بەدىنىڭىز توغرىسىدا يەنە توققۇز سوغۇق بىلىم

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

بەدىنىڭىز توغرىسىدا يەنە توققۇز سوغۇق بىلىم

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
‎ئىنسانلارنىڭ تېنىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز نۇرغۇن ئېنېرگىيە يوشۇرۇنغان، شۇنداقلا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر تونۇشىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن. گەرچە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىشلىنىش ئورنى ۋە ئارتۇقچىلىقى ھەممىمىزگە ئايان بولسىمۇ، بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ھەممە ئادەمنىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن.
تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى!

‎1. يۈزى قىزارغاندا ئاشقازانمۇ قىزىرىدۇ.
‎بىز ئىنسانلار ئىنتايىن ئالاھىدە، بەدىنىمىزدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر ھايۋانلاردا بولمايدۇ، مەسىلەن، ئادەمنىڭ يۈزى قىزارغاندا، ئەمەلىيەتتە ئاشقازىنىمۇ قىزىرىدۇ. بۇ ئادرېنالىننىڭ بەدەندىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتكەنلىكىدىن بولىدۇ، ئاشقازان دىۋارىمۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشى بىلەن قىزىرىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز بۇنداق ئاجايىپ ھادىسىنى كۆرەلمەيمىز.

‎2. بېسىم ئېشىپ كەتكەندە قۇلاق كىرى ئادەتتىكىدىن كۆپىيىپ كېتىدۇ.
‎ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، ئادەم ئەگەر روھىي بېسىم ھېس قىلغاندا ياكى قورقۇپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، قۇلاقتىكى بەز تەنچىسىدە ئادەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ موم پەيدا بولۇپ، بېسىم ئاستىدا تەر چىققانغا ئوخشاش ئىنكاس پەيدا بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن كۆپ مىقداردا قۇلاق كىرى پەيدا بولىدىكەن، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق يۇقىرى بېسىملىق كەيپىياتتا تۇرغاندا، قۇلاق كىرى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى توسۇۋېلىپ، گاسلىق پەيدا قىلىدىكەن، شۇڭا قۇلاقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك ئىكەن.

‎3. بەك تويۇپ كەتكەندە ئاڭلاش ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ.
‎شۇنى بىلىش كېرەككى، تاماقنى بەك كۆپ يېيىش ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاڭلاش ئىقتىدارىمۇ ناچارلىشىدۇ. چۈنكى بەدەندىكى بارلىق ھۈجەيرىلەر يېمەك-ئىچمەكتىن ھاسىل بولغان ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئاڭلاش سىستېمىسىنىڭ گاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئەھۋال، لېكىن بەدەننىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى تاماقنى بەك تويغۇچە يەۋالماسلىق كېرەك.

4. ئادەمنىڭ پۇتىدا 500 مىڭ تال تەر بېزى بار.
‎كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ پۇتىدىن چىققان تەر مىقدارى قولنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ، بولۇپمۇ پۇتى ئاسان تەرلەيدىغان كىشىلەردە بۇ خىل پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ھالەت دائىم ئۆزىنى ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى پۇتىمىزنىڭ تەر بەزلىرىنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن بولۇپ، تەخمىنەن 500 مىڭ دانە بار، بىر كۈندە چىقارغان تەر مىقدارى 0.284 لىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

5. گەپ قىلغاندا 72 تال مۇسكۇل ئىشلىتىلىدۇ.
سىز گەپ قىلىۋاتقاندا، يۈز مۇسكۇللىرىڭىز ئاغرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ بەلكىم بۇ سىزنىڭ گەپ قىلغان ۋاقتىڭىزنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئادەم گەپ قىلغاندا ئادەتتە 72 تال مۇسكۇلنى ئىشلىتىدۇ. بۇ مۇسكۇللارنىڭ ھەممىسى يۈز قىسمىغا ئورۇنلاشقان بولىدۇ. شۇڭا بەك ئۇزۇن گەپ قىلسا، يۈز قىسمى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، كۈلگەندە ئىشلىتىدىغان مۇسكۇل ناھايىتى ئاز بولۇپ، تەخمىنەن 14 تال بولىدۇ، شۇڭا ئەگەر سىز گەپ قىلىشنى خالىمىسىڭىز، كۈلۈمسىرەش ئارقلىق مەقسىتىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

6. جىگەر 500 خىلدىن ئارتۇق ئىقتىدارغا ئىگە.
جىگەر بەدىنىمىزدىكى مۇھىم ئەزا بولۇپ، بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ھەزىم قىلىش بېزى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەدەن سىستېمىسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش مەركىزى. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا ئەزالارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، جىگەر ناھايىتى كۈچلۈك قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئالىملارنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، جىگەردە تەخمىنەن 500 خىلدىن ئارتۇق ئىقتىدار بار ئىكەن. شۇڭا بۇ نېمە ئۈچۈن جىگەرنى بەدەندىكى بارلىق ئەزالار ئىچىدە ئەڭ ئالدىراش ئەزا دېيىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.

7. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەسلى تەسۋىرنىڭ يۆنىلىشى كۆز بىلەن كۆرگىنىمىزنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.
بۇ بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىشى مۇمكىن، بىز كۆرگەن دۇنيادىكى جىسىملارنىڭ ئەسلى تەسۋىرنىڭ يۆنىلىشى ئەمەلىيەتتە كۆز بىلەن كۆرگەن يۆنىلىشىمىزنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، چۈنكى كۆز ئالمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى بولسا مۈڭگۈز پەردە رەڭدار پەردىسى، شۇنداقلا كۆز گۆھىرى ئەينەك تەنچىسى بولۇپ، ئۇ خۇددى كۆپۈنگۈ لىنزىغا ئوخشايدۇ، ئادەتتە كۆز ئالدىمىزدىكى تەسۋىر كۆز قارىچۇقىدىن ئۆتۈپ ئاندىن كۆرۈش تور پەردىسىگە بارىدۇ، بۇ چاغدا كۆرگەن تەسۋىرنىڭ يۆنىلىشى ئەسلى تەسۋىرنىڭ تەتۈر يۆنىلىشى بولۇپ، كۆز پەردىمىزدە 2D ھالەتتە كۆرۈنىدۇ، ئەمما چوڭ مېڭە كۆرۈش نېرۋىسى تېز سۈرئەتتە 3D كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىپ، كۆرۈش سەزگۈسىنى توغرا ئورۇنغا توغرىلايدۇ.

8. بەدەن نۇر چىقىرالايدۇ.
ئادەم بەدىنى قاراڭغۇدا يورۇقلۇق چىقىرالايدۇ، لېكىن ئادەم كۆزى بۇ نۇرنى سەزگۈرلۈك بىلەن قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭا كۆرگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، يۈز قىسمى باشقا تەن قىسىملىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ يورۇقلۇق ھاسىل قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچقۇرۇنلۇقى ئادەم بەدىنى ئەڭ كۈچلۈك يورۇقلۇق چىقىرالايدىكەن.

9. 85% ئېغىز پۇراش تىلدىن كېلىدۇ.
ئېغىز پۇراش ناھايىتى ئوسال ئىش، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن بىئارام بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئېغىز پۇراشنىڭ باش جىنايەتچىسىنىڭ چىش ئەتراپى ياللۇغىدىن باشقا، يەنە تىلىمىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. تىلىمىزدىكى باكتېرىيە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ %85ىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا چىش چوتكىلىغاندا تىلىمىزنىمۇ مۇۋاپىق چوتكىلاش كېرەك، بۇمۇ ئېغىز پۇراش مەسىلىسىنى بەلگىلىك ياخشىلىيالايدۇ.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: