84 ياشلىق ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەننىڭ ئون تۈرلۈك كۈتۈنۈش قائىدىسى

  • A+
تەۋە سەھىپە:ئەرلەر دۇنياسى

84 ياشلىق ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەننىڭ ئون تۈرلۈك كۈتۈنۈش قائىدىسى
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
جۇڭ نەنشەن بولسا بىر تېبابەتشۇناس، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، داڭلىق نەپەس كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى. 84 ياشلىق ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نەچچە يۈز ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرگەن ھەمدە كېسەللىكتىن يىراق تۇرۇشنىڭ 10 خىل قائىدىسىنى يەكۈنلەپ چىققان. بۇ قائىدىلەر ئىچىدە يەنە داڭلىق دوختۇرلارنىڭ كۈتۈنۈش مەخپىي رېتسېپلىرىمۇ بار ئىكەن، تۆۋەندە بىز ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك بۇ «10 ماددىلىق قاتتىق قائىدە» بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!

1. ئاچچىقلانماسلىق كېرەك
«ئاچچىقلانمىسا كېسەلدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ»، بۇ بولسا جۇڭ نەنشەننىڭ نەچچە ئون يىللىق دوختۇرلۇق تەجرىبىسىنىڭ يەكۈنى. ئاچچىقلىنىش سەۋەبلىك كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى زادى قانچىلىك يۇقىرى؟ ئامېرىكا ئاتلانتا كېسەللىكلەرنى كونترول مەركىزىنىڭ بايقىشىچە، %90 كېسەللىك روھىي بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. جۇڭ نەنشەن مۇنداق دەيدۇ: «بەزى كىشىلەر ھەممىلا ئىشتىن ئاغرىنىدۇ، ھەممىلا نەرسە كۆزىگە سىغمايدۇ». ئاغرىنىش بولسا بىر خىل تەتۈر يۆنىلىشلىك كەيپىيات. «بىز كەيپىياتىمىزنى ياخشى كونترول قىلالىساقلا ئېغىر كېسەل بولمايمىز، تولا كېسەل بولمايمىز، بالدۇر كېسەل بولمايمىز». دېمەك، كېسەل يۈرەكتىن باشلىنىدۇ، ئادەم ئاچچىقلانمىسا ئاسان كېسەل بولمايدۇ، كېسەل بولمىسا بالدۇر ئۆلۈپ كەتمەيدۇ.

2. ھەرىكەت قىلىش كېرەك
جۇڭ نەنشەن ئىلگىرى بىر قېتىملىق لېكسىيەدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى، «ياتقىلى بولسىلا ئولتۇرماسلىق، ئولتۇرغىلى بولسىلا ئۆرە تۇرماسلىق، ماشىنىغا ئولتۇرغىلى بولسىلا پىيادە ماڭماسلىق، لىفىت ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرسىمۇ راۋان پەلەمپەيدە ماڭماسلىق». بۇلار گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر ھېس قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان «يوشۇرۇن تۇرمۇش قائىدىسى».
لېكىن بۇنداق كېتىۋەرسە ئاقىۋەتتە بەدەننىڭ تۈرلۈك فۇنكسىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش پەيدا بولىدۇ. جۇڭ نەنشەن ئۆيگە قايتقاندا لىفىتقا چىقمايدۇ، دائىم ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ، ھەرىكىتى چاققان، شۇڭا ئۇنىڭ ئون نەچچە يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر نورمال چىققان.
كۆپ ھەرىكەت قىلىپ، راھەت-پاراغەتكە بېرىلمەي، بەدەننىڭ ئىقتىدارىنى قوغدىغاندىلا ئاندىن ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ. ئاۋۋال بولۇشىچە يەپ سەمىرىپ قان بېسىمى، قان شېكىرى، قاندىكى ماينى يۇقىرىلىتىۋېلىپ، ئاندىن يەنە جاپا تارتىپ ئورۇقلاش ئىلمىيلىك ئەمەس. ساغلام بولاي دېسىڭىز ئۆزىڭىزگە قاتتىقراق مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك.

3. دائىم بالىلاردىن ئەندىشە قىلماسلىق كېرەك
بالام ئوتتۇزدىن ئاشتى، تېخىچە توي قىلاي دېمەيدا؟ ئوغلۇم ئۆيگە كەلمىگىلى ئىككى ئاي بولدى، سودىدا زىيان تارتىپ قالغانمىدۇ؟ ھاۋا سوۋۇپ قالدى، قىزىم يەنە نېپىز كىيىنىۋالغانمىدۇ؟
بەزى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار تۇرمۇشى خاتىرجەم تۇرۇپمۇ دائىملا پەرزەنتلىرىنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ھەتتا بۇ سەۋەبلىك بەزىلەردە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىمىز بىزنىڭ بېسىمىمىز ۋە كەيپىياتىمىزدىكى ئۆزگىرىشنى ھېس قىلالايدۇ، ئەگەر دائىم تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىدا تۇرغاندا ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىمىز قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. تولا ئەندىشە قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەردە دائىم قورساق ئاغرىش، قورساق قىسىمى بىئارام بولۇش ۋە تەرەت ئادىتى قالايمىقانلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

4. بىر ئىشلارغا بەك ئىنچىكە بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك
جۇڭ نەنشەن نەچچە ئون يىللىق كىلىنىكا ئەمەلىيىتى جەريانىدا يەكۈنلىشىچە، نىسبەتەن ئېيتقاندا تۆۋەندىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن، يەنى مالىيە، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىش، كادىرلار ئىشلىرى، ئىستاتىستىكا قاتارلىق كەسىپتىكى ئاياللار ھەمدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى.
بۇ خىزمەتلەر ئىنتايىن ئەستايىدىل بولغان خىزمەت پوزىتسىيەسىگە موھتاج، خاتالىق كۆرۈلسە بولمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇلاردا قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدىغان، ئىنتايىن ئېھتىياتچان، ھەتتا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا بۇ كىشىلەرنىڭ نېرۋا سىستېمىسى باشتىن-ئاخىر جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ، ئىچكى ئاجراتمىلىرى قالايمىقانلىشىدۇ، ئەزالىرى بەرداشلىق بېرەلمەي قالىدۇ، ھەتتا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش ياخشى ئىش، ئەمما ساغلاملىققا نىسبەتەن ئېيتقاندا زىيادە ئىنچىكە بولۇپ كېتىش بەزىدە ھەرگىزمۇ ياخشى ئىش ئەمەس، بولۇپمۇ پاكىزلىققا زىيادە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىنچىكە ھالقىلارغا چىڭ ئېسىلىۋالىدىغان كىشىلەر.
ساغلام بولۇش ئۈچۈن سەل بىغەم بولۇش كېرەك، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن ئاددىيراق بولۇش كېرەك، بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ئىختىيارى بولۇش كېرەك.

5. زىيادە ئازابلانماسلىق كېرەك
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، زىيادە قايغۇرۇش يۈرەكنى زەخىملەندۈرۈپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، جۈملىدىن مەيدىسى سىقىلىش، نەپەس رېتىمى تېزلىشىش قاتارلىقلار، بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى «كۆڭلى سۇنۇق بولۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» دەپ ئاتىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە روھىي بېسىمنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشى، مەسىلەن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ زىيادە قايغۇرۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ «ئازابلىنىپ» ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى دەلىللەنگەن.

6. كېچىسى ياخشى ئۇخلاش كېرەك
جۇڭ نەنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىماسلىق ھازىرقى تۇرمۇشتىكى بىر خىل دائىملىق ھادىسە بولۇپ قالدى، كېچىسى ياخشى ئۇخلىماي كۈندۈز تولۇقلاپ ئۇخلاش توغرا ئەمەس. ئۇزۇن مەزگىل تۈنەيدىغان كىشىلەرنىڭ تېرىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ، بۇلار يەنە كېچىدە تاماق يەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈندۈزى ئىشتىھاسىزلىنىدۇ، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقى پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىك ئاخىرىدا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
7. قالايمىقان نەرسە يېمەسلىك كېرەك
راك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن فۇدەن داشۆسىنىڭ ئايال دوكتورى يۈ جۈەن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا، ياخشى بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بارلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى، ئۇ قالايمىقان يەپ ئىچىشنى، كۆپ يەپ كۆپ ئىچىشنى، گۆشلۈك تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرەتتى.

8. ئۆزىگە زىيادە بېسىم قىلماسلىق كېرەك
ئۆپكە راكى بىمارلىرىدىن بايقىلىشىچە، يېرىمغا يېقىن بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى بولسا ئۇزۇن مۇددەتلىك چۈشكۈنلۈك، خامۇشلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. جۇڭ نەنشەننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا بايقىلىشىچە، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت روھىي بېسىم، تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلۈك، بۇرۇقتۇرمىلىق، قورقۇش، قايغۇرۇش قاتارلىق كەيپىياتلاردا بولغانلاردا راك كېسىلى ئاسان قوزغىلىدىكەن.
9. ئۆزىگە كۆيۈنۈش كېرەك
خىزمەتنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيدىغان كىشىلەر ئاسانلا ئۆزىنى خورىتىدۇ، بۇ ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتمىلار ۋە نېرۋا سىستېمىسى دائىم قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سالامەتلىكمۇ تەبىئىي ھالدا ياخشى بولمايدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى بولىدۇ، ئاسرىغانلار ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىدۇ، خوراتقانلار قىسقىراق ياشايدۇ، مەسىلەن چەكلىمىسىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغانلار، كەيپ-ساپاغا بېرىلىدىغانلار.

10. باشقىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىش كېرەك
باشقىلار بىلەن كۆپ ئارىلاشمايدىغان ياشانغانلار ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلى، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى ۋە يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ياخشى كەيپىيات ۋە يۈرەك-قان تومۇر ئىقتىدارىنى قوغداشقا پايدىسى بار. ياشانغانلار دائىم قىزىقىشى ئوخشاش قوشنىلارنى كۆپرەك ئىزدەپ تۇرۇشى، دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇشى، ھەمىشە ئۆيدە ئولتۇرۇۋالماسلىقى كېرەك. باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدىغان ياشانغانلار بولسا ئەرمەك ھايۋان، گۈل-گىياھ، قۇش، بېلىق قاتارلىقلاردىن ھۇزۇرلىنشنى بىلىشى كېرەك.
كىشىلىك ھاياتتا ھەق-ناھەق، مەغلۇبىيەت-مۇۋەپپەقىيەت بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمەي، خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئۆزىنى ئۇپراتماسلىق كېرەك، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەننىڭ يۇقىرىقى 10 تۈرلۈك قائىدىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاڭ، ساغلام بەدەن ۋە خۇشال كەيپىيات سىزگە يار بولسۇن!

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: