يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئون خىل ئادەت

  • A+

يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئون خىل ئادەت

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
يۈرەك ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم قان تەمىنلىگۈچى ئەزا، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدىكى زەھەر قايتۇرغۇچى ئەزا، يۈرەكتە مەسىلە كۆرۈلۈش بەدەندە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىتىدىغان يۈرەك كېسەللىرىدىن يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىقلار بار، بۇ كېسەللىكلەر ئېغىر دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.
تاماكا چېكىش ۋە ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق قاتارلىق تۇرمۇش ئادىتىدىن باشقا يەنە قايسى قىلمىشلار يۈرەكنى ئېغىر دەرىجىدە چارچىتىدۇ؟

يۈرىكى ئەڭ چارچايدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك:
    ئولتۇرۇش ۋە زىياپىتى كۆپ كىشىلەر: بۇلار شىركەت ۋە كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى، شۇنداقلا ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان، ئاز ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەر: دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە شوپۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    جىددىيلىشىدىغان، داۋاملىق ئاچچىقلىنىدىغان كىشىلەر: ساقچى ۋە ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  ئېغىر دەرىجىدە ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەر: بولۇپمۇ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، چېلىشىش، روداۋچە چېلىشىش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ھەمدە ئادەتتە جىسمانىي پائالىيەت بىلەن كۆپ شۇغۇللانمايدىغان، تۇيۇقسىز ئېغىر ھەرىكەت قىلغان ياكى ئېغىر نەرسە كۆتۈرگەن كىشىلەر.

كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتكەن كىشىلەر: يەنى كېچىدە خىزمەت قىلىدىغانلار، قوغداش خادىمى قاتارلىقلار.
ئەگەر سىز يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك كىشىلەر ئىچىدىكى مەلۇم بىرى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ يۈرىكىڭىز ھازىر زەخمىلىنىۋاتقان بولىدۇ.
يۈرەك كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم يامان ئادەتلەردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، تۆۋەندە يۈرەككە بولغان زىيىنى چوڭ بولغان ئون خىل تۇرمۇش ئادىتى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

بىرىنچى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرمەسلىك.
قىزىل پۇرچاق، قارا پۇرچاق ۋە پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ئاقسىلنىڭ تەركىبى مول، شۇنداقلا تويۇنمىغان ماي كېسلاتاسىدىن تەركىب تاپقان. پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە يەنە كۆپ مىقداردا ئېرىشچان يېمەكلىك سېللۇلوزىسى بار بولۇپ، بۇ تەركىبلەر قاندىكى ماينى سىيرىيدۇ، شۇڭلاشقا پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتىنى چۇقۇم ئۆزگەرتىشى كېرەك.

ئىككىنچى، ھەمىشە ئۆيدە ئولتۇرىدىغان كىشىلەر.
كۈنبويى ئۆيگە قامىلىپ ئولتۇرۇش، تالاغا چىقىپ ئاپتاپ سۇنماسلىق، ھەرىكەت قىلماسلىق قاتارلىقلار بەدەندىكى ۋىتامىن D نىڭ سېنتىزلىنىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ۋىتامىن D مىقدارى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ قان تومۇرىدا ئاسانلا چۆكمە شەكىللىنىدىكەن، بۇنداق كىشىلەرنىڭ قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭلاشقا دائىم سىرتلارغا چىقىپ مېڭىش ساغلاملىققا نىسبەتەن ئىنتايىن زۆرۈر.

ئۈچىنچى، ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن قورقۇش.
نۇرغۇنلىغان ئاياللار ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن قورقىدۇ، ياز كەلگەندە ئۆزىنى مۇستەھكەم ئورىۋالىدۇ. ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ھەر كۈنى 30 مىنۇت قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. تېرە قۇياش نۇرىنىڭ غىدىقلىشى ئاستىدا ۋىتامىن D ئىشلەپچىقىرىپ، قان تومۇرلاردا چۆكمە ھاسىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، شۇڭلاشقا كۆپچىلىكنىڭ ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 كىچە قۇياش نۇرى ئاستىدا تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن يۇقىرى ھەرىكەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تۆتىنچى، شاۋقۇن سۈرەنلىك مۇھىتتا ئۇزۇن ۋاقىت يۈرۈش.
بېلگىيە خاسارت داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ماشىنا زىچلىقى يۇقىرى بولغان يوللاردىن ئۆتكەندە يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈزبېرىش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭلاشقا ياشانغانلار، بولۇپمۇ كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ياكى ئۆپكە يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەر ئىمكانقەدەر قاتناشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىدا سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك.

بەشىنچى، كۈچەپ چوڭ تەرەت قىلىش.
كۈچەپ تەرەت قىلىش، چېلەككە لىق سۇ ئېلىپ كۆتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار ئادەمنىڭ قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىپ، يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭلاشقا بىز ھەر ۋاقىت چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بولۇشىغا، كۆپرەك مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتات يېيىشكە، چوڭ تەرەتنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەمدە قەۋزىيەتنى ۋاقتىدا داۋالاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

ئالتىنچى، كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش.
كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش يۈرەك كېسىلىنى قوزغايدىغان ئاساسلىق ئامىل. ئۇزۇن مەزگىل ھاراق ئىچىش يەنە يۈرەك مۇسكۇلىنى زەخىملەندۈرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇنغا داۋاملاشسا يۈرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ساغلام قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەر كۈندىكى ھاراق ئىچىش مىقدارى 750 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ساغلام ئاياللارنىڭ بولسا 450 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك لازىم، يۈرىكى ياخشى ئەمەس كىشىلەر ئىمكانقەدەر قەھۋە ئىچمىگەن تۈزۈك.

يەتتىنچى، بەك سەھەردە چېنىقىش.
ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، سەھەر سائەت ئالتە يېرىم يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت ئىكەن، بۇ ۋاقىتتا سەھەردە چېنىقىش، سوغۇق ھاۋا، ھېرىپ چارچاش، سۇ تولۇقلاش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار قوشۇلسا، ناھايىتى ئاسانلا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.

سەككىزىنچى، چۈشتىكى ئۇخلاش ھالىتى مۇۋاپىق بولماسلىق.
چۈشلۈك ئۇيقۇ 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇخلاش ئانچە ياخشى ئەمەس. چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپلا يېتىۋېلىش مۇۋاپىق ئەمەس، چۈشتە ئۇخلىغاندا بېشىنى ئېگىز، پۇتىنى پەس قىلىپ يانچە يېتىپ ئۇخلىغاندا، يۈرەككە بولغان بېسىمنى يېنىكلەتكىلى ھەمدە يۈرەككە قايتقان قاننىڭ مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئولتۇرۇپ ئۇخلاش ياكى يانپاشلىنىپ يېتىپ ئۇخلاش ھالىتى يۈرەككە بولغان بېسىمنى ئاشۇرىدۇ. ئويغانغاندا بىۋاسىتە ئورنىدىن تۇرماستىن ئالدى بىلەن كۆكرەك قىسمىنى بىر نەچچە مىنۇت ئۇۋۇلىۋەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇش بىر قەدەر مۇۋاپىق.

توققۇزىنچى، ئۇزۇن ۋاقىت پۇتىنى سۇغا چىلاش.
ئىسسىق سۇغا پۇتىنى چىلاش تومۇردىكى قانلارنىڭ ئېقىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۈرەكنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ. ئەمما پۇتنى سۇغا چىلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماقنى يەپ بولۇپلا پۇتنى چىلاش ياخشى ئەمەس. ئۇنداق بولمىغاندا قان بىلەن تەمىنلەش توسالغۇغا ئۇچراش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش قاتارلىق خېيىم-خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر قېتىملىق پۇت چىلاش ۋاقتى 20 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق، بولۇپمۇ قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك.

ئونىنچى، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق.
ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنىڭ يۈرەك ساغلاملىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، چىشنى قۇرت يېگەن ياكى چىش مىلىكى ياللۇغلانغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر قانغا ئۆتۈپ، قان ئايلىنىش تەسىرىدە يۈرەككە يېتىپ بېرىپ، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىكەن. ئېغىز بوشلۇقى ساغلام بولمىغاندا يەنە قان بېسىمى تۇراقسىزىشىپ، شامالدارىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. دېمەك چىشىنى ياخشى چوتكىلاش يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغدىغانغا باراۋەر.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: