ئاياللاردىكى قان ئازلىقنى يىمەكلىك ئارقىلىق قانداق تەڭشەيمىز! ئاياللار كېسەللىكى

ئاياللاردىكى قان ئازلىقنى يىمەكلىك ئارقىلىق قانداق تەڭشەيمىز!

قان ئازلىق بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، بولۇپمۇ ئاياللاردا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.  ئاياللاردىكى فىزىئولوگىيەلىك ھەم خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبلىك ئاسانلا قان ئازلىق يۈز بېرىدۇ.  بىرىنچىدىن، ھەيز قالايمىقانلىشىش قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.  بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئىقتىدار خاراكتېرلىك ھەيز قالايمىقانلىشىش؛ كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ئىقتىدار خاراكتېرلىك ھەيز قالايمىقانلىشىش؛ بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان ئاياللاردا دائىم ھەيز مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇش؛ يەنە ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي بېسىمى ئېغىر، خىزمەت رىتىمى تېز، ئائىلە مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولۇش قاتارلىقلار ئاياللاردىكى بەدەن ئىچكى ئاجراتمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ...
داۋامى..
ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە تەۋسىيىلەر پەرزەنىت تەربىيسى

ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە تەۋسىيىلەر

بۇ مەزگىلدە بالىغا كىتبۇ مەزگىلدە بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ. بالىنىڭ تەپەككۇر قىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بالا ھېكايىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىغا تېخىمۇ قىزىقىدىغان ۋە كىرىشىپ كېتىدىغان بولىدۇ، ھەمدە كىتابتىكى رەسىملەرنى چۈشىنىدىغان، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قاپىيىداش سۆز ۋە سۆز-ئىبارىلەرنى يادلىۋالىدىغان بولىدۇ. بالىڭىز 3 ياشقا توشقان ۋاقىتتا، ئۇ دائىم ئېلىپ بارىدىغان يېڭىلىقلارنى بايقاش جەريانىدىن ۋاقىتلىق ئارام ئېلىپ، سىز بىلەن بىللە بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇيدىغان بولىدۇ. ھەمدە بالىڭىزغا بۇنداق كىتاب ئوقۇش ئىشى...
داۋامى..
سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى ئىچكى كېسەللىكلەر

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى نۆۋەتتە ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ %80-%90دە بۇخىل سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى بارلىقى ئىستاتىستىكا قىلىنغان . كېسەللىك خاراكتېرى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن : 1) ئۇزە قەۋەتلىك ئاشقازان ياللۇغى 2) يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى←بەزىلەردە راكقا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. 3) قىلنلاش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى دەپ 3تۈرگە بۆلىنىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى ۋە مېخانىزىمى : ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئاسارىتىدىن پەيدا بولىدۇ. ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغى دەسلەپ قوزغالغاندا ئۇنىڭغا مۇناسىپ چارە -تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تەلتۆكۈس داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا كېلىپ چىقىدۇ. فىزىكا، خىمىيەلىك ئامىللارۋە يېمەك- ئىچمەك ئادىتى...
داۋامى..
مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 ئىش كۆپىيىش جىنسى ئەزا سېستىمىسى

مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 ئىش

مەزى بېزى ياللۇغى- بولسا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەزى بېزى ياللۇغلىنىپ، كىلىنىكىدا دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈكنىڭ ئالدى كەينىدە ئاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كېلىش ، جىنسى قابىلىيەت تۆۋەنلەش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ئىچىدە بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم بىمارلار مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتۈپ، ۋاقتىدا داۋالىنىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم بىمارلار بەدەن...
داۋامى..
بۆرەكنىڭ بەدەندىكى رولى… بىلىۋىلىڭ

بۆرەكنىڭ بەدەندىكى رولى…

بۆرەك بولسا سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا . شۇنداقلا ئورگانىزىمىڭ ئىچكى ماددا ئا لمىىشىش جەريانىنى كونترول قىلىپ ، شۇ ئارقىلىق ئىچكى مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ،ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرلىشىغا كاپالەتلىك قېىلىدۇ . بۆرەكنىڭ ئاساسلىق فىزىئولو گىيىلىك ئىقتىدارى تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك بولىدۇ . 1. سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىش رولى ؛بۆرەك سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ . 2. ماددا ئالماشتۇرۇش رولى :بۆرەك ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىدىن ھاسىل بولغان ماددىلارنى ۋە ئورگانىزمغا كىرگەن زىيانلىق ماددىلارنى ھەيدەپ چىقىرىدۇ . 3. كىسلاتا ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقنى...
داۋامى..
بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى شىپالىق رېتسىپلار

بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى

1. ھاۋا سوغۇق چاغلاردا قېلىن كىيىنىش، بەلگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئامال بار پوتا باغلىۋېلىش. 2. ھايۋانات بۆرىكىنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش. 3. زەيتۇن يېغى، قوينىڭ كونا دۈمبە يېغى، بۆرەك يېغى ئارقىلىق بەل ساھەسىنى ياغلاپ بېرىش. 4. زىيادە چارچاپ كەتكەندە تۈز يەردە بىردەم يېتىپ بېرىش، پات-پات بەل ساھەسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش. 5. ئارىلاپ-ئارىلاپ تۇخۇم ئارقىلىق بۆرەككە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە تۇخۇم ئىستېمال قىلىش. 6. سەۋزە، چامغۇر، ئەنجۈر، خورما، بانان قاتارلىق مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش، ئارىلاپ چامغۇر، سەۋزە سېلىنغان شورپا ئىچىپ...
داۋامى..
كۆپ ئىھتىلام بولۇش كۆپىيىش جىنسى ئەزا سېستىمىسى

كۆپ ئىھتىلام بولۇش

سەۋەبى:ئھتىلام بولۇش نورمال ئەھۋال،ئەمما ئۇنىڭ بىرلىك قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ.ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غەيرى تەبىئىي ئۆزگەرگەن خىلىتلارنىڭ جىنسى ئەزالارغا تەكرار تەسىر قىلىپ غىدىقلىشدىن پەيدا بولىدۇ. ئالامىتى:ھەر ئىككى-ئۈچ كۇندەبىر قېتىم،بەزى چاغلاردا كۇندەبىر قېتىم،ئېغىربولغانلىرىدا كۈندە ئىككى-ئۈچ قېتىم ئېھتىلام بۇلۇش يۇز بىرىدۇ.كېسەل ئۇخلاشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.سىيگەندە سۈيدۈك ئېچىشتۇرۇپ كېلىدۇ.بىماردا سۇسلۇق ۋەئاجىزلىق بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.ئۇيقۇسى كۆپ بولۇپ قالىدۇ.ئېغىر بولغاندائۇرۇقدان ئاغرىش پەيدا بولىدۇ.بىمارنىڭ بېلى ئاغرىيدۇ. ھۇرۇنلىشىپ قالىدۇ.خىيالىى چېچىلاڭغۇ بولۇپ قالىدۇ.ناھايىتى خىجىلچان بولۇپ قالىدۇ. داۋالاش:ئالدى بىلەن خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بېرىپ كېسەللىك ماددىلىرىنى سۈرۈپ چىقىرىپ...
داۋامى..
باھ ئاجىزلىقى كۆپىيىش جىنسى ئەزا سېستىمىسى

باھ ئاجىزلىقى

ئەر-ئاياللار بىرى-بىرى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش بىر تەبىئي ئىش بولۇپ، بۇنىڭ تولۇق مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن رەئىس ئەزالارنىڭ ساق ۋە ساغلام بولۇشى شەرتتۇر. رەئىس ئەزالار تۆت خىل بولىدۇ ؛ 1-يۈرەك؛ 2-مېڭە؛3-جىگەر، بۇ ئۈچى ھاياتلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتا ئەڭ مۇھىم ئەزالاردۇر،رەئىس ئەزانىڭ تۆتىنچىسى ئەر كىشىنىڭ ئەزاسى ۋە مەنىيلىك قاچىلىرى بولۇپ، بۇ پەقەتلا ئەر كىشىنىڭ ئەركەكلىك رولى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئەزادۇر . جىنسى قۇۋۋەتنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ . بىرىنچىسى: جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا بولغان شەھۋەت ۋە تەلەپ ئاجىز بولىدۇ . ئىككىنچى :...
داۋامى..
بۆرەك ئاجىزلىقى توغرىسىدا بەزى سەۋەپلەر كۆپىيىش جىنسى ئەزا سېستىمىسى

بۆرەك ئاجىزلىقى توغرىسىدا بەزى سەۋەپلەر

بۆرەك ئاجىزلىقى بەزىدە بىرەر مىزاجنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن ۋە كونترول قىلىش سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن، بەزىدە بۆرەكنىڭ ئۇرۇقلىغانلىقىدىن، بەزىدە بۆرەك كانالچىلىرى كېڭىيىپ كېتىش، تومۇر ئېغىزلىرى ئېچىلىش، قىيامى بوشاپ كېتىش قاتارلىقلاردىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىقى بۆرەككە مەخسۇس بولغان ئاجىزلىقتۇر. بۇ ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بۆرەك سۇ تەركىبىنى بۆرەككىچە قوشۇلۇپ كەلگەن قان تەركىبىدىن ئايرىشتىن ئاجىز كېلىدىغان ئاجىزلىقتۇر، بەزىدە تومۇرلار ساغلام بولىدۇ، بەزىدە ساغلام بولمايدۇ. بۆرەك ئاجىزلاشنىڭ سەۋەبى جىمانى كۆپ قىلىش، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ سىيىش، ئاتنى تەدرىجىي مىنىمەي بىراقلا ئۇزۇن ۋاقىت مىنىش ۋە بۆرەككە زىيان يەتكۈزدىغان ھەر...
داۋامى..
بۆرەك ئۇرۇقلاش كۆپىيىش جىنسى ئەزا سېستىمىسى

بۆرەك ئۇرۇقلاش

بۆرەك ئۇرۇقلاش تونۇش: بۆرەك ئۇرۇقلاش-بۆرەكنى قاپلاپ تۇرغان مايلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەش،ئۇرۇقلاش،ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. سەۋەبى: بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن بۇزۇلىشى ئۇزۇن داۋاملىشش، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق بولۇشى، سۈرگە ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن بۆرەكتە ئارتۇق ئىستىپراخ يۈز بېرىپ بۆرەك ياغلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ. ئالامىتى: مىزاج بۇزۇلغانلىق ئالامەتلەر ئېنىق كۆرۈلىدۇ. يەنى ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن بولغان بولسا تومۇرى تېز ئىنچىكە سالىدۇ. سۈيدۈكى قىزغۇچ سېرىق ،پۇراقلىق كېلىدۇ. بۆرەك ئۇدۇلى قىزىق...
داۋامى..
گال ئاغرىقىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش شىپالىق رېتسىپلار

گال ئاغرىقىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش

گېلىڭىز ئاغرىپ قالغاندا ،بىر قوشۇق جاڭيۇ بىلەن ئېغىزىڭىزنى غار –غار قىلىپ بىر مىنۇت ئەتراپىدا چايقىسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرىسىز ،ئەگەر بىر قېتىمدا ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە يۇقىرقىدەك ئۇسۇلنى كۈنىگە ئۈچ –تۆت قېتىم تەكرارلىسىڭىز ئاغرىق توختايدۇ . گال ئاغرىش ،ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش ،گالدىكى شىللىق پەردىلەرگە قان تولۇشتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى سېزىلگەندە ،سېرىق ھېلىلىنى سوقۇپ ،ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈپ ،ئازراق تۇز قوشۇلغان قايناق سۇ بىلەن يېرىم گىرام (بىر چىمدىم )دىن كۈنىگە ئۈچ ۋاق ئىچىپ بەرسىڭىز ،كېسىلىڭىز شىپا تاپىدۇ. گېلىڭىز ئاغرىپ قالسا ،ئىككى قۇلاقنىڭ ئۇچىنى ئىككى قول بىلەن چىڭ تۇتۇپ...
داۋامى..
بۇرۇننى ئۇۋۇلاپ بەرسە ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ساغلاملىق بىلىملىرى

بۇرۇننى ئۇۋۇلاپ بەرسە ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، جۇڭيى تېبابىتىدە بۇرۇن نەپەسلىنىش يولىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى ئىشىك دەپ قارىلىدىكەن . ئىقتىدار جەھەتتىن ئېيتقاندا ، بۇرۇن ھەم نەپەسلىنىش يولىنىڭ كىرىش -چىقىش ئېغىزى ، ھەم كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكروب ، چاڭ – توزان قاتارلىقلار كىرىدىغان 1- مۇداپىئە سېپى بولغاچقا ، قىش پەسلىدە بۇرۇن ساغلاملىقى ، بۇرۇننى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدىكەن . ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق شىللىق پەردىنىڭ ئاجرالما ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ نەملىكىنى ساقلىسا ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش...
داۋامى..
سوغۇقتىن بولغان يۆتەل ئىچكى كېسەللىكلەر

سوغۇقتىن بولغان يۆتەل

تۇنۇش : سوغۇقتىن بولغان يۆتەل-غەيرى تەبىئىي  بەلغەم ۋە سوغۇقتا قېلىش،  سوغۇق تەبىئەتلىك غىزا ۋە دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كاناي ۋە كاناي شاخچىلىرىغا سوغۇق ئۆتكۈزىۋىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كىلىنكىدا سوزۇلما ھالەتتە يۆتۈلۈش، بەلغەم تۈكۈرۈش، يۈز تېرىسى ئاق رەڭدە ياكى كۆككە مايىل بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت . سەۋەبى: بۇخىل يۆتەلنىڭ سەۋەبى ئاساسەن ئىسسىقتىن بولغان زۇكامنىڭ سەۋەپلىرىگە ئوخشاش ئامىلاردىن تاشقىرى ئۆزگىرىشى تەسىرىدىن ۋە ئوزۇقلىنىشنىڭ   مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن بەدەن مىجەزى بولۇپمۇ ئۆپكە ۋە ئۆپكىگە مەنسۇپ ئەزالارنىڭ  مىجەزى سوغۇق ھالەتكە ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن...
داۋامى..
نېمىشقا بۇرۇننىڭ بىر تەرىپى دائىم پۈتۈپ قالىدۇ؟ بىلىۋىلىڭ

نېمىشقا بۇرۇننىڭ بىر تەرىپى دائىم پۈتۈپ قالىدۇ؟

زۇكامداپ قالغاندا بۇرنىمىز دائىم پۈتۈپ قالىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسلەر بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بەردى: بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى بۇرۇننىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت مېخانىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئايلىنىشى مۇستەقىل بولىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى مۇستەقىل نېرۋىلار سىستېمىسى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئالمىشىپ خىزمەت قىلىش جەريانىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىكەن. شۇنداقلا بۇ سىستېما يەنە ھەزىم قىلىش ۋە يۈرەك ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك فۇنكسىيەنى تەڭشەپ تۇرىدىكەن. بۇرۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇستەقىل نېرۋىلار سىستېمىسى بۇرۇن بوشلۇقى ئايلىنىشىنى تەڭشەپ، بۇرنىمىزنى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرىدىكەن. ئامېرىكا بالىلار بۆلۈمى دوختۇرى، مەخسۇس تېببىي يازغۇچىسى جېنىففېر...
داۋامى..
يۆتەلنى داۋالايدىغان رېتسىپلا شىپالىق رېتسىپلار

يۆتەلنى داۋالايدىغان رېتسىپلا

يۆتەلنى داۋالايدىغان رېتسىپلا 1. خۇرۇچى:تۇخۇم ئىككى تال،ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق مىقداردا. ياساش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى ئاچچىقسۇ بىلەن قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى:يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە بىر-ئىككى قېتىم تۇخۇمى ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2. خۇرۇچى: ئاچچىقسۇ 600 مىللىلېتىر، تۇخۇم ئىككى دانە. ياساش ئۇسۇلى: ئاچچىقسۇدا تۇخۇمنى پىشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى:بەلغەم بوشىتىدۇ،يۆتەل توختىتىدۇ،سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى:بىر تالدىن بىر ئايغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3. خۇرۇچى:يېڭى زەنجىۋىل 30 گىرام،قارا شېكەر 15 گىرام،رەيھان 10 گىرام. ياساش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ،توغراپ،ئاندىن رەيھاننى پاكىز يۇيۇپ، بىرلىكتە ئىستاكانغا سېلىپ،ئۈستىگە200~300 مىللىلىتېرقايناق...
داۋامى..
ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر شىپالىق رېتسىپلار

ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر

ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر ئۆپكە پۈتۈن چاڭ توزان مىكروبلارنى سۈمۈرىدۇ، شۇڭا ئۆپكىنى ئاسىرا ش ئىنتايىن مۇھىم ، تۆۋەندە ئۆپكىنى ئاسىرايىدىغان ، ئۆپكىگە پايدىلىق بولغان بىرقانچە يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، 1. نەشپۈت نەشپۈت بولسا يېيىشلىك ھەم سۇلۇق، تەركىبىدە %85 سۇ بار، تاتلىق چۈچۈمەل تەملىك، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋېتامىن ۋە كالتسىي، سىنك، تۈمۈر، يود قاتارلىق مىكرو ئېلىمىنىتلار بار ، شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن مېۋىلەرنىڭ بىرى، كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق ، نەملىك مىقدارى تۆۋەن، ئەگەر ھەر كۈنى بىر تال نەشپۈت يېيشىنى داۋاملاشتۇرغاندا قۇرۇق ئىسسىقنى...
داۋامى..
زۇكام بولغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ساغلاملىق بىلىملىرى

زۇكام بولغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

زۇكام بولغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟زۇكام بولغاندىن كېيىن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بولمايدۇ. زۇكام ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. ئادەم زۇكام بولغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىسى ئېشىپ كېتىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ يۇتۇش رولى، ئانتىتېلا ھاسىل بولۇش، جىگەر، ئۈچەينىڭ زەھەرنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەن ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىشمۇ كۈچىيىپ، توقۇلمىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە ئورگانىزمنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىۋېتىدۇ. بۇنداق چاغدا بەدەن چېنىقتۇرغاندا، بەدەن ئىچىدە پەيدا بولىدىغان ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، بۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ،...
داۋامى..
ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ئىچكى كېسەللىكلەر

ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل

ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل تونۇش ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل-ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كىلىنىكىدا،يۆتىلىش،يۇز كۆزلىرى قىزىرىش،ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. سەۋەبى ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش ھاۋاسى ئىسسىق جايلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەپەس يوللىرى خۇسۇسەن كاناي شاخچىلىرى ۋە ئۇششاق شاخچىلارغا تەسىر قىلىپ يۆتەلنى پەيدا قىلىدۇ. ئالامىتى ئىچكى ئەزاسى قىزرىىپ ئېچىشش،ئۇسسۇلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، سوغۇق ھاۋادىن راھەتلىنىدۇ. ئاغرىشتىن ئىلگىرى ئىسسىقلىق يۇقىرى تاماق ياكى ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەكلەرنى كۆپلەپ ئىستېمال...
داۋامى..
يۆتەل ئۈچۈن شىپالىق رېتسىپلار شىپالىق رېتسىپلار

يۆتەل ئۈچۈن شىپالىق رېتسىپلار

10گرام زىغىرنى سارغايتىپ ئېزىپ، ئۇنى 24 گىرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، سوزۇلما يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. 2. ئىككى گىرام پىندۇق مېغىزىنى ئېزىپ، ھەسەل سۈيى بىلەن بىرگە ئېستېمال قىلسا يۆتەلگە شىپا بولىدۇ. 3. 18 دانە ئەينۇلانى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە، باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يۆتەل شىپا بولىدۇ. 4. 16 گىرام ئاق لەيلى ئۇرۇقىنى قايناق سۇغا چىلاپ لوئابىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارا شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ئۈچۈن شىپا بولىدۇ. 5. پالەكنى سېرىقمايدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، يۆتەل، گال ۋە كۆكرەك يىرىڭلاشقا...
داۋامى..
سۆڭەك ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ داۋالاش تاشقى كېسەللىكلەر

سۆڭەك ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ داۋالاش

سۆڭەك ئۆسمىسى سۆڭەك توقۇلما ھۈجەيرىلىرى ۋە ئەتراپتىكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرى بەلگىلىك ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ئۆزگىرىپ شەكىللەنگەن راك ھۈجەيرىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. سۆڭەك ئۆسمىسى ئۆزىنىڭ ئۈسۈش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ياخشى سۈپەتلىك ۋە يامان سۈپەتلىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ياخشى سۈپەتلىك سۆڭەك ئۆسمىسى يامان سۈپەتلىك سۆڭەك ئۆسمىسىگە قارىغاندا كۆپ بولۇپ، كۆپىنچە ياشلاردا بولۇپ 10 ياشتىن 30 ياش ئارلىقىدا يوتا سۆڭەك ۋە پاقالچاق سۆڭەكتە پەيدا بولىدۇ، ياخشى سۈپەتلىك سۆڭەك ئۆسمىسى ئىچىدە كۈمۈرچەك ئۆسمىسى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. يامان سۈپەتلىك سۆڭەك ئۆسمىسى ئىچىدە سۆڭەك ساركومىسى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. سۆڭەك...
داۋامى..
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ساغلاملىق بىلىملىرى

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار

زورۇقۇش. ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغاندا ئاسانلا بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. ستاتستىكىغا ئاساسلانغاندا، 30 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى، بېشىنى ئىگىپ خىزمەت قىلىدىغانلار ئىكەن. بويۇن سىرتقى زەخمىسى. %50 يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى بويۇننىڭ سىرتقى زەخمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىر قىسىم بىمارلار بويۇن ئومۇرتقىسى سۆڭىكى ئۆسۈپ قېلىش، بويۇن ئومۇرتقا ئارقىلىق تەخسىسى چىقىپ قېلىش، ئومۇرتقا نەيچىسىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ كېسەل ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار بويۇن نەيچىسى كىرتىك تارىيىش ھالىتىدە تۇرۇش ۋە بويۇن سىرتقى زەخمىسى قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدۇ. ناچار قىياپەت....
داۋامى..
بەل ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش تاشقى كېسەللىكلەر

بەل ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش

تونۇش :ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەل ئومۇرتقا تېنى ئۆسۈپ ،ئومۇرتقا ئارىلىق نېرۋىلىرى ۋە قان تومۇرلىرى بېسىمغا ئۇچراپ ،كىلېنكىدا بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش ،بېسىلىش سېزىمى بولۇش ، ھەرىكىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراش ،پۇتلار نىڭ سېزىمى سۇس بولۇش ، ئۇيۇشۇش ،پۇتىنى كۆتۈرۈش سىنىقى ئىشلىگەندە تارتىشقاندەك ئاغرىش سېزىمى بولۇش ،ئېغىر بولغۇچىلاردا يىگلەش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكىدىن ئىبارەت . دىياگنوز ئاساسى 1) تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن بەل ساھەسى ئاغرىش ، ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ، تۆۋەنكى مۆچە سىرقىراپ ياكى يىپ تارتىپ ئاغرىش بولۇش . 2) سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش...
داۋامى..
سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىنىڭ غىزايى داۋالىرى شىپالىق رېتسىپلار

سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىنىڭ غىزايى داۋالىرى

1. بۆرەك شورپىسى ماتېرىيالى: يېڭى سويۇلغان قوي سۆڭىكى g500 ، قوي بۆرىكى بىر جۈپ تەييارلاش ۋە ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى : قوي سۆڭىكىنى پاكىزلاپ،پارچىلاپ ئېزىپ ، قوي بۆرىكى بىلەن بىرگە كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈكلىرنى ئېلىۋېتىپ ،ھۆل زەنجىۋىل ،غول پىياز ، تۇز سېلىپ يەنە 1-2 سائەت قاينىتىلىدۇ، شورپىسى قويۇلغاندا ئوتنى ئۆچۇرۇپ ، شورپىنى ئىچىپ بۆرەكنى يېسە بولىدۇ . رولى :بۆرەك ۋە ئۇستىخاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، پەينى چىڭىتىدۇ، كالتسىي تولۇقلايدۇ، ئاساسلىقى بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان سۆڭەك شالاڭلىشىشنى داۋالايدۇ، ياشانغانلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بەل- پۇت ئاغرىقى، سۇنۇق،پۇت-قول ئىسسىماسلىق،...
داۋامى..
7 خىل كىشىلەر ئاسانلا سۆڭەڭ شالاڭلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ تاشقى كېسەللىكلەر

7 خىل كىشىلەر ئاسانلا سۆڭەڭ شالاڭلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ

7 خىل كىشىلەر ئاسانلا سۆڭەڭ شالاڭلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ سۆڭەك شالاڭشىش بولسا كۆپ خىل ئامىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل سۆڭەك كېسەللىكى. كالتسىي بىلەن ئاساسىي ئىلمىنىتلارنىڭ نىسبىتىنىڭ نورمال بولماسلىقى شۇنىڭدەك سۆڭەك ئىچىدىكى توقۇلمىلارنىڭ مىتابولىزىمى ئازلاپ كېتىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدۇ. سۆڭەك توقۇلمىسىنىڭ ئازلاپ كېتىشى سەۋەبلىك سۆڭەك ئاغرىش، سۇنۇش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ تىپىك ئالامىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۆڭەك شالاڭشىشى كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلار تۆۋەندىكى يەتتە خىل كىشىلەردۇر: 1.يېقىن تۇغقانلىرى 50 ياشتىن ئىلگىرى ياكى ھەيزدىن توختاشتىن ئىلگىرى سۆڭەك شالاڭشىشغا گىرىپتار بولغان...
داۋامى..
بەل ئۇمۇرتقا پۇلتىيىپ چىقىش بىمارلىرىنىڭ قىشتا 4 تۈرلۈك كۈتۈنۈش تاشقى كېسەللىكلەر

بەل ئۇمۇرتقا پۇلتىيىپ چىقىش بىمارلىرىنىڭ قىشتا 4 تۈرلۈك كۈتۈنۈش

ھەر يىلىنىڭ قىش پەسلى بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى بىر قەدەر كۆپ قوزغىلىدىغان پەسىل. چۈنكى قىش پەسىلىدە ھاۋا سوغۇق، تېپىراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلىقتىن، بەل قىسىم مۇسكۇللىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش ۋە مۇسكۇل جىددىيلىكى كۆرۈلۈپ، بەل ئۇمۇرتقىسىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ-دە، بەل ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلى قوزغىلىدۇ. سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئىسسىنىش تەدبىرىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك. قىش پەسىلىدە ھاۋا تېمپىراتۇرىسىنىڭ ئالمىشىشى بىر قەدەر كۆپ، بەل ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلى بىمارلىرى چوقۇم سوغۇقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ئالدىن...
داۋامى..
بەل چىم بولۇپ كېتىشنى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش تاشقى كېسەللىكلەر

بەل چىم بولۇپ كېتىشنى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش

بۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ، جىسمانىي ئەمگەك ۋە تەنتەربىيە بىلەن كۆپ شوغۇللىنىدىغانلاردا كۆپرەك ئۇچرايدىغان ، ئېغىر نەرسىلەرنى كۈچەپ كۆتۈرگەندە ، بەدەن ھالىتىنىڭ تۈز بولماسلىقى، ئومۇرتقىسى ئېگىلگەن ھالەتتە تۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەل توققۇز كۆز بوغۇمى، توققۇز كۆز يانپاش بوغۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇل تارىمۇشلارنىڭ زەخىملىنىشىدىن بەل ئاغرىش، يۆتەلگەن ، چۈشكۈرگەندە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىش، ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ تەسىرى بولماسلىق، ئاغرىق سەۋەبىدىن ھەرىكەت قىلالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بەلدىكى چىمنى ئوڭشىغاندىن كېيىن، يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنىڭ ھالىتىنى ئەسلىگە...
داۋامى..
ھەرىكەت بىلەن يېمەكلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ساغلاملىق بىلىملىرى

ھەرىكەت بىلەن يېمەكلىكنىڭ مۇناسىۋىتى

سۆڭەك- بوغۇم ياللۇغى ياشانغانلارنى مېيىپ قىلىپ قويىدىغان قاتىل. گەرچە بۇ كېسەللىك سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، بىراق ياشانغان، سېمىز، زىيادە كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغان، مېتابولىزمى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان كىشىلەر ئاسانلا سۆڭەك-بوغۇم كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. سۆڭەك-بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى سۆڭەك-بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرى كۈندىلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا چېنىقىشتىن ۋاز كەچسە بولمايدۇ، مۇۋاپىق چېنىقىشنىڭ تىز بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار. تىز بوغۇمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش: ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، پۇتنى يەنە بىر ئوخشاش ئېگىزلىكتىكى ئورۇندۇققا قويۇپ، ئېگىلگەن...
داۋامى..
پۇت قول مۇزلاشنى ياخشىلاشنىڭ 7 چارىسى ساغلاملىق بىلىملىرى

پۇت قول مۇزلاشنى ياخشىلاشنىڭ 7 چارىسى

. بەدەننى ئىسسىق ساقلاش تېشى پال-پال ئىچى غال-غال بولسا بولمايدۇ. تۆۋەنكى بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۆۋەنكى بەدەن ئىللىق بولغاندا پۈتۈن بەدەن ئىللىق ھېس قىلىدۇ. زىيادە تار كىيىملەرنى كەيمەسلىك كېرەك. تار كىيىملەر قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئاخشىمى ئىسسىق سۇ بىلەن پۇتنى يۇيۇش كېرەك. پۇت ئىسسىق بولغاندا تېخىمۇ ئاسان ئۇخلىغىلى بولىدۇ. 2. كۆپ ھەرىكەت قىلىش ئەتىگەن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندا بەدەندىكى قان ئايلىنىش ۋە مېتابولىزىم كۈچلىنىپ پۈتۈن بىر كۈن روھلۇق بولىدۇ ۋە توڭلىمايدۇ. ئاددىغىنە پەلەمپەيگە چىقىش، ئورۇندا تورۇپ سەكرەش قاتارلىق ھەركەتلەر...
داۋامى..
بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى يۈرىشىپ كېتىش تاشقى كېسەللىكلەر

بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى يۈرىشىپ كېتىش

بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى يۈرىشىپ كېتىش تونۇش؛ ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى يېرىلىپ ، ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ئەتراپقا سىرغىپ چىقىپ ئومۇرتقا ئارىلىق نېرۋىلىرى ۋە قان تومۇرلىرى بېسىمغا ئۇچراپ ،كىلنىكىدا بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش ،بېسلىش سېزىمى بولۇش ، ھەرىكىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراش ،تۆۋەنكى مۈچىنىىڭ سېزىمى سۇس بولۇش ، ئۇيۇشۇش ،پۇتىنى كۆتۈرۈش سىنىقى ئىشلىگەندە تارتىشقاندەك ئاغرىش سېزىمى بولۇش ،ئېغىر بولغۇچىلاردا يېگىلەش بىلەن ئىپادىلىنغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكدىن ئىبارەت . بۇخىل كېسەللىك ئاساسەن ياشانغانلاردا ھەم ياشلاردا ،ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە،مىزاج جەھەتتىن ھۆل –...
داۋامى..
بۇ بىر نەچچە خىل ۋىتامىننى خالىغانچە تولۇقلاشقا بولمايدۇ بىلىۋىلىڭ

بۇ بىر نەچچە خىل ۋىتامىننى خالىغانچە تولۇقلاشقا بولمايدۇ

بۇ بىر نەچچە خىل ۋىتامىننى خالىغانچە تولۇقلاشقا بولمايدۇ ھازىرقى تېز رېتىمدىكى تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرماقتا، كىشىلەرمۇ بارغانسېرى تەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ۋىتامىن تولۇقلاشمۇ دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى، لېكىن ۋىتامىنلار شېكەر، پۇرچاق ئەمەس، ئوخشىمىغان ۋىتامىنلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بار، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش كېرەك، ئارتۇق تولۇقلىسا ئەكسىچە ياخشى بولمايدۇ. ۋىتامىننىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان رولى ۋىتامىن ۋە ئاقسىل، ياغ، قەنتلەر، سۇ، ئانورگانىك تۇز قاتارلىقلار ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن كەمچىل بولغاندا،...
داۋامى..