بالىغا <دورا> بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزدىكى كېسەلنى بايقاڭ

  • A+
تەۋە سەھىپە:بالىلار ساغلاملىقى

بىر قانچە كۈن بۇرۇن تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا ئۇ قىزىغا:«ھازىر بۇنداق تۇرساڭ، كېيىن قانداق قىلارسەن؟» دېدى. ئۇنىڭ قىزى قورقۇنچاق، ئۆزىنى كەمستىدىغان بولغاچقا ھازىر چوپچوڭلا بولۇپ قالغان بولسىمۇ باشقىلارغا گەپ قىلغاندا يەنىلا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گەپ قىلاتتى.
تۇغقىنىم كىچىكىدىن قىزىنى ئۆيىدە يالغۇز قويۇپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. قىزى كىچكىدىن باشلاپ ئۆزى يالغۇزيۈرۈپ، ئىچ مىجەز، توپقا ئارىلاشمايدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن.
لېكىن ئۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭراق زىيانكەشلىك قىلغىنى باشلانغۇچتىكى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن. ئۇ ئوقۇتقۇچى ھەر قېتىم ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا نەتىجىسى ناچار ئوقۇغۇچىلارغا زەربە بېرىدىكەن، ھەمىشە باشقا بالىلارنىڭ ئالدىدا:«قارىغىنە ھالىڭغا، كېيىن قانداق قىلارسەن؟» دەيدىكەن.
ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇنىڭ بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ھەمىشە باشقىلارغا گەپ قىلغاندىمۇ بېشىنى تۆۋەن سالىدىغان بولۇپ قاپتۇ.

بالىغا <دورا> بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزدىكى كېسەلنى بايقاڭ
بالىلىقتىكى قىسمەتلەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا ئۆمۈرلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يېقىلىپ چۈشسە ياكى بىرەر يېرىنى كېسىۋالسا يارائېغىزى ساقىيىدۇ. لېكىن قەلىب يارىسى تەستە ساقىيىدۇ.
بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىستىتى پىسخولوگىيە پىروففىسسورى جوۋ خوڭنىڭ دېيىشىچە:«قۇرداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تىل زەخمىسىنىڭ بالىغا ئەكىلىدىغان روھىي كۆلەڭگىسى ئۇلارنى سىرىتقى دۇنياغا ئىشەنمەس قىلىۋېتىدىكەن. ئۇلار جەمئىيەتنى رەھىمسىز، سوغۇق دەپ ئويلايدىكەن، ھەمىشە جەمئىيەتنى ئۆزىنى چەتكە قاقىدىغاندەك ھېس قىلىدىكەن...»
سىز بالىنى ئىلھاملاندۇرمىسىڭىزمۇ مەيلى، لېكىن تىل بىلەن بالىغا زەربە بەرمەڭ، چۈنكى سىز ئويلىماي دېگەن قايسى گېپىڭىزنى ئۇنىڭغا قانداق ئازاب ئەكىلىدىغىنىنى بىلەلمەيسىز.
بالا باشقىلارنىڭ تىل-ئاھانەتلىرىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ لېكىن ئاتا-ئانىسىدىن تەسەللىي تېپىشنى، جاسارەتكە ئېرىشىشنى ئىستەيدۇ.
لېكىن ئۆز ئاتا-ئانسىىمۇ ئۇنىڭغا زەربە بەرسىچۇ؟بۇنداق قىلىشنىڭ نەتىجىسى ۋەيران قىلغۇچ خاراكتىرىلىك بولىدۇ، نۇرغۇن مەسىلىسى بار بالىلارنى ئاتا-ئانىسى شۇنداق بولۇشقا مەجبۇر قىلغان.
تىل-دەشنام، ئاغرىنىشلار ئۇلارنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرىدۇ، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ئازابلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېغىر خاتالىق سادىرقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار مەن ئۇنداق ئېغىر گەپلەرنى قىلمايمەن دېيىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە نورمال ئەھۋالدا كەيپىياتىڭىزنى كونتىرول قىلالىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئاچچىقلانغاندىچۇ؟ كەيپىياتنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان ۋاقىتتا ھەقىقەتەن بالىغا ئازار بېرىدىغان گەپلەر تۇشمۇ-تۇشتىن يېتىپ كېلىدۇ.
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە بالا ئاچچىقنى چىقىرىدىغان قورالغا ئايلانغان.
بەزىدە ئاتا-ئانىلار چېقىشىپ قويدۇم دەيدۇ،خالىغانچە گەپ قىلسا، زەربە بەرسە بالا ياخشىلىنىپ قالىدىغاندەك ئويلايدۇ.
ئالدىنقى قېتىم دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغاندا 3 ياشلىق بالىسى مەندىن قېچىپلا، يېتىرقاپ يۈردى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ ھەرپ تونۇش جەدۋىلىدىكى پويىزنى كۆرسىتىپ، «دادا، ماۋۇ نېمە؟» دەپ سورىدى، دادىسى:«پويىزغۇ؟بىز بىللە ئولتۇرۇپ باققانغۇ؟ سەن نېمانداق ئېسىڭدە تۇتالمايسەن؟»، «دادا، پويىزنىڭ بېشى قەيەردە؟» «مانىغۇ؟ سەن نېمانداق دۆت!» دېدى. بالا سەل بىئارام بولغاندەك قىلىپ، ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
مەن:«پويىزنىڭ راستتىنلا ئىككى بېشى بار» دېدىم، دادىسى:«ئۇ راست، لېكىن بۇ بېشى شۇ، ئېسىڭدە تۇتۇۋال!» دېدى، بالىنىڭ ئەمدى ئوينىغۇسىمۇ كەلمىدى.
بۇ بىر نورمال دىئالوگدەك كۆرۈنىدۇ. چوڭلار ھەمىشە چاقچاق قىلىپ قويدۇق دېيىشىدۇ. لېكىن بالىلارغا زەربە بېرىدىغان بۇنداق گەپلەربالىلارنى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بالىسىنىڭ مەسىلىسىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبلىك ئۇنى تۈزەتمەكچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى ئۆزلىرى ئاغرىپ قالغان بولسىمۇ بالىغا دورا يېگۈزمەكچى بولىۋاتقان ئەھۋالغا ئوخشايدۇ.
بالا ئۆينىڭ ئەينىكى. ئۇ پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئائىلە ئىستىلىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي يەنە ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆرگەن تەربىيىسىنى ۋە پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
مۇنداق بىر گەپ بار:«بىر ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ تەربىيە كۆرگەنلىكى يېقىنلىرىغا ئاچچىقلانماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.» چۈنكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىز سىزنى ھەمىشە ئەپۇ قىلىدۇ. بولۇپمۇ بالىڭىز، سىز ئۇنىڭغا قانچىلىك قوپال مۇئامىلە قىلسىڭىزمۇ ئۇ يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن بۇ سىزنىڭ ئۇنى خالىغانچە ھاقارەتلىسىڭىز بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بالىڭىز سىزنى ئەڭ ياخشى كۆرگەچكە سىز ئۇنىڭغا ئەڭ ئاسان زىيانكەشلىك قىلالايسىز.
ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولماي قالىدىغان ۋاقىتلىرى ئەلۋەتتە بولىدۇ، بولۇپمۇ ھېرىپ-چارچاپ كەتكەن ۋاقىتتا بالىسى غەلۋە قىلىپ توختىمىسا، تالاي قېتىم تەنبىھ بەرسىمۇ بالا يەنىلا قولىدا يانفۇننى تۇتۇپ، ئويۇن ئويناپ ئولتۇرسا....كەيپىياتىڭىز بۇزۇلغاندا سىز چوقۇم سانسىزلىغان زەھەردەك تىللارنى ياغدۇرۋېتىسىز. لېكىن ياخشى ئاتا-ئانا ئۆز كەيپىياتىنى باشقۇرالايدۇ، ئېغىزىنى باشقۇرالايدۇ. چۈنكى بەزى تىللار پىچاققا ئوخشاش «ئادەم ئۆلتۈرەلەيدۇ.»
شۇڭا كەيپىياتىڭىزنى بالىڭىز بىلەن چىقارماڭ، ئۆزىڭىزدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، بالىڭىز بىلەن تەڭ چوڭ بولۇڭ.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: