سەككىز خىل سەۋەب قان بېسىمىنى تۇيدۇرماستىن ئۆرلىتىۋېتىدۇ يۇقىرى قان بىسم

سەككىز خىل سەۋەب قان بېسىمىنى تۇيدۇرماستىن ئۆرلىتىۋېتىدۇ

يۇقىرى قان بېسىم كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ ھازىر بارغانسېرى «ھىيلىگەرلىشىپ»، كىشىلەرگە شەپە چىقارماي ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى. يېقىندا، ئامېرىكا «ئالدىنى ئېلىش» ژۇرنىلى تورى تۇرمۇشتا يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەككىز خىل سەۋەبنى يەكۈنلەپ چىقتى. بىرىنچى، پىششىقلانغان قولايلىق يېمەكلىكلەرگە بەك تايىنىۋېلىش. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئادەم پىششىقلانغان يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىدىغان تۇز ئومۇمىي قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ %80ىنى ئىگىلىگەن. تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر يەيدىغان پىششىقلانغان يېمەكلىكلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. تەييار چۆپ، كولباسا، بولكا، ناشتىلىق ئارپا، بەرەڭگە ياپراقچىسى،...
داۋامى..
قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكەندە ئەقلى ئىقتىدار ئاجىزلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ يۇقىرى قان بىسم

قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكەندە ئەقلى ئىقتىدار ئاجىزلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

مەلۇم تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قان بېسىمى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولغاندا، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولغاندىن سىرت، ئەقلىي ئىقتىدار ئاجىزلاشنىڭمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. بۇ تۇنجى قېتىملىق تەجرىبە بىر خىل ئامالنىڭمۇ ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىزلاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، بۇرۇن كىشىلەر ئەقلىي ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خەت ئويۇنى، تېپىشماق تېپىش قاتارلىق مېڭىنى چېنىقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشى، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان نەرسىلەرنى يېيىشى، بىر مۇنچە ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئىدى. بۇ تەتقىقاتتا ئەڭ يۇقىرى قان بېسىمى 120 بولغان بىماردا ئەقلى توسالغۇلۇق كۆرۈلىشى ئەڭ يۇقىرى قان...
داۋامى..
يۇقىرى قان بېسىمنىڭ زىيىنىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك يۇقىرى قان بىسم

يۇقىرى قان بېسىمنىڭ زىيىنىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك

دۆلەتلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، ئېلىمىزدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %23 بولۇپ، تەخمىنەن بەش ئادەمنىڭ بىرىدىلا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار ئىكەن. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، پەقەت %14.5 كىشىلەرلا ياخشى كونترول قىلىپ كېتىدىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، %90كە يېقىن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئۆزىنىڭ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىكەن. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى يەنە «سۈكۈتتىكى جاللات» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇ خىل كېسەللىك تىمتاس ھالەتتىلا ئارتېرىيە ۋە يۈرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزا ۋە ئورگانىزملارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەگەر...
داۋامى..
تۇرمۇشتىكى قايسى ئادەتلەر قان تومۇر قېرىشىغا سەۋەب بولىدۇ؟ يۇقىرى قان بىسم

تۇرمۇشتىكى قايسى ئادەتلەر قان تومۇر قېرىشىغا سەۋەب بولىدۇ؟

1. مايلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق بولۇش: ئارتېرىيە قېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەتلىرىدىن ئارتېرىيە دىۋارى قېلىنلىشىش، قېتىش، ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىش قاتارلىقلار بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى تومۇر بوشلۇقى تارىيىپ كېتىدۇ. مايلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يەۋەتكەندە قان تومۇر دىۋارىدا كۆپ مىقداردا ماي ئولتۇرۇۋېلىپ ئارتېرىيە قېتىش ۋە باشقا يۈرەك، قان تومۇر كېسىلى پەيدا قىلىدۇ. 2. تۇزنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا: نورمال ئەھۋالدا يۈرەك قان تومۇر ئارقىلىق قان قويۇپ بەرگەندە ئازوت (II) ئوكسىد ھاسىل قىلىپ قان تومۇرلارنى يەڭگىللىتىپ، قاننى راۋانلاشتۇرىدۇ. يېمەكلىك تۇز ئازوت (II) ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە،...
داۋامى..
يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشى يۇقىرى قان بىسم

يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشى

يېمەك-ئىچمەك بىلەن يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋىتى بار. كەرەپشە، پىياز، سامساق، سەۋزە، چۇپۇرشاڭ، پالەك قاتارلىق كۆكتاتلار، دولانا، ئالما، ھالۋابىدىت، بانان، تاۋۇز، شاپتۇل، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە بەزى ئۆسۈملۈك خىمىيىلىك ماددىلىرى، مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىن بار بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بەلگىلىك رولى بار. تاماقنى تويۇپ يەۋېلىش ۋە تاتلىق يىمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ئاسانلا ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ، سېمىزلىك قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋىتىدۇ. يېمەكلىك ماي ۋە تۇزنى زىيادە ئىشلىتىش دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىدە ئورتاق ساقلىنىۋاتقان ئوزۇقلۇق مەسىلىسى. 2002- يىلى جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە...
داۋامى..
قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى يېگەندە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار يۇقىرى قان بىسم

قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى يېگەندە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

  نەگىلا قارايدىغان بولساق يۇقىرى قان بېسىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئېلانلارنى كۆرەلەيمىز، نەچچە يىلدىن بېرى سىز يۇقىرى قان بېسىم دورىسىنى توغرا يېدىڭىزمۇ ؟ بەزى كىشىلەر بىر خىل يۇقىرى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى نەچچە ئون يىل ئۈزۈلدۈرمەي يېسىمۇ قان بېسىمىنىڭ بۇرۇنقىدەك تۇرغانلىقىنى ۋە ياكى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يۇقىرى قان بېسىم دورىلىرىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇش ئىستېمال قىلمىغانلىق، لېكىن دورىنى ھەرگىزمۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ئالماشتۇرماسلىق، چوقۇم دوختۇرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئالماشتۇرۇش لازىم، يۇقىرى قان بېسىمغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى سوئال-جاۋاپقا قارايلى: سوئال : نېمىشقا يۇقىرى...
داۋامى..