قىزىل ھاراق بىلەن ئاچچىقسۇ قان تومۇرنى يۇمشىتامدۇ؟

  • A+
تەۋە سەھىپە:يېمەكلىكلەر
نەقىل

قان تومۇر كېسەللىكلىرى سالامەتلىككە ئېغىر تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك كېسەل.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا سىزمۇ بەلكىم قان تومۇرلارنى ئاسرايدىغان ھەر خىل «خىسلەتلىك» ئامال-چارىلەرنى ئاڭلاپ تۇرىسىز.مەسىلەن ھەر كۈنى بىر رومكا قىزىل ھاراق ئىچىش، ھەر كۈنى ئازراق ئاچچىقسۇ ئىچىش، ھەر كۈنى قېرىنقۇلاق يېيىش… بۇنداق يازمىلاردا سۆزلەنگەن سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىگە قارىسىڭىز، ئاڭلىماققا ئىنتايىن ئۈنۈملۈكتەك تەسىر بېرىدۇ-دە، شۇھامان تاللا بازىرىدىن قىزىل ھاراقنى «دورىلىق» ئورنىدا ئېلىشقا باشلايسىز.

قىزىل ھاراق بىلەن ئاچچىقسۇ قان تومۇرنى يۇمشىتامدۇ؟

يازما تەييارلىغۇچى: ئىلغار
تەھرىر: ئابدۇرېھىم

مەزكۇر ماقالە مەزمۇن سالۇنىدىن ئىلىندى

1
قان تومۇر كېسەللىكلىرى سالامەتلىككە ئېغىر تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك كېسەل.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا سىزمۇ بەلكىم قان تومۇرلارنى ئاسرايدىغان ھەر خىل «خىسلەتلىك» ئامال-چارىلەرنى ئاڭلاپ تۇرىسىز.
مەسىلەن ھەر كۈنى بىر رومكا قىزىل ھاراق ئىچىش، ھەر كۈنى ئازراق ئاچچىقسۇ ئىچىش، ھەر كۈنى قېرىنقۇلاق يېيىش... بۇنداق يازمىلاردا سۆزلەنگەن سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىگە قارىسىڭىز، ئاڭلىماققا ئىنتايىن ئۈنۈملۈكتەك تەسىر بېرىدۇ-دە، شۇھامان تاللا بازىرىدىن قىزىل ھاراقنى «دورىلىق» ئورنىدا ئېلىشقا باشلايسىز.
ئۇنداقتا ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ بۈگۈن دوستلار بىلەن مۇشۇ ھەقتە ئازراق پاراڭلىشىمىز.
كۈندە ئازراق قىزىل ھاراق ئىچسە قان تومۇرلارنى يۇمشاتقىلى بولامدۇ؟

قىزىل ھاراق ئىچىپ قېتىپ قالغان قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش پەقەتلا بىر قۇرۇق گەپ خالاس.
ئاۋۋال قىزىل ھاراقنىڭ تەركىبىنى تەھلىل قىلايلى:
قىزىل ھاراقتا ئالاھىدە بولغان مەخسۇس رەڭ ماتېرىيالى ۋە ئاق خەربەك ئالكوھولى بار، ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەتقىقاتىدا «قىزىل ئۈزۈم پوستى، خاسىڭ قىزىل پوستى قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈملۈك تېنىدە بۇ ماددا بولىدۇ» دەپ يېزىلغان. كىلىنىكا تەتقىقاتىدا بولسا بۇ خىل ماددىنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلى ۋە راك كىسىلىگە قارىتا پايدىلىق رولى بارلىقىمۇ ئىسپاتلانغان.
ھىم... راس پايدا قىلامدۇ نېمە؟ قىزىل ھاراقنى دوختۇخانىدا ساتماي تاللا بازىرىغا تىزىپ قويۇپ خاتا قىلغاندەك تۇرىمىز...
ئەمما، لېكىن، بىراق... ئەمەلىيەتتە قىزىل ھاراق تەركىبىدىكى ئاق خەربەك ئالكوھولىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، كۈندە ئازراقتىن قىزىل ھاراق ئىچىش ئارقىلىق قان تومۇر قېتىشىشقا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىل ھاراقتا 12 پىرسەنتتىن 15 پىرسەنتكىچە ئىسپىرت بار، كۆپ ئىچىۋالسىڭىز ئەكىسچە قان تومۇرنىڭ ساغلاملىقىغا زەخمە يەتكۈزىدۇ، جىگەر ئىقتىدارىنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
شۇڭا بۇ ئىش پەقەت ئوڭ تاناسىپ تۈزمەيدۇ، يەنى قىزىل ھاراقنى كۈندە ئازراقتىن ئىچسىڭىز قان تومۇرنى يۇمشىتىشقا كۈچى يەتمەيدۇ، ئەمىسە كۆپرەك ئىچەي دېسىڭىز ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت ئەكىسچە قان تومۇر ۋە جىگەرنى بۇزۇپ قويىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنى ھاراقنى دورا دەپ ئىچىپ ئۆز ئۆزىگە قۇرۇق تەسەللى بېرىپ ئۆزىنى ئالداپ يۈرمىسۇن دەپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) شۇنداقلا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئېنىق قىلىپ قىزىل ھاراقنىڭ قان تومۇرنى قويدايدىغان «خىسلەتلىك» رولىغا رەدىيە بەرگەن ۋە ئىنكار قىلغان.
شۇڭا ھاراق ئىچكۈڭىز كەلسە خوتۇندىن قورقمىسىڭىز ئىچىۋېرىڭ، بىراق ھەرگىزمۇ قان تومۇرۇمنى يۇمشىتىۋېتىدۇ دەپ بولۇشىغا ئىچىپ، جىگىرىڭىزنى قاتۇرۇپ، پۇل خەجلەپ زەھەرلىنىپ سارغىيىپ يۈرمەڭ.

ئەمدى ئاچچىقسۇغا كەلدۇق.
ئاچچىقسۇ ئىچسە قان تومۇرغا پايدىلىق دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ؟ مەن ئاڭلاپ باققان، تېخى «دورا قىلىمىز» دەپ كۈندە ئاچچىقسۇ ئىچىپ يۈرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن.
ئاچچىقسۇ ياكى ئاچچىقسۇغا چىلانغان يېمەكلىكلەر قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ، قان تومۇرنى ياخشىلامدۇ؟
دىققەت: بەلكىم قان تومۇرىڭىز يۇمشاپ بولغۇچە قىزىلئۆڭگىچىڭىز كاردىن چىقىپ بولۇشى مۇمكىن.
سىززە قان تومۇرىڭىزنى ئاچچىقسۇغا چىلىغان ئاشۇ تۇخۇم، خاسىڭ، دادۇر، كەرەپشە، جاڭدۇلاردەك ئويلىۋېلىپ، «ئاچچىقسۇ ئىچسەم تۇمۇرلىرىم مۇشۇ كۆكتاتلاردەك يۇمشاق بولۇپ كېتىدۇ» دەپ قاپسىزدە؟
ھەتتا توردا بىر فىلىمدە مۇشۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەقىقەتەن ھايۋانلارنىڭ تومۇرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ چىلاپ يۇمشىتىپ «تەجرىبە» ئىشلەپ «مۇۋەپپەقىيەت» قازىنىپتۇ.
ئىشقىلىپ بىلىمسىزلىك ئادەمنى ھەر ئىشنى قىلدۇرۇپ باقىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاچچىقسۇغا چىلىغان كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ، ھەتتا ھايۋانات تومۇرىنىڭ يۇمشاپ كېتىشى پۈتۈنلەي سىركە كىسلاتاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئاچچىقسۇ ياكى ئۇنىڭغا چىلانغان يېمەكلىكلەر قورساققا كىرگەندە سىركە كىسلاتاسى ھەزىم بولۇش جەريانىدا ئىشقارلىق ھەزىم سۇيۇقلىقى تەرىپىدىن پارچىلىنىپ كېتىدۇ، ئاز مىقداردىكى سىركە كىسلاتاسى قان سۇيۇقلىقىغا ئۆتەلىگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ناھايىتى تېزلا جىگەر تەرىپىدىن تازىلىۋېتىلىدۇ.
شۇڭا ئاچچىقسۇنىمۇ قىيمىلىق تاماقلارنى يېگەندە ئانچە-مۇنچە تەگكۈزۈپ تەم تەڭشىگۈچى ئورنىدا ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ، بىراق ھەرگىزمۇ دورا ئورنىدا قەرەللىك ياكى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلماڭ، ئاچچىقسۇ ياكى ئاچچىقسۇغا چىلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ قان تومۇرنى يۇمشىتىپ ياخشىلاشقا پايدىسى يوق، ئەگەر كۆپ مىقداردا ئىچىۋالسىڭىز قىزىلئۆڭگەچنى كاردىن چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەمدى قېرىنقۇلاققا كەلدۇق، يەنى مور.
ئىشقىلىپ مور ھەققىدە گەپ چىقسىلا بىر قاتار «مەخپىي رىتسىپلىق» كېسەل داۋالاش رىسالىلىرى تەييارلا تۇرىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىقراق بولغىنى مورنىڭ قان تومۇرنىڭ «تازىلىق ئىشچىسى»لىق رولى.
ئۇنداقتا مور ھەقىقەتەن قان تومۇرنى تازلامدۇ؟
مورنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا يېمەكلىك تالاسى بار، يېمەكلىك تالاسىنىڭ تەرەت ھەيدەپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان رولى بارلىقى راست، بىراق پىرىنسىپ جەھەتتىن «مورنىڭ قان تومۇرنى تازلاش رولى بار» دېگەن گەپ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ، چۈنكى يېمەكلىك تالاسى ئۈچەي يولىدىن ئۆتۈپ قان سۇيۇقلىقىغا كىرەلمەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا ئاڭلغان گەپلىرىمىزدىن گۆشسىز تاماق يېيىش، شاكىلات يېيىش، دولانا يېيىش، سۇلۇ يارمىسى يېيىش، يېشىل چاي ئىچىش... بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قان تومۇرنى تازلىمايدۇ.
ئادەمنى بىئارام قىلىپ خاتىرجەم قىزىل ھارىقىمىزنى، ئاچچىقسۈيىمىزنى ئىچكىلى قويماي نەدىكى «پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك» گەپلەرنىلا دەيدىكەنسەن، نوچى بولساڭ پايدا قىلىدىغىنىنى دەپ باقمامسەن؟ دىيىشىڭىز مۇمكىن.
بەك ئالدىراپ كەتمەڭ، مانا كەلدۇق.
ئالدىن دەپ قويايلى، بۇ تېمىنىڭ ئاستىدا قانداقتۇر ساغلاملىق مەھسۇلاتىنىڭ ئېلانى يوق. پەقەت قان تومۇرغا پايدىلىق تۆت خىل ئۇسۇل بار.
كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ مەيلى، ئەمەلىيەتتە قان تومۇرلار قېرىپ قېتىشتىمۇ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ياشارتىپ، «يۇمشىتىش» بەسىي مۈشكۈل بىر ئىش، ئۇنى ئۈچ تۆت رومكا ھاراق، بىرەر پىيالە ئاچچىقسۇ بىلەن ئوڭشىۋالغىلى بولمايدۇ.
بىراق، ئەگەر تۆۋەندىكى تۆت ئۇسۇلنى ئادەتكە ئايلاندۇرالىسڭىز، كەمىدە قان تومۇرنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتالىشى مۇمكىن.

بىرىنچى، تاماكا تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇش
ئورالما تاماكىدىكى نىكوتىن ۋە ھاراقتىكى ئىسپىرت قان سۇيۇقلىقىغا، قان تومۇر ھۈجەيرىسىگە كىرەلەيدۇ، يەنە تېخى قان مېيى، قان سۇيۇقلىقى ۋە قان قەنتىگە ئۆز ئارا كاشىلا قىلىپ، قان تومۇرغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ.
تاماكا تاشلاش قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتەلەيدۇ. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، تاماكا تاشلىغىنىغا تۆت يىل بولغان كىشىنىڭ قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى داۋاملىق تاماكا چېكىۋاتقان كىشىگە قارىغاندا 54 پىرسەنت تۆۋەن بولىدىكەن.
ھاراققا كەلسەك، ئەڭ ياخشىسى ئىچمەسلىك ياكى ئاز ئىچىش كېرەك، لېكىنزە ھەرگىزمۇ ئەخمەق بولۇپ دورا ئورنىدا ئىچىپ يۈرمەڭ.
ئىككىنچى، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش، سېمىزلىكتىن ساقلىنىش
ئېنېرگىيە ئارتىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان سېمىزلىك قان تومۇر قېتىشىش ۋە باشقا قان تومۇر كېسەللىرىگە گرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرىۋېتىدىغان مۇھىم ئامىل.
شۇڭا سېمىزلەر ئامال بار ئۇرۇقلاشقا تىرىشىڭ، ئېغىرلىقى نۇرماللار سەمىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ.

ئۈچىنچى، يېمەكلىك تەڭپۇڭ بولۇش
ئەمەلىيەتتە نورمال ئوزۇقلىنىش بىلەن ھەركەت ئىككىلىسىنىڭ ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈشتە مۇھىم رولى بولغاندىن باشقا يەنە بىۋاستە قان تومۇر قېتىشىش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
تەڭپۇڭ غىزالىنىش دىگىنىمىز، ئېنېرگىيە نورمال مىقداردا بولۇش، ناتىرىي، تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى، شېكەرنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇشنى، كۆپرەك مىقداردا كالىي، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، قارا ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
تۆتىنچى، ھەرىكەتنى كۆپ قىلىش
تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇش، ھېچبولمىسا ئانچە-مۇنچە مېڭىپ تۇرۇش قان بېسىمنى، قاندىكى ماي مىقدارىنى، قاندىكى شېكەرنى نورماللاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قان تومۇر قېتىشىش خەۋپىنى ئازايتالايدۇ
«تۆت يۇقىرى» كىشىلەر چوقۇم، چوقۇم، چوقۇم (مۇھىم گەپنى ئۈچ قېتىم دەيدىغان ئىشكەن) ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىشى كېرەك.
قان بېسىم يۇقىرى، قاندىكى ماي يۇقىرى، قان شېكىرى يۇقىرى، سۈيدۈكتىكى كىسلاتا يۇقىرى بولۇش قىسقارتىلىپ «تۆت يۇقىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ قان تومۇر قېتىشىش ۋە باشقا قان تومۇر كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەڭ يۇقىرى.
ئەگەر سىزدە مۇشۇ «تۆت يۇقىرى» بار بولسا چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ دىئاگنوز قويدۇرۇڭ، دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن داۋالىنىڭ، دورا يېسىڭىزمۇ دوختۇر بەرگەن دورىنى يەڭ، ئاچچىقسۇ ئىچسىڭىزمۇ دوختۇر بەرگەننى ئىچىڭ (بۇ يەردە دوختۇرغا كۆرۈنۈش بەك بەك مۇھىم دېمەكچىدە).
پەقەت مۇشۇلا يۇقىرىدا دېيىلگەن مېتابولىزىم بىنورماللىقى كېسەللىكلىرى (يەنى تۆت يۇقىرى)نى داۋالاشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل.
لېكىن ھەرگىزمۇ يېمەكلىكنى دورىنىڭ ئورنىدا يەپ قالماڭ، ھاراق دورا ئەمەس، ئاچچىقسۇ دورا ئەمەس، قېرىنقۇلاق دورا ئەمەس، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىمۇ دورا ئەمەس.
ئېغىرلىقىڭىزنى نورمال ھالەتتە ساقلاڭ، تۇيۇقسىز، بىر كېچىدىلا چاقماق تېزلىكىدە ئورۇقلايدىغان ئىشنى قىلماڭ، دورا يېگەندە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يەڭ، مانا بۇ قان تومۇرلارنى ۋە يۈرەكنى قوغداشتىكى، جۈملىدىن ساغلاملىقىڭىزنى ئاسراشتىكى ھەقىقىي جانغا ئەسقاتىدىغان توغرا ئۇسۇللار.
يازمىدىكى سىز مۇھىم دەپ قارىغان جايلارنى خاتىرىلىۋېلىپ ئۆيدىكى چوڭلىرىڭىزغا ئوقۇپ بېرىڭ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
جۇڭگو ئۇزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى، جۇڭگو تالالىق يېمەكلىكلەر قوللانمىسى. 2016-يىلى خەلق سەھىيە نەشرىياتى نەشىر قىلغان
ھازىرقى زامان كىلىنىكا ئوزۇقلۇق ئىلمى. 2009-يىلى پەن تېخنىكا نەشىرىياتى نەشىر قىلغان
پايدىلانغان ماقالە ئەسلى يازغۇچىسى: لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، داليەن مەركىزى دوختۇرخانا ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىڭگو (王兴国)
دىڭشياڭ دوختۇر سالونى

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: