قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟
بىلەمسىز؟ تۆت ئادەمدىن بىرىنىڭ ئاغزى پۇرايدۇ، ئېغىز پۇراشقا سېسىق پۇراق پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە سەۋەب بولىدۇ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاغزى پۇرىشى كېسەللىكتىن بولىدۇ، ياش چوڭايغانسېرى ئېغىز ئاسانلا پۇرايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئېغىز نېمىشقا پۇرايدۇ؟
1. ئېغىزى قۇرۇيدىغان، شۆلگىيى بەك ئاز ئادەملەرنىڭ ئاغزى «سېسىق پۇراق پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە»نىڭ قالايمىقانچىلىقىغا ئۇچرايدۇ.
2. بىر قىسىم يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، قەھۋە، ھاراق، پىياز، سامساق، دۇريان مېۋىسى دېگەندەك پۇرىقى كۈچلۈك مېۋىلەر ئېغىز پۇراشقا سەۋەب بولىدۇ.
3. ناچار ئادەتلەر، مەسىلەن، تاماكا چېكىش، ھاراقكەشلىك، چىش چوتكىلاشنى ياقتۇرماسلىق قاتارلىقلارمۇ ئېغىز پۇراشقا سەۋەب بولىدۇ.
4. ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىسى، مەسىلەن، چىش ئەتراپى كېسىلى، مەسىلە بار چىش، چىرىگەن چىش قاتارلىقلار ئېغىز پۇراشقا سەۋەب بولىدۇ.
5. باشقا كېسەللەر، مەسىلەن، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، بادام بەز، ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى، ئۆپكە ياللۇغى، دىيابىت قاتارلىقلار ئېغىز پۇراشقا سەۋەب بولىدۇ.
ئېغىز پۇراشقا قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟
ئۆزى تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان ئەھۋاللاردا:
تاماكا تاشلاش، تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش، تىلنى چوتكىلاش، چىش ئارىلىرىنى تازىلاش، چىشنى ئۇزۇنراق چوتكىلاش، شېكەرسىز سېغىز چايناش. كۆپ چايناش شۆلگەي ئاجرىلىپ چىقىپ سېسىق پۇراق پەيدا قىلغۇچى پاكتېرىيەنىڭ تازىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۆزى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللاردا:
دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش، چىش ئەتراپىدا مەسىلە بولسا چىشنى يۇيغۇزۇش، چىش چىرىگەن بولسا چىش سالدۇرۇش، ئەقىل چىشتا مەسىلە بولسا چىش تارتقۇزۇش كېرەك. ناۋادا چىشتا مەسىلە بولمىسا دوختۇرلار باشقا بۆلۈملەرگە كۆرۈنۈشنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن.
ئاغزىنىڭ زادى قايسى سەۋەبتىن پۇرايدىغانلىقىنى بىلەلمىگەنلەر قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، بۇ جەرياندا چىشنىمۇ تەكشۈرتۈش كېرەك.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: