ئاسان سەمىرىتىۋېتىدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى

  • A+
تەۋە سەھىپە:تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئاسان سەمىرىتىۋېتىدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى

1. بەك ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش
نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇن تامىقى، گۈرۈچ تامىقى كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم يەيدىغان يېمەكلىك. ئەمما نۇرغۇن ئاق ئۇن ۋە گۈرۈچلەر ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن. پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ئۇلار زور مىقداردىكى ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنى ئاسانلا ھەزىم قىلىپ، گىلۇكوزىغا ئايلىنىپ، ئاندىن يەنە قانغا كىرىپ، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
ئۇنداق بولسا، گۈرۈچ تامىقى، ھورنان يەۋەرمەي، مۇۋاپىق مىقداردا قارا ئاشلىقلارنىمۇ يەيلى، بەك «ئىنچىكە ئىشلەنگەن» يېمەكلىكلەر ئويلىغىنىمىزدەك ياخشى ئەمەس.

2. كەچلىك تاماقنى بەك مول يېيىش
ھازىر كۆپ ساندىكى خىزمەتچىلەر ۋاقىت سەۋەبىدىن ئەتىگەنلىك تاماقنى ناھايىتى ئاددىي يەيدۇ، چۈشلۈك تاماقتىمۇ ئوخشاشلا ئاددىي خىزمەت تامىقىنى تاللايدۇ. لېكىن، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مول كەچلىك تاماق ئېتىپ، بىر كۈن ئىشلەپ چارچىغان بەدىنىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەسەللى بەرمەكچى بولىدۇ.
ئەمما، يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەندە ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسمى قانغا كىرىپ قاندىكى ماينى شەكىللەندۈرىدۇ، كەچقۇرۇن قاندىكى ئىنسۇلىن مىقدارى بىر كۈن ئىچىدىكى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، ئىنسۇلىن قان شېكىرىنى مايغا ئايلاندۇرۇپ، قان تومۇر دىۋارى ۋە قورساق دىۋارىغا دۆۋىلەيدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەم سەمىرىپ كېتىدۇ.

3. تۇرمۇشتىكى تاتلىق نەرسىلەرنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئازدۇرىشىغا قارشى تۇرۇش كۈچى يوق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كەيپىياتىنىڭ بىر خىل تەسەللىسى قىلىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، شېكەرنىڭ بىر قىسمى ئادەم بەدىنىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، كۆپ قىسمى ئادەم بەدىنىدىكى ياغ ھۈجەيرىلىرىدە ياغقا ئايلىنىپ ساقلىنىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. قاچا تېگىدىكى شورپىغا چىلانغان تاماق
بەزى دوستلار شورپىغا چىلانغان تاماقنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر قېتىم گۈرۈچ تامىقى قويۇق راك شورپىسىغا قوشۇلسا، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي شۆلگىيىنى يۇتىدۇ. توختاڭ، تەسەۋۋۇرىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ، ئەمدى خام خىيال قىلماڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ئاسانلا سەمىرىپ كېتىسىز!
قاچا تېگىدىكى شورپىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ماي تەركىبى بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ تەمى تۇزلۇق بولۇپ، بۇنىڭغا قوشسىڭىز ئاسانلا بىر قاچا گۈرۈچ تامىقىنى يەۋىتەلەيسىز. بۇنداق قىلسىڭىز، سىز سەمرىمەي كىم سەمىرىيدۇ؟

5. كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى ياقتۇرماسلىق ياكى بەك ئاز ئىستېمال قىلىش
كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ رولى ھەقىقەتەن زور.
بەزى دوستلار يېمەك-ئىچمەكتە كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئاز يەيدۇ، ھەتتا سەل قارايدۇ. ئەمما كۆكتات، مېۋە-چېۋە يېمەكلىك تەڭپۇڭلۇقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇلار ئادەم بەدىنىنى مول ۋىتامىن، ئۆسۈملۈك تالاسى ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ، ياغنىڭ كۆيۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك كۆكتات قوبۇل قىلىش مىقدارى 300-500 گىرام بولۇشى، قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلار بۇنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىشى كېرەك، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك مېۋە-چېۋە قوبۇل قىلىش مىقدارى 200-350 گىرام (مېۋە شىرنىسى ھۆل مېۋىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ) بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مېۋە-چېۋە قوبۇل قىلىش مىقدارى تېخى يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك.

6. تاماقنى بەك تېز يېيىش
ئەگەر سىز ئادەتتە تاماقنى بەك تېز سۈرئەتتە يېسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىڭىز تويغىچە يېسىڭىز، سىزنىڭ سەمىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىڭىز تاماقنى ئالدىرىماي چايناپ، ئاستا يەيدىغان كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى سىزنىڭ تويغان-تويمىغانلىقىڭىزنى سىزگە ئاشقازىنىڭىز ئېيتىپ بەرمەيدۇ، بەلكى چوڭ مېڭىڭىزنىڭ سىزگە چىقارغان سىگنالى قورسىقىڭىزنىڭ تويغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. لېكىن، چوڭ مېڭە بىلەن بەدەن ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە 20 مىنۇت كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ سىزنىڭ توختىماي يەپ-ئىچىش جەريانىدا، چوڭ مېڭىڭىزنىڭ تويۇنۇش سىگنالىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. سىز قورسىقىڭىزنىڭ تويغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا بەك كۆپ ئېنېرگىيەنى قوبۇل قىلىپ بولغان بولىسىز.
بۇ ئادەت ئۇزاق داۋاملاشسا، ئاسانلا سەمىرىپ كېتىسىز. شۇڭا، تاماقنى يەنىلا يۇمشاق چايناپ، ئاستا يۇتۇپ، بەدەننىڭ تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىش كېرەك.

7. ئۇسسىمىسا سۇ ئىچمەسلىك
بەزى كىشىلەر ئۇسسىغان چاغدىلا ئاندىن سۇ ئىچىدۇ، ئۇسساپ كەتمىسە ئىچمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋال بەدەننىڭ يېنىك دەرىجىدە سۇ كەمچىل ھالەتتە بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش كېرەك.
سۇ ئىچىش ئادەمدە بەلگىلىك قورساق تويغۇزۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك قوللانمىسى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارى 1500-1700 مىللىلىتىرغا يېتىشى كېرەك ئىكەن.
شۇڭا ئادەتتە سۇ تەركىبىنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

8. تاماق تىياتىرى
تاماق يېيىش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر بىر تەرەپتىن تىياتىر كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن دىققەت-ئېتىبارىنى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ۋەقەلىكى تارتىپ كېتىپ، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېمەكلىك يەۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەك-ئىچمەكتىن كېيىن ھەرىكەت قىلماي داۋاملىق تىياتىر كۆرگەندە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن سەمىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: