جىددىي ھاراق تاشلاشنىڭ زېينى

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

جىددىي ھاراق تاشلاشنىڭ زېينى
ئىسپىرت مېڭە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەككە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇنداقلا راك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى كۆپەيتىدۇ. مەسىلەن: ئېغىز راكى ۋە ئۈچەي راكى. ئۇ يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ كىشىلەرنى ئوڭايلا ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۆپكە قېتىش قاتارلىق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ. ئەگەر ئىسپىرتنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىۋالغاندا جاننى ئالىدۇ.

بۇ خىل ئېغىر ساغلاملىق ئاقىۋەتلىرىنى ئويلاشقاندا نۇرغۇنلىغان ھاراققا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەر ھاراق تاشلاشنى سىناپ بېقىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەمما ئۇسۇل توغرا بولمىغاندا ھاراقنى تاشلاش سالامەتلىككە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.

بىزنىڭ بەدىنىمىز ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر قاتار ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىدۇ.

يۈرەك سانجىقى بىر مىسال بولالايدۇ.

يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولغۇچىلاردا يۈرەككە قان يەتكۈزۈۋاتقان قان تومۇرلار تارىيىپ كېتىدۇ، ئىسپاتلار ئىسپاتلىدىكى، مۇشۇنداق ئالامەتلەر بار بەزى ئادەملەرنىڭ كېسىلى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىدۇ. يەنى يېڭى قان تومۇرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىلىق قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشىدىن ئازىيىپ كەتكەن قاننىڭ ئايلىنىشىغا ماسلىشىدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۇزاق مەزگىل ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان ئادەملەردىمۇ بىر قىسىم فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. ئىسپىرت ئالاھىدە بىر قىسىم نېرۋون (نېرۋا ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ماددا) نىڭ ھاسىل بولۇشىنى چەكلەيدۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بەدەن تېخىمۇ كۆپ شۇ توردىكى نېرۋونلار بىلەن رېتسپتور (نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى نېۋرونلار يەتكۈزگەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئاقسىل) نى ئىشلەپچىقىرىپ داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىسپىرت ئىستېمال قىلىنىشىغا ماسلىشىدۇ.

ئاللىقاچان ھاراققا تايىنىشچانلىق شەكىللەنگەن ئادەملەر تۇيۇقسىزلا ھاراق تاشلىسا يەتكۈزگۈچى نېرۋونلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئادەم تۇرۇپلا نورمال سەۋىيەدىن بەكلا ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ خىل يەتكۈزگۈچى نېرۋونلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى تۇيۇقسىز ھاراق تاشلىغانلاردا كۆرۈلىدىغان ھەر خىل ئالامەتلەرنى چۈشەندۈرۈشكە يېتىدۇ. مەسىلەن: تەر چىقىش، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش، خاتىرجەمسىزلىنىش، دەككە-دۈككە بولۇش قاتارلىقلار.

چوڭ مېڭىدىكى نېرۋىلارنىڭ جانلىنىشى بىلەن تىزگىنلىنىشى بىرلىكتە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بىلەن يۈرەكنى كونترول قىلىدۇ. ھاراق تاشلىغاندىن كېيىن يۇقىرى ھالەتتىكى يەتكۈزگۈچى نېرۋونلار بەدەندىكى ئەزالارغا زىيادە غىدىقلاشلارنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ يۈرەككە تەسىرى چوڭ.

يۈرەكنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇزۇن مەزگىل ھاراق ئىچكەنلىكتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغاچقا ئەھۋال دائىم يامانلىشىپ كېتىدۇ. ھەر كۈنى 90 گىرامدىن ئارتۇق ھاراق ئىستېمال قىلىپ بەش يىلدىن ئاشقان كىشىلەردە مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ۋە قېلىنلىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

تۇيۇقسىز ھاراق تاشلاش يەنە بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرت چوقۇم سۈيدۈك شەكلىدە پارچىلىنىشى ۋە بەدەن سىرتقا چىقىرىلىشى كېرەك. بۇ جەريانلار سۇغا ئېھتىياجلىق. چۈنكى پارچىلانغان نەرسىلەر چوقۇم سۇيۇق ھالەتتە بولۇشى كېرەك.

ئىسپىرت سۈيدۈك ھەيدەشكە قارشى ھورمۇننى تىزگىنلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن كۆپ مىقداردىكى ئىسپىرت كىچىك تەرەتنى كۆپەيتىۋېتىدۇ ۋە كىشىنى سۇسىزلاندۇرىدۇ. بەدەندىكى ئېلېكترولىتلار مەسىلەن: ناترىي، ماگنىي، كالتسىي بىلەن كالىي قاتارلىقلار دائىم سۇدا ئېرىيدىغان ھالەتتە بولىدۇ. كۆپ مىقداردىكى ئىسپىرت بۇ ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىشنى ۋە بەدەننىڭ كېسلاتا ئىشقارلىقىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىنىشلار ئاخىرىدا بۆرەك زەئىپلىشىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇيۇقسىز ھاراق تاشلاشنىڭ ئۆلۈم خەۋپ خەتىرى ئىنتايىن ئەمەلىي ۋە ناھايىتى يۇقىرى. كېلىپ چىقىدىغان ئالامەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بۇ خىل خەتەرنىڭ ئېھتىماللىقىنى 6 پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكىچە مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ئازابلايدىغىنى بولسا ھاراق تاشلىغاندىن كېيىنكى كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەر مەسىلەن: بەدەندىكى ۋە روھىي جەھەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قايتىدىن ھاراققا بېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا، ھاراقنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يېتىپ بالدۇرراق ھاراق تاشلاشنى باشلىشىڭىزنى ۋە شۇ ئارقىلىق تەدرىجىي تاشلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: