بالىغا قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك قائىدە تۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ؟

  • A+
تەۋە سەھىپە:پەرزەنىت تەربىيسى

بالىغا قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك قائىدە تۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ؟

يېقىندا بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىر بالىغا قانداق قىلىپ قايچىنى ئۆز ئورنىغا قويۇشقا قايىل قىلغانلىقى ھەققىدە بىر سىن كۆرۈپ قالدىم. بالا پۈتۈن جەرياندا يىغلاپ قارشىلىق كۆرسەتتى، مۇئەللىم باشتىن-ئاخىر ناھايىتى مۇلايىم ھەم قەتئىيلىك بىلەن بالىغا قايچىنى جايىغا قويغۇزۇشتا چىڭ تۇردى، بالا بەك ئۇزۇن تىركەشتى، ئاخىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قايچىنى جايىغا قويدى.
كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن شۇنداق بىر سوئال تۇغۇلدى:قانداق قىلىپ بالىلارغا ئەركىن ئىجرا قىلىدىغان قائىدە تۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ؟
ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھازىرقى مائارىپ تەربىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بالىنى سەل ئەركىن قويۇپ بېرىدۇ.
مۇنداقچە ئېيىتقاندا ھازىرقى بالىلاردا مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ كەمچىل بولماسلىقى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى. لېكىن قائىدە بولمىسا يەنىلا بولمايدۇ، بالىغا يېتەرلىك ئەركىنلىك بەرمەكچى بولغاندا يەنە بىرقىسىم ئادەت ۋە قائىدىلەرنى بېكىتىپ بېرىش كېرەك.
بۇ بالا تەربىيىسىدىكى مۇھىم بىر مەسىلە، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاتا-ئانا چەك-چېگرىنى ئېنىق بېكىتىپ بەرمەيدۇ. دەل ۋاقتىدا بالىنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرىدۇ.
تەس يېرى قائىدە تۈزگەندە بالىنى قانداق قىلىپ قائىدىگە رىئايە قىلىدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟ قائىدە دېسەك، كاللىمىزغا تۇنجى بولۇپ كېلىدىغىنى چەكلىمە بولىدۇ. لېكىن چەكلىمە بولسىلا بالىدا ئۇنى بۇزۇپ بېقىش كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ، بالىنىڭ كەيپىياتى ئاتا-ئانىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، ئاندىن يەنە بىر قاتار مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.
دائىم مۇشۇنداق مەسىلىلەر كېلىپ چىققاندا ئاتا-ئانىلار زادى مۇرەسسە قىلىشى كېرەكمۇ ياكى ئىزچىل قائىدە بويىچە ئىش قىلىشى كېرەكمۇ؟
ئەگەر قائىدە بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرسا، بالىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىلىپ قالامدۇ؟ قانداق ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك؟
ئەگەر مۇرەسسە قىلسىچۇ؟ بالىغا قائىدىگە خىلاپلىق قىلسىمۇ بولىۋېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈلۈپ قالارمۇ؟ بالىدا ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىدىغان ئادەت يېتىلىپ قالارمۇ؟
بۇ راستتىنلا ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىرمەسىلە.
بالا قائىدىلەرنى چۈشىنىپ، بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىشنى خالىسا بىزنىڭ ئەڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقىمىز ھەل بولغان بولىدۇ. مەيلى مۇرەسسە قىلايلى ياكى چىڭ تۇرايلى يۇقارقى مەسىلە ھەل بولسىلا بولىدۇ.
شۇڭا بىز ئاۋۋال ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن بالىغا قائىدىنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك.
سىندىكى كۆرۈنۈشنى ئېلىپ ئېيىتساق، ئەلۋەتتە بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشى نەزەرىيە جەھەتتىن توغرا، مۇلايىملىق ۋە قەتئىيلىك، بالىنىڭ قىلىقىغا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرغان.
لېكىن يەنىلا يېتەرسىز بولغىنى پۈتۈن جەريان ناھايىتى ئۆلۈك، خۇددى ئالاھىدە بېكىتىلگەن ماشىنىغا ئوخشاش داۋاملاشقان، ئەڭ مۇھىمى بۇ بالا زادى نېمىشقا بۇ قايچىنى جايىغا قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەنمىگەن، ئوقۇتقۇچىسى پەقەت بىر چوڭ ئادەم سالاھىيىتىدە بالىغا بۇيرۇق قىلىپ، جايىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان، پەقەت مۇشۇلا.
بۇنىڭدىن شۇنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، بالا ئەگەر كېيىنكى قېتىم يەنە قايچا ئىشلەتمەكچى بولسا ئۇ يەنىلا جايىغا قويمايدۇ، شۇڭا بۇ مۇئەللىم يەنە داۋاملىق سىندىكىگە ئوخشاش بالىغا قايچىنى ئۆز ئورنىغا قويۇشنى«ئۆگىتىدۇ».
بۇنىڭ پايدىسى بارمۇ؟
بالا ئۆزى ھېس قىلىپ بېقىش ئارقىلىق نەرسىلەرنى چۈشىنىدۇ، بۇ بالىنىڭ ئۆگىنىش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ، شۇڭا بالىغا قائىدە تۈزۈپ ۋە شۇ قائىدىگە ئەمەل قىلغۇزماقچى بولغاندا بالىغا شۇ قائىدىنى قۇبۇل قىلغۇزۇش ۋە ھەزىم قىلغۇزۇش ئۇسۇلىدا يېتەكلەش كېرەك.
مەسىلەن: بۇ سىندا بالىنىڭ قايچىنى ئۆز ئورنىغا قويماسلىقىنىڭ سەۋەبى بەلكىم تېخى ئويناپ قانمىغانلىقى ئۈچۈندۇ ياكى قايچىنى يەنە باشقا ئىشقا ئىشلىتىدىغانلىقى ئۈچۈندۇ.
ئاۋۋال بىز بالىغا ئويلىغانلىرىنى، ھېس-تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان پۇرسەت بېرىشىمىز كېرەك، باشتىلا: بولمايدۇ، قايچىنى ئورنىغا قويۇشۇڭ كېرەك، ئورنىغا قويۇشۇڭ كېرەك.... دەپ چۈشمەسلىكىمىز كېرەك.
بۇنداق بۇيرۇقسىمان گەپ قىلىش بالىغا قائىدىنى مەجبۇرىي قۇبۇل قىلدۇرۇش بولىدۇ، بۇئىشتا بىز بالىغا نېمىشقا قائىدىگە ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرمەيمىز.
بىز بالىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز، چوڭلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ مەسىلىنى ھەل قىلماسلىقىمىز كېرەك.
قايچىنى ئورنىغا قايتۇرۇش مەسىلىسى بالىنىڭ قايچىغا خوش دېيىش مەسىلىسىدۇر، چوڭلارنىڭ بالىنى قايچىنى ئورنىغا قويغۇزۇش مەسىلىسى ئەمەس. بالا مەسىلىسىنى ئۆزى يالغۇز ھەل قىلماقچى بولغاندا ئاندىن ئۈنۈملۈك ھالدا بىزنىڭ ئۇنىڭغا يەتكۈزمەكچى بولغان قائىدىمىزنى چۈشىنەلەيدۇ.
ئەگەر بۇ مەسىلىگە مەن يولۇقسام مۇنداق دېيىشىم مۇمكىن:
بىز ئاۋۋال قايچىنى يىغىشتۇرۇپ قويايلى، بۈگۈن سەن مېنىڭ ياردەمچىم بول، باشقىلارمۇ قايچىلىرىنى ئورنىغا قويۇپتىمۇ، رەتلىك قويۇپتىمۇ كۆرۈپ باقايلى. سەن قايچاڭنى قايسى ئورۇنغا قويماقچى؟
بۇنداق بولغاندا بالا ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئىقتىدارى بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ، تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتىدۇ، سىز بالىغا بىۋاستە قايچىنى جايىغا قوي دېمەستىن ۋاستىلىك ھالدا بىلدۈرسىڭىز ئۇ ئۆزى ئاكتىپ ئىش قىلغاندىن كېيىنكى مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمۈلىدۇ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ.
ئەگەر بالا: بولمايدۇ، مەن يەنە ئوينايمەن دېسە, سىز ئۇنىڭغا:«ھازىر تاماق يەيمىز، سەن تاماق يەمسەن ياكى ئويناۋېرەمسەن؟ ئويناۋەرسەڭ قورسىقىڭ ئېچىپ كېتىدۇ» دېسىڭىز بولىدۇ.
بالىغا ئىككى خىل تاللاش بېرىپ ئۆزىگە تاللىغىلى قويىسىز.
ئەگەر بالا: مەن قايچىنى تۇتۇپ تاماق يەيمەن دېسە،ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭغا:قايچا بىلەن نەرسە كېسىدۇ، بىللە تاماق يېگىلى بولمايدۇ،تاماق يەيدىغان نەرسە قوشۇق، قايچا قولۇڭغا ياكى باشقا بالىلارنىڭ قولىغا كىرىپ كېتىپ قالسا بەك ئاغرىيدۇ، قايچىنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ دېسىڭىز بولىدۇ.
ئومۇمەن بالىغا نېمىشقا قايچىنى ئۆز ئورنىغا قويۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈش مۇھىم. ئەگەر بالا داۋاملىق ئوينايمەن دېسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ۋاقىت بەلگىلەپ قوڭغۇراقلىق سائەت بەلگىلەپ قويۇش، ۋاقىت توشقاندا چوقۇم تاماق يېيىشكە قايىل قىلىشمۇ ياخشى تاللاش، بىز بۇ چاغدا بالىنىڭ خاھىشىغا ھۆرمەت قىلغان بولدۇق، ئۇنىڭغا تاللاش بەردۇق، بالا ئەمدى يەنە تاكاللىشىپ يۈرمەيدۇ.
ھېلىقى سىندىكى بالىنىڭ يىغلاپ غەلۋە قىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا مەيلى ئۇ نېمىلا دېمىسۇن مۇئەللىمى ئۇنىڭغا ئىزچىل «قايچىنى ئورنىغا قويۇش، چوقۇم ئورنىغا قويۇش» نىلا ئېيتىپ تۇرۇۋالغان، بالا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغان، شۇنداقلا ھېچقانداق تاللاشمۇ بېرىلمىگەن.
چۈشىنىشكە ئېرىشەلمىگەن بالا ئامالسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە پېتىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تاللىشى پەقەت يىغلاش بولىدۇ.
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار مۇشۇنداق بىر خاتالىقنى سادىر قىلىدۇ: يەنى چوڭلارنىڭ تەپەككۇرى بويىچە بالا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقچى بولىدۇ، بۇنداق بولسا بالا بىلەن ئوتتۇرىڭىزغا بىر توساق سېلىنىپ قالىدۇ، يەنە بالىغا شۇنداق بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ قويىسىز: بۇ ئادەم پەقەت مېنى ئەدەبلەشكىلا مەسئۇل، مېنىڭ مەسلىلىرىمنى ھەل قىلىشقا ئەمەس.
بۇ نۇقتىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا بالىلارغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، بالىلارنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلىنىش، ھەرگىزمۇ ئۇلارغا دۈشمەن بولۇش ئەمەس.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: