ئەسقاتىدىغان 30 تۈرلۈك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

ئەسقاتىدىغان 30 تۈرلۈك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى

ئەسقاتىدىغان 30 تۈرلۈك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى

1. ھەرە چېقىۋالغاندا:
ھەرە چېقىۋالغان ئورۇننى سوپۇنلاپ يۇيىمىز؛ مۇمكىن بولسا ھەرىنىڭ نەشتىرىنى ئېلىۋېتىمىز؛ ھەرە چاققان ئورۇنغا مۇز پارچىسى قويسا ئاغرىق ۋە ئىششىقنى پەسەيتىدۇ؛ ناۋادا بەك قىزىرىپ ئىششىسا، قىزىسا، ھەتتا نەپەسلىنىش قىيىنلاشسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

2. كۆزگە قۇم دانچىسى كىرىپ كەتكەندە:
كۆزنى كۈچەپ ئۇۋۇلىماستىن قۇرۇق قەغەز ياكى لۆڭگە بىلەن كۆزنى سۈرتۈش؛ ياندىكىلەرگە كۆز قاپىقىنى ئاچقۇزۇپ كۆز ئېقى، مۈڭگۈز پەردىسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تەكشۈرتۈش؛ ناۋادا قۇم دېگەندەك نەرسىلەر كۆز تېرىسى ياكى كۆز ئېقىدا تۇرۇۋالغان بولسا پاختا پەلكۈچكە ئاز مىقداردا باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش تۈرىدىكى سۇيۇق دورا تەگكۈزۈپ كۆزنى سۈرتۈش؛ ناۋادا قۇم كۆز ئېقى ياكى مۈڭگۈز پەردىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتكەن بولسا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىش.

3. قان شېكىرى تۆۋەن بولۇش:
قان شېكىرى تۆۋەنلىك دەرىجىسى يەڭگىل بولسا، بىمارنىڭ ھوشى جايىدا بولسا بىر نەچچە تال كەمپۈت، پىرەنىك يېسە ياكى يېرىم ئىستاكان شېكەر سۈيى ئىچىۋەتسە قان شېكىرى تۆۋەنلىك ئالامەتلىرى 10 نەچچە مىنۇتتىلا يوقايدۇ؛ ناۋادا يۇقىرىدىكى رېتسىپ ئۈنۈم بەرمىسە ياكى بىمارنىڭ ھوشى جايىدا بولمىسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.

4. قۇلاققا ئۇششاق ھاشارات كىرىپ كەتكەندە:
قۇلاققا ئۇششاق ھاشارات كىرىپ كەتكەندە بارماق ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن كولاپ ئۇنى تېخىمۇ ئىچىگە كىرگۈزۈۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ناۋادا دىققەت قىلماستىن قۇلاق پەردىسى تېشىلىپ كەتسە ئاڭلاش ئىقتىدارىغا دەخلى يېتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا قاراڭغۇ جايغا بېرىپ قول بىلەن توسۇپ تۇرۇپ نۇرنى قۇلاق يولىغا كىرگۈزۈپ، ھاشاراتنىڭ نۇرغا ئىنتىلىشچانلىق ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ چىقىرىۋېتىش كېرەك.

5. بۇرۇن قانىغاندا:
بۇرۇن قانىغاندا باشنى ئۈستۈن قىلىش قاننى توختىتالمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇرۇندىن چىققان قان ئېغىز بوشلۇقى ۋە نەپەس يوللىرىغا كىرىپ كېتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا بارماق بىلەن قاڭشارنى 8-4 مىنۇت چىڭ قىسىپ تۇرۇش ياكى سوغۇق سۇغا چىلانغان پاختىنى بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق قاننى توختىتىش كېرەك. ناۋادا قان بۇ ئۇسۇلدىمۇ توختىمىسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

6. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا:
يېنىك دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلارنى سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايغا يۆتكەپ جىم ياتقۇزغاندىن كېيىن كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىش ياكى تۈگمىلىرىنى ئېچىۋېتىش، سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگە بىلەن بەدىنىنى سۈرتۈپ، تېز سۈرئەتتە تېمپىراتۇرىسىنى چۈشۈرۈش كېرەك. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلار يەنە ئازراق تۇز سۈيى ئىچىۋەتسە بولىدۇ؛ ناۋادا بىمارنىڭ ھوشى جايىدا بولمىسا، پېيى تارتىشسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك.

7. ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەندە:
يازدا سىرتقا چىققاندا چوقۇم كۆيدۈرۈشتىن ساقلاش مەلھىمى سۈرتۈش ياكى كۈنلۈك ئېلىۋېلىش كېرەك. كۆيگەن ئورۇننى ئەڭ تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى مۇز پارچىسى يېقىش. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن كۆيگەن ئورۇننى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇۋېتىمىز؛ ئارقىدىن، مۇز پارچىسىنى لۆڭگىگە ئوراپ كۆيگەن ئورۇن ئارام تاپقۇچە ياقىمىز؛ ناۋادا ئېغىر دەرىجىدە كۆيگەن، قاپارتقۇ چىقىپ كەتكەن بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش، يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

8. سۇ ئۈزگەندە پەي تارتىشسا:
بۇنداق ۋاقىتتا پەي تارتىشقاندا ناۋادا ئورنى كۆلچەككە يېقىن بولسا دەرھال قىرغاققا چىقىپ ئارام ئېلىش، پېيى تارتىشقان پۇتنى سوزۇپ بىر قولدا پۇت بارمىقىنى يۇقىرىغا تارتىش، يەنە بىر قولدا تىزنى بېسىپ مۇسكۇللارنى كېڭەيتىش كېرەك. بىراق، ئەسلىگە كەلگەن ھامانلا سۇغا چۈشمەي بىردە تۇرۇۋېلىش كېرەك؛ ناۋادا تۇرغان ئورۇن كۆلچەككە يىراق بولسا ئاۋۋال چوڭقۇر بىر نەپەسلىنىۋەتكەندىن كېيىن سۇدا ئوڭدىسىغا تۇرۇپ بىر قولدا پۇت بارمىقىنى بەدەن تەرەپكە تارتىش، يەنە بىر قولدا تىزنى بېسىپ تۇرۇش، ئازراق قويۇپ بەرگەندە قىرغاققا چىقىپ داۋاملىق ئۇۋۇلاپ ئارام ئېلىش.

9. ئۇقۇشماستىن سىماب يۇتۇۋالغاندا:
تېرمومېتىردىكى سىمابنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سىماب ئېلىمېنتى بولۇپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇتۇۋالغاندا ئېغىر مېتالدىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ؛ سىمابنى ئۇقۇشماستىن يۇتۇۋالغاندا دەرھال ئېغىزنى چايقىۋېتىپ تۇخۇم ئېقى ياكى سۈت ئىچىۋېتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئېغىز بوشلۇقىدىكى قالدۇق سىمابلارنى تازىلىغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تۇخۇم ئېقى ۋە سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل يۇتۇۋېلىنغان سىماب بىلەن بىرىكىپ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، سىمابنىڭ سۈمۈرۈلۈش مىقدارىنى ئازايتىدۇ.

10. دورىنى خاتا يەۋالغاندا:
بۇنداق ئەھۋالدا دورىنى تېز سۈرئەتتە ئاشقازاندىن چىقىرىۋېتىش كېرەك. ئادەتتە بارماق ياكى چوكا تىقىپ ياندۇرۇۋەتسە بولىدۇ؛ دورىنى ياندۇرۇۋېتىشتىن بۇرۇن كۆپ سۇ ئىچىۋەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

11. ياغاچ پارچىسى كىرىپ كەتكەندە:
دەرھال قول بىلەن تارتىپ چىقىرىۋېتىش؛ چوڭقۇرراق كىرىپ كەتكەن بولسا يىڭنە ياكى موچىن بىلەن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن يارىلانغان ئورۇننى سىقىۋېتىش كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا ئىشلىتىلگەن موچىن ياكى يىڭنە ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىنسا تېخى ياخشى بولىدۇ؛ يارا ئېغىزى سىقىۋېتىلگەندىن كېيىن پاكىزە سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئىسپىرت ياكى يودتا سۈرتۈۋېتىش كېرەك. ناۋادا يارا ئېغىزى قىزىرىپ ئىششىسا مۇز پارچىسى يېقىپ ئىششىقنى ياندۇرۇش كېرەك. ياغاچ پارچىسى چوڭقۇرراق كىرىپ كەتكەندە ئېلىۋەتكەندىن كېيىنمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاتىبىيوتىك ئوكۇل سالدۇرۇۋەتكەن ياخشىراق.

12. چىش ئاغرىغاندا:
ئېغىزنى تۇز سۈيى بىلەن بىر نەچچە قېتىم چايقاش؛ قول بىلەن ئۇچۇلاش ياكى بارماق بىلەن خېگۇ پەللىسىنى بېسىپ تۇرۇش؛ ناۋادا چىش ئىسسىققا ئۇچراشسا تېخىمۇ ئاغرىسا يىرىڭ يىغىلغانلىقتىن ئاغرىغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ۋاقىتتا مۇز پارچىسىنى لاتىغا ئوراپ ئاغرىغان ئورۇنغا يېقىش كېرەك.

13. تىرناق زەخمىلەنگەندە:
تىرناق چىقىپ كەتكەندە تىرنىقى چىقىپ كەتكەن بارماقنى داكا بىلەن مەھكەم ئورىغاندىن مۇز پارچىسى يېقىش؛ ئارقىدىن، يارىلانغان بارماقنى ئېگىزرەك تۇتۇپ دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك؛ تىرناق يېرىلىپ قانىغان بولسا يېرىم قاينىتىلغان سۇغا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ بىر نەچچە كۈن سۈرسە بولىدۇ؛ سىرتقى زەخمە سەۋەبىدىن تىرناق ئاستى ئازراق قانىغان بولسا ئاغرىققا چىداپ تۇرۇپ دوختۇرخانىغا بېرىپ يىغىلىپ قالغان قاننى چىقىرىۋېتىش كېرەك.

14. سىرتقى زەخمە سەۋەبىدىن قان چىققاندا:
كىچىك ياكى يەڭگىل يارا ئېغىزلىرىنى سوغۇق سۇ ياكى پاكىز قۇدۇق سۈيى بىلەن يۇيۇش، ئەمما ئۇيۇپ قالغان قاننى چىقىرىۋېتىشكە ئالدىرىماسلىق كېرەك؛ ئەينەك پارچىسى، پىچاق دېگەندەك نەرسىلەر سانجىلىپ قالغاندا ھەرىكەتلەندۈرۈشكە ياكى تارتىۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا يارا ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىنى قىسىپ تۇرۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىنغان داكا ياكى لاتا بىلەن تاڭغاندىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك؛ سوقۇلۇش ياكى ئۇرۇلۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يارا سەۋەبىدىن تېرە ئاستى قانىغان، ئىششىغان بولسا يارا ئېغىزىغا دېزىنفېكسىيە قىلىنغان داكا ياكى پاكىزە لۆڭگىنى قويۇپ، يېرىم سائەت مۇز پارچىسى ياققاندىن كېيىن چىڭ تېڭىۋېتىش كېرەك. يارا ئېغىر بولغاندا دوختۇرخانىغا بېرىش لازىم.
يارا ئېغىزىدىن قان چىققاندا پاكىزە لۆڭگە ياكى دېزىنفېكسىيە قىلىنغان داكا بىلەن يارا ئېغىزىنى يېپىپ 20-10 مىنۇت بېسىپ تۇرۇپ قاننى توختىتىش؛ ئارقىدىن داكا بىلەن چىڭ تېڭىپ يەنە قان چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەھۋال ئېغىر بولسا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

15. پىچاق كېسىۋالغاندا:
يارا ئېغىزى كىچىك، قان كۆپ چىقمىغان، يارا ئېغىزى پاكىز بولسا يود سۈرۈپ يارا ئېغىزى ۋە ئەتراپ تېرىلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، قۇرۇغاندىن كېيىن دېزىنفېكسىيە قىلىنغان داكا ياكى دورىلىق پىلاستېر چاپلاش؛ يارا ئېغىزى چوڭقۇر بولسا بېسىپ تۇرۇپ قاننى توختاتقاندىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

16. قىزىق سۇدا كۆيۈپ يارىلانغاندا:
بۇنداق ئەھۋالدا كۆيگەن ئورۇننى دەرھال ئېقىپ تۇرغان سۇ بىلەن يۇيۇش ياكى سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگە بېسىش كېرەك. داكا دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن كۆيگەن ئورۇننى بوشراق تېڭىپ قويغاندا يارا ئېغىزىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ؛ بۇنداق ئورۇنغا مۇز يېقىشقا بولمايدۇ. چۈنكى مۇز يارا ئېغىزىغا زىيانلىق؛ ناۋادا قاپارتقۇ پەيدا بولسا تېشىۋەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا تاتۇق قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۆيگەن ئورۇنغا چىش پاستىسى سۈرسە يارا ئېغىزىغا ئاسانلا مەينەت نەرسىلەر چاپلىشىۋالىدۇ.

17. پۇت قايرىلىپ كەتكەندە:
پۇت قايرىلىپ كېتىپ 24 سائەت ئىچىدە سائىتىگە بىر قېتىم يېرىم سائەت ئەتراپىدا مۇز پارچىسى يېقىش، يارىالغان ئورۇننى سوزۇلۇشچان لاتا بىلەن ئورىغاندىن كېيىن ئېگىزرەك تۇتۇش كېرەك؛ پۇت قايرىلىپ 24 سائەتتىن كېيىن يارىلانغان ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، ئەتراپىكى قانلارنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىر نەچچە كۈن ئۆزى داۋالىغاندىن كېيىنمۇ ئاغرىق بولسا ياكى مېڭىش قولايسىز بولسا سۆڭەك سۇنغان، مۇسكۇل يارىلانغان ياكى پەي ئۈزۈلگەن بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

18. بارماق كېسىلىپ كەتكەندە:
كېسىلگەن ئورۇننى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئارقىدىن پاكىزە داكا بىلەن يارا ئېغىزىنى تېڭىش كېرەك. ناۋادا چوڭ تومۇردىن قان چىققان بولسا قان توختىتىش بېنىتى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ ئۈزۈلۈپ كەتكەن بارماقنى مىكروبسىز لاتا بىلەن ئورىغاندىن كېيىن پاكىزە سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ قۇرغاق ۋە سالقىن ئورۇندا ساقلاش، بارماق بەك مەينەت بولۇپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆزى يۇيماي ياكى ھېچقانداق سۇيۇقلۇققا چىلىماي دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

19. باشنى بىر يەرگە ئۈستۈرۈۋالغاندا:
ئۈسۈۋالغاندىن كېيىن ناۋادا باش ئىششىپ قالغان بولسا مۇز پارچىسى قويۇش ئارقىلىق ئىششىقنى پەسەيتىش كېرەك؛ ناۋادا قان چىققان بولسا پاكىزە لۆڭگە بىلەن يارا ئېغىزىنى بېسىپ تۇرۇپ قاننى توختاتقاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تىكتۈرۈش ھەمدە ئىچكى زەخمە بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك؛ ئۈسۈۋېلىپ 24 سائەتكىچە ياندا چوقۇم بىرەر ئادەمنى ھەمراھ قىلىۋېلىش، ھوشىدىن كېتىپ خەتەر يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

20. ئىت-مۈشۈكلەر چىشىلىۋالغاندا:
ئاۋۋال يارا ئېغىزىنى قان توختىتىش بېنىتى بىلەن تېڭىپ مىكروبنىڭ قان بىلەن بىللە بەدەن ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ يارا ئېغىزىنى پاكىزە قۇرۇق سۇ بىلەن ياكى سوپۇن سۈيىدە يۇيۇپ، پاكىزلاش كېرەك. بۇنداق يارا ئېغىزلىرىنى تېڭىشقا بولمايدۇ؛ دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش، 24 سائەت ئىچىدە غالجىر ئىت كېسىلى ۋاكسىنىسى ياكى ئانتىبىيوتىك ئوكۇل سالدۇرۇش كېرەك.

21. گالغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندا:
بىمارنىڭ ئارقىدىن بەل قىسىمىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ بىر مۇشتنى قورساق بىلەن تۆش سۆڭىكى ئارىسىغا تىرەپ قويۇش، يەنە بىر قولدا مۇشتنى چىڭ تۇتۇش؛ ئىككى قولنى كۈچەپ يىغىپ بىمارنىڭ كۆكرىكىنى يۇقىرىغا قارىتا بېسىپ ھاۋا بېسىمىنى ئېتىلدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق نەپەس يولى ياكى گالغا تۇرۇپ قالغان نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىش؛ بۇ ئۇسۇلنى تاكى تۇرۇپ قالغان نەرسە چىقىپ كەتكۈچە بىر نەچچە قېتىم داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

22. سۆڭەك سۇنغاندا:
سۆڭەك سۇنغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن يارىلانغان پۇت ياكى قولنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. بولمىسا سۇنغا سۆڭەك قالايمىقان ھەرىكەتلىنىپ زەخمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ ياغاچ تاختا، كالتەك، دەرەخ شېخى، ژۇرنال دېگەندەكلەرنى ۋاقىتلىق قىسقۇچ تاختا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ناۋادا بۇ نەرسىلەر تېپىلمىسا قولنى بەدەنگە چىڭ چاپلاپ تۇرۇش، يارىلانغان پۇتنى ساغلام پۇتقا چىڭ چاپلاپ تۇتۇش كېرەك.

23. يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەندە:
ناۋادا يېمەكلىك يېگەن ۋاقىت 2-1 سائەت ئىلگىرى بولسا چوكا ياكى بارماقنى گالغا كىرگۈزۈپ ئاشقازاندىكى يېمەكلىكنى ياندۇرۇۋەتسە بولىدۇ؛ كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىش ئارقىلىق زەھەرنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؛ ناۋادا سۈپىتى ئۆزگەرگەن بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا دېگەنلەردىن زەھەرلەنگەن بولسا 110 گىرام ئاچچىقسۇغا 200 گىرام سۇ قوشۇپ بىر قېتىمدىلا ئىچىۋېتىش كېرەك.

24. توك سوقۇۋەتكەندە:
تېز سۈرئەتتە توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك. ئۈزچاتنى ياغاچ كالتەك، سۇلياۋ، كاۋچۇك، بۇيۇملار بىلەن دەرھال چۈشۈرۈۋېتىش؛ توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىشتىن ئىلگىرى قۇتقۇزغۇچى توك سوقۇۋەتكۈچىگە بىۋاستە تەگسە بولمايدۇ؛ ناۋادا توك سوقۇۋەتكۈچى يەنىلا توك قېچىۋاتقان ماشىنا دېگەندەك نەرسىلەردە بولسا قۇرۇق پاختا كىيىم، يوتقان قاتارلىقلار بىلەن تارتىۋېلىش كېرەك.

25. تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاندا:
بىمارنىڭ يارىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش؛ ئەتراپتىكىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ بىمارغا مەلۇم بوشلۇق ئاجرىتىپ بېرىش، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بار جىسىملارنى، مەسىلەن تىغلىق بۇيۇم دېگەندەكلەرنى يۆتكىۋېتىش كېرەك؛ يۇمشاق نەرسىلەر، مەسىلەن كىيىملەرنى بىمارنىڭ بېشىغا قويۇپ بېرىپ يارىلاندۇرۇۋېلىشىدىن ساقلىنىش؛ كېسەل قوزغالغان كونكرېت ۋاقىتنى خاتىرىلىۋېلىپ دوختۇرغا ئېيتىپ بېرىش؛ بىمار ئەسلىگە كەلگەن بولسا دەرھال تەكشۈرۈپ نەپىسى بار بولسا يانتو ياتقۇزۇش؛ ناۋادا نەپىسى توختاپ قالغان بولسا دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىش ؛ ناۋادا بىمارنىڭ پېيى تارتىشقان ۋاقىت 5 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە ياكى قايتا قوزغالسا دەرھال 120گە تېلېفون قىلىش كېرەك.

26. كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگەندە:
كۆمۈر گازى چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا دەرھال مەنبەنى ئېتىپ دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش؛ قۇتقۇزغۇچى گاز چىقىپ كەتكەن ئۆيگە كىرىشتە چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن ھۆل لۆڭگە ياكى قولياغلىق بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى ئېتىۋېلىپ، زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ كۆمۈر گازى تولۇق چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن چىراغنى يېقىشقا، تېلېفون قىلىشقا، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىشقا، چاقماق، سەرەڭگە ياندۇرۇشقا بولمايدۇ. بولمىسا ئوت ئاپىتى كېلىپ چىقىدۇ؛ كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگۈچىنى شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ كىيىملىرىنى بوشىتىۋېتىش كېرەك.

27. ئىسپىرتتىن زەھەرلەنگەندە:
يەڭگىل زەھەرلەنگەنلەرنىڭ قايتا ھەاراق ئىچىشىنى توسۇش، ئارقىدىن چوكا دېگەندەك نەرسىلەرنى گېلىغا كىرگۈزۈپ ياندۇرغۇزۇۋېتىش كېرەك. بىراق، بىمار ھوشىدىن كەتكەن ياكى ئۇخلاپ قالغان بولسا بۇ ئۇسۇل ماس كەلمەيدۇ؛ بىمارنى كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، ئىسسىق ساقلاشقا، ياندۇرغان نەرسىلىرى نەپەس يولىنى توسۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش؛ نەپىسى ۋە تومۇر سوقۇشى نورمال بولسا ئويغانغاندا ئۆزى ئەسلىگە كېلىدۇ؛ ناۋادا بىمار ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن تومۇر سوقۇشى تېز، نەپىسى ئاجىز ۋە ئاستا، تېرىسى نەم ۋە سوغۇق بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك؛ ئىسپىرتتىن ئېغىر زەھەرلەنگەنلەردە ھوشىدىن كېتىدىغان، سۇسىزلىنىدىغان، پېيى تارتىشىدىغان، شۈك بولۇپ قالىدىغان، نەپىسى ئاجىزلىشىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا چوقۇم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.

28. سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغاندا:
سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغانلارنى قۇتقۇزغاندا چوقۇم قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى، قۇتقۇزۇش شارى ياكى ياغاچ تاختا ئىشلىتىش، كەسپىي قۇتقۇزغۇچى خادىملاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەم تۇنجۇقۇپ قالغانلارغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك؛ تۇنجۇقۇپ قالغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن دەرھال نەپىسى ۋە يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈرۈش، ناۋادا نەپىسى توختاپ قالغان بولسا دەرھال سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈپ، 5 سېكونتقىچە بىمارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ناۋادا ئەسلىگە كەلمىسە تاكى ئەسلىگە كەلگۈچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؛ ناۋادا بىمار كۆپ سۇ ئىچىۋالغان بولسا سەگەك ۋاقتىدا دۈمبىسىدىن تىزلاپ، بىر قول بىلەن قورساقنى بېسىش، يەنە بىر قول بىلەن ئېغىزىنى ئاچقۇزۇپ سۇنى ياندۇرغۇزۇۋېتىش كېرەك.

29. يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندا:
بىمارنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ، ئىسمىنى توۋلاپ ئىنكاسىنى كۆزىتىش؛ ئىنكاس بولمىسا كۆكرىكىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ، چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆزىتىش ئارقىلىق نەپىسى بار، يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىش، ناۋادا نەپىسى ھەم يۈرەك سوقۇشى بولمىسا دەرھال 120گە تېلېفون قىلىش ھەمدە كۆكرىكىنى بېسىپ نەپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك؛ بىمارنى تۈز جايدا ياتقۇزۇپ زاڭىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، باشنى ئاسمانغا قارىتىش، بىر قولنىڭ ئالىقىنىنى كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمى بىلەن ئۈچتىن بىر قىسىمى تۇتىشىدىغان ئورۇنغا، يەنە بىر قولنى شۇ قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۈچەپ بېسىش كېرەك. قورامىغا يەتكەنلەرنى بېسىش چوڭقۇرلۇقى 6-5 سانتىمېتىر، بېسىش سۈرئىتى مىنۇتىغا 120-100 قېتىم بولسا بولىدۇ. كۆكرىكىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ، پەسىيىشى ئەسلىگە كەلگەندە بېسىش قېتىم سانىنى ئازايتىش ياكى توختىتىش كېرەك؛ كۆكرەكنى 30 قېتىم باسقاندىن كېيىن ئىككى قېتىم سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش، ئارقىدىن يەنە 30 قېتىم بېسىپ تاكى قۇتقۇزغۇچىلار يېتىپ كەلگۈچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

30. سۈنئىي نەپەسلەندۈرگەندە:
بىمارنىڭ ئېغىز ۋە بۇرۇنلىرىغا كىرىپ قالغان نەرسىلەرنى، مەسىلەن ياندۇرغان نەرسىلەرنى سۈرتۈۋېتىش؛ قۇتقۇزغۇچى بىر قولنى بىمارنىڭ پېشانىسىگە قويۇپ بېشىنى ئارقىغا سۈرۈپ ئاسمانغا قارىتىش ھەم شۇ قولنىڭ باش بارمىقى، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن بىمارنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىنى قىسىۋېلىش؛ يەنە بىر قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى ۋە باش بارمىقى بىلەن بىمارنىڭ زاڭىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ھاۋانىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئارقىدىن، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈشنى باشلاش؛ ناۋادا ئۈنۈمى بولسا، بىمارنىڭ كۆكرىكىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ-چۈشۈشى ئەسىلىگە كېلىدۇ قورامىغا يەتكەنلەرنى سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش قېتىم سانى مىنۇتىغا 12-8 قېتىم بولسا بولىدۇ.

 

bilimnur

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: