بۇ سەككىز يامان ئادەت ساغلاملىقىڭىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ

  • A+

بۇ سەككىز يامان ئادەت ساغلاملىقىڭىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ

ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا ئاندىن ساغلاملىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، تۆۋەندىكى سەككىز يامان ئادەت ساغلاملىقىمىزغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، سىزنىڭمۇ بۇنداق ئادەتلىرىڭىز بارمىكەن؟ بولۇپ قالسا چوقۇم ئۆزگەرتىڭ.

1.قورساق ئاچقاندا ئاندىن نەرسە يېيىش
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قورسىقىم تېخى ئاچمىدى دەپلا تاماقنى ۋاقتىدا يېمەيدۇ، بەزىلەر بولسا قولىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ بولۇپ ئاندىن تاماق يەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاقىلانىلىك ئەمەس، يېمەكلىكنىڭ ئاشقازاندا تۇرىدىغان ۋاقتى پەقەت 5~4 سائەتكىچە بولىدۇ، بىز ئاچقانلىقىمىزنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا ئاشقازىنىمىز ئاللىبۇرۇن قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاشقازان سۇيۇقلىقى تەرىپىدىن «ھەزىم» قىلىنىدۇ، ئاقىۋەتتە ئاشقازاننىڭ بىئاراملىقى، ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇتۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

2. ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچىش
بەزىلەر ئادەتتە جىق سۇ ئىچمەيدۇ، پەقەت ئۇسسىغاندا سۇ ئىچىدۇ، ئەمىليەتتە بىز ئۇسسىغاندا بەدىنىمىز ئاللىبۇرۇن ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىپ كەتكەن بولىدۇ، ئەتتىگەن ئويغانغاندا ۋە تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى ئىنتايىن كۆپ. مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دائىم سۇ ئىچىپ تۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشى، ئەزالىرىغا تاش چۈشۈش نىسبىتى دائىم سۇ ئىچمەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئىنتايىن تۆۋەن بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم سۇ ئىچىش يۈرەك تىقىلمىسى ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىكەن.

3. مۈگدىگەندە ئاندىن ئۇخلاش
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مۈگدىگەندە ئاندىن ئۇخلاشنى ئادەت قىلغان، ئەمىليەتتە مۈگدەش چوڭ مېڭىنىڭ ئېغىر چارچىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، مۈگدىگەندە ئاندىن ئۇخلىماستىن ھەر كۈنى مۇقىم ۋاقىتتا ئۇخلايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، شۇنداق قىلغاندىلا چوڭ مېڭىنى ئۈنۈملۈك قوغداپلا قالماي، ئاسانلا ئۇخلىغىلى، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. مۇقىم ۋاقىتتا ئۇخلاشنى ئادەتلەندۈرۈش، ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن كەم بولماسلىق، شۇنداق قىلغاندا بىئولوگىيەلىك سائىتىنىڭ نورماللىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

4. قىستىغاندا ئاندىن ھاجەتخانىغا بېرىش
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دائىم چوڭ-كىچىك تەرىتى ئىنتايىن قىستاپ كەتكەندە ئاندىن ھاجەتخانىغا بارىدۇ، تېخى بەزى ۋاقىتتا ئالدىراشچىلىقنى باھانە قىلىپ قىستاۋېرىدۇ، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق، چوڭ-كىچىك تەرەت بەدەندە ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەندە ئاسانلا قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چوڭ-كىچىك تەرەت تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن قايتا-قايتا سۈمۈرلۈپ، بەدەننىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا ۋاقتىدا چوڭ-كىچىك تەرەت قىلدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم، شۇندىلا قەۋزىيەت، ئۈچەي كېسسەللىكلىرىدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ.

5. سەمىرىپ كەتكەندە ئاندىن ئورۇقلاش
تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشى، تۇرمۇش شەكلىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئەتراپىمىزدىكى سېمىز دوستلار كۆپىيىپ كەتتى، ئەمىليەتتە ھازىرقى ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن چەكلىك، كېيىن ئورۇقلىغاندىن كۆرەر بۇرۇن دىققەت قىلغان تۈزۈك، بىز ئېغىرلىقىمىز ئېشىپ كېتىشتىن بۇرۇن تاماقنى كونتىرول قىلىش، چېنىقىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېغىرلىقىمىزنى كونتىرول قىلساق بولىدۇ.

6. ئاغرىپ قالغاندا ئاندىن داۋالىنىش
مېدىتىسىنا ئىلمىدە ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى مۇداپىيە ھېسابلىنىدۇ، كېسەل بولۇپ بولغاندا ئاندىن داۋالىنىش ئىنتايىن كۆپ پۇل ئىسراپ قىلغاندىن باشقا، ساغلاملىققا بەكلا زىيانلىق، ئەمىليەتتە بەدەن كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن سىگنال بېرىدۇ، بەدەن سىگنال بەرگەن ھامان ئالاھىدە دىققەت قىلىش، كېسەل بولمىغان بىلەنمۇ دوختۇرغا كۆرۈنۈش، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

7. ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندە ئاندىن ئارام ئېلىش
ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندە ئاندىن ئارام ئېلىش ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ئادەت، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر بىر ئۆمرىدە مۇشۇ ئادەتنى قوللىنىدۇ، ئەمىليەتتە ھېرىپ كەتكەندە بەدەن ئالىىبۇرۇن چارچاپ تۈگۈشۈپ كەتكەن بولىدۇ، ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئاسان ئاغرىپ قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ، مەيلى ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغان ياكى جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغانلار بولسۇن، داۋاملىق بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن چوقۇم مۇۋاپىق ئارام ئېلىش لازىم.

8. قېرىپ قالغاندا ئاندىن بەدەن چېنىقتۇرۇش
ئازراقلا دىققەت قىلساق ئەتتىگەنلىك چېنىقىشقا چىقىدىغانلارنىڭ ئاساسلىقى ياشانغانلار ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز، نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ياشتىكى ئادەملەر چېنىقىشنى بەك خالاپ كەتمەيدۇ، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن دىئابىت، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر ياشلارغا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا قېرىغاندا، ئەمەس بەلكى ياش ۋاقىتتىن باشلاپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: