​دوختۇرلار تەۋسىيە قىلغان 29 ساغلاملىق مەخپىيىتى

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

​دوختۇرلار تەۋسىيە قىلغان 29 ساغلاملىق مەخپىيىتى1. قان بېسىمى بىر قېتىم ئۆرلەپ كەتكەنلىك يۇقىرى قان بېسىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.
يۇقىرى قان بېسىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئۆلچەش لازىم، ھەمدە ئوخشاش بولمىغان كۈنلەردە ئۆلچەپ دىئاگنوز قۇيۇش لازىم، دېمەك ئۇدا ياكى كۈن ئاتلاپ ئۈچ كۈن قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە 90-140 دىن يۇقىرى بولسا ئاندىن يۇقىرى قان بېسىم دەپ بېكىتىلىدۇ.
2. مېۋە سۈيى ئىچكەندىن كۆرەر بىۋاستە مېۋە يېگەن ياخشى.
مېۋە سۈيى تەركىبىدە مېۋىنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق قەنت بار، لېكىن يېمەكلىك تالاسى ۋە بىر قىسىم ۋىتامىنلار يوق، شۇڭلاشقا مېۋە سۈيى بەدەندىكى قەنت مىقدارىنى تېزلا ئۆرلىتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تال ئالما يەپلا تويىدىغان يەرگە نەچچە ئىستاكان مېۋە سۈيى ئىچىۋېتىپ قالىمىز، بىر تال ئالما ياكى نەشپۈتتە ئاران يېرىم ئىستاكان مېۋە سۈيى سىققىلى بولىدۇ.
3. مەستلىكنى يېيىش دورىسى پەقەتلا ئېلان خالاس.
ھازىرقى مېدىتسىنا سەۋىيەسىدە، ھاراق قانغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش مۇمكىن ئەمەس، كۆپ قىسىم مەستلىكنى يەشكۈچى مەھسۇلاتلارغا تىنىچلاندۇرۇش دورىسى، ۋىتامىن قاتارلىقلار قېتىلغان، پەقەت باش ئاغرىقى، باش قېيىشنى ياخشىلىيالايدۇ. ھاراقنى يەنىلا باشتىلا ئاز ئىچكەن ياخشى.
4. يۆتەل توختىتىش يىلىمسىمان دورىسىنى ئىچكەندە سۇ ئىچمەسلىك لازىم.
يۆتەلنى توختىتىدىغان يىلىمسىمان دورىنى يېگەندە ئالدىراپ سۇ ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى سۇ ئىچكەندە دورىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، كۆپ خىل دورىلارنى بىرلىكتە يېگەندە، يۆتەلنى توختىتىدىغان يىلىمسىمان دورىنى چوقۇم ئەڭ ئاخىرىدا يېيىش لازىم.
5. جىگەرنى يېنىك دەرىجىدە ماي قاپلاش، جىگەرنىڭ زەخمىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.
ئادەتتە جىگەرنى ماي قاپلاش يېنىك، ئوتتۇرا، ئېغىر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن جىگەر ياللۇغىنىڭ دەرىجىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، سېمىزلىك، ئوزۇقلۇق ياخشى بولماسلىق، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا بۇنداق يامان تۇرمۇش ئادەتلىرىنى چوقۇم ئۆزگەرتىش لازىم.
6. كەمپۈتكە ئامراقلىق دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
كەمپۈتنى قانچىلىك يېيىشنىڭ دىيابېت كېسىلى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى يوق، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى بەدەندىكى قەنتنى ھەزىم قىلىشقا يېتەرلىك ئىنسۇلىن بولمىغانلىقتىندۇر، لېكىن قەنتنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سېمىز، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ دىيابېت بولۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
7. ئۈچەينى تازىلاش ئۇقۇمى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.
بىزنىڭ ئۈچىيىمىز ئادەتتە قۇرۇق تۇرىدۇ، ئۇنىڭدا چوڭ تەرەت يىغىلىپ قالمايدۇ، ئادەتتە ئاز قىسىمدىكى چوڭ تەرەت ئۈچەينىڭ ئۇچىغا يىغىلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ئۈچەينى يۇيۇش، ئۈچەينى تازىلاش دەيدىغان ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس، ئۈچەينى قالايمىغان تازىلىغاندا قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
8. ھاجەتخانىدا ئۇزۇن ئولتۇرغاندا، ئادەمنىڭ يەنە كىچىك تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ.
زوڭزىيىپ ئولتۇرغانلىقتىن قورساق سىقىلىپ، كىچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە كىچىك تەرەت كېلىدۇ، لېكىن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك لازىم.
9. باناننىڭ قەۋزىيەتنى ياخشىلاش ئۈنۈمى ئالما، نەشپۈتنىڭكىگە يەتمەيدۇ.
باناننىڭ قەۋزىيەتنى ياخشىلاش ئۈنۈمى بارمۇ؟ پەقەت تولۇق پىشقان باناننىڭ بۇنداق ئۈنۈمى بار، تولۇق پىشمىغان بانان ئەكسىچە قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، تولۇق پىشقان بانانمۇ قەۋزىيەتنى ياخشىلاشتىكى ئالدىنقى تاللاش ئەمەس، باناندىن باشقا يېمەكلىك تالاسى مول بولغان ئالما، نەشپۈت قاتارلىقلار قەۋزىيەتنى ياخشىلاشتىكى ئالدىنقى تاللاش بولالايدۇ.
10. ئادەم ھوشىدىن كەتكەندە يۇقىرى كالپۇك ئوتتۇرا ئېرىقچىسىنى (人中) باسمىسىمۇ بولىدۇ.
يۇقىرى كالپۇك ئوتتۇرا ئېرىقچىسىنى بېسىش ئارقىلىق كىشىنىڭ ھوشىدىن كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى ئايرىشقا بولىدۇ، لېكىن بۇ ئۇسۇل جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلمەيدۇ، ھوشىدىن كەتكەن بىمارلارنىڭ پەقەت يۇقىرى كالپۇك ئوتتۇرا ئېرىقچىسىنىلا بېسىپ، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش، يۈرەكنى بېسىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارمىغاندا، قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىمىز.
11. ئۇۋۇلاش ئارقىلىق كۆكرەكنى چوڭايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
كۆكرەك كۆكرەك بېزى، ماي ۋە مۇسكۇللاردىن تۈزۈلگەن، ئۇۋۇلاش بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان تۇرسا، قانداقمۇ كۆكرەكنى چوڭايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولسۇن، كۆكرەكنى چوڭايتىش ئۈچۈن، كۆكرەك مۇسكىلىنى چوڭايتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش كېرەك.
12. بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق سۆڭەكنى چىڭىتقىلى بولىدۇ.
بەدەن چېنىقتۇرۇش سۆڭەكنى غىدىقلاپ، سۆڭەڭنى چىڭىتىدۇ، سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەر كۈنى كۆپ سۈت ئىچىپ، كالتىسىي تابلىتىنى كۆپ يەپ، ھەرىكەت قىلمىغان بىلەن يەنىلا سۆڭەك شالاڭشىش كېلىپ چىقىدۇ.
13. ھەرقانداق دورا سۆڭەك ئۆكچىسىنى يوقىتالمايدۇ.
سۆڭەك ئۆكچىسى ئادەم قېرىغانلىقىنىڭ نورمال ئىپادىسى، نورمال بولغان كېسەللىكتۇر، كۆپ خىل ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەن سۆڭەك ئۆكچىسىنى داۋالاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ھەرقانداق دورا يېگەن بىلەنمۇ سۆڭەك ئۆكچىسىنى يوقىتالمايدۇ، پەقەت ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
14. سۆڭەك شالاڭشىش كۆرۈلگەندە كالتىسىي تولۇقلاشلا كۇپايە قىلمايدۇ.
كالتىسىينىڭ ياخشى سۈمۈرلىشى ئۈچۈن چوقۇم ۋىتامىن D نى بىرلىكتە ئىستېمال قىلىش كېرەك، ئېغىر سۆڭەك شالاڭشىش كۆرۈلگەنلەر چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىش لازىم.
15. راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پەقەت بىر خىل يېمەكلىككە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ.
يېمەكلىكلەرنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار، يېمەكلىكنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساس، راكنىڭ پەيدا بولىشى نۇرغۇن ئامىللارنىڭ بىرىكىشى بولۇپ، پەقەت بىر خىل يېمەكلىككە تايىنىۋېلىشقىلا بولمايدۇ.
16. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كېسەللىك ئەمەس.
بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ئاڭلىماققا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، لېكىن ئۇ كېسەللىك ئەمەس، بەلكى فىزىلوگىيەلىك ئالامەت، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كۆرۈلگەندە قورقۇپ كەتمەسلىك، تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتكەندە دورا ۋە فىزىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەسلەپكى بالىياتقۇ بوينى راكىدىمۇ بالىياتقۇ شەلۋەرەش كۆرىلىدىغان بولۇپ، داۋالاشتىن بۇرۇن چوقۇم ياخشى تەكشۈرتۈش لازىم.
17. ساغرىسى چوڭ بولغانلىق بىلەن ساقلىقنى ساقلاشنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق.
داس سۆڭىكى كەڭ بولغان ساغرىسى چوڭ بولۇپ تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، لېكىن ماي كۆپ بولۇشتىن كېلىپ چىققان ساغرىسى چوڭ بولۇش بۇنداق ئەمەس، سىرتقى كۆرىنىشتىن داس سۆڭىكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ھۆكۈم قىلىش بىر قەدەر تەس، ئاسانلا ماي، گۆشلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ قالىدىغان گەپ، شۇڭلاشقا مەخسۇس تەكشۈرتۈپ بىلىش لازىم.
18. قىزلارنىڭ جىنسىي لېۋىنىڭ ھەممىسى ھالرەڭدە بولمايدۇ.
جىنسىي لەۋنىڭ رەڭگى بەدەندىكى ھورمۇننىڭ مىقدارى ۋە بەدەن ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بەزى كىشىلەرنىڭ دائىم ھالرەڭلىك بولىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ بولسا قېنىق رەڭدە بولىدۇ، جىنسىي لەۋنىڭ قانداق رەڭدە بولىشى قىز ياكى قىز ئەمەسلىكىنى ئايرىيدىغان ئۆلچەم بولالمايدۇ.
19. مەزىبېزى ياللۇغى كۆرۈلگەندە قالايمىقان دورا يېمەسلىك لازىم.
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، پەقەت %10-%5 ئاستا خارەكتېرلىك مەزىبېزى ياللۇغى بىمارلىرىدا مىكروبلىنىش كۆرىلىپ، مىكروبقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن، شۇڭلاشقا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ھەرگىزمۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دورا يېمەسلىك لازىم.
20.جىنسىي ئەزانى چوڭايتىش دورىسىنى دائىم يېيىشكە بولمايدۇ.
جىنسىي ئەزانى چوڭايتىش دورىسى دائىملىق ئىشلىتىدىغان دورا ئەمەس، ھەم بىۋاستە ھېسسىيات كەلتۈرىدىغان ئۈنۈمىمۇ يوق، جىنسىي ئەزا پەقەت جىنسىي غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا ئاندىن ئۈنۈم كۆرلۈپ، جىنسىي لەززەت بېرىدۇ.
21. كۆز دورىسىنى كۆز قارچۇقىغا تېمىتماسلىق لازىم.
كۆز دورىسىنى كۆز قارچۇقىغا تېمىتقاندا ئادەم كۆزىنى يۇمۇپ-ئېچىپ دورا ئېقىپ كېتىدۇ، توغرا بولغان دورا تېمىتىش ئۇسۇلى بولسا كۆزنىڭ ئاستى قىسمىنى تارتىپ، كۆز قارىسىنى ئۈستىگە چىقىرىپ تۇرۇپ، كۆز دورىسىنى كۆزنىڭ ئېقىغا تېمىتىش لازىم.
22. يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلاردىمۇ كۆز تورلىشىش كۆرىلىدۇ.
يىراقنى كۆرەلمەسلىك بىلەن كۆز تورلىشىش بىر ئۇقۇم ئەمەس، پەقەت يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەر كۆز ئەينەك تاقىمىغان ۋاقىتتا نورمال ئادەم كۆز تورلىشىش ئەينىكى تاقىۋالغاندەك بولۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەردە كۆز تورلىشىش پەيدا بولغاندىن كېيىن، كۆز تورلىشىش كۆز ئەينىكى تاقىمىسىمۇ يېقىندىكى كىچىك نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ، ئەگەر يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆز ئەينىسىنى تاقىغاندا، ئۇلار يەنىلا يېقىندىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ.

23. كۆزگە ئاق چۈشۈشنى پەقەت ئوپېراتسىيە بىلەنلا ساقايتقىلى بولىدۇ.
ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق كۆزگە ئاق چۈشۈشنى ساقايتىدىغان دورا ئىجاد قىلىنمىدى، پەقەت قارىغۇ بولۇپ قېلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرگىلى بولىدۇ، 60 ياشتىن كېيىن كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك بەلكىم كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم، ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق قايتىدىن يۇرۇقلۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
24. سۇس سېرىق رەڭدىكى چىش ئەڭ ساغلام.
چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ساغلام بولىدۇ دېيىش خاتا، ساغلام چىش ئادەتتە سۇس سېرىق ياكى سېرىق رەڭدە كېلىدۇ.
25. قۇلاقتىكى مەينەت نەرسىلەرنى كولاپ چىقىرىۋېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
قۇلاقنى مەينەت نەرسىلەر قۇلاق ئىچىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ «ئۇرۇن يۆتكەش ھەرىكىتى» سەۋەبىدىن قۇلاق سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا قۇلاقنى كولاشنىڭ ھاجىتى يوق.
26. بۇرۇن قانىغاندا باشنى ئاسمانغا قارىتىپ قولنى كۆتۈرۈش قاننى توختىتالمايدۇ.
بۇ ھەرىكەت راستىنلا ئارتۇقچە، باشنى ئاسمانغا قارىتىپ تۇرۇش قاننى توختىتالمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا قان ھەزىم قىلىش يولى، ئۈچەي، ئاشقازانغا ئېقىپ كىرىپ بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قولنى كۆتۈرۈشمۇ ئارتۇقچە، بۇنداق قىلغاندا ھەرگىزمۇ قان توختاتقىلى بولمايدۇ.
بۇرۇن قانىغاندا دەرھال ئولتۇرۋېلىش، باش قىسىم ۋە بويۇن قىسمىنى سوغۇق لۈڭگە بىلەن سۈرتۈش كېرەك، ياكى بۇرۇنغا پاختا پالىكۇچ قىستۇرۇپ تۇرۇش لازىم.
27. تىرناقتا ئايسىمان شەكىل كۆرۈنۈش سالامەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ئايسىمان تىرناق شەكلى كۆپ ئەھۋاللاردا ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ساغلاملىق ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
28. يۈز تېرىسى يەنىلا قېلىنراق بولغىنى ياخشى.
يۈز تېرىسى ھەددىدىن ئارتۇق پاكىزلىۋەتكەنلىكتىن، يۈز تېرىسى بارغانسېرى نېپىزلەپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا يۈز تېرىسىنىڭ نورمال خىزمىتى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاسانلا رىئاكسىيە قىلىش، يۈزى قىزىرىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
29. بىر كۈندە ئۈچ ۋاق يەيدىغان دورىلار چوقۇم ئەتتىگەن، چۈش، كەچلىك تاماقتىن كېيىن بولۇشى ناتايىن.
دورا چۈشەندۈرلىشىدىكى بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچىش ئادەتتە ھەر 8 سائەتتە بىر قېتىم ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، مىكروبقا قارشى تۇرغۇچى، ئاغرىق توختاتقۇچى، ھورمون تۈرىدىكى دورىلارنى ھەر 8 سائەتتە بىر قېتىم ئىچىش لازىم، قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان، بەدەندىكى ماينى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان، ئاشقازان دورىسى قاتارلىقلارنى ئۈچ ۋاق تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە ھەممە دورىلارنى چۈشەندۈرلىشىنى ياخشى ئوقۇپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېيىش لازىم.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: