پەقەت دوختۇرلا بىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ساغلاملىق بىلىملىرى

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

پەقەت دوختۇرلا بىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ساغلاملىق بىلىملىرى
نۇرغۇن كىشىلەر ساغلاملىققا ئىنتىلىدۇ، لېكىن بەزىلەر ساغلاملىقنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ، تۆۋەندىكى كۆپچىلىك كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىدىغان 50 تۈرلۈك ساغلاملىق بىلىملىرىدۇر.

مېدىتسىنادىكى سوغۇق بىلىملەر
دائىم تىلىنى چىشلىۋېلىش بەلكىم سەكتىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن
يېقىندىن بېرى دائىم تىلىڭىزنى چىشلىۋالىدىغان بولۇپ قالغان بولسىڭىز بۇ تاسادىبىيلىق ئەمەس بەلكىم سەكتىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، تىلىڭىزنى چىشلىۋېلىشتىن باشقا يەنە باش ئاغرىش، باش قېيىش، يول ماڭغاندا قەدەم نورمال بولماسلىق، گەپنى ئېنىق دېيىلمەسلىك قاتارلىقلار تەڭ كۆرۈلگەندە تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.
2. سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە تۈز ئۈچەينى تەكشۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق
80% تۈز ئۈچەي راكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىغىلى بولىدۇ، تۈز ئۈچەي راكىدا باشقا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىسىمۇ 40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش قىلىشى كېرەك.
3. تۇنجى قېتىم دوختۇرغا كۆرۈنگەندە مۇتەخەسسىسلەر نومۇرىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق
مۇتەخەسىسسلەرمۇ ئادەتتىكى ئادەم، بىر قاراپلا كېسەللىكنى بىلەلمەيدۇ، يەنىلا ئادەتتىكى قائىدىلەر بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭلاشقا ئادەتتىكى كېسەللىكلەرنى ئادەتتىكى بۆلۈملەردىمۇ داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
4. باشنى چۆكۈرۈپ يانفون ئوينىغاندا بويۇن ئومۇرتقۇسى كۆتۈرىدىغان ئېغىرلىق 24 كىلو ئاشىدۇ
باش تەرەپ 60 گىرادۇس ئىگىلگەندە بويۇن ئومۇرتقۇسىغا تەخمىنەن 24 كىلو ئېغىرلىقنى كۆتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ئېغىرلىق تەخمىنەن 7 ياشلىق بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا توغرا كېلىدۇ.
5. بىر قېتىم سۆيۈشۈش 8 مىليون دانە باكتىرىيە تارقىتىدۇ
گوللاندىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 10 سېكۇنت سۆيۈشكەندە جەمئىي 8 مىليون دانە باكتىرىيە تارقىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مىكروب باكتىرىيەلەر بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولدىكەن.
6. بىرلىكتە ئەسنىگەن كىشىلەرنىڭ مۇناسۋىتى تېخىمۇ يېقىن بولىدىكەن
ئەگەر ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن بولسا، بىر تەرەپ ئەسنىگەندىن كېيىن قارشى تەرەپمۇ ئەسنەيدۇ، تونۇش كىشىلەر ئارىسىدا ئەسنەشنىڭ يۇقىشى ناتونۇش كىىشلەرگە قارىغاندا تېز بولىدۇ.
7. پۇتىنى توختىماي مىدىرلىتىپ ئولتۇرۇش ئۆزىنى قوغدىغانلىق
پۇتىنى لىڭشىتىپ ئولتۇرۇش بەدەندىكى مۇسكۇللارنى بوشاتقاندىن سىرت، جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنىمۇ تەڭشەشكە ياردىمى بولىدۇ، لېكىن توختىماي پۇتىنى لىڭشىتىش بەلكىم كېسەللىك بولىشى مۇمكىن.

تۇرمۇش ساۋاتلىرى
چىش چوتكىلىغاندا تىل ئۇچىنى چوتكىلاشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق
تىلدا نۇرغۇنلىغان دوقىسىمان نەرسىلەر بولۇپ، تەكشى ئەمەس، پاكىزلاپ تۇرمىغاندا مىكروبلارنىڭ كۆپىيىدىغان جايىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
2. يۇيۇنۇش ۋاقتى 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك
يۇيۇنۇش ۋاقتى 10-15 مىنۇتقىچە بولسا مۇۋاپىق، ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك، يۇيۇنۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك، ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن ئۈچ قېتىم يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
3. يۈز يۇيغاندا ماڭلاي تەرەپتىمۇ قوشۇپ يۇيۇش
يۈز يۇيۇش سۇيۇقلىقى قاتارلىقلار بىلەن يۈز يۇيغاندا ماڭلاي تەرەپنىمۇ قوشۇپ يۇيۇش كېرەك، بولمىسا يۈز يۇيۇش سۇيۇقلىقىنىڭ قالدۇقى ماڭلاي تەرەپتە قالىدىغان بولۇپ، تەر تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇش، تېرە قۇرغاقلىشىش ھەتتا تېرە سەزگۈرلىشىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.
4. تەرەتتىن كېيىن ساغرىسىنى سۈرتكەندە ئالدىدىن كەينىگە سۈرتۈش
مەيلى كىچىك تەرەت ياكى چوڭ تەرەت قىلغاندا بولسۇن، بولۇپمۇ ئاياللار ئالدىدىن كەينىگە سۈرتۈشكېرەك، بۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغاندا جىنسىي يولى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
5. ئىچ كىيىملەرنى كۈن ئاتلىتىپ يۇيماسلىق
بىر تال ئىچ كىيىمدە 0.1 گىرام گەندە قالدۇقى بولدىغان بولۇپ، ۋاقتىدا يۇيمىغاندا مىكروبلارنىڭ كۆپىيىدىغان جايىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
6. چۈشتە 10-20 مىنۇتقىچە ئۇخلاشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى
چۈشتە دەم ئېلىش ۋاقتى 10-20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتكەندە، ئادەم قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىدىغان بولۇپ، ئويغانغان ۋاقتىدا ئۇيقۇسىغا قانمىغاندەك تۇيغۇ بولۇپ تېخىمۇ چارچاش ھېس قىلىدۇ.
7. بىر قېتىمدا 100 تال چاچ چۈشسە ئاندىن چاچ چۈشۈشكە تەۋە
نورمال ئادەمنىڭ كۈندە 50-100 تالغىچە چېچى چۈشىدۇ، ئەگەر كۈندىلىك چاچ چۈشۈش مىقدارى 100 تالدىن ئېشىپ كەتسە، بۇنداق ئەھۋال ئۇدا ئۈچ ئاي داۋام ئەتسە چاچ چۈشۈشكە دورا قىلىش كېرەك.
8. پۇت چىلايدىغان سۇ بەك قىززىق بولۇپ كەتمەسلىك
پۇت چىلايدىغان سۇ بەك قىززىق بولۇپ كەتكەندە يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرىنى غىدىقلاپلا قالماستىن، پۇتنىڭ تېرىلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، ئادەتتە پۇت چىلايدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، دىيابېت بىمارلىرى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ گىرادۇس ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچەش كېرەك.

ئوزۇقلۇق بىلىملىرى
باناننى كۆپ يېگەندە قەۋزىيەنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ
باناننىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى توسايدىغان بولۇپ، باناننى كۆپ يېگەندە قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، باناننى پۇشۇرۇپ يېگەندە قەۋزىيەتگە شىپا بولىدۇ.
2. ئاپېلسىننى كۆپ يېگەندە تېرە ساغىرىپ قالىدۇ
ئاپلېسىىننى بىرلا قېتىمدا كۆپ يېگەندە جىگەر ھەممىسىنى پارچىلاشقا قۇربى يەتمەيدۇ، نەتىجىدە ئاپېلسىن تەركىبدىكى ماددىلار قانغا ئۆتۈپ، تېرىنىڭ گىرۋەك ھۈجەيرىلىدە ئورناپ قالىدۇ، بارا-بارا تېرە ساغىرىپ قالىدۇ.
3. شوۋىگۈرۈچ بىلەن چىلىغان سەينى بىرلىكتە ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ
شوۋىگۈرۈچ بىلەن چىلىغان سەينى بىرلىكتە ئىستېمال قىلىش تاماق ئوبدان ھەزىم بولمايدىغان، ئىشتىھاسى ياخشى ئەمەس ياشانغانلار دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇل، شوۋىگۈرۈچ بىلەن چىلىغان سەينى بىرلىكتە ئىستېمال قىلغاندا قورساق تويغان بىلەن ئوزۇقلۇق قىممىتى بەكلا تۆۋەن، ئادەتتە شوۋىگۈرۈچ بىلەن تەرخەمەك قاتارلىق كۆكتاتلارنى قوشۇپ يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
4.تاماقنى بەك تېز يېيىش ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
مۇتەخەسىسلەر ئادەتتە 15-20 مىنۇتقىچە ئەتتىگەنلىك تاماق يېيىشنى، چۈشلۈك، كەچلىك تاماقنى يېرىم سائەت ئەتراپىدا يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ياشانغانلارغا نىسبەتەن ھەر كاپام تاماقنى 20-50 قېتىمغىچە چايناپ يېيىش كېرەك.
5. تۇخۇمنى سوغۇق سۇدا 8 مىنۇت قايناتقاندا تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ
تۇخۇمنىڭ ئېقى پۈتۈنلەي پىشىپ بولغان، تۇخۇم سېرىقى تولۇق پىشمىغان تۇخۇم بەدەنگە ئەڭ پايدىلىق.
6. شورپا قاينىتىش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك
بەك ئۇزۇن قاينىتىغان شورپىنى ئىچكەندە ئادەمدە كېسەل پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا شورپىنى ئادەتتە ئىككى سائەتتىن ئۇزاق ۋاقىت قايناتماسلىق لازىم.
7. يېمەكلىكلەردە ئۆز-ئارا رېئاكسىيە قىلىدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس
تۇرمۇشىمىزدا دائىم لىمون بىلەن راكنى بىللە يېسە بولمايدۇ، توخۇ گۆشى بىلەن پۇرچاق سۈتىنى بىللە يېسە بولمايدۇ دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئەمىليەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان.

ئىككى جىنىس توغرىسىدا بىلىملەر
جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىنكى قىلىدىغان بىرىنچى ئىش كىچىك تەرەت قىلىش
جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن كىچىك تەرەت قىلىش سۈيدۈك يولىدىكى باكتىرىيەلەرنى چىقىرىپ تاشلاشتىكى ياخشى ئۇسۇل بولۇپ، سۈيدۈك يولى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى چارە ھېسابلىنىدۇ.
2.بىر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا 657 پارچە مۇسكۇل ھەرىكەت قىلىدۇ
بىر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا بەدەندىكى 657 پارچە مۇسكۇل ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ تەخمىنەن يېرىم سائەت يول يۈرۈپ خوراتقان ئېنىرگىيە بىلەن باراۋەر.
3. ئاياللارنىڭ ئوقۇش تارىخى قانچىلىك يۇقىرى بولسا قولىدا لەززەتلىنىش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ
مەيلى قايسى دۆلەتتە بولمىسۇن، ئاياللارنىڭ قولىدا لەززەتلىنىشى ئۇلارنىڭ ئوقۇش تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئوقۇش تارىخى قانچە يۇقىرى ئاياللارنىڭ قولىدا لەززەتلىنىش قېتىم سانى شۇنچە جىق بولىدۇ.
4. دائىم شەھۋانىي فىلىم كۆرگەندە جىنسىي ھەۋىسىگە تەسىر يېتىدۇ
ئۇزۇن ۋاقىت شەھۋانىي خەۋەر، شەھۋانىي فىلىملەرنى كۆرگەندە ئادەمنىڭ نورمال جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى يوقاپ كېتىدۇ.
5. ئەرلەر ئەتتىگەندە جىنسىي تۇرمۇشقا ئەڭ ئىنتىلىدۇ
ئەتتىگەنلىك ۋاقىت ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھورمۇنى ئەڭ كۆپ بولىدىغان ۋاقىت بولۇپ، چۈشتىكىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، كەچ ۋاقىتنىڭكىدىن %16 كۆپ بولىدۇ.
6. جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئەرلەر ئۈستىدە بولغاندا ھامىلدار بولۇشقا پايدىلىق
ئەرلەر ئۈستىدە ھالەتتىكى جىنسىي تۇرمۇش ھالىتى ئەڭ ئاسان ھامىلدار بولۇش ھالىتى دەپ قارىلىدۇ، ئاياللار ياستۇق بىلەن ساغرا قىسمىنى ئېگىز قويغاندا ھامىلدار بولۇشقا پايدىسى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى پەرزەنتلىك بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر جۈپلەر سىناپ باقسا ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرەلەيدۇ.

ئانا-بالا بىلىملىرى
ئۇزۇن ۋاقىت ئېغىزىدىن نەپەسلىنىش بالىنى سەت قىلىپ قويىدۇ
ئۇزۇن ۋاقىت ئېغىز بىلەن نەپەسلەنگەندە بالىنىڭ چىشلىرى تەرتىپسىز، كالپۇكى قېلىن، چىرايى كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ، بالىلار ئامال بار بۇرنى بىلەن نەپەسلىنىشى كېرەك.
2. بالىلار تۆت ياشتىن بۇرۇن بوي ئېگىزلىكى ھەر يىلدا بەش سانتىمېتىر ئاشمىسا چوقۇم دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك
تۆت ياشتىن باشلاپ ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغۇچە، بالىلار ھەر يىلى 5-7 سانتىمېتىرغىچە ئۆسىدۇ، ئەگەر بالىلارنىڭ بويى ھەر يىلىغا بەش سانتىمېتىر ئۆسمىسە چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
3. بەش خىل ئەھۋال ئاستىدا بالىلارنى سۆيمەسلىك كېرەك
دوختۇرلار ئادەتتە بىۋاستە بالىنىڭ ئېغىزىغا سۆيمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بولۇپمۇ زۇكام بولۇپ قالغان، تېرە كېسىلى بولۇپ قالغان، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان، ئىچى سۈرۈپ قالغان ئەھۋاللاردا بالىلارنى سۆيمەسلىك كېرەك.
4. بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقاندىن كېيىن ئاندىن قىززىتما ياندۇرۇش دورىسى يېگۈزۈش
بالىلار ئازراقلا قىززىپ قالسىلا دورا يېگۈزۈش ئاقىلانىلىق ئەمەس، ئادەتتە بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقاندىن كېيىن ئاندىن قىززىتما ياندۇرۇش دورىسى يېگۈزۈش كېرەك.
5. بالىلار ئۈچ ياشتىن كېيىن تاماقنى قولىدا يېمەسلىك كېرەك
بالىلار ئۈچ ياشتىن كېيىنمۇ قولىدا تاماق يېسە چىشىنىڭ رەتلىك چىقىشىغا، نورمال گەپ قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يىتىشى مۇمكىن.
6. بالىلارنىڭ سوغۇققا توڭلىغان-توڭلىمىغانلىقىنى دۈمچىسىنى سىلاپ بېلىش
بالىلارنىڭ دۈمبە تەرىپى تەرلەپ شىلىملىق بولۇپ كەتكەن بولسا بالىلارنىڭ بەك قېلىن كىيىۋالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر دۈمبە تەرىپى سوغۇق، پۇت-قوللىرىمۇ سوغۇق بولسا بالىلارنىڭ توڭلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
7. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ياستۇق كەتمەيدۇ
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئومۇرتقۇسى تۈز بولىدۇ، تۈز ياتقاندا ئومۇرتقۇسى تارتىشىپ قالمايدۇ، شۇڭلاشقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۇخلىغاندا ياستۇق قويۇپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە بالىلار 3-4 ئايلىق بولغاندا بىر سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ياستۇق قويۇپ بېرىش، 7-8 ئايلىق بولغاندا ئۈچ سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ياستۇق قويۇپ بېرىش، 1-3 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا 6-9 سانتىمېتىرگىچە بولغان ياستۇق قويۇپ بېرىش كېرەك.

بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئائىت بىلىملەر
بېشىنى تۇتۇۋېلىپ قورساق قاتلاش بەدەنگە ئەڭ زىيانلىق
بۇنداق ھالەتتە قورساق قاتلىغاندا ئومۇرتقىغا چۈشىدىغان بېسىم ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بەك كۈچەپ كەتكەندە مۇسكۇللارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدۇ.
2. بەك سېمىز ئادەملەر يۈگۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
بەك سېمىز ئادەملەر يۈگۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى سۇ ئۈزۈش ياكى تېز مېڭىش قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىش كېرەك.
3. ھەر كۈنى 6 مىڭ قەدەم مېڭىش ئەڭ مۇۋاپىق
ئەگەر ئاستا مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش بولسا 10 مىڭ قەدەم ماڭسا بولىدۇ، تېز مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى بولسا ھەر كۈنى 6 مىڭ قەدەم يول مېڭىش ئەڭ مۇۋاپىق.
4. تېز يول ماڭغانلارنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ
ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ يول مېڭىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 0.9مېتىر بولۇپ، يول مېڭىش سۈرئىتى ھەر سېكۇنتتا 0.6 مېتىردىن تۆۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى چوڭىيىپ كېتىدۇ، يول مېڭىش سۈرئىتى ھەر سېكۇنتتا 1 مېتىردىن ئاشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ.
5. بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئامال بار ئېغىزدىن نەپەسلەنمەسلىك
بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئامال بار بۇرۇندىن نەپەسلىنىپ، ئېغىزدىن نەپەس چىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك، ھاۋا سوغۇق كۈنلىرى نورمال تەڭشىسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا سوغۇق ھاۋانىڭ بىۋاستە ئۆپكىگە كىرىپ بىئارام قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6. چېنىقتۇرۇپ بولۇپلا ئولتۇرغاندا كاسسا يوغىناپ قالمايدۇ
ئادەتتە مەخسۇس بەدەن چېنىقتۇرغاندا ياكى ئۇزۇن ئولتۇرغاندا كاسسا يوغىناپ قالىدۇ، لېكىن ئېغىر ھەرىكەت قىلىپ بولۇپلا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.

دورا ئىشلىتىش بىلىملىرى
كۈندە ئۈچ ۋاق يېيىش دېگەنلىك ئۈچ ۋاق تاماقتىن كېيىن دېگەنلىك ئەمەس
بىر كۈندە ئۈچ ۋاق دېگەن تەلەپ ھەرگىزمۇ ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە يېيىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىر كۈنلۈك 24 سائەت ئىچىدە ھەر 8 سائەتتە بىر قېتىم دورا يېيىش دېگەنلىكتۇر.
2. قىززىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ھەر تۆت سائەتتە بىر يېيىش كېرەك
قىززىتما دورىسىنىڭ ئۈنۈم كۆرىلىش ۋاقىتى ھەر ئادەمگە ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە قىززىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىش، كۈندە ئىستېمال قىلىش قېتىم سانى تۆت قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
3. دورا يەپ بولغاندىن كېيىن ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ
دورا يەپ بولغاندىن كېيىن ھاراق ئىچكەندە يۈزى قىزىرىش، يۈرەك سېلىش تېزلىشىش، نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش ھەتتا ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئادەتتە دورا يەۋاتقان مەزگىلدە، دورا توختىتىپ 7 كۈن ئىچىدە ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.
4. شىلىمشىق سۇيۇق ھالەتتىكى دورىلارنى ئىچىپ بولۇپ 5 مىنۇتقىچە سۇ ئىچمەسلىك كېرەك
شىلىمشىق سۇيۇق دورىلار ئادەمنىڭ گېلىدا قوغداش پەردىسى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، يۆتەلنى پەسەيتىپ، گال ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ، ئەگەر بۇ خىلدىكى دورىلارنى ئىچىپ بولۇپلا سۇ ئىچكەندە دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
5. دورا يەپ بولغاندىن كېيىنلا بەدەن چېنىقتۇرماسلىق كېرەك
يېگەن دورىلار ئادەتتە 30-60 مىنۇت ئىچىدە ئاشقازان تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدىغان بولۇپ، دورا يەپ بولۇپلا بەدەن چېنىقتۇرغاندا بەدەننىڭ ئاشقازاننى قان بىلەن تەمىنلىشى ئاستىلاپ، دورىنىڭ ئۈنۈمى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
6. كۆزگە تېمىتىدىغان دورىنى كۆز قارىچۇقىغا تېمىتماسلىق كېرەك
كۆز ئاسراش تېمىتمىسىنى بىۋاستە كۆز قارىچۇقىغا تېمىتقاندا كۆپ قىسىم دورىلار كۆزنىڭ سىرتىغا چىقىپ كىتىپ دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دورا تېمىتقاندا كۆزنى ئاستىغا تارتىپ تۇرۇپ، كۆزنىڭ ئېقىغا تېمىتىش كېرەك.
7. ئوكۇل سالدۇرغاندا ئۇكۇلنىڭ چۈشۈش سۈرئىتىنى خالىغانچە تەڭشىمەسلىك كېرەك
ئوكۇلنىڭ چۈشۈش سۈرئىتىنى خالىغانچە تەڭشىگەندە يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋېتىدىغان بولۇپ، قىل قان تومۇر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا بۆرەككە زىيان يېتىدۇ.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: