مۇھىم بولغان بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرى بالىلار ساغلاملىقى

مۇھىم بولغان بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرى

تۆۋەندە بىر قىسىم ئەپچىل بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. 1.بىر ياش ئىچىدىكى بالىلارنىڭ ئوڭدىسىغا يېتىشى ۋە ئۆمىلەپ ئوينىشى بوۋاقلارنىڭ ئوڭدا يېتىپ ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ، بوۋاق بالىلار ئويغاق ۋاقىتدا چوڭلارنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئۆمىلەپ ئوينىغاندا مۇسكۇللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 2.قىزىپ قېلىش يامان ئىش ئەمەس قىزىپ قېلىش بالىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا نىسبەتەن پايدىلىقتۇر، بالىلاردا قىزىش سەۋەبىدىن بىئاراملىق كۆرۈلگەندە ئۇلارغا قايناق سۇنى كۆپ ئىچكۈزۈش كېرەك، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 39 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارغا قىزىتمىسىنى ياندۇرىدىغان دورىلارنى يېگۈزۈش، قىزىتمىسى يانمىسا...
داۋامى..
بالىلاردا كالتسىي ئېغىر كەمچىل بولسا قانداق تولۇقلاش كېرەك بالىلار ساغلاملىقى

بالىلاردا كالتسىي ئېغىر كەمچىل بولسا قانداق تولۇقلاش كېرەك

كالتسىي بولسا ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ مىنېرال ماددا بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %1.5تىن %2.0تىنى ئىگەللەيدۇ. % 99 كالتسىي سۆڭەك ۋە چىشقا مەركەزلەشكەن . نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلاردا ئەگەر كالتسىي كەم بولسا، سۆڭەك بىلەن چىشنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بوۋاقلاردا كالتسىي كەم بولسا راخىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلاردا كالتىسىي كەملىك ئالامىتىنى بايقىغان ھامان، بالىغا چوقۇم ۋاقتىداكالتسىي تولۇقلاش كېرەك. كالتسىي تولۇقلاش مەھسۇلاتى كالتىسىي تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاتا-ئانىلار تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى بىر...
داۋامى..
بالىلارنىڭ بەدىنىدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ بەدىنىدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك

  ھەرىكەتتىن كېلىدىغان تەر ئاقىلىق ھۆللۈكنى ھەيدەش تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، مايسىز تائاملارنى مۇۋاپىق يەپ بېرىش نەم مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرماسلىق ھۆللۈكنى ھەيدەيدىغان يېمەكلىكلەر كۆممىقوناق : كۆممىقوناق تەركىبىدىكى ۋىتامىن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، گۈرۈچ، بۇغداينىڭ بەش ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە كېلىدۇ، ئالاھىدە سورتلۇق كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى كۆممىقوناققا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. تاتلىق كۆممىقۇناق تەركىبىدىكى ئاقسىل، ئۆسۈملۈك مېيى ۋە ۋىتامىن ئادەتتىكى كۆممىقۇناققا قارىغاندا بىر ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە، سېلېننىڭ مىقدارى سەككىز ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە يۇقىرى ، تەركىبىدىكى 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ئىچىدىكى 13خىلى...
داۋامى..
سىنىك بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بالىلارغا زىيانلىق بالىلار ساغلاملىقى

سىنىك بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بالىلارغا زىيانلىق

نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن سىنىكنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنىنى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بۇنى بىلمەيدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار سىنىك بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق دەپ قارايدۇ،لېكىن بۇ بىر خىل خاتا كۆز قاراش. سىنك خاراكتېرنى قوزغاتقۇچى ماددا ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر بالىلارغا قارىغۇلارچە سىنىك تولۇقلىغاندا، بالىلاردا جىنسىي يېتىلىش تېزلىشىپ، بويى پاكار بولۇپ قېلىش، پىسخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىپ، بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن سىنىك بالىلاردا ئەكس تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، قۇسۇش، كۆڭلى ئېلشىش، باش ئاغرىشتىن...
داۋامى..
بالىغا <دورا> بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزدىكى كېسەلنى بايقاڭ بالىلار ساغلاملىقى

بالىغا <دورا> بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزدىكى كېسەلنى بايقاڭ

بىر قانچە كۈن بۇرۇن تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا ئۇ قىزىغا:«ھازىر بۇنداق تۇرساڭ، كېيىن قانداق قىلارسەن؟» دېدى. ئۇنىڭ قىزى قورقۇنچاق، ئۆزىنى كەمستىدىغان بولغاچقا ھازىر چوپچوڭلا بولۇپ قالغان بولسىمۇ باشقىلارغا گەپ قىلغاندا يەنىلا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گەپ قىلاتتى. تۇغقىنىم كىچىكىدىن قىزىنى ئۆيىدە يالغۇز قويۇپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. قىزى كىچكىدىن باشلاپ ئۆزى يالغۇزيۈرۈپ، ئىچ مىجەز، توپقا ئارىلاشمايدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن. لېكىن ئۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭراق زىيانكەشلىك قىلغىنى باشلانغۇچتىكى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن. ئۇ ئوقۇتقۇچى ھەر قېتىم ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا نەتىجىسى ناچار ئوقۇغۇچىلارغا زەربە بېرىدىكەن، ھەمىشە...
داۋامى..
قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟ بالىلار ساغلاملىقى

قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟

ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يېتىلىشى تېز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئېغىر ئوقۇش بېسىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغانلىقتىن ئېنىرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بولغان ئېھتىياجى چوڭلاردىن خېلىلا كۆپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مەزگىل يەنە ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم دەۋر. بۇ مەزگىلدە شەكىللەنگەن ئادەت ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قويماستىن، بەلكى يەنە قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردا ياخشى يېمەك-ئىچمەك ۋە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرگەندە ئاندىن ئۇلارنىڭ ساغلام چوڭ...
داۋامى..
بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ بالىلار ساغلاملىقى

بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمالمۇ ياكى كېسەللىك بارمۇ يوق دېگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئاتا ئانىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، بەزى كېسەللىكلەرنى ئاسانلا بايقىۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن بەزى كېسەللىكلەر دەرھال بايقالمايدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەر مۇئەييەن جەريان ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە ئاستا ئاستا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر ئاتا ئانىلار تەپسىلىي كۆزەتمىسە ياكى كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى بىلمىسە، كېسەللىك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمال بولمىغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر تۆۋەندىكىچە: ئاڭلاش سېزىمى جەھەتتە: ئەتراپتا ئاۋاز بولسا، بالا ئاۋاز چىققان تەرەپكە دەرھال قارىمايدۇ، بالا ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا ياكى ناھايىتى تۆۋەن...
داۋامى..
سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق بالىلار ساغلاملىقى

سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق

دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلەر %16نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ نىسبەت يەنە بارغانسېرى يۇقىرىلاۋېتىپتۇ. بۇندا «بودەك» بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاسان كونترول قىلالماسلىقى، يۈرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى، ھەتتا راك كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا، گرېتسىيە ئافىنا داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن D سېمىز بالىلارنىڭ ئورۇقلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىلار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ياكى بالىلار سېمىز بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى كۈندىلىك...
داۋامى..
بالىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دورىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇڭ بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دورىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇڭ

بالىلارنىڭ شېكەر يالىتىلغان تابلىتىنى شېكەر دەپ خاتا ئىستېمال قىلىش ۋەقەسى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇماي، بالىلارغا دورا بەرگەندە ئۇسۇلى توغرا ئەمەس، مىقدارى توغرا ئەمەس. ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار بىپەرۋالىق قىلىپ دورىنى خاتا ئىچكۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. داۋالاش تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە، تۇرمۇش سۈپىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن، بالىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخمىلىنىشىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ۋە مېيىپ بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلىمەستىن، ئەكسىچە ئۆرلەپ، يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىم ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسىگە ئايلىنىپ، بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ...
داۋامى..
بالىلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى ياخشىل بولالماسلىق كىمنىڭ خاتالىقى بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى ياخشىل بولالماسلىق كىمنىڭ خاتالىقى

بالىلار تۇغۇلۇپ ئۈچ ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدىكى ئالتۇن مەزگىل؛ بۇ بۆلەك مەزگىلدە، بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ يېتىلىشىنىڭ بوۋاققا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. لېكىن، 3-0ياش ئەتراپىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى بىر خىل ئاجىز مۇھىتتا تۇرىدىغان بولۇپ، بوۋاقتا ھەمىشە ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا، بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، زادى كىمنىڭ خاتالىقى؟ ئاتا-ئانىسى يامان كۆندۈرۈپ قويغاننىڭ ئىشىمۇ ياكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكتىن ئاشقازان ئۈچەينىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ قالغانمۇ؟ قانداق قىلغاندا، بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنى تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟ يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭ بولۇش  ...
داۋامى..