ئىنسانلاردا ئاز ئۇچرايدىغان 10 تۈرلۈك قورقۇش كېسىلى

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

ئىنسانلاردا ئاز ئۇچرايدىغان 10 تۈرلۈك قورقۇش كېسىلى

قورقۇش كېسىلى بىر خىل روھىي فۇنكىسىيە كېسىلى بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار مەلۇم ئالاھىدە ئوبيېكت ياكى ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە سەۋەبسىزلا جىددىيلىشىدۇ، قورقىدۇ ياكى كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ ناھايىتى بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ.
قورقۇش كېسىلى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋال بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەممىمىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر بۇ خىل كېسەللىك ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. مەسىلەن ئېگىزدىن قورقۇش كېسىلى، قاراڭغۇدىن قورقۇش كېسىلى، ئىنچىكە نەرسىلەردىن قورقۇش كېسىلى، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار (مەسىلەن يىلان، سەكسەن پۇت دېگەندەك) دىن قورقۇش كېسىلى قاتارلىقلار. بۇ خىل قورقۇش كېسەللىكلىرى بىزگە پايدىلىق. بۇلار ئىنسانلار گېنىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا يېتىلگەن ئۆزىنى قوغداش مېخانىزىمى ھېسابلىنىدۇ. بەك ئېغىر ئەھۋال كۆرۈلمىسىلا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق كۆپ ساندىكى قورقۇش كېسەللىكلىرى بولسا بىرخىل پىسخىكىلىق كېسەل ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، ئىجتىمائىي ئالاقىدىن قورقۇش كېسىلى، قاراڭغۇ جىمجىتلىقتىن قورقۇش كېسىلى، مەيدانلاردىن قورقۇش كېسىلى قاتارلىقلار. بۇ خىل قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلار قارىماققا شۇنچە تىنچ ھەم نورمال مۇھىتتىنمۇ بىر خىل قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىھۇدە ھودۇقۇش، تەرلەش، تىترەش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، تارتىشىپ قېلىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىمۇ مۇمكىن.
گەرچە بەزى قورقۇش كېسەللىكلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولسىمۇ مۇنداق بىر نەچچە خىل قورقۇش كېسەللىرىنى بەلكىم قەتئىيلا ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. تېخى بۇنداق كېسەللەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەسلىكىڭىزمۇ مۇمكىن
.
بىرىنچى، كۈن نۇرىدىن قورقۇش كېسىلى
بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار كۈن نۇرىغا قارىيالمايدۇ. كۈن نۇرىدىن بەك قورقىدۇ. كۈن نۇرىغا قارىغا ھامان ئىچى تىتىلداپ، باش قېيىش. نەپىسى سىقىلىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا نەپىسى توختاپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر پەقەت كەچتىلا ھەرىكەت قىلىدۇ، كەچتە خىزمەت قىلىدۇ. تاڭ ئېتىشى بىلەنلا پەردىلىرىنى تارتىپ ئۆيدە ئۇخلايدۇ. بۇلارنىڭ تۇرمۇشى قان شورىغۇچى ئالۋاستىنىڭ تۇرمۇشىغىلا ئوخشايدۇ. بىراق بۇ يەنە قان شورىغۇچى ئالۋاستى كېسىلىگە ئوخشىمايدۇ. قان شورىغۇچى ئالۋاستى كېسىلى بىر خىل تېرە كېسەللىكى بولۇپ، كۈن نۇرىنى كۆرسىلا قوزغىلىپ، تېرىگە ئەسۋە ئۆرلەش، تېرە چىرىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. كۈن نۇرىدىن قورقۇش كېسىلى بىر خىل پىسخىكىلىق كېسەل بولۇپ، كېسەللىك سەۋەبى توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر ئېنىق بىرەر قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

ئىككىنچى، ئائىلىدىن قورقۇش كېسىلى
كىشىلەر دائىم ئائىلە قەلبنىڭ ئارامگاھى دېيىشىدۇ. ئۆيگە قايتقاندا ئادەم بارلىق بېسىملاردىن قۇتۇلغاندەك ھېس قىلىدۇ دېيىشىدۇ. بىراق ئائىلىدىن قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارغا نىسبەتەن ئۆي بىر قارا باسقان چۈشكە ئوخشايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆيدە تۇرغاندا قورقۇنچ، ئەنسىزلىك ھېس قىلىدۇ. ئائىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسە، مەسىلەن ئائىلە جاھازىلىرى، ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولالايدۇ. كېسلى قوزغالسا كۆزى قاراڭغۇلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. سىرتتا قونۇپ قېلىشقا رازىكى ئۆيدە ئون مىنۇت ئارتۇق تۇرۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ.
ئائىلىدىن قورقۇش كېسىلى ئاياللاردا، بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە ئائىلە زوراۋانلىقى، ئائىلىدىكى بەزى بىر ھادىسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆڭۈل يارىسى تۈپەيلى ئائىلىدىن ئۆيدىن زىيادە قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بۇ خىل ۋەھىمە تۇيغۇسى ۋىرۇسقا ئوخشاش ئادەمنىڭ روھىغا سىڭىپ كەتكەندە بۇ بىر خىل قۇتۇلغىلى بولمايدىغان كېسەللىككە ئايلىنىدۇ.

ئۈچىنچىسى، يۇڭلۇق نەرسىلەردىن قورقۇش كېسىلى
بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان كىشىلەر يۇڭ، تۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىدىن قورقىدۇ. مەيلى ئىت، مۈشۈك ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى چاچ، تۈكلەر ھەتتا چوتكىلارنىڭ يۈزىدىكى تۈكمۇ ئۇلاردا ئەنسىزلىك، قورقۇنچ پەيدا قىلالايدۇ. كېسىلى ئېغىرراق كىشىلەر ھەتتا ئۆزىنىڭ چېچىنى، قېشىنى، بەدىنىدىكى تۈكلەرنى ھەركۈنى بىر قېتىم پاكىز قىرىدۇ.
بۇ خىل قورقۇش كېسىلىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى بىرقەدەر مۇرەككەپ. بەلكىم مۇشۇنداق يۇڭلۇق مامۇق نەرسىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن ياكى تۈكلەرنىڭ ئارىسىدا خەتەرلىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن قورققانلىقتىن مۇشۇنداق ۋەھىمە تۇيغۇسى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل تۇيغۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغانسېرى چوڭ مېڭىدە مۇداپىيە مېخانىزىمى پەيدا بولۇپ، تۈكلۈك نەرسىلەرنى كۆرگەن ھامان قوزغىلىپ ئۆزىنى قوغدايدىغان ھالەتكە ئۆتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

تۆتىنچىسى، ئولتۇرۇشتىن قورقۇش كېسىلى
بۇ خىل كېسەل ناھايىتىمۇ كەم ئۇچرايدۇ. بۇنداق بىمارلار ئولتۇرۇشتىن بەكلا قورقىدۇ. ھەتتا ئادەتتە ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆرە تۇرىدۇ، پۇتلىرى تېلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئولتۇرۇشقا پېتىنالمايدۇ.
بۇ خىل قورقۇش كېسىلى بەلكىم جىسمانىي جەھەتتىكى كېسەللىك تۈپەيلى ئۆرە تۇرالماي، ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇرغانلىقتىن پەيدا بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنە بىر خىل قاراشتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ ئولتۇرۇپ جازا قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالغانلىقتىن پەيدا بولغان ۋەھىمىنىڭ پىسخىكىلىق تەسىرنى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.

بەشىنچىسى، رەڭلەردىن قورقۇش كېسىلى
دۇنيا ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن گۈزەل. بىراق بۇ خىل رەڭدارلىق رەڭدىن قورقۇش كېسىلى بارلارغا نىسبەتەن بىر خىل قەبىھ چۈشتۇر. بۇنداق كىشىلەرنىڭ رەڭلەرگە نىسبەتەن ئۆچلۈكى ۋە قورقۇشى ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. كۆپ قىسىم بىمارلار پەقەت مەلۇم ئالاھىدە رەڭدىن قورقىدۇ. بەزىلەر قىزىل رەڭدىن قورقسا، بەزىلەر يېشىل رەڭدىن قورقىدۇ. يەنە بەزى غەلىتە بىمارلار بارلىق رەڭلەردىن قورقىدۇ، ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈلرەڭدە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئالتىنچىسى، ئېغىرلىقتىن قورقۇش كېسىلى
ئېغىرلىق ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدا ياشىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى. يەر شارىدا ئېغىرلىق بولمىسا ھاۋامۇ ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ تاراپ كېتىشى، ئىنسانلارمۇ ئۇچۇپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ يەنە بەزى كىشىلەر ئېغىرلىقتىن ناھايىتى قورقىدۇ. بۇ خىل قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر لىفىتتا ئولتۇرۇشتىن قورقىدۇ. ئىلەگڭۈچ ئۇچۇشتىنمۇ ئۆلگۈدەك قورقىدۇ. ھەتتا ئىككى پۇتىنى كۆتۈرۈپ دىككىدە سەكرەشتىنمۇ قورقىدۇ. ھەرقانداق ئېغىرلىق تۇيغۇسى بۇلارنى قاتتىق بىئارام قىلالايدۇ.
بۇ خىل كېسەللىك ئادەتتە ئېغىرلىق كۈچى تۈپەيلىدىن زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلىقتىن پەيدا بولغان دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن ئېگىزدىن يىقىلپ چۈشۈش ياكى يول ماڭغاندا ھەمىشە پۇتلىشىپ كېتىش دېگەندەك ئەھۋاللار تۈپەيلى ئېغىرلىقتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يەتتىنچىسى، تىكىلىپ قاراشتىن قورقۇش كېسىلى
بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراشتىن قورقىدۇ. بولۇپمۇ ناتونۇش ئادەملەرنىڭ كۆزىگە قاراشتىن قورقىدۇ. ھەتتا باشقىلار بىلەن بىلەن پاراڭلاشمىغان چاغلاردىمۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قارىشىدىن قورقۇپ، كۈنبويى روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىپلا تۇرىدۇ. مەيداندىن قورقۇش كېسىلىگە ئوخشاش، تىكىلىپ قاراشتىن قورقۇش كېسىلىنىڭ سەۋەبى ئىجتىمائىي ئالاقىدىن قورققانلىقتىن بولىدىغان ئالامەتلەردۇر.

سەككىزىنچىسى، تۈگمىدىن قورقۇش كېسىلى
تۈگمىدىن قورقۇش كېسىلى ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار تۈگمىنى كۆرسىلا كۆڭلى ئېلىشىش، قورقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر تۈگمىسى بار ھەرقانداق نەرسىگە يېقىنلىشىشنى رەت قىلىدۇ. بۇ خىل كېسەلنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبس ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تۈگمىدىن قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇڭا ئۇ دائىملا تۈگمىسى يوق ئېگىز ياقىلىق كۆينەك، مايكىلارنى كىيىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

توققۇزىنچى، ئۇخلاشتىن قورقۇش كېسىلى
ئۇيقۇسىز كېچىلەرنى كۆپلىگەن كىشىلەر بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان. ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالماسلىق بەك ئازابلىق بولىدۇ. ئۇخلاشتىن قورقۇش كېسىلى بولۇپ قالغانلارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىنمۇ ئازابلىق بولۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ۋەھىمە تۇيغۇسى چىرمىۋالىدۇ. ئۇخلاپ قالسا قارا بېسىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. ئۇخلاپ قالغان پېتى مەڭگۈ ئويغىنالماي قېلىشىدىن قورقىدۇ. كېسىلى ئېغىرراق كىشىلەر ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇخلاپ قېلىشىنى توسىدۇ. مەسىلە ئۆزىگە يىڭنە سانجىش، يۈزىنى قىسقۇچتا قىسىش دېگەندەك ئۇسۇللارنى قوللىنىشى مۇمكىن. بۇنداق ئېغىر دەرىجىدىكى پىسخىكىلىق كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، بۇنداق كىشى روھىي جەھەتتىن تۈگىشىپ كېتىشى، ئۆلۈۋېلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

ئونىنچى، ئايدىن قورقۇش كېسىلى
بۇنداق كىشىلەر ئايدىن بەك قورقىدۇ. بولۇپمۇ ئاينىڭ تۇتۇلۇشى دېگەندەك ھادىسىلەر كۆرۈلگەندە ۋەھىمە تويغۇسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا مېدىتسىنادا ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب يوق. ئالىملار بۇنى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئون تۈرلۈك قورقۇش كېسىلى ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ. سىزدە ياكى ئەتراپىڭىزدىكىلەردە مۇشۇنداق قورقۇش كېسەللىكلىرى بارمۇ؟

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: