گېن، چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسى، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، تەربىيەلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلارغا ھەر خىل مائارىپ لېكسىيەلىرىنى كۆرۈش ئانچە تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى ھەممە بالىلارغا ئورتاق ماس كېلىدىغان ھېچقانداق بىر ئامال يوق، بۇ دەل سىزنىڭ نۇرغۇن دەرس ئاڭلاپمۇ، بالىلارنى يەنىلا ياخشى ئۆگىتىپ بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىدۇر. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئۇسۇل پىكىر يۈرگۈزۈش بولۇپ، بۇ ئاڭلىماققا ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئىزچىل سەل...
داۋامى..
بالىغا <دورا> بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزدىكى كېسەلنى بايقاڭ بالىلار ساغلاملىقى

بالىغا <دورا> بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزدىكى كېسەلنى بايقاڭ

بىر قانچە كۈن بۇرۇن تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا ئۇ قىزىغا:«ھازىر بۇنداق تۇرساڭ، كېيىن قانداق قىلارسەن؟» دېدى. ئۇنىڭ قىزى قورقۇنچاق، ئۆزىنى كەمستىدىغان بولغاچقا ھازىر چوپچوڭلا بولۇپ قالغان بولسىمۇ باشقىلارغا گەپ قىلغاندا يەنىلا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گەپ قىلاتتى. تۇغقىنىم كىچىكىدىن قىزىنى ئۆيىدە يالغۇز قويۇپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. قىزى كىچكىدىن باشلاپ ئۆزى يالغۇزيۈرۈپ، ئىچ مىجەز، توپقا ئارىلاشمايدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن. لېكىن ئۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭراق زىيانكەشلىك قىلغىنى باشلانغۇچتىكى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن. ئۇ ئوقۇتقۇچى ھەر قېتىم ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا نەتىجىسى ناچار ئوقۇغۇچىلارغا زەربە بېرىدىكەن، ھەمىشە...
داۋامى..
بالىغا قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك قائىدە تۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ؟ پەرزەنىت تەربىيسى

بالىغا قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك قائىدە تۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ؟

يېقىندا بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىر بالىغا قانداق قىلىپ قايچىنى ئۆز ئورنىغا قويۇشقا قايىل قىلغانلىقى ھەققىدە بىر سىن كۆرۈپ قالدىم. بالا پۈتۈن جەرياندا يىغلاپ قارشىلىق كۆرسەتتى، مۇئەللىم باشتىن-ئاخىر ناھايىتى مۇلايىم ھەم قەتئىيلىك بىلەن بالىغا قايچىنى جايىغا قويغۇزۇشتا چىڭ تۇردى، بالا بەك ئۇزۇن تىركەشتى، ئاخىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قايچىنى جايىغا قويدى. كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن شۇنداق بىر سوئال تۇغۇلدى:قانداق قىلىپ بالىلارغا ئەركىن ئىجرا قىلىدىغان قائىدە تۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ؟ ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھازىرقى مائارىپ تەربىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بالىنى سەل ئەركىن قويۇپ بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا...
داۋامى..
قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟ بالىلار ساغلاملىقى

قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟

ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يېتىلىشى تېز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئېغىر ئوقۇش بېسىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغانلىقتىن ئېنىرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بولغان ئېھتىياجى چوڭلاردىن خېلىلا كۆپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مەزگىل يەنە ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم دەۋر. بۇ مەزگىلدە شەكىللەنگەن ئادەت ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قويماستىن، بەلكى يەنە قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردا ياخشى يېمەك-ئىچمەك ۋە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرگەندە ئاندىن ئۇلارنىڭ ساغلام چوڭ...
داۋامى..
بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ بالىلار ساغلاملىقى

بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمالمۇ ياكى كېسەللىك بارمۇ يوق دېگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئاتا ئانىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، بەزى كېسەللىكلەرنى ئاسانلا بايقىۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن بەزى كېسەللىكلەر دەرھال بايقالمايدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەر مۇئەييەن جەريان ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە ئاستا ئاستا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر ئاتا ئانىلار تەپسىلىي كۆزەتمىسە ياكى كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى بىلمىسە، كېسەللىك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمال بولمىغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر تۆۋەندىكىچە: ئاڭلاش سېزىمى جەھەتتە: ئەتراپتا ئاۋاز بولسا، بالا ئاۋاز چىققان تەرەپكە دەرھال قارىمايدۇ، بالا ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا ياكى ناھايىتى تۆۋەن...
داۋامى..
سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق بالىلار ساغلاملىقى

سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق

دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلەر %16نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ نىسبەت يەنە بارغانسېرى يۇقىرىلاۋېتىپتۇ. بۇندا «بودەك» بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاسان كونترول قىلالماسلىقى، يۈرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى، ھەتتا راك كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا، گرېتسىيە ئافىنا داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن D سېمىز بالىلارنىڭ ئورۇقلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىلار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ياكى بالىلار سېمىز بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى كۈندىلىك...
داۋامى..
بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش كېرەك ئانا-بالا

بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش كېرەك

ب د ت نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت بالىلار فوندى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن 78 مىليون بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇ بوۋاقلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلۈش نىسبىتى ياكى كېسەللىك خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كىلىشىنى...
داۋامى..
بالىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دورىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇڭ بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دورىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇڭ

بالىلارنىڭ شېكەر يالىتىلغان تابلىتىنى شېكەر دەپ خاتا ئىستېمال قىلىش ۋەقەسى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇماي، بالىلارغا دورا بەرگەندە ئۇسۇلى توغرا ئەمەس، مىقدارى توغرا ئەمەس. ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار بىپەرۋالىق قىلىپ دورىنى خاتا ئىچكۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. داۋالاش تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە، تۇرمۇش سۈپىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن، بالىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخمىلىنىشىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ۋە مېيىپ بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلىمەستىن، ئەكسىچە ئۆرلەپ، يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىم ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسىگە ئايلىنىپ، بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ...
داۋامى..
بالىلارنى تېخىمۇ دۆتلەشتۈرىۋېتىدىغان ئالتە ئادەت پەرزەنىت تەربىيسى

بالىلارنى تېخىمۇ دۆتلەشتۈرىۋېتىدىغان ئالتە ئادەت

1. تېلېۋىزورغا بېرىلىپ كېتىش ئۆتكەن يىللارغا قارايدىغان بولساق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولىدىغىنى سوغۇققىنە تېلېۋىزور ۋە ئېلىكتىر مەھسۇلاتلىرى بولىۋاتىدۇ، بالىلارنى بېقىش ئۈچۈن تېلېۋىزور ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلىنىپ قالدى، تېلېۋىزور بىلىپ-بىلمەي ئائىلىدىكى «بالا باققۇچى»غا ئايلىنىپ قالدى. بالىلار سىرتقا چىقىپ ئوينايمەن دەپ جېدەل قىلغاندا ئۇلارغا تېلېۋىزورنى ئېچىپ بەرسەك ئۇلار تىنىچ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىدۇ، بالىلار تاماق يېگىلى ئۇنىمىغاندا، ئۇلارغا تېلېۋىزورنى ئېچىپ بەرسەك، بىر تەرەپتىن تېلېۋىزور كۆرگەچ تامىقىنى يەيدۇ، بالىلار تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەندە، ئاۋال تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولساڭ ئاندىن تېلېۋىزورنى ئېچىپ بېرىمەن دېسەكلا ئۇلار تاپشۇرۇقىنى...
داۋامى..
بالىلارغا سەككىز ئىشنى بالدۇر قىلغۇزماڭ پەرزەنىت تەربىيسى

بالىلارغا سەككىز ئىشنى بالدۇر قىلغۇزماڭ

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار بالا تەربىيەلەش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز «سۈرئەت ئاشۇرۇپ»، بالىنىڭ ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئېشىپ چۈشۈشى ئۈچۈن، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئامال بار بالدۇرراق بايقاشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە چوقۇم «مۇۋاپىق ياشتا مۇۋاپىق ئىش قىلدۇرۇش» قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغاندا، بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. بىر ياشتا مېڭىشنى ئۆگىتىش كېرەك. شاڭخەي شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ سۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىلاردىن بەك...
داۋامى..
بالىلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى ياخشىل بولالماسلىق كىمنىڭ خاتالىقى بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى ياخشىل بولالماسلىق كىمنىڭ خاتالىقى

بالىلار تۇغۇلۇپ ئۈچ ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدىكى ئالتۇن مەزگىل؛ بۇ بۆلەك مەزگىلدە، بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ يېتىلىشىنىڭ بوۋاققا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. لېكىن، 3-0ياش ئەتراپىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى بىر خىل ئاجىز مۇھىتتا تۇرىدىغان بولۇپ، بوۋاقتا ھەمىشە ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا، بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، زادى كىمنىڭ خاتالىقى؟ ئاتا-ئانىسى يامان كۆندۈرۈپ قويغاننىڭ ئىشىمۇ ياكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكتىن ئاشقازان ئۈچەينىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ قالغانمۇ؟ قانداق قىلغاندا، بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنى تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟ يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭ بولۇش  ...
داۋامى..