تاماكا بولمىسا ئۆپكە راكىنىڭ نەسلى قۇرۇيدۇ؟

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ
نەقىل

تاماكا بولمىغان بولسا ئۆپكە راكى كەم ئۇچرايدىغان ئەتىۋا كېسەل قاتارىغا كىرىپ قالاتتى دېسەم ئىشىنەمسىز؟
ئۆپكە راكى ئېلىمىزدىكى قوزغىلىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كېسەللىك بولۇپ،  350 مىليون تاماكا خۇمار«تۇرخۇن»لىرى بىلەن دۇنيادا بىرىنچىلىك ئورۇننى مەھكەم ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.
ھەممىمىز بىلىمىز، تاماكا ئۆپكە راكىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى، ئۆپكە راكىنىڭ 90 پىرسەنتى تاماكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئەگەر تاماكا بولمىغان بولسا ئۆپكە راكىمۇ كەمدىنكەم ئۇچرايدىغان راك تۈرىگە كىرىپ، «نەسلى قۇرۇش» گىردابىغا بېرىپ قالاتتى.

تاماكا بولمىسا ئۆپكە راكىنىڭ نەسلى قۇرۇيدۇ؟
تاماكا بولمىسا ئۆپكە راكىنىڭ نەسلى قۇرۇيدۇ؟
ماقالە  ئاپتورى: لى جىجوڭ
تەرجىمە قىلغۇچى: ئىلغار
تەھرىر: ئابدۇرېھىم
تاماكا بولمىغان بولسا ئۆپكە راكى كەم ئۇچرايدىغان ئەتىۋا كېسەل قاتارىغا كىرىپ قالاتتى دېسەم ئىشىنەمسىز؟
ئۆپكە راكى ئېلىمىزدىكى قوزغىلىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كېسەللىك بولۇپ،  350 مىليون تاماكا خۇمار«تۇرخۇن»لىرى بىلەن دۇنيادا بىرىنچىلىك ئورۇننى مەھكەم ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ھەممىمىز بىلىمىز، تاماكا ئۆپكە راكىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى، ئۆپكە راكىنىڭ 90 پىرسەنتى تاماكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئەگەر تاماكا بولمىغان بولسا ئۆپكە راكىمۇ كەمدىنكەم ئۇچرايدىغان راك تۈرىگە كىرىپ، «نەسلى قۇرۇش» گىردابىغا بېرىپ قالاتتى.شۇنداق دەپ تۇرساق بەزىلەر چېكىپ بولغان تاماكىسىنى تاشلىۋېتىپلا سەكرەپ چۈشىدۇ: «شۇنداقلا دەيدىغان خەقكەنسەن، يىراق قوشنىمىز ئەمىتىكاممۇ بىر ئۆمۈر تاماكا چېكىپ 90 يېشىدا ئۆلدى، ھەجەپ راك كېسىلى بوپقالمىدىغۇ شۇ قېرى؟»
ئەمىسە سۇئال كەلدى: بىر ئۆمۈر تاماكا چەككەن كىشىنىڭ زادى قانچىسى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولىدۇ؟
تۆۋەندە مەن سىزگە «ئەنگىلىيە راك كېسىلى ژۇرنىلى»نىڭ 2004-يىللىق سانىغا بېسىلغان بىر ئىلمىي ماقالىدە ئېلان قىلىنغان، ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئوخشىمىغان ياش قاتلىمىدىكى ئەرلەرنىڭ راك كىسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئىپادىلەنگەن بىرئىستاتسكىنى كۆرسىتىپ قوياي:
تاماكا چېكىدىغان ھەر ئالتە كىشىنىڭ بىرى ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلىدۇ.
تاماكا بولمىسا ئۆپكە راكىنىڭ نەسلى قۇرۇيدۇ؟
ئەلۋەتتە، بىرئۆمۈر تاماكا چېكىپمۇ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلمەيدىغان تەلەيلىك كىشىلەرمۇ بار، بىراق ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چېكىپ يەنە ھايات قالىدىغانلارنىڭ سانى بەكلا ئاز.
ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چېكىش سەۋەپلىك ئۆلگۈچىلەر ئىچىدە پەقەتلا 1/3 كىشى ئۆپكە راكى بىلەن، قالغان 2/3 كىشى بولسا يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا ئۆپكە كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلىدىكەن.
تاماكا بولمىسا ئۆپكە راكىنىڭ نەسلى قۇرۇيدۇ؟
تاماكا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلتۈرگەن زەھەر» دەپ باھالاندى.
بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىشتە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىستاتىكىسىغا قارىسساقلا چۈشىنىش تەس ئەمەس:
تاماكا چىكىدىغانلار ئىچىدە 65 ياشتىن بۇرۇن تاماكا سەۋەپلىك ھەر خىل كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى 35 پىرسەنت.
بىر ئۆمۈر تاماكا چەككەن كىشىلەر ئىچىدە 1/3 كىشى 65 ياشقا كىرەلمەيلا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئۆتتۇرچە ئۆمرى 80 ياشقا سېلىشتۇرغاندا، تاماكا ئادەملەرنىڭ ئۆمرىنى بىراقلا 12 يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
مۇنداقچە ئېيتساق، تاماكا چېكىدىغانلار جەمىيەتكە ياردەم قىلىپ نۇرغۇنلىغان ياشانغاندا بېقىنىش سۇغۇرتىسىنى تېجەپ بېرىدۇ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا جەمىيەتكە «تۆھپە» قوشۇش قاتارىغىمۇ كىرىپ قالامدۇ قانداق؟
كۈچى ئاجىز تاماكا ۋە تۆۋەن نىكوتىنلىك تاماكىلار بىر قەدەر بىخەتەر دىگەن قاراش خاتا!
ھازىر بازاردا «پۇرىقى ئاجىز» ۋە«نىكوتىن مېيى ئاز» تاماكىلار بىر تۈركۈم بەڭگىلەرنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى سۆز پەقەتلا قۇرۇق تەسەللى بولۇپ، كىشىگە ھەمىشە خاتا ھالدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىپ قويىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىككى خىل ئاتالغۇ پەقەت تاماكا سودىگەرلىرىنىڭ سودا تاكتىكىسى خالاس، ئۇلارنىڭ خەتىرى ئادەتتىكى تاماكىغا ئوخشاشلا يۇقىرى.يەنە بەزى تاماكىلارغا يالپۇز ئېنىزىمى قوشىۋېتىدۇ-دە، كىشىگە راھەت، سالقىن، مەززىلىك تۇيغۇ بېرىدۇ، خۇددىي ئىنتايىن ساغلامدەك (تاماكا ئىچىدىكى يېشىل مەھسۇلات دەپ قويامدۇق)
بىراق تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ تۈردىكى يالپۇز ئېنىزىمى قوشىۋەتكەن تاماكىلار تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىنكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، بىر تەرەپتىن راھەت، سالقىن تۇيغۇ، تاماكىنى شورىغان ۋاقىتتا كۈچەپ شوراشقا سەۋەپ بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل خاتا كۆز قاراش سەۋەپلىك تاماكىغا تېخىمۇ يىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، ھەتتا بەزىلەر بۇنى ساغلاملىققا زىيانسىز دەپ ئويلىۋالغاچقا، تاشلاش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
تاماكىنى قانچە بالدۇر تاشلىسا، شۇنچە ياخشى
ئۆزەڭنىڭ ئىشىنى قىلماي نېمە تاماكا چىكىدىغانلار بىلەن كىرىشىپ قالدىڭ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى مەن كۈندە دېگۈدەك تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن ئەمەسمۇ:
بىمار ئائىلىسىدىكىلەر: دوختۇر، تاغام 55 ياشقا كىرگەن، يېقىندا تەكشۈرتكەندە ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىئاگىنۇر قويۇلدى، تارقىلىشىمۇ تېزكەن. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە پەقەت خىمىيەلىك داۋالاش قىلدۇرساق بولىدىكەن. سىزچە باشقا ئامال بارمۇ؟ رەھمەت.
مەن: تاماكا چېكەمتى؟ قانچىلىك ۋاقىت بولغان؟
بىمار ئائىلىسىدىكىلەر: ھەئە، 30 يىل چەككەن، ئىزچىل تاشلىيالماي كەلگەن ئىدى. ھازىر ئائىلىدىكىلەر ساراسىمدىلا يۈرۈيمىز، ئۇ ئۆزىمۇ قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتىدۇ، ئوغلى تېخى يېقىندىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىدى.
مەن: ھەي...
ئەمدى ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە چوڭقۇر ئۇھ تارتىشتىن باشقا يەنە نېمە ئامال بار دەيسىز.
تاماكا تاشلاش ھەقىقەتەن تەس، بىراق ئۆپكە راكى دەپ دىئاگىنۇز قويۇلغان شۇ كۈنىدىن باشلاپ تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلىيالايدۇ. بىراق ھازىر مۇشۇ يازمىنى كۆرىۋاتقان سىز ئۇ كۈننى كۈتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھازىردىن باشلاپ تاشلاڭ، ئەگەر «بولدىلا، راك بولغان ۋاقىتتا دوختۇرنىڭ ئۈمىدسىز ۋە ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرۇپ، ئەمدى تاماكا چەكمەڭ دىگەن گېپىنى ئاڭلىمىغۇچە تاشلىمايمەن» دېسىڭىز ئۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشى، جان ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر جاننى ئۆزەمنىڭ دەپ ئويلاپ قالغان بولسىڭىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئويلاڭ، سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا ئۇلارنىڭمۇ ھەققى بارمۇ يوق؟
مەيلى ئىلگىرى قانچىلىك ۋاقىت تاماكا چەككەن بولۇڭ، تاماكا تاشلىغان مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپ دەرھاللا ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە باشلايسىز.
30 ياش ئەتراپىدا تاماكا تاشلىسىڭىز، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىڭىز ئىككى پىرسەنتكىمۇ بارمايدۇ، 50 ياشتا تاشلىسىڭىزمۇ بۇ نىسبەت ئالتە پىرسەنتكە بارمايدۇ؛
گەرچە قېرى بەڭگى بولسىڭىزمۇ، تاماكا تاشلاپ 10 يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكى بولۇش نىسپىتىڭىز بىراقلا 50 پىرسەنت تۆۋەنلەيدۇ.
مۇنداقلا ئېيتسام، تاماكا چەكسەم ئۆپكە راكى بولۇپ قالارمەنمۇ ياكى ئۇنداق بولماسمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قېلىش، خۇددى ئالتە پاي ئوق سالىدىغان تاپانچىغا ئىككى پاي ئوق سېلىپ پىشانىسىگە تەڭلەپ تەپكىنى باسىدىغان قىمار ئۇيۇنىغا ئوخشايدۇ، دەرۋەقە بۇ ئۇيۇندا تاپانچا تەپكىسى ئوق يوق جايغا توغرا كېلىپ قېلىپ ھايات قالىدىغان «تەلەيلىك» كىشى خېلى كۆپ بولۇشى مۇمكىن، بىراق سىز شۇ تاپانچىنىڭ تەپكىسىنى بېسىشقا پېتىنالامسىز؟
تامام
ماقالىنىڭ ئاپتورى لى جىجوڭ (李治中) ئامېرىكا دۇك داشۆسى راك بىئولوگىيەسى پەنلىرى دوكتۇرى
پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:
[1] A Crispo,1,2 P Brennan,2,* K-H Jöckel,3 A Schaffrath-Rosario,4 H-E Wichmann,4 F Nyberg,5 L Simonato,6 F Merletti,7 F Forastiere,8 P Boffetta,2 and S Darby9. The cumulative risk of lung cancer among current, ex- and never-smokers in European men. Br J Cancer. 2004 Oct 4; 91(7): 1280-1286.
مەزمۇن سالونى تەييارلىدى
تاماكا بولمىسا ئۆپكە راكىنىڭ نەسلى قۇرۇيدۇ؟
قەدىرلىك دوستۇم،مەزكۇر تېمىنى ئەتراپىڭىزدىكى تاماكا چىكىۋاتقان دوسلىرڭىز، كىچىك ئوقۇغۇچىلار، ياش ئۆسمۈرلەرگە بەھىرلەپ قويۇڭ!
ئىس تۈتەكتىن يىراق تۇرۇپ ، يېشىل موھىت بەرپا قېلايلى!

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: