بۇ كېسەللىكلەر ئاچچىقلىنىشتىن پەيدا بولىدىكەن

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

بۇ كېسەللىكلەر ئاچچىقلىنىشتىن پەيدا بولىدىكەن

1. سۈت بېزى ئۆسۈش
كۆپ ساندىكى ئاياللاردا سۈت بېزى ئۆسۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى ئاچچىقلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۇغۇتتىن كېيىن كەيپىيات ناچار بولسا، ئاسانلا سۈت بېزى ياللۇغى كۆرۈلىدۇ؛ ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا سۈت بېزى راكى قوزغىلىدۇ.
2. باش قىيىپ، ئاغرىش
بەزىدە زىيادە ئاچچىلانسا باش چىڭقىلىپ، ئاغرىيدۇ، ھەتتا مېڭىگە قان چۈشۈپ، تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىشتەك تاسادىپىي ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
3. سەكتە، مېڭە تىقىلمىسى
ئادەمنىڭ قەلبى بىلەن تېنى زىچ مۇناسىۋەتلىك گەۋدە بولۇپ، يۈرەك، مېڭە، قان- تومۇر كېسەللىك بىمارى ئاچچىقلانسا قەتئىي بولمايدۇ، چۈنكى ئاچچىقلانغاندىن كېيىن يۈرەك سوقۇش سۈرئىتى زىيادە تېزلىشىپ، نەپەس جىددىيلىشىپ، ئېغىرراقلىرىدا سەكتە ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
4. قان شېكىرى ئۆرلەش
دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى جىددىيلىشىپ، ئاچچىقلىنىپ، غەزەپلەنسە قان شېكىرى ئۆرلەيدۇ. كېسەللىك يېڭى كۆرۈلگەندە ناچار كەيپىياتنى تىزگىنلەپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
5. ئاشقازان يارىسى
ئاچچقلىنىش سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ ھاياجانلىنىشىنى پەيدا قىلىپ، يۈرەك ۋە قان-تومۇرغا بىۋاستە تەسىر قىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەيدىكى قان ئايلىنىش مىقدارىنى ئازايتىپ، لۆمۈلدەشنى ئاستىلىتىدۇ، ئىشتىھانى ناچارلىتىدۇ. ئېغىرراقلىرىدا ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
6. يۈزدە داغ پەيدا بولۇش
ئاچچىقلانغاندا قان كۆپ مىقداردا باش قىسمىغا ئاقىدۇ-دە، قاندىكى ئوكسىگېن ئازىيىپ، توكسىن كۆپىيىدۇ. توكسىن تۈك تۆشۈكچىلىرىنى غىدىقلاپ، تۈك خالىتلىرى ئەتراپىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ياللۇغ قوزغاپ، داغ پەيدا قىلىدۇ.
7. يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك
كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭە ۋە يۈز قىسمىغا ئېتىلىپ، يۈرەككە يەتكۈزىلىدىغان قان مىقدارى ئازلاپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەچكە، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىپ، ھاياتقا خەۋپ پەيدا قىلىدۇ.
10. ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى قوزغىتىشى مۇمكىن
كۆپىنچە كىشىلەر ئاچچىق يۈتۈش، خامۇشلۇق، گۇمانخورلۇقتەك ناچار كەيپىياتنىڭ ئۆپكە راكى پەيدا قىلىشتىكى كەيپىيات ئامىلى ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
11. كۆكرەك سىقىلىپ، نەپەس قىسىلىش
ئاچچىقلانغاندا بولۇپمۇ باشقىلار بىلەن باتناب يۈرگەندە، باشقىلاردىن سەۋەبسىزلا تىل ئاڭلىغاندا ياكى كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا كۆكرىكى سىقىلىپ، نەپەس قىسىلغاندەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
12. تەرەتنىڭ بىنورماللىقى
بەزىلەر ئاچچىقلانسىلا قەۋزىيەت ياكى ئىچ سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. سەۋەبى ئاچچىقلانغاندىن كېيىن ئۈچەي يولى، دوۋساق قاتارلىقلارمۇ ئەگىشىپ قىسىلىپ، تەرەتنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
13. يۈرەك كېسىلى
ئادەم ئاچچىقلانغاندا سىمپاتىك نېرۋىلار ئۇزاق مۇددەت زىيادە جىددىيلىك ھالىتىدە تۇرغاچقا، يۈرەكنىڭ يۈكى ئارتىدۇ. بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە يۈرەك زەخمىگە ئۇچراپ، تاسادىپىي يۈرەك كېلىپ ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشى كېلىپ چىقىدۇ.
14 . قان بېسىم ئۆرلەش
ناچار كەيپىيات قان بېسىمنى ئۆرلىتىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلار ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچراپ، غەزەپلەنسە قان بېسىمنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلىشىنى، ئېغىرراق بولغاندا يۈرەك زەئىپلىشىش، تۇيۇقسىز قازا قىلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاسان ئاچچىقلىنىدىغانلار بۇ مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك:
1. ئاپېلىسىن پوستى. ئاۋال پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ چاي يوپۇرمىقى بىلەن چىلاپ ئىچسە روھنى كۆتۈرۈپ، يەل ھەيدەيدۇ. قورۇما قورىغاندا بىر نەچچە پارچە سالسا ماينى سىيرىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
2. ئاق تۇرۇپ. يېڭى تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ پارچىلاپ توغراپ، يۇمىلاق گۈرۈچ بىلەن سۇدا قاينىتىپ ئىچكەندە، يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىپ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىدۇ.
3. دولانا. يېمەكلىك يىغىلىپ قېلىشتىن پەيدا بولىدىغان كۆكرەك قورساق كۆپۈپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاچچىقلىنىشتىن پەيدا بولىدىغان يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، يۈرەك رىتىمى تەڭپۇڭلىشىشقا قارىتا ئۈنۈمى بار.
4. ئەتىرگۈل. چايغا چىلاپ ئىچكەندە يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىدۇ، ئىسسىقى ئېشىپ، بەلغەم پەيدا بولغان كىشىلەر ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر باغلام ئەتىرگۈلنى ئۆيگە تىزغاندا ئۇنىڭدىن تارىغان خۇشپۇراق كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: