بالىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دورىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇڭ

  • A+
تەۋە سەھىپە:بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دورىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇڭ

بالىلارنىڭ شېكەر يالىتىلغان تابلىتىنى شېكەر دەپ خاتا ئىستېمال قىلىش ۋەقەسى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇماي، بالىلارغا دورا بەرگەندە ئۇسۇلى توغرا ئەمەس، مىقدارى توغرا ئەمەس. ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار بىپەرۋالىق قىلىپ دورىنى خاتا ئىچكۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە، تۇرمۇش سۈپىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن، بالىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخمىلىنىشىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ۋە مېيىپ بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلىمەستىن، ئەكسىچە ئۆرلەپ، يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىم ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسىگە ئايلىنىپ، بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
كۈتۈلمىگەن زەخىم دېگىنىمىز، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن تۈرلۈك ۋەقە ياكى ھادىسىلەرنىڭ ئورگانىزمنى زەخىملەندۈرۈشى، جۈملىدىن قاتناش يارىسى، يىقىلىپ چۈشۈش، كۆيۈك يارىسى، ئۆتكۈر ئەسۋاب يارىسى، تېگىپ يارىلىنىش، قىسىلىش يارىسى، چىشلەش، توك سوقۇۋېتىش، زەھەرلىنىش، يات ماددا يارىسى، مۇھىت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان زەخىم، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئامىللار ئىچىدە دورىدىن زەھەرلىنىش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بىر قېتىم يەنە بىر قېتىملىق ئاچچىق ساۋاقلار، بىزنى ئۆيدىكى دورىلارنى ئوبدان ساقلاشقا ئەسكەرتمەكتە.
1.بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى قىلىشى كېرەك
1. بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دورىنى قاپقا سېلىپ، بالىلار ئالالمايدىغان جايغا قويۇش ۋە قۇلۇپلاپ، سالقىن شامال ئۆتۈشتۈرۈش.
2. بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ دورىلىرىنى ئايرىم ساقلاش.
3. ئەنئەنىۋى دورا بېرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، دورىنى كەمپۈت، شېكەر سۈيى دەپ قويۇپ بالىنى ئازدۇرماسلىق.
4. بوۋاق بالىلارغا قاراشنى كۈچەيتىش، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا مۇۋاپىق بىلىم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش.
5. دورا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن دورا چۈشەندۈرمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، دورا بېرىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارىنى توغرا ئىگىلەش.
6. ئۆيدىكى دورىلارنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش، كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى تەكشۈرۈش.
2.ئەگەر بالىنىڭ دورىنى خاتا ئىستېمال قىلغانلىقى بايقالسا ۋاقتىدا توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك
تۇنجى بولۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا بولىدۇ:
1. ئەگەر ۋىتامىن، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش دورىسى، قۇۋۋەت دورىسى قاتارلىق زەھىرى يېنىك دورىلارنى خاتا ئىچىپ قالغان بولسا، كۆپرەك ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ، دورىنى سۇيۇلدۇرۇپ، دەرھال چىقىرىۋېتىش.
2. ئەگەر قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش دورىسى، يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىش دورىسى، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، ئۇخلىتىش دورىسى ۋە باكتېرىيەگە قارشى دورا قاتارلىق زەھەرلىك، قوشۇمچە رېئاكسىيە كۈچلۈك بولغان دورىلارنى خاتا ئىچىپ قالغان بولسا، دەرھال كەسكىن ھالدا قۇستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دورىلارنىڭ تېز چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش. قۇستۇرۇشتا بالىنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، خاتا سۈمۈرۋېلىشتىن ساقلىنىش؛
3.ئەگەر چىرىتكۈچى ماددىلارنى خاتا ئىچىپ قالغان بولسا، قۇستۇرۇشقا ياكى ئاشقازاننى يۇيۇشقا بولمايدۇ، بەلكى دەرھال تۇخۇم ئېقى، سۈت، گۈرۈچ شورپىسى ياكى پۇرچاق سۈتىنى كۆپ مىقداردا ئىچىش ئارقىلىق شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈشنى ئازايتىش.
4. ئەگەر زەھىرى كۈچلۈك بولسا ياكى ئۇنىڭ زەھەرلىكلىكىنى بىلمىسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش.
5.بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندا، دوختۇرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى، جىددىي قۇتقۇزۇشتا پايدىلىنىشى ئۈچۈن، خاتا ئىچىپ قويغان دورىنى ئېلىش ياكى دورىنى ئوراشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. زەھەرلىك ماددىلارنى باھالاشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئوراش، مۇناسىۋەتلىك بەلگە، ئورالما بولمىسا، قۇسۇق، قالدۇق ماددىلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش؛
6.داۋالاپ قۇتقۇزۇش كېچىكتۈرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قارشى تەرەپكە ئىشىنىپ كەتمەسلىك؛
7. ئالاقزادە بولماسلىق، كەسپىي خادىملارنىڭ دورىنىڭ زەھەرلىكلىكى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىدىن مەسلىھەت سوراش.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: