ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى بۇ يەتتە ئىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار

  • A+
تەۋە سەھىپە:تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى بۇ يەتتە ئىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار

ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى بۇ يەتتە ئىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش كىشىلەرنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان ئارزۇسى، بىراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يەتكىلى بولمايدۇ، پەقەت تۇرمۇش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتكەندە بۇ ئارزۇيىمىزغا يېتىلەيمىز. ئۇنداقتا بىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ياردىمى بولىدىغان ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى يەتتە ئىشنى كۆرۈپ باقايلى.

1. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چىشىنى چوتكىلاش ۋە يۈزىنى يۇيۇش:
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چىشىنى چوتكىلاش ۋە يۈزىنى يۇيۇشنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسى بار، چۈنكى ئۇخلىغاندا نىسپىي ھەرىكەت مىقدارى بەك كىچىك ھالەتتە بولىدۇ، ئەگەر ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چىشىمىزدىكى تاماق قالدۇقلىرنى ۋە يۈزىمىزدىكى بۇلغىغۇچى ماددىلارنى تازىلىۋەتمىسەك، ئېغىز بوشلۇقى، چىش ۋە تېرىمىزگە زىيانلىق.
2. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بارمىقىمىز بىلەن بېشىنى ئۇۋلاپ بېرىش:
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بارمىقىمىز بىلەن باشنى چاچ تارىغانغا ئوخشاش ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق. بارماق ئۇچى بىلەن باشنى ئۇۋۇلاشنىڭ جىگەر بىلەن ئۆتنى قوغداش، ئاغرىقنى توختىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، چاچنى قوغداش، چاچ ئۆستۈرۈش، نىرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا پايدىسى بار.
3. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 10 مىنۇت پىيادە مېڭىش:
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 10 مىنۇت پىيادە مېڭىشنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسى بار، چۈنكى كىچىك قەدىمدە مېڭىپ بەرگەندە قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، تېزلا ئۇخلىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى رولى چوڭ.

4. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان ھەسەل ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت ئىچىش:
سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ترىپتوفان ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدۇ، ھەسەلنىڭ قاندىكى قەنتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولى بار، شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان ھەسەل ئارلاشتۇرۇلغان سۈت ئىچىش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق.
5. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەك كۆپ تاماق يېمەسلىك:
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەك كۆپ تاماق يېيىش سالامەتلىككە زىيانلىق، چۈنكى تاماقنى جىق يېيىش ئاشقازاننىڭ خىزمەت يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇ خىل ئىشلەش ھالىتى بىۋاستە چوڭ مېڭىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ئۇخلىغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەك كۆپ تاماق يېيىش ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا زىيانلىق.

6. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دەرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش:
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تىنىچ ھالەتكە كىرىش كېرەك، كىشىلەر نەپەسلىنىۋاتقان چاغدا ھاۋا بىر قەدەر دۇغلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دەرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئاسان ئۇخلاش ۋە مۇسكۇلنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
7. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش:
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاشنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسى بار، چۈنكى پۇتتا 60 نەچچە پەللە بار، شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاشنىڭ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەننى يېنىكلىتىش، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىش قاتارلىق رولى بار.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: