قەۋزىيەتكە تۈگىتىدىغان ئۇسۇل

  • A+
تەۋە سەھىپە:ئىچكى كېسەللىكلەر

قەۋزىيەتكە تۈگىتىدىغان  ئۇسۇل

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
دوختۇرلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ئەگەر 2-3 كۈندە ئاران بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىسڭىز قەۋزىيەت بولۇپ قالغان بولسىز، ئەگەر بانان يەپ، ھەسەل سۈيى ئىچىپمۇ ئۈنۈمىنى كۆرمىسىڭىز، مەن تۆۋەندە دېمەكچى بولغان ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز قەۋزىيەتتىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ كېتىسىز.
قەۋزىيەت بەكمۇ ئازابلىق ئىش، بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئادەم بۇنىڭ دەردىنى ھېس قىلالمايدۇ. قەۋزىيەت، بىر ھەپتىدە چوڭ تەرەت قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئاز بولۇشنى ياكى 2-3 كۈندە بىر قېتىم تەرەت قىلىشنى ھەمدە تەرەت مىقدارى ئاز بولۇش، قۇرۇق تۈگۈن بولۇش، تەرەت قىلىش قىيىن ۋە راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
قەۋزىيەتنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان كىشىلەر قەۋزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرخىل غەلىتە ھەم خەتەرلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىن يانمايدۇ، مەسىلەن: سۈرگە دورىسى يېيىش، ھەرخىل رېتسېپلار، كىلىزما قىلىش دېگەندەك، ھەتتا بەزىلەر قول بىلەن كوچىلاشتىنمۇ يانمايدۇ... بۇ خىل ئۇسۇللار كۆپ ھاللاردا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، قەۋزىيەتنى ساقايتالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قەۋزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تۆۋەندىكى سەۋەبلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىق، ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش.
2. چېنىقىش كەمچىل بولۇش، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاستا بولۇش.
3. ئۇزۇن مۇددەت تەرەتنى قىسىۋېلىش سەۋەبلىك توكسىننىڭ تەكرار سۈمۈرۈلۈشى.
4. ياشىنىپ قېلىش سەۋەبلىك، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق.
قەۋزىيەت سەۋەبلىك ئادەم جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قوش ئازابقا ئۇچرايدۇ. ھەقىقەتەن جاپانى تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا ساقايمىسا، تۆۋەندىكى خەۋپلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن:
1. تۈز ئۈچەي ياللۇغى، بوۋاسىر، مەقئەت يېرىلىش قاتارلىق ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. چوڭ تەرەت ئۈچەي يولىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغانلىق سەۋەبلىك زىيانلىق ماددىلار قايتا قوبۇل قىلىنىپ، جىگەرگە زىيان سالىدۇ.
3. يۇقىرى قان بېسىمى ۋە تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئەگەر ھەددىدىن زىيادە كۈچەپ كەتسە، شامالدارىش، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئېغىز پۇراش ۋە بەدەن غەيرىي پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئەرلەردە زېھنىي كۈچى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك قورساق كوركىراپ، دائىم يەل قويۇپ بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر سىز ئۇزۇن مەزگىل قەۋزىيەتنىڭ ئازابىنى تارتقان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئامالىنى سىناپ بېقىڭ:
كەندىر مېغىزى، ئۈجمە يوپۇرمىقى، قېرىقىز، چۈچۈكبۇيا، تۇرۇپ ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قايناق سۇدا دەملەپ ئەتىگەن ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان ئىچىپ بەرسىڭىز، ناھايىتى تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز! كەندىر مېغىزىنىڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قۇۋۋەتنى تولۇقلاش قاتارلىق رولى بار، ئۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەتنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. كەندىر مېغىزى قان بېسىمى ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئۈچەي يولىدا پارچىلىنىپ ماي كىسلاتاسى ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، چوڭ ئۈچەينىڭ سۇ سۈمۈرۈشىنى ئازايتىپ، ئىچ سۈرۈشنى پەيدا قىلىدۇ. مەيلى قانداق قەۋزىيەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەتىگەندە ئاچ قورساققا بۇ چايدىن بىر ئىستاكان ئىچىپ بەرسىڭىز، بانان، ھەسەل سۈيىدىنمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: