«ساغلاملىق ساپاسىدىكى 66 ماددا»

  • A+

نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ساغلاملىق ساپاسىدىكى 66 ماددا»

ساغلاملىق كېسەل ياكى ئاجىز بولماسلىق ئەمەس، بەلكى بەدەن، پىسخىكا ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىشتىكى ئەڭ ياخشى ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.

2.ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3.مۇھىت ۋە سالامەتلىك زىچ مۇناسىۋەتلىك، مۇھىتنى ئاسراش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

4.ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش، باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىق.

5.ھەر بىر كىشى مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كەمسىتمەسلىكى كېرەك.

6.قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش.

7.چوڭلارنىڭ قان بېسىمى ۋە يۈرەك سوقۇشىغا دىققەت قىلىش.

8.ۋاكسىنا ئەملەش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ تېجەشلىك ئۇسۇلى، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك.

9.تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىش پەسلىدىن بۇرۇن زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازلاتقىلى بولىدۇ.

10.ئەيدىز كېسىلى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە س تىپلىق جىگەر ياللۇغى قان، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق ئۈچ خىل يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئۇچرىشىشلىرىدا يۇقمايدۇ.

11.ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى ئاساسلىقى بىمار يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە ياكى يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندە تۈكۈرۈك ئارقىلىق تارقىلىدۇ، يۆتىلىۋاتقان، بەلغەم تۈكۈرىۋاتقىنىغا ئىككى ھەپتىدىن ئاشقان ياكى قان ئارلاش بەلغەم تۈكۈرگەنلەر ئۆپكە تۇبېركۇليوزغا گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك.

12.قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاشتا چىڭ تۇرغاندا كۆپ قىسىم ئۆپكە تۇبېركۇليوز بىمارلىرى ساقىيىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا دورىغا چىدامچان تۇبېركۇليوزنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

13.قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى تارقالغان رايوندا بۇلغانغان سۇ بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، ئەگەر ئۇچراشقاندا ۋاقتىدا تەكشۈرۈش ياكى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

14.ئەرمەك ئىت ۋە مۈشۈك قاتارلىق ھايۋانلارغا غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسى ئەملەش، ئادەم ئىت، مۈشۈك تەرىپىدىن چىشلەپ يارىلانغاندا، يارا ئېغىزىنى دەرھال يۇيۇش، شۇنداقلا غالجىر كېسىلىگە قارشى ئىممۇنىتېتلىق شار ئاقسىل (ياكى قان زەردابى) ۋە ئادەمگە ئىشلىتىدىغان غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش كېرەك.

15.پاشا، چىۋىن، چاشقان، سۈۋەرەك قاتارلىقلار كېسەللىك تارقىتىدۇ.

16.كېسەلدىن ئۆلگەن ھايۋانلار بايقالسا دوكلات قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلىمەسلىك، ئىستىمال قىلماسلىق، ياۋايى ھايۋانلار گۆشىنى يېمەسلىك كېرەك.

17.قان بېسىمنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى سالامەتلىكىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىش كېرەك.

18.قان شېكىرى ئۆزگىرىشىغا دىققەت قىلىش، دىئابېت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىلللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى ساغلاملىقىنى كونترول قىلىشىنى ئۆگىنىشى كېرەك.

19.راك كېسىلىنى تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىش، ۋاقتىدا بايقاش ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش.

20.ھەممە ئادەمدە خامۇشلۇق ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

21.ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، يېقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنى پەرقلەندۈرۈش.

22.بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، بالا چۈشۈرۈشنى ئازايتىش، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش.

23. ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى دورا ئەمەس، شۇڭا توغرا تاللاش.

24. ئەمگەكچىلەر خىزمەت ئورنى ۋە خىزمەت مۇھىتىدا ساقلانغان خەۋپ ئامىلىنى تونۇپ يېتىش، مەشخۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، ئۆزىنى قوغداشقا دىققەت قىلىپ، خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىشتىن ساقلىنىش.

25. زەھەرلىك، زىيانلىق ئىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەر كەسپىي قوغداش ھوقۇقىغا ئېگە.

26. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ئاساسلىقى لايىقىدا غىزالىنىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ھاراق، تاماكا تاشلاش، روھىي تەڭپۇڭلۇق قاتارلىق تۆت تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ.

27. نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىكتىن ساقلىنىش.

28. دانلىق زىرائەتلەرنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىش، كۆكتات، مېۋە-چېۋىنى كۆپ يېيىش، گۆشلۈك گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇش.

29. ھەر كۈنى سۈت، پۇرچاق تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش.

30. مايسىز، تۇزسىز، شېكەرسىز تائام يېيىش، ئۆلچەملىك يودلۇق تۇز ئىشلىتىش.

31. ئىچىملىك سۇ تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىش.

32. پىششىق ۋە خام يېمەكلىكلەرنى ئايرىپ ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، سەي-كۆكتات مېۋىلەرنى خام يىگەندە پاكىز يۇيۇش، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق.

33. چوڭلار كۈنىگە 6 ~ 10 kcal جىسمانىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش كېرەك، ھەرىكەت قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق، ئەڭ مۇھىمى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشتا.

34. تاماكا چېكىش ياكى تاماكا ئىسىدىن زەھەرلىنىش راك كېسىلى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى, نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

35. «تۆۋەن كوكۇس مىيى پاپىرۇسى»، «جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى تاماكىسى» قاتارلىقلار تاماكىنىڭ زىيىنىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ.

36. ھەر قانداق ياشتا تاماكا تاشلاش سالامەتلىككە پايدىلىق، قانچە بالدۇر تاشلىسا شۇنچە ياخشى، تاماكا تاشلاش ئامبۇلاتورىيەسى تاماكا تاشلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

37. ھاراقنى ئاز ئىچىش، ھاراقكەشلىك قىلماسلىق.

38. تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش ۋە ئاغرىق توختىتىش قاتارلىق خۇمار قىلغۇچى دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش، دورىغا تايىنىۋىلىشتىن ساقلىنىش.

39. زەھەرنى چەكلەش.

40. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەر كۈنى 7-8 سائەتكىچە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش.

41. روھىي ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش، پىسخىك مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم سوراش.

42. دائىم قول يۇيۇش، يۇيۇنۇش، ئەتتىگەن كەچتە چىش چوتكىلاش، تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش، لۆڭگە ۋە يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك.

43. ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى ۋە سۈپىتىگە ئاساسەن دېرىزە ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئۆي ئىچىدە شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش.

44. ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىك، قالايمىقان تۈكۈرمەسلىك، يۆتەلگەندە ۋە چۈشكۈرگەندە ئېغىز بۇرۇننى توسۇۋېلىش.

45. يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانا ئىشلىتىش، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ گەندىلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش.

46. ئىلمىي داۋالىنىش، ۋاقتىدا داۋالىنىش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش، داۋالاش نەتىجىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش.

47. مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش، ئالدىراپ ئاسما ئوكۇل ئاستۇرماسلىق، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش.

48. بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىش، بىخەتەرلىك بەلبېغىنى تاقاش، سۈرئەتنى ئاشۇرماسلىق، چارچاپ ماشىنا ھەيدىمەسلىك، قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

49. تەربىيەنى كۈچەيتىپ بالىلارنىڭ خەتەرلىك سۇ دائىرىسىگە بېرىشىدىن ساقلىنىش.

50. قىش پەسلىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

51. توي قىلىش ۋە ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ئاز بولغاندا بەش قېتىم تەكشۈرتۈش، دوختۇرخانىدا تۇغۇش.

52. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتىدە بېقىش، ئالتە ئايلىق بولغاندا مۇۋاپىق قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇش.

53. بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ ئويناش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، بالىلاردا پىسخىكىلىق يېتىلىش مەسىلىسىنى بايقىغاندا بالدۇر بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

54. ياش ئۆسمۈرلەر ئۆسۈپ يىتىلىشنىڭ ھالقىلىق ۋاقتىدا تۇرىدۇ، ئۇلاردا ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىش، تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش ۋە بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

55. ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، قوبۇل قىلىش، ئايرىش ۋە ئىشلىتىش.

56. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىسىنى، چۈشەندۈرۈلىشىنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان بولۇش.

57. كۆپ ئۇچرايدىغان خەتەرلىك بەلگىلەرنى پەرقلەندۈرۈش، مەسىلەن: يۇقىرى بېسىم، يېنىشچان، ئاسان پارتىلايدىغان، ئۆتكۈر زەھەر، رادىئوئاكتىپلىق نۇر، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى پەرىقلەندۈرۈپ خەتەرلىك بويۇملاردىن يىراق تۇرۇش.

58. تومۇر سوقۇش ۋە بەدەن تېمپېراتۇراسىنى ئۆلچەشنى بىلىش.

59. گاندوننى توغرا ئىشلىتىش، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۈتۈلمىگەندە ھامىلدار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش.

60. دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملارنى مۇۋاپىق ساقلاش ۋە ئۇنى توغرا ئىشلىتىش، بالىلار بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

61. جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا 120 گە تېلېفون قىلىش، ساغلاملىق مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتىدە 12320 غا تېلېفون قىلىش.

62. يارىلىنىشتىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەندە دەرھال قان توختىتىش، تېڭىش، سۆڭەك سۇنغانلىقى گۇمان قىلىنغاندا ئالدىراپ يۆتكىمەسلىك.

63. نەپەس، يۈرەك سوقۇش تۇيۇقسىز توختاپ قالغان بىمارلارغا ئۇچرىغاندا ئۆپكە ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئىشلەش.

64. توك سوقۇۋەتكەنلەرنى قۇتقۇزغاندا ئالدى بىلەن توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش، توك سوقىۋەتكۈچىنى بىۋاسىتە قول بىلەن تۇتماسلىق.

65. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە ھۆل لۆڭگە بىلەن بۇرنىنى ئېتىپ پەس ھالەتتە قېچىپ چىقىش ھەمدە 119 غا تېلېفون قىلىش.

66. يەر تەۋرىگەندە توغرا ئۇسۇلدا ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى قۇتقۇزۇش.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: