بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ

  • A+
تەۋە سەھىپە:تۇرمۇش ساۋاتلىرى

بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ

ئومۇمىي خەلق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى سالونى خەۋىرى:
كونىلاردا «بەلۋاغ ئۇزۇن، ئۆمرى قىسقا» دەيدىغان گەپ بار، بەل ئايلانمىسى بەك توم بولۇپ كەتسە، مۆلچەر ئۆمرى قىسقىرايدۇ، مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش.
بەل ئايلانمىسى قانچىلىك بولسا خەتەرلىك سىگنال پەيدا بولىدۇ؟

بەل ئايلانمىسى ئېھتىيات سىزىقى: 80 سانتىمېتىر
مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بەل ئايلانمىسى 80 دىن ئېشىپ كەتمىسە ياخشى.
بەل ئايلانمىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش قايسى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1. ئارتېرىيە قېتىش: يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى
بەل قورساق قىسمىغا يىغىلىپ قالغان ماي ھۈجەيرىسى يۈزىدىكى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن خولېستېرىن ۋە ئاقسىل بىلەن بىرىككەندە، بىر خىل تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ھاسىل قىلىدۇ ھەم قان تومۇرىغا سىڭىپ كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يىغىلىپ، قان تومۇر دىۋارى ئارتېرىيە قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ.
2، ياشانغانلار دېۋەڭلىكى
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، 40 ياشقا كىرگەندە قورساق قىسمى چوڭراق قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ 70 نەچچە ياش ۋاقتىدىلا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى قورساق قىسمى بىر قەدەر كىچىك ئادەملەرنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. بۇ خىل باغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر سەۋەب، تېرە ئاستىدىكى ياغ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىچ مايغا تېخىمۇ كۆپ بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھورمون يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.

3. قان قەنتىنىڭ يۇقۇرلىشى، دىيابىت كېسىلى
سىمىزلىك، بولۇپمۇ ئىچىگە يىغىلىش خاراكتېرلىك سېمىزلىك قان قەنتى يۇقىرى بولۇشقا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرىدۇ، كىلىنىكىلىق كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، %80 دىئابېت كېسىلى سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. قورسىقى قانچە چوڭ، بەل ئايلانمىسى قانچە توم بولسا، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدىكەن.
4. جىگەرنى ماي قاپلاش
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ماي ھۈجەيرىسى ماي بىرلەشمە ماددىسى، مايغا ئايلانمىغان ماي كىسلاتاسى قاتارلىق بىر قىسىم غەيرى ماددىلارنى قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ كۆپىيىشى جىگەرگە ياغ تۈرىدىكى ماددىلارنى تولدۇرۇپ، ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرىدىكەن. شۇڭا، بەل ئايلانمىسى قانچە چوڭ بولسا، جىگەرنى ماي قاپلاش ۋە دىئابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
«بەلنى ئورۇقلىتىشنىڭ مەخپىيىتى» بۇ يەردە

بەلنى تىك تۇتۇپ قورساقنى يىغىش
ئۇزۇن مەزگىل باشنى ئېگىپ خىزمەت قىلىدىغانلار، يېرىم سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن چوقۇم قوپۇپ مېڭىپ بېرىشى كېرەك؛ يول ماڭغاندا بېشىنى كۆتۈرۈپ قەددىنى رۇسلاپ، ئۇدۇلغا قاراپ، پۇت ئۇچىنى ئالدى تەرەپكە قارىتىپ، تەبىئىي قەدەم ئېلىش، قەدەم چوقۇم چەبدەس بولۇشى كېرەك؛ ئۆرە تۇرغاندا ئېڭىكىنى سەل قىسقارتىپ، قورساق قىسمىنى سەل-پەل چىڭىتىش، ئېغىرلىق مەركىزى سەل ئالدىغا بولۇش.
ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنى كۆپرەك قىلىش
تېز مېڭىش، سۇ ئۈزۈش، ئۇسسۇل ئويناش ۋە ۋېلىسىپىت مىنىش يۈرەك، ئۆپكە فۇنكسىيىسىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قان شېكىرىنى كونترول قىلىدۇ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاغا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ.
ھەر قېتىملىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ھەر ھەپتىدە 3 قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.
قايناق سۇ، سۇس چاي ئىچىش
تاتلىق ئىچىملىك بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ دۈشمىنى. ھەر كۈنى 355 مىللىلىتىردىن ئارتۇق تاتلىق مېۋە شەربىتى ياكى گازلىق ئىچىملىك ئىچكەندە قان تومۇرغا «بېسىم قوشقان» لىق بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەڭ ياخشى ئىچىملىك قايناقسۇ ياكى سۇس دەملەنگەن چاي. ھەسەل سۈيى، پۇرچاق سۈتى، لىمون سۈيى قاتارلىق ئىچىملىكلەرنىمۇ مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدىغان تارازا، بەل ئايلانمىسىنى ئۆلچىگۈچ
بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدىغان تارازا: ئۆيدە بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدىغان تارازا تەييارلاپ قويغاندا، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىكى ئۆزگىرىشنى بىلىپلا قالماي، يەنە ھەر ۋاقىت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشىنى نازارەت قىلغىلى بولىدۇ. بىر ھەپتە چاستوتىسى بويىچە بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، سەمىرىش يۈزلىنىشى بايقالسا، ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك. بەدەن كۆرسەتكۈچى BMI 18-24 كىچە بولسا ئەڭ ساغلام بولغان بولىدۇ.
بەل ئايلانمىسى ئۆلچىمى: ئادەتتىكى يۇمشان گەز بولسا بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆيدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا قويۇپ قويۇش، بەل ئايلانمىسىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
تازىلىق قىلىش، پەلەمپەيدىن مېڭىش
ئائىلە ئىشلىرىنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق، نورمال بەدەن شەكلىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. يەر سۈرتۈش بەدەننىڭ يۇقىرىقى يېرىمىنى چېنىقتۇرىدۇ، ئۈستەل سۈرتۈش بىلەككە ئۆسۈۋاتقان گۆشنى تىزگىنلەيدۇ، كىيىم يايىدىغان چاغدا بەلنى تولغاش بەل قىسمىنىڭ ئىككى يان مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرىدۇ، دېرىزە سۈرتكەندە بەدەننى تارتىپ سوزۇش، يەنە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا يانغا ئېڭىشىپ ھەرىكەت قىلىش.
ئەگەر بىنا ئانچە ئېگىز بولمسىا، لېفىت بىلەن چىقىشنى پەلەمپەي بىلەن چىقىشقا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. 12 ھەپتە پەشتاققا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇرغاندا، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: