نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟

  • A+
تەۋە سەھىپە:تۇرمۇش ساۋاتلىرى

نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟

جۇڭگو ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق سالونى خەۋىرى:
نېمە ئۈچۈن ساغلام بەدەن ئېغىرلىقى بولۇشى كېرەك؟
دۆلىتىمىزدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى سېمىز بولۇش، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
سانلىق مەلۇماتقا قاراپ باقايلى:

كېسەل بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى كۆپەيتىدۇ
2 تىپلىق دىئابىت كېسىلى
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە:
BMI كۆرسەتكۈچى ھەر بىر ئۆلچەملىك پەرق بىرلىكى ئۆرلىگەندە، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپ-خەتىرى %78 كۆپىيىدىكەن.
ساغلام سېمىز كىشىلەر توپىنىڭ Ⅱ تىپلىق قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ساغلام بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەر توپىنىڭ 4.03 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ، ئەمما ساغلام ئەمەس سېمىز كىشىلەر توپىنىڭ Ⅱ تىپلىق قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ساغلام بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەر توپىنىڭ 8.93 ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ساغلام سېمىز كىشىلەر توپى بولغان تەقدىردىمۇ كەلگۈسىدە، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرىدۇ.
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە:
27 BMI ھەر 5 كىلوگرام/ كۋادرات مېتىر ئاشقاندا، تاجىسىمان ئارتېرىيلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپ-خەتىرى %27 ئاشىدىكەن؛
ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر توپىنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى نورمال كىشىلەرنىڭ 1.26 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن.
سېمىز كىشىلەر توپىنىڭ تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرنىڭ 1.69 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن.
جۇڭگودىكى ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ۋە سېمىز كىشىلەر توپىنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى نورمال ئېغىرلىقتىكى كىشىلەر توپىنىڭ 2.49 ھەسسىگە تەڭ كېلىدىكەن.
ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە:
ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈش خەۋپ-خەتىرىنى %10 تۆۋەنلىتىدىكەن.
سېمىزلىك ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىنى %36 ئاشۇرىدىكەن.
BMI قىممىتى كىلوگىرام 24.0~29.9/كىۋادرات مېتىر ئارىلىقىدا بولسا65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ پۈتۈنلەي شۇ سەۋەبلىك ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
ھەيزى توختىغان ئاياللاردىكى سۈت بېزى راكى
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە:
ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش سۈت بېزى راكى پەيدا بولۇش خەۋپىنى %12 كۆپەيتىدىكەن.
سېمىزلىك سۈت بېزى راكى پەيدا بولۇش خەۋپىنى %16 كۆپەيتىدىكەن.
ھەيز توختىمىغان ئاياللارغا نىسبەتەن، بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى مۇناسىۋەتسىز.
تۇخۇمدان راكى
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە:
ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش تۇخۇمدان راكى پەيدا بولۇش خەۋپىنى %8 كۆپەيتىدىكەن.
سېمىزلىك تۇخۇمدان راكى پەيدا بولۇش خەۋپىنى %27 كۆپەيتىدىكەن.
تۈز ئۈچەي راكى
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە:
مەيلى ئالما تىپلىق سېمىزلىك ياكى نەشپۈت تىپلىق سېمىزلىك بولسۇن، ھەممىسى تۈز ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدىكەن.
سېمىزلىك تۈز ئۈچەي راكى پەيدا بولۇش خەۋپىنى %33 كۆپەيتىدىكەن.
مېڭە سەكتىسى
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە:
BMI ھەر كىلوگىرام / كۋادرات مېتىر ئاشسا، مېڭە سەكتىسى پەيدا بولۇش خەۋپى %18 ئاشىدىكەن.
ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر توپىنىڭ مېڭە سەكتىسى پەيدا بولۇش خەۋپى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرنىڭ 1.13 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن.
سېمىز كىشىلەر توپىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەر توپىنىڭ 1.47 ھەسسە تەڭ كېلىدىكەن.
ئىقتىسادىي يۈك ئېشىپ كېتىش
ئىقتىسادىي يۈك
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە:
2010-يىلى ئېلىمىزدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىكتىن كېلىپ چىققان ئاساسلىق سوزۇلما كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغان ئومۇمىي ئىقتىسادىي يۈك 90 مىليارد 768 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن.
ئاساسلىق سوزۇلما كېسەل ئىقتىسادىي يۈكىنىڭ %42.9 ىنى ئىگىلىگەن.
2010-يىلى سەھىيە ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ %4.5 ىنى ئىگىلىگەن.
ئىملىي ئوزۇقلىنىش پىرىنسىپى
يېمەكلىك ھەرخىل بولۇش، مىقدارى ئېشىپ كەتمەسلىك، ئېنېرگىيەنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش.
ئىلمىي ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلى
كۈندىلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 5 كۈن ئوتتۇرا تىپتىكى بەدەن ھەرىتىكى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئومۇمىي ۋاقتى 150 مىنۇتتىن ئاشقان بولۇش.
يېيىش-ئىچىش تەڭپۇڭ بولغاندا، ئاندىن ساغلام بولغىلى بولىدۇ.

ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى:
BMI=بەدەن ئېغىرلىقى (كىلوگىرام)/بوي ئېگىزلىكىنىڭ كىۋادراتى (كىۋادرات مېتىر)
دۆلىتىمىزدە ئادەتتىكى ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ (18-64) BMI سى 18.5~23.9 ئارىسىدا، 18.5›BMI بولسا، بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 24.0≤BMI<28.0 بولسا، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. BMI≥28.0 بولسا، سېمىزلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: