تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاشتا دېققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

  • A+

تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاشتا دېققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

تۇرمۇشتا ھامان بىر قىسىم كىشىلەر قان ئازلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىئارام بولىدۇ. بىز ئادەتتە نىمە يەپ بەرسەك قان تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟ 

 قان ئازلىق دېگىنىمىز- ئادەم بەدىنىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ مىقدارى ئازىيىپ، نورمال دائىرىنىڭ تۆۋەن چېكىدىن تۆۋەن بولغان بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ. قان ئازلىقنىڭ تۈرى ۋە سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدا كۆپ ئۇچرايدىغان قان ئازلىق- تۆمۈر كەملىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق. تۆمۈر كەملىك ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلى بولۇپ، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئەھۋالى دوكلاتى (2015- يىلى) دا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە 6 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئاھالىلارنىڭ قان ئازلىق نىسبىتى 9.7 پىرسەنت، 6 ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان بالىلاردىكى قان ئازلىق نىسبىتى 5.0 پىرسەنت، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قان ئازلىق نىسبىتى 17.2 پىرسەنت. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 2 مىلياردقا يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 50 پىرسەنت ئادەمنى «تۆمۈر كەملىك سەۋەبىدىن» دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

  نىمە يېسە تۆمۈر ئەڭ تېز تولۇقلىنىدۇ؟

 1. تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىش كېرەك. ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر (جۈملىدىن ھايۋانات- قۇش گۆشى، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، سۇ مەھسۇلاتلىرى، سۈت ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار قاتارلىقلار) نىڭ تەركىبىدە تۆمۈر مول بولۇپلا قالماي، يەنە سۈمۈرۈلىشىمۇ ياخشى. شۇڭا، ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىش- تۆمۈر كەملىك ياكى تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ بىۋاسىتە ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ. دېققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېنېرگىيە، ئاقسىل، ياغ مىقدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، چوقۇم مۇۋاپىق مىقداردا بولۇشى لازىم.

 2. تۆمۈر قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم. تۆمۈر قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشمۇ تۆمۈر تولۇقلاشتىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك تەدبىر. مەسىلەن: تۆمۈر قوشۇلغان جياڭيۇ، ئۇن قاتارلىقلار. ھامىلىدار ئاياللار، بالا ئىمىتىۋاتقانلار، بوۋاقلار، ياشانغانلار، ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ئاسانلا تۆمۈر كەملىك كۆرۈلىدىغان كىشىلەر توپى بولۇپ، تۆمۈر قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىشلەتسە ياكى تۆمۈر تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىچسە بولىدۇ.

 3. تۆمۈر تولۇقلاش دورىسى ئىچىش كېرەك. ئاساسلىقى تۆمۈر ماددىسى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغان ھەمدە تاماق ئارقىلىق تۆمۈر تولۇقلاشقا ئامالسىز قالغاندا تۆمۈر سۇلفاتتىن ياسالغان دورىلارنى ئىچىپ تۆمۈر تولۇقلاش كېرەك. ھەر كۈنى ھەر كېلوگىرام ئېغىرلىق بويىچە ھىساپلىغاندا، 4 مىللىگىرامدىن 6 مىللىگىرامغىچە تۆمۈر تولۇقلاش، 2 قېتىمدىن 3 قېتىمغىچە 2 ۋاق تاماق ئارىلىقىدا ئىچىش كېرەك. ئومۇمىي داۋالاش باسقۇچى 2 ئايدىن 3 ئايغىچە بولىدۇ. قىزىل قان ئاقسىلى نورماللاشقاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق 1 ئايدىن 2 ئايغىچە ئىچىپ تۆمۈرنىڭ ساقلىنىشىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكەندە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچىش، مىقدارى ئېشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم. مىقدارى ئېشىپ كەتسە ھۈجەيرە كۆرۈنەرلىك زەخىملىنىدۇ.

 4. تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دائىم يېڭى كۆكتات، مېۋە يەپ بەرسە، تەركىبىدىكى ۋىتامىن C تاماق تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 5. تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئازايتىش لازىم. يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئوكسالات ۋە فىتالات تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چاي تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى، قەھۋە، كاكائو تەركىبىدىكى پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلارمۇ تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى يېمەكلىكلەرنى تۆمۈر تەركىبى مول يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: