كومپيۇتېر كېسەللىكلىرى ھەققىدە

  • A+
تەۋە سەھىپە:تېبابەت نەزىريەسى
كومپيۇتېر كېسەللىكلىرى ھەققىدە
كومپيۇتېر كېسەللىكىدىن ھەزەر ئەيلەڭ
كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ خىزمەت ، ئۈگىنىش ، تۇرمۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ناھايىتى زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭغا ئەگىشىپ ، كومپيۇتېر يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ
كومپيۇتېر يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى مۇنداق بولىدۇ : بەزى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر كۆزى يوغىناپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ ، بېشى قايىدۇ ، قولى تېلىپ بېلى ئاغرىيدۇ ، تېرىسى قىچىشىدۇ ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ ، نېرۋىسى ئاجىزلاپ قالىدۇ . بۇ ئالامەتلەر كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇش ، كومپيۇتېر ئىشلىتىش مۇھىتى ياخشى بولماسلىق ، كومپيۇتېر ئىشلىتىش قىياپىتى توغرا بولماسلىق ، كومپيۇتېرنى قويغان ئورۇن ئىلمي بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدۇ .
كۆپ كۆرۈلىدىغان كومپيوتېر يىغىندى كېسەللىكلىرى : كومپيۇتېر كۆز كېسەللىكى ، كومپيۇتېر بىلەزۈك كانىلى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ، كومپيۇتېر نېرۋا ئاجىزلىق يىغىندى كىسەللىك ئالامىتى ۋە كومپيۇتېر تېرە كىسەللىكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
1. كومپيۇتېر كۆز كىسەللىكى : كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئېكرانى بىلەن ئۇچراشقاندا ، كومپيۇتېر مىكرو دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە كۆزى قىچىشىدىغان ، يېقىمسىزلىنىپ ئاغرىيدىغان ، قۇرغاقلىشىپ قىزىرىپ قالىدىغان ، تولا ياش ئاقىدىغان ، ھەتتا كۆزىنىڭ خىروستال تەنچىسى زىيانغا ئۇچراپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىدىغان ، كۆزگە ئاق چۈشۈپ قالىدىغان ، ھەتتا شام قارىغۇسى بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ .
2. كومپيۇتېر نېرۋا ئاجىزلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى : كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ روھى بېسىمى زور بولغاچقا ، تەپەككۇرى يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشكەن ۋە جىددى ھالەتتە بولىدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆپ چاغلاردا بېشى ئاغرىيدۇ ، ئېسىلىدۇ ، بېشى قايىدۇ ، ئۇيقۇسى قاچىدۇ ياكى كۆپ چۈش كۆرىدۇ ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ، چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ .
3. كومپيۇتېر بىلەزۈك كانىلى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى : كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش ۋاقتى بەك زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ، كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولمىسا غول ، بويۇن ، قول بېغىشلىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە قېتىشىپ قالىدۇ ، ئادەم ئوڭاي چارچايدۇ ، پۇت -قوللار ئۇيۇشۇپ تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . بەزىلەرنىڭ بېلى ، مۈرىسى ۋە يوتىسى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ .ئېغىر بولغاندا خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
4. كومپيۇتېر تېرە كېسەللىكى : كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن دائىم شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ يۈزىگە ئەسۋە چىقىدۇ ، چىرايى نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ . بەزىلەرنىڭ يۈزىگە قىزىل داغ ياكى تەمرەتكە پەيدا بولۇپ قېلىپ ، چىرايىغا نوقسان يەتكۈزىدۇ .
تىببي مۇتەخەسسىسلەر ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئېڭىنى ئۆستۇرۇپ كومپيۇتېر كېسەللىكلىرىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .
كومپيۇتېردا خىزمەت قىلىدىغانلار پۈتىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرماڭ
دائىم كومپيۇتېر بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلار ، خىزمەت قىلىۋاتقاندا ، ئىككى پۇتىنى ئالماپ ، بىر – بىرىگە مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا ، بۇ ئاستا خاراكتىلىك بوغۇم ياللۇغى ۋە باشقا ئەگەشمە كىسىەلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن
دائىم كومپيۇتېر بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلار ، خىزمەت قىلىۋاتقاندا ، ئىككى پۇتىنى ئالماپ ، بىر – بىرىگە مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا ، بۇ ئاستا خاراكتىلىك بوغۇم ياللۇغى ۋە باشقا ئەگەشمە كىسىەلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
تەتقىقاتچىلار ئەگەر مۇشۇنداق ھالەت ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا ،ئۇ ھالدا يەنە بۇنىڭ يۈرەككىمۇ تەسىرى بولدىغانلىقىنى بايقىغان .
يېقىندا ، مۇتەخەسسسىلەر دائىم كومپيۇتېر بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ قانداق ئولتۇرۇش ، قانداق ھالەتتە مەشخۇلات ئېلىپ بېرىشىغا ئالاقىدار مۇنداق كۆرسەتمىنى چىقارغان : ئادەتتە كومپيۇتېردا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئىككى پۇتى يەرگە تېگىپ تۇرۇشى يەنى ئامال يەرگە تىك تېگىپ تۇرۇشى ، ئىككى قولنىڭ بېغىچى بىلەن كومپيۇتېر ئۈستىلى پاراللېل ھالەتكە كېلىشى ، مۈرىسى ئورۇندۇققا يىنىك تېگىشكەن ھالەتتە بولۇشى ، كۆز بىلەن ئىكراننىڭ ئارلىقى 40 – 50 CM نى ساقلىشى زۈرۈر ئىكەن .
تەتقىقاتچىلار يەنە ، دائىم كومپىيۇتېر بىلەن مەشخۇلات قىلىدىغانلار ئولتۇرۇش ۋە قىياپەتكە دېققەت قىلمىسا ، بەزى يىنىك تىپتىكى ئىچكى كىسەللىكلەرگە كىرىپتار بولغاندىن سىرىت ، تىرە يىرىكلىشىش ، چاچ چۈشۈش ، كۆز خالتىسى ئىشىش … قاتارلىق بىر قاتار كىسەللەرگە باشقا كىشلەرگە قارىغاندا ، بىر قەدەر ئاسان گىرىپتار بولىدىغانىقىنى بايقىغان .
كومپىيۇتېر مەشغۇلاتچىلىرى قانداق كېسەللىككە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟
1.كۆز چارچاش ۋە كۆز قۇرغاقلىشىش
2.باش ئاغرىش
3.ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلاش
4.روھىي بېسىم ۋە ھارغىنلىق
5.بىلەزۈك كانال ۋە يىغىندى ئالامىتى
6.بويۇن ئومۇرۇتقا يىغىندى ئالامىتى
7.بەل، پۇت ئاغرىش يىغىندى ئالامىتى
8.تېرە قىچىشىش
9.ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسىلى
10.سۈيدۈكنى قىسىۋېلىش يىغىندى ئالامىتى
11.گېمىرۇي
12.يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپىيوتېر مەشغۇلاتى سالامەتلىككە زىيانلىق
مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپىيوتۇر مەشغۇلاتى قىلغاندا:
1. يۈرەك قان تومۇر سىستىمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپىيوتۇر مەشغۇلاتى قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ يۈرەك سوقۇسى تىزلىشىپ ، ئاق قان دانچىسى ئازىيىپ ، كىسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدىكەن .
2. كۆرۈش سېستىمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن . زىيادە يۇقۇر بولغان ئېلىكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيەسى كۆرۈش سېستىمىسىغا تەسىر قىلىپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىپ ، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
3. راك پەيدا قىلىدىكەن .كومپىيوتۇرنىڭ رادىيەتسىيە بۇلغىنىشى ئادەمنىڭ ئايلىنىش سىستىمىسى ، ئىممونىت كۈچى ، كۆپىيىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىپ ، ئېغىر بولغاندا راك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن .
4 . كۆپىيىش سېستىمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن . ئۇخلاشتىن ئېلگىرى كومپىيوتۇر ئىشلىتىش ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىنى ناچارلاشتۇرسا ، ھامىلدارلارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
كومپيۇتېر كېسەللىكلىرىنڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
1. كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۆينىڭ مۇھىتى ياخشى بولۇشى كىرەك ، يەنى ئۆي پاكىزە ، رەتلىك ، يورۇق ،ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشى كىرەك .
2. كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۆزىدە ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك ، يەنى ، بىر تەرەپتىن مەشغۇلات قىلىۋېتىپ ، بىر تەرەپتىن بىر نەرسە يېمەسلىكى ، مەشغۇلاتتىن كىينلا قولنى يۇيۇشقا ئادەتلىنىشى كىرەك . ئادەتتە كومپيۇتېر ئېكرانىدا ناھايىتى كۆپ زەرەت بولغاچقا نۇرغۇن چاڭ – توزانلارنى ئۆزىگە سۈمۈرىۋالىدۇ . كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىپ بولۇپ ، يۈز – قوللارنى يۇيۇپ تۇرمىغاندا يۈزگە داغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ . چىرايى نۇرسىزلىنىپ تېرە كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ .
3. كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار توغرا ئولتۇرۇش قىياپىتىنى ساقلىشى كېرەك ، يەنى كومپيۇتېر ئېكرانى مەركىزى مەشغۇلات قىلغۇچىنىڭ كۆكرىكى بىلەن بىر تۈز سىزىققا توغرا كىلىشى ، كۆز بىلەن ئېكراننىڭ ئارىلىقى 40-50 سانتىمېتىر كېلىشى ، ئەڭ ياخشىسى ئېگىز -پەسلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان ئورۇندۇق ئىشلىتىش لازىم . ئولتۇرغاندا ، جەينەك بىلەن مۈرە 90 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىشى ، يوتا بىلەن پۇتمۇ 90 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىشى ، چارچاشنى ئازايتىش ئۈچۈن ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇش ، مۇسكۇللارنى بوش – ئازادە تۇتۇش كېرەك .
4. يىمەك – ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرش كېرەك . مۇۋاپىق ئوزۇقلانغاندا كومپيۇتېر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولىدۇ. يەنى . ئەتتىگىنى ياخشى يېيىش كېرەك ، بۇنداق قىلغاندا ئادەمنىڭ كۈندىلىك زېھنى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ . چۈشلۈك تاماقتا ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگەن ياخشى . كەچلىك تاماقتا تالا ماددىسى كۆپرەك بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ، سۇيۇق – سەلەڭ يىمەك – ئىچمەكلىكلەرنى يەپ – ئىچىش كىرەك . كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىدىغانلار تەركىبىدە ۋىتامىن Aماددىسى كۆپ بولغان قوي ، توخۇ ، جىگىرى ، قارا گۆش ، سۈت ، تۇخۇم قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەسەي ، دۇفۇ ، پۇرچاق ، ماش ئۈندۈرمىسى ، چىلان ، سەۋزە قاتارلىقلارنى يەپ بىرىشى كىرەك .
5. دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش ، ئىشلەش بىلەن دەم ئىلىشنى بىرلەشتۇرۇش كىرەك . كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرۋالماسلىقى ،ھەر بىر سائەتتە ئون مىنۇت دەم ئېلىشى ، ئىشخانىدىن سىرتقا چىقىپ ، كۆز گىمناستىكىسى ئوينىشى لازىم . ئادەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى ، رادىئو گىمناستىكسى ئوينىشى، ئاستا يۈگۇرۈش ، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم . مۇشۇنداق قىلغاندا كومپيۇتېر نىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ .
bilimnur

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: