جۇڭ نەنشەن: كېسەل بولماسلىقتىكى تۆت تەۋرەنمەس پىرىنسىپ

  • A+

جۇڭ نەنشەن: كېسەل بولماسلىقتىكى تۆت تەۋرەنمەس پىرىنسىپ

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭ نەنشەن، تېببىي ئالىم، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، داڭلىق نەپەس كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى.

83 ياشلىق ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نەچچە يۈزلىگەن ئوتتۇرا ياش، ياشانغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، كېسەل بولماسلىقتا مۇنداق تەۋرەنمەس پىرىنسىپ بار ئىكەن. بۇ «كېسەل بولماسلىق» تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنىدە داڭلىق دوختۇرلارنىڭ كۈتۈنۈشتىكى مەخپىي رېتسىپلىرى ئاز ئەمەس ئىكەن. ساغلام ياشاي دېسىڭىز، بۇ پىرىنسىپلارنى چوقۇم ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ!

1. ئاچچىقلانماسلىق كېرەك.
«ئادەم ئاچچىقلانمىسا ئاغرىپ قالمايدۇ»، بۇ جۇڭ نەنشەننىڭ نەچچە ئون يىللىق دوختۇرلۇق تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى. ئاچچىقلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى زادى قانچىلىك؟ ئامېرىكا ئاتلانتا كېسەللىكىنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ بايقىشىچە، %90 كېسەللىكنىڭ ھەممىسى روھىي بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. جۇڭ نەنشەن مۇنداق دېدى: «ئەتراپقا قارايدىغان بولسىڭىز، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن ئاغرىنىپلا يۈرىدۇ، ھېچقانداق نەرسە كۆزىگە سىغمايدۇ. ئاغرىنىش بىر خىل تەتۈر يۆنىلىشلىك كەيپىيات. بىز كەيپىياتنى ياخشى كونترول قىلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتساقلا، چوڭ كېسەللىكلەردىن خالىي بولالايمىز، ئاز كېسەل بولىمىز، ياكى كېچىكىپ كېسەل بولىمىز.»
كېسەل كەيپىياتتىن باشلىنىدۇ. ئادەم ئاچچىقلانمىسا كېسەل بولمايدۇ، ئاز كېسەل بولسا ئۆمرىمۇ ئۇزۇرايدۇ.
2. ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك.
جۇڭ نەنشەن بىر مەيدان لېكسىيەدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نۇرغۇن كىشىلەر يېتىۋالغۇدەكلا پۇرسەت بولسا ھەرگىز ئولتۇرمايدۇ، ئولتۇرۇۋالغۇدەكلا پۇرسەت بولسا ھەرگىز ئۆرە تۇرمايدۇ، ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ لىفىت ساقلاشقا رازىكى، پەلەمپەيدىن مېڭىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر سەزمىگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئۇلار ھەر كۈنى ئەمەل قىلىدىغان <تۇرمۇش يوشۇرۇن قائىدىسى>گە ئايلىنىپ كەتكەن. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئاقىۋەتتە بەدەننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك.»
3. بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىك كېرەك.
بالام 30دىن ئاشتى، ھازىرغىچە لايىقىمۇ بولمىسا، قانداق قىلساق بولار؟
ئوغلۇم كەلمىگىلى ئىككى ئاي بولدى، سودىسىدا زىيان تارتقانمىدۇ يا؟
ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، قىزىم پوپايكا كىيگەندىمۇ؟
بەزى ئوتتۇرا ياش، ياشانغان دوستلار ئۆزىنىڭ ئىشىدىن كۆپ غەم يېمەيدۇ، لېكىن ھەمىشە پەرزەنتلىرىدىن غەم يەيدۇ، ھەتتا كۆپ قېتىم جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي بىزنىڭ بېسىمىمىز ۋە كەيپىياتىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىنى سىزىپ تۇرىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ناچار كەيپىياتتا بولسا ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم غەم يەپلا يۈرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر پات-پاتلا قورساق ئاغرىش، قورساق بىئارام بولۇش ۋە تەرەت قىلىش ئادىتى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئەگەر سىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار بەك كۆپىيىپ كەتتى دەپ قارىسىڭىز، ھەمىشە بالىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى كونترول قىلماقچى بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ئويلىنىپ بېقىڭ، بەلكىم يېقىندىن بۇيان تۇرمۇشىڭىز بەك مەنىسىز بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
بۇنداق چاغلاردا، ئەڭ ياخشىسى غەم قىلىدىغان ئوبيېكتنى يۆتكەپ، ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشنى تېپىپ، يېڭى قورۇما قورۇشنى ئۆگىنىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ، مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى تۈگىتىش كېرەك.
4. ئادەتتىكى ئىشلاردا ھەددىدىن زىيادە ئەستايىدىل بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك.
جۇڭ نەنشەننىڭ نەچچە ئون يىللىق كىلىنىكىلىق ئەمەلىيىتى ئۇنى مۇنداق بىر ھادىسىگە دىققەت قىلدۇردى: نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەھەردە مالىيە، بوغالتىرلىق، تەپتىشلىك، ئىستاتىستىكا، ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدا ناھايىتى ئاسان راك پەيدا بولىدىكەن.
بۇ خىزمەتلەر ئىنتايىن ئەستايىدىل بولغان خىزمەت پوزىتسىيىسىگە موھتاج، خاتالىق كۆرۈلۈشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولىدىغان، ھەتتا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەن. شۇڭا، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تارىسى باشتىن-ئاخىر چىڭ تارتىلىپ تۇرغاچقا، ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىپ، ئەزالىرىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، راك كېسىلىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردا بەك زىغىرلاپ كەتمەي، بېسىم ۋە كەيپىياتىنى تەڭشەشكە كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: