قورساق پەردە ياللۇغى ئىچكى كېسەللىكلەر

قورساق پەردە ياللۇغى

تونۇش: قورساق پەردە ياللۇغى ھەرخىل جاراسىملارنىڭ بىۋاستە ياكى لىمفا ئارقىلىق قورساق پەردىسىگە يامرىشىدىن، بىماردا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش، قورساق مۇسكۇلىدا كۈچلۈك سىپازما پەيدا بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. سەۋەبى: ھەرخىل سەۋەبلەردىن كۆرۈلىدىغان ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ تېشىلىشى، ئۆت خالتىسى، ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغلىرىنىڭ يېرىلىشى، ئۈچەي ياللۇغلىرى، ئۈچەي سىلى، قورساقنىڭ ھەرخىل زەخىملىنىشلىرى ۋە ئوپېراتسىيە مەشغۇلاتىنىڭ توغرا بولماسلىقى، يېقىلىش، قورساقنىڭ بېسلىق بۇيۇملاردا كېسىلىپ كېتىشى ھەمدە مىخ كىرىپ كېتىش قاتارلىق بىۋاستە ئامىللار تەسىرىدىن قورساق...
داۋامى..
سەككىز خىل سەۋەب قان بېسىمىنى تۇيدۇرماستىن ئۆرلىتىۋېتىدۇ يۇقىرى قان بىسم

سەككىز خىل سەۋەب قان بېسىمىنى تۇيدۇرماستىن ئۆرلىتىۋېتىدۇ

يۇقىرى قان بېسىم كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ ھازىر بارغانسېرى «ھىيلىگەرلىشىپ»، كىشىلەرگە شەپە چىقارماي ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى. يېقىندا، ئامېرىكا «ئالدىنى ئېلىش» ژۇرنىلى تورى تۇرمۇشتا يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەككىز خىل سەۋەبنى يەكۈنلەپ چىقتى. بىرىنچى، پىششىقلانغان قولايلىق يېمەكلىكلەرگە بەك تايىنىۋېلىش. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئادەم پىششىقلانغان يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىدىغان تۇز ئومۇمىي قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ %80ىنى ئىگىلىگەن. تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر يەيدىغان پىششىقلانغان يېمەكلىكلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. تەييار چۆپ، كولباسا، بولكا، ناشتىلىق ئارپا، بەرەڭگە ياپراقچىسى،...
داۋامى..
ئاشقازان ئاغرىش ئىچكى كېسەللىكلەر

ئاشقازان ئاغرىش

تونۇش: ئاشقازان ئاغرىش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان، بىماردا كۆپىنچە كېچىسى ئاشقازان سانجىلىپ ئاغرىش، تاماق ئىستېمال قىلغاندا ئاغرىق پەسىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. سەۋەبى: ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلاپ كېتىش، ياش ئاياللاردا ھەيز توختاپ قېلىش ياكى ھېستىرىيە كېسەللىكى پەيدا بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەزىم بۇزۇلۇش، قېنىق چاي ۋە ھاراقنى كۆپ ئىچىش، ھەرىكەت قىلماسلىق ھەمدە كۆپ ئويلاش، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىشلەردىنمۇ كۆرۈلىدۇ. بەزگەك كېسەللىكىنىڭ ئوفۇنەتلىك ماددىلىرى، كىچىك بوغۇملار ئاغرىقىنىڭ ئاسارەتلىرى قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ...
داۋامى..
جىگەر ئاغرىسا ئاگاھ بولۇڭ ئىچكى كېسەللىكلەر

جىگەر ئاغرىسا ئاگاھ بولۇڭ

تونۇش: جىگەر ئاغرىقى بولسا جىگەرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان ، كىلىنىكىدا جىگەر ساھەسى يېقىمسىزلىنىش ۋە ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. سەۋەبى: جىگەر مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى ،جىگەردە قاتتىق ئىششىق شەكىللىنىش، جىگەرگە يەل يىغىلىش ، جىگەر زەخىملىنىش، جىگەردە ئۇششاق تاش پەيدا بولۇش، جىگەر قېتىش، بوھران كۈنلىرىدە خىلىتلانىڭ ھەرىكەت قىلىشى، جىگەر ئاجىزلىقى، جىگەر مودۇر- چاقىلىرى سەۋەبىدىن بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. تەكشۈرۈش: ئەگەر جىگەر ساھەسىدە ئاغرىق بولۇپ قىزىتما بولمىسا ، بۇ يەلدىن بولغان جىگەر ئاغرىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئاغرىش بۆھران كۈنلىرىدە يۈز بەرسە، بۇ بۆھران كۈنلىرىدە...
داۋامى..
ئۆت ياللۇغىنىڭ ئاددىي داۋاسى شىپالىق رېتسىپلار

ئۆت ياللۇغىنىڭ ئاددىي داۋاسى

  ئۆت ياللۇغىنىڭ ئاددىي داۋاسى ئۆت ياللۇغى خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئۆت خالتا شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىقىپ، يۇقىرى قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى قورساق ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر ئۆت ياللۇغى توغرا داۋالاپ ساقايتىلمىسا، سوزۇلما ئۆت خالتا ياللۇغىغا ئايلىنىپ، ياغلىق تاماقلارنى يېگەندە يۇقىرىقى ئالامەتلەر تەكرارلىنىش بىلەن بىرگە قۇسۇش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئۆت ياللۇغى بولغان بىمارلار تۇخۇم، گۆش، ماي، كۈچلۈك تاماقلاردىن، يەللىك، ئاسان سىڭمەيدىغان غىزالاردىن پەرھىز قىلىش كېرەك. ئۆت ياللۇغى بىمارلىرىغا ئۇيغۇر تېبابەت ياسالمىلىرىدىن...
داۋامى..
سەمىرىپ كېتىش ئىچكى كېسەللىكلەر

سەمىرىپ كېتىش

ئادەم بەك سەمرىپ كەتكەندە نورمال تۇرمۇش، جىسمانىي ھەرىكەت ۋە خىزمەتلەرگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.ئىنتايىن بەك سەمرىپ كەتكەن كىشىلەر ھامان بەزى خەتەرلىك كېسەللىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پېشقەدەم ھۆكۈمالار پەۋقۇلاددە سېمىزلىكتە كۆپىنچە ھاللاردا ياخشىلىق يوق، دەپ قارايدۇ. سەۋەبى 1 . بەزى كىشىلەر تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولغانلىقتىن داۋاملىق ھالدا گۆشلۈك ۋە ئوزۇقلۇقى يۇقىرى بولغان نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئارتۇقچە ھەرىكەت قىلماي ئارام ئېلىش، ئۇخلاش ۋە سۇيۇقلۇقلارنى كۆپ ئېچىش قاتارلىقلاردىن مىزاجى ئۆزگىرىپ بارا –...
داۋامى..
ھەسەل سۈيىنىڭ شىپالىق رولى شىپالىق رېتسىپلار

ھەسەل سۈيىنىڭ شىپالىق رولى

ھەسەل سۈيىنىڭ شىپالىق رولى تەييارلاش ئۇسۇلى: ساپ يەرلىك ھەسەل بىر ھەسسە، ساپ يامغۇر سۈيى ياكى ساپ ئادەتتىكى سۇدىن ئىككى ھەسسە ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، كۆپىكى ئېلىنىدۇ. يېرىمدىن كۆپرەك قالغاندا ئېلىپ سۈزۈپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ”ساددە ھەسەل سۈيى“ دېيىلىدۇ. كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپمۇ تەييارلىندۇ. بۇ ”مۇرەككەپ ھەسەل سۈيى“ دېيىلىدۇ. ئاددىي تەييارلاش ئۇسۇلى: ساپ يەرلىك ھەسەلنى سۇس ئوتتا قاينىتىپ كۆپىكىنى ئېلىنىدۇ(بۇ چەككىلەنگەن ھەسەل دېيىلىدۇ) چەككىلەنگەن ھەسەلگە مۇۋاپىق مىقتاردا قايناق سۇ قويۇپ تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ. تەبىئىتى: ھۆل ئسىىىق. خۇسۇسىيىتى: بەدەننى پارقىرىتىش،...
داۋامى..
ئەنجۈر بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدىكەن ساغلاملىق بىلىملىرى

ئەنجۈر بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدىكەن

ئەنجۈر ۋە ئەنجۈر يوپۇرمىقىنىڭ بوۋاسىرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بار بولۇپ، بوۋاسىر بىمارلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ زەھەر ياندۇرۇپ، ئىششىق ۋە ئاغرىقنى توختىتىش رولى بار.تېببىي قامۇسلاردا خاتىرلىنىشچە، ئەنجۈرنىڭ تال، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ئۈچەي ۋە تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار ئىكەن، ئاشقازاننىڭ ھۆل ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى، بولۇپمۇ ھۆل ئىسسىقتىن بولغان قەۋزىيەتنى داۋالايدىكەن. چۈنكى بوۋاسىر ھۆل ئىسسىق پەيدا قىلغان مەقئەت كېسەللىكى بولۇپ، قەۋزىيەت بولغاندا قوزغىلىدۇ.كونكرېت ئۇسۇلى: پىشقان ئەنجۈردىن تۆتتىن ئالتىگىچە تەييارلاپ پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى ئېلىۋېتىپ قازانغا سالىمىز، ئۈستىگە 20 گىرام قەنت ۋە 1000 مىللىلىتىر...
داۋامى..
ئاشقازان ۋەئۇنى ئاسراش ساغلاملىق بىلىملىرى

ئاشقازان ۋەئۇنى ئاسراش

ئاشقازان ۋەئۇنى ئاسراش ئاشقازان ھەزىم قىلىش يولىنىڭ چوڭايغان قىسمى بولۇپ، خالتىسىمان بولىدۇ. ئاشقازاننڭ يۇقىرى كىرىش ئېغىزى قىزىلۆڭگەچ بىلەن، تۆۋەنكى چىقىش ئېغىزى ئون ئككى بارماق ئۈچەي بىلەن تۇتىشىدۇ. ئىچكى قىسىمدا پۈرمىلەر بولىدۇ. ئاشقازان تاماق بىلەن تولغاندا پۈرمىلەر يوقىلىدۇ. ئاشقازان شىللىق پەردىللىرىدە نۇرغۇنلىغان بەزلەر بولۇپ، بۇلار ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان سىرتقى يۈزى سىلىق بولىدۇ. ئاشقازان مىزاجى ھۆل سوغۇق، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ۋە لۆمىلدىمە ھەرىكىتى ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جەريان تۆۋەندىكىدەك ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئاشقازاندىكى...
داۋامى..
ھەسەلنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرى شىپالىق رېتسىپلار

ھەسەلنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرى

ھەسەلنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرى ھەسەلنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرى ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان تەبىئىي ھەسەل كۆنەكتە پىشىپ ۋايىغا يەتسە دورىلىق ۋە ئوزۇقلۇق ئۈنۈمى يۇقىرىلاپ تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەت مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ: 1. ئاشقازان ئاستى بېزى خىزمىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قۇۋۋەت ساقلاشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇقى بولۇپ جىگەر،تالنىڭ تەبىئىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تولۇقلىنىدۇ . 2. قاننى ساپلاشتۇرۇپ يۈرەك، مېڭىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ قاننى جانلاشدۇرۇش ئارقىلىق يۈرەك ،مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، ۋە شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش، زېھنىي قۇۋۋىتى...
داۋامى..
ناشتا قىلمىغاندا پەيدا بۇلىدىغان كىسەللىكلەر ساغلاملىق بىلىملىرى

ناشتا قىلمىغاندا پەيدا بۇلىدىغان كىسەللىكلەر

ناشتا قىلمىغاندا پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈچ ۋاقلىق تاماقنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق تاماق ھېسابلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇزاق مەزگىل ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا تۈرلۈك كېسەللىكلەر پەيدا بولىدىكەن. 1. ئاشقازان ياللۇغى ياكى ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەممىدىن زىيانلىق، ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا ئالدىنقى كۈنى كەچتە يېگەن تاماقلار ئالتە سائەت ئەتراپىدا ئاشقازاندىن ئۆتۈپ ئۈچەي يولىغا كىرىپ بولىدىكەن، ناۋادا ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا، چۈشلۈك تامقنىمۇ يېمىگەندە ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازاندىكى ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى ئاشقازاننىڭ تىرىپسىنى...
داۋامى..
ناشـتـىلىق يېمەكلىكلەر

ناشـتـىلىق

كۆپىنچە ھاللاردا خەيرىلىك باشلانغان بىر ئىشنىڭ ئاخىرى ياخشى بولغىنىدەك بىر كۈنلۈك ھايات پائالىيىتىمىز ئۈچۈن ناشتىلىق ئىنتايىن مۇھىم. مېڭىگە زۆرۈر قۇۋۋەتلەر ئاساسلىقى قاندىكى قەنتتىن قوبۇل قىلىنىدۇ. مېڭىگە زۆرۈر بولغان ئېنېرگىيە كەچتە ئۇخلاش جەريانىدا كۆپلەپ خورىغانلىقتىن سەھەردە ئويغانغاندا قۇۋۋەتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ناشتىلىق قۇۋۋەتلىك، سۈپەتلىك قىلىنغاندا چوڭ مېڭە ئېھتىياجلىق زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىيالايدۇ. ناشتا قىلمايلا ئالدىراپ ئۆيدىن چىققاندا قاندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ-قان قەنتى تۆۋەن بولۇپ مېڭىگە كېرەكلىك ئېنىرگىيەنى تولۇقلاپ بېرەلمەي ئاسانلا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ئىزلەڭگۈلۈك، روھسىزلىق، چارچاش پەيدا بولۇپ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر...
داۋامى..