بالىلاردىكى سىنىك كەملىكنىڭ ئىپادىسى ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

  • A+

بالىلاردىكى سىنىك كەملىكنىڭ ئىپادىسى ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سىنىكنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ، ئەگەر بالىلاردا سىنىك كەملىك كۆرۈلسە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىلاردا بۇ توغرۇلۇق بىلىملەر كەم بولسا، ئۇنداقتا بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئۇنداقتا بالىلاردا سىنىك كەم بولغاندا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
1. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، تاماق يېيىشكە ئۆچ بولۇش
بالىلاردا تاماق تاللاش، تاماق يېمەسلىك، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ھەمدە بالىلارنىڭ كۈندىلىك تامىقىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، گۆش، قاتتىق پوستلىق يېمەكلىكلەر كەم بولسا، ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا بالىدا سىنىك كەملىك كۆرۈلگەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك، چۈنكى سىنىك بالىنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. قولىنى يالاش، تىرنىقىدا داغ پەيدا بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈش
ئەگەر بالا تاماق يېگىلى ئۇنىمىسا، دائىم قولىنى چىشلىسە، ھەمدە تىرنىقىدا ئاق داغ پەيدا بولسا ئۇنداقتا بالىدا سىنىك كەم بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.
3. ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولۇش، دائىم ئاغرىپ قېلىش
بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولسا دائىم ئاغرىپ قالىدۇ، لېكىن بالىلار زىيادە كۆپ قېتىم ئاغرىپ قالغاندا بەلكىم بەدىنىدە سىنىك كەملىك كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن.
4. بەدەن تەرەققىياتى ئاستا بولۇش
ھەممە بالىلارنىڭ بەدەن تەرەققىياتى ئوخشاشمايدۇ، بەزىدە ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تۆۋەن بولۇشنى توغرا چۈشۈنىشكە بولىدۇ، لېكىن بالىنىڭ بەدەن تەرەققىياتى باشقا ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىش، بالىغا سىنىك تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
5. دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى ئاستا بولۇش
دەرس ۋاقتىدا ئەستايىدىل دەرس ئاڭلىمايدىغان، دائىم باشقا ئىشلارنى قىلىدىغان بالىلارنى ئاتا-ئانىلار ئۆگىنىش قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن بەلكىم ئۇلاردا سىنىك كەملىك بولغانلىقتىن دىققىتىنى يىغالمايۋاتقان بولىشى مۇمكىن.
6. كۆرۈش قۇۋۋىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈش
بالىدا ئۇزۇن ۋاقىت يانفون ئوينايدىغان، تېلېۋىزور كۆرىدىغان ئادەت بولمىسا، لېكىن بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى قىسقا ۋاقىتتا تۆۋەنلەپ كەتسە، ئۇنداقتا بالىدا سىنىك كەملىك كۆرۈلگەن بولىدۇ.
بالىدا سىنىك كەملىك كۆرۈلگەندە ئاتا-ئانىلار زىيادە جىددىيلىشىپ كەتمەسلىك، ئىلمىي ئۇسۇلدا سىنىك تولۇقلاش كېرەك، ئۇنداقتا تۇرمۇشتا قايسى ئۇسۇللار ئارقىلىق سىنىك تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟
1. يېمەكلىك ئارقىلىق سىنىك تولۇقلاش
بالىلارغا تەركىبىدە مول مىقداردا سىنىك بولغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، گۆش قاتارلىقلارنى كۆپرەك بېرىش، بالىلار ئالتە ئايلىق بولغاندىن باشلاپ گۆشنى قوشۇمچە يېمەكلىك ئورنىدا بېرىش، كۈندىلىك تاماقتا ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2. دورا ئارقىلىق سىنىك تولۇقلاش
سىنىكنى يېمەكلىك بىلەن تولۇقلىغاندىن باشقا يەنە دورا ئارقىلىق تولۇقلاشقىمۇ بولىدۇ، لېكىن دورا ئارقىلىق سىنىك تولۇقلاش چوقۇم دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا سىنىكنى زىيادە تولۇقلىماسلىق كېرەك.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: