ئىچكى ئەزالارنى تازىلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

ئىچكى ئەزالارنى تازىلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى

بىزنىڭ ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، ئۈچەي، ئاشقازان قاتارلىق ئەزالىرىمىز خۇددى سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ مەركىزى خىزمەت ئورنىغا ئوخشاش بەدىنىمىزدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، قاننى ساپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە سۇ تازىلاش ئەسۋابى ئۇزۇن خىزمەت قىلسا مەينەت نەرسىلەر تېگىگە ئورنىۋالغانغا ئوخشاش بىزنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمىزمۇ ئەخلەتلەرگە توشۇپ قالىدۇ، ئۇنداقتا  بۇ مەينەتلەرنى قانداق تازىلايمىز؟

1. ئۆپكە-ئادەم بەدىنىدىكى چاڭ-توزاڭ سۈمۈرگۈچ

ئۆپكىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مەينەت ئەزا ھېسابلىنىدۇ، ئۆپكىنى زەھەرلەيدىغان ئىككى ئامىل : بۇلغانغان ھاۋا ۋە تاماكا. نورمال ئادەمنىڭ ئۆپكىسى ئادەتتە قىزىل رەڭدە بولىدۇ، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ بولسا تاماكىنىڭ ئىسىدا قارىداپ كەتكەن بولىدۇ، تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار كۈننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆپكىدە يىغىلىپ ئۆپكىدىكى ئەخلەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ھەر قېتىم نەپەسلەنگەن ۋاقىتتا بۇلغانغان ھاۋادىكى مەينەت نەرسىلەر ئۆپكىگە كىرىۋالىدۇ، بۇلغانغان ھاۋادا ئۇزاق مەزگىل تۇرغاندا ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.

ئۆپكىنى تازىلاشتا ئالدى بىلەن بۇلغۇنۇش مەنبەسىنى ئازايتىش، تۇمانلىق كۈنلەردە سىرتقا چىقىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش، ئۆي ئىچىدە ئامال بار ھارا ساپلاشتۇرغۇچ ئىشلىتىش، تاماكا چەكمەسلىك لازىم. ئىككىنچىدىن، سۇنى كۆپ ئىچىش، ئىس-تۈتەك مۇھىتتا تۇرغاندا چوقۇم سۇنى جىق ئىچىش لازىم، سۇ ئۆپكىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقرىپ تاشلايدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئالمىنى كۆپ يېيىش. ئامېرىكا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېلان قىلغان نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا دائىم ئالما يەيدىغان ئادەملەرنىڭ يۆتىلىش، تۈكۈرۈش نىسپىتى ئالما يېمەيدىغانلارغا قارىغاندا %33 تۆۋەن بولىدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى ئالما تەركىبىدىكى ماددىلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، ئۆپكىدىكى ياللۇغنى پەسەيتىدىكەن.

2. ئۈچەي-تەرەت ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتى

ئۈچەي تەرەت ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئورۇن بولغاچقا، ئەسلىدىنلا ئىنتايىن مەينەت ئەزا ھېسابلىنىدۇ، ئۈچەيدىكى مەينەتلەرنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە تېرە قۇرغاقلىشىش، كېكىرىش، يەل قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئۈچەيدە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق باكتېرىيەلەر مەۋجۇت، بۇ باكتىرىيەلەر ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، لېكىن بەدەننىڭ ئېممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن ۋاقىتتا پايدىلىق باكتېرىيەلەر كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرگە ئايلىنىپ، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، ئاشقازان ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. قەۋزىيەت بولۇپ قالغان بىمارلارغا نىسبەتەن، ئۈچەيدە تۇرۇپ قالغان چوڭ تەرەت تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار كەينى-كەينىدىن ئۈچەي تەرىپىدىن سۈمۈرلىدۇ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق بۇ زىيانلىق ماددىلار بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە تاراپ كېتىدۇ، نەتىجىدە دانىخورەك چىقىش، يۈز تېرىشى ناچارلىشىش، چىرايى نۇرسىز بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.

ئۈچەينى تازىلاشتا ئەڭ مۇھىمى ھەر ۋاقلىق تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش، ئۈچەينىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئالما، بانان، كۈدە، قېرىنقۇلاق، يېسىۋېلەك قاتارلىق تەرەت ھەيدەيدىغان يېمەكىلىكلەرنى كۆپ ئېستىمال قىلىش، ئەتتىگەن ئويغانغاندا ھەم كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورساق قىسمىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ بېرىش، كىندىك قىسمىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، سائەت يۆلىنىشى بويىچە 10~5 مىنۇتقىچە ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، بۇلاردىن باشقا، ھەر كۈنى ئەتتىگەن ئورۇندىن تۇرغان ۋاقىتتا بەلنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك، بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق قەۋزىيەتنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

3. بۆرەك-مەينەت سۇلارنى تازىلاش زاۋۇتى

بۆرەك خۇددى بەدەننىڭ مەينەت سۇلارنى تازىلاش زاۋۇتىغا ئوخشاش، بەدەندىكى مەينەت نەرسىلەرنى، ماددا ئالمىشىتىن پەيدا بولغان قالدۇقلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئەگەر بۆرەكتىن چاتاق چىقسا بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ئېغىر بولغاندا «سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى» كېلىپ چىقىدۇ، پۈتۈن بەدەننىڭ ساغلاملىقى زىيانغا ئۇچرايدۇ.

بۆرەكنى تازىلاپ ئاسراشتا تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش، سۇنى كۆپ ئىچىش لازىم، بىز ئىستېمال قىلغان يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى %95 تۇز بۆرەك تەرىپىدىن سۈمۈرلىدۇ، تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋېتىدۇ، سۇنى كۆپ ئىچىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەندە بۆرەككە تاش چۈشۈشنى ئۈنۈملۈك توسىغىلى بولۇپلا قالماستىن، سۈيدۈك قۇيۇقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، بۆرەكنى قوغدىغىلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا بىر كۈندە 3~2.5 لېتىر سۇ ئىچىشنى ئادەت قىلىش لازىم. بۇلاردىن باشقا، بۆرەكنى ئاسراش ئۈچۈن سۈت، سۈت قايماق قاتارلىق سۈتلۈك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى، بېلىق قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىقمۇ بۆرەككە تاش چۈشۈش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرگىزمۇ قالايمىغان دورا يېمەسلىك لازىم، قالايمىقان دورا يېيىش سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، شۇڭلاشقا دوختۇرنىڭ تەكلىپىدىن باشقا دورىلارنى قالايمىغان يېمەسلىك لازىم.

4. جىگەر-زەھەر ھەيدەش زاۋۇتى

جىگەر بەدەندىكى ئەڭ چوڭ زەھەر تازىلاش ئەزاسى، ئۇزۇن ۋاقىت مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ھاراق ئىچىش جىگەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

جىگەرنى تازىلاش ئۈچۈن ھەركۈنى ئاز دېگەندە 10 مىنۇت ھەرىكەت قىلىش، ھەركۈنى چوقۇم كەچ سائەت 11دىن بۇرۇن ئۇخلاپ بولۇش، ياخشى بولغان كەيپىياتنى ساقلاش، مايلىق يېمەكلىكلەردىن، ھاراقتىن يىراق تۇرۇش لازىم.

5. ئۆت-ئۆت سۇيۇقلىقى ئامبىرى

گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ،

ئۆتنى تازىلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى بولسا ھاجەتكە بېرىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن چوقۇم قولنى پاكىزە يۇيۇش، سەي-كۆكتاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، گۆشنى ئاز يېيىش، ئاز ئولتۇرۇپ كۆپ ھەرىكەت قىلىش لازىم.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: