بەدەندە تاش پەيدا قىلىدىغان بىرقانچە خىل يېمەكلىك

  • A+
تەۋە سەھىپە:يېمەكلىكلەر

بەدەندە تاش پەيدا قىلىدىغان بىرقانچە خىل يېمەكلىك

تاش پەيدا بولۇش ئورگانىزىمدىكى سۈيدۈكنىڭ مەلۇم تەركىبى بولۇپ، بۆرەكتە شەكىللىنىدىغان كىچىك تاشقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان قاتتىق ماددىنى كۆرسىتىدۇ. بەدىنىدە تاش پەيدا بولغان بىمارلارنىڭ ھەممىسى بەدەندە تاش پەيدا بولۇشنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ، ئېغىرراقلىرىدا تاش پەيدا بولۇش سەۋەبلىك بىر تەرەپ قىلىش تەسلىشىپ، قاناش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئازابىنى تارتماسلىق ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل يېمەكلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.
تاش پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىك 1: يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر
ئاقسىل ئورگانىزىمدىكى بارلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ مۇھىم تەشكىلى تەركىبى، بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھەر قانداق يېمەكلىك مۇۋاپىق مىقداردا بولۇشى كېرەك. گەرچە ياخشى يېمەكلىك بولسىمۇ، بىراق ئۇزاق مەزگىل كۆپ مىقداردا ئىسىتمال قىلغاندا بۇنىڭغا يوپۇرماق كىسلاتاسى مول پالەك قاتارلىقلار قوشۇلغاندا بۆرەكنىڭ ھەيدەش يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئەگەر ۋاقىتدا بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقى ئاشىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بېلىق، راك قاتارلىقلار يېتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا، ھەپتىدە يەتتە تالدىن ئارتۇق تۇخۇم يېمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇلار ئورگانىزىمنىڭ ئاقسىل ئېھىتىياجىنى قاندۇرۇپ كېتەلەيدۇ.
ئۆتتە تاش پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىك 2: پۇرىن مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر
پۇرىن مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى، گۆش شورپىسى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە بۇ يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر كۆپ ئىسىتمال قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر بىر قېتىمدا ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىسىتمال قىلغاندا، ئاسانلا ئورگانىزىمدىكى پۇرىننىڭ ئاجرىلىشى نورمالسىزلىشىپ، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ سۈيدۈكتە توپلىنىپ، تاش پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.
شۇڭا، قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش كېرەك. بۇلارنىڭ تەركىبىدە سېللولوزا كۆپ، ۋىتامىنلار مول، مېنىرال ماددىلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، مېتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، ئورگانىزىمدىكى ئەخلەتلەرنى سۈيدۈك ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
ئۇنداقتا كۈندە قانچىلىك ئىسىتمال قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتمىسى»دە، ھەركۈنى ھەربىر ئادەم ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتات مىقدارىنى 300~500 گرام ئەتراپىدا كونتىرول قىلىشى، بۇنىڭ ئىچىدە قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىشى كېرەكلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.
ئۆتتە تاش پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىك 3: تۇزلۇق يېمەكلىكلەر
قىرتاق يېمەكلىكلەر ئاشتۇزىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئاشتۇزى كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنىڭ ياردەمچى جىنايەتچىسى بولۇپ، نۆۋەتتە قوزغىلىش ھەمدە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىن ھېسابلىنىدىغان يۇقىرى قان بېسىم ۋە ئاشقازان راكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئاشتۇزى خەتەرلىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەدەندە ئەسلىدىنلا ناترىي كالىينىڭ تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتى مەۋجۇت بولۇپ، يەنە زىيادە ناترىي قۇبۇل قىلىنسا، يۇقىرى قان بېسىم ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋىپىنى ئاشۇرىدۇ.
تاش پەيدا بولۇش بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەركۈنى زىيادە تۇز ئىستىمال قىلغاندا سۈيدۈكتىكى كالتسىينىڭ ئاسانلا چىقىرىلىشىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ خىل كالتسىي بىلەن سۈيدۈك كىسلاتاسى ياكى يوپۇرماق كىسلاتاسى بىرلەشكەندە، تاش پەيدا بولغان بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، تاش پەيدا بولۇشقا گىرىپتار بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭمۇ گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ.
شۇڭا، كۆپچىلىك كۈندىلىك ئاشتۇزى قۇبۇل قىلىش مىقدارىنى ئالتە گرامدىن تۆۋەن ھالەتتە ، يەنى ھاراق بۇتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىغا تەكشى كەلگۈدەك مىقداردا كونتىرول قىلىشى كېرەك.

bilimnur

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: