بەدەنگە قاراپ ۋىتامىن ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

بەدەنگە قاراپ ۋىتامىن ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى
كىشىلەر بەزىدە چاچلىرىنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى، بۇرنى قانايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ، ئۇنداقتا بەدەندە قىسمەن بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، مەلۇم ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ كەملىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش جۇڭگو تىبابىتى بىلەن غەرب تىبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە ئىلمىيلىككە ئىگە، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندە بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى سېلىشتۇرۇش جەدۋىلى رەتلەپ چىقىلدى.

بىرىنچى، باشقا قاراش.
1. ئەگەر چېچىڭىز سارغىيىپ، ئۇچى كۆيۈپ كەتكەندەك كۆرۈنسە، ئاقسىل تولۇقلاش؛
2. چاچ شالاڭ، نۇرسىز بولسا: ئاقسىل ۋە ۋىتامىن Aنى تەڭ تولۇقلاش؛
3. ئاق چاچ: فولىك كىسلاتاسى، پانتونىك كىسلاتا، پارابېنزول؛
4. دائىم چاچ چۈشۈش: لېتسىتىن تولۇقلاش؛
5. چاچنىڭ ئۇچى يېرىلىش: ۋىتامىن E تولۇقلاش؛
6. باش كېپەك بولۇش: سېلېن، ۋىتامىن B2 تولۇقلاش؛
7. باش ئاغرىش: ۋىتامىن B گۇرۇپپىسى، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E؛
8. مېڭە سەكتىسى: ۋىتامىن C، ۋىتامىن E تولۇقلاش؛
9. باش قېيىش: مانگان تولۇقلاش؛
10. تاقىر باش: بىئوتىن تولۇقلاش؛
11. دانىخورەك : ۋىتامىن E، ۋىتامىن Aنى تولۇقلاش.

ئىككىنچى، كۆزگە قاراش.
1. كۆز ئېقى سارغايسا جىگەر ياخشى ئەمەس، ۋىتامىن E تولۇقلاش؛
2. كۆزى قىزىرىپ، قىل قان تومۇرلىرى بىلىنىپ قېلىشتا ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغاندىن باشقا، يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق سەۋەبلەر بار، بېلىق مېيى، لېتسىتىن تولۇقلاش؛
3. كۆز ئېقى كۆكىرىپ قالغان كىشىلەردە كەم قانلىق كۆرۈلىدۇ، تۆمۈر تولۇقلىنىدۇ؛
4. كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى بولمىغان، چاپاق قاينايدىغانلارنىڭ جىگىرى ياخشى ئەمەس، ئوكسىدلىنىشقا قارشى دورىلارنى تولۇقلاش (ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، كاروتىن A)؛
5. نامازشام قارىغۇسى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ئېپىتېلىيەنىڭ مۈڭگۈزلىشىشى قاتارلىقلاردا ۋىتامىن A تولۇقلىنىدۇ؛
6. كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان تولۇش، يورۇقلۇقتىن قورقۇش قاتارلىقلاردا B2نى تولۇقلاش؛
7. كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ۋىتامىن C، ۋىتامىن B2، كاروتىن تولۇقلاش؛
8. يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كالتسىي، ماگنىي تولۇقلاش؛
9. كۆز خالتىسى، كۆز ئەتراپى قارىداشلاردا ۋىتامىن E ۋە ئاقسىل سۈزۈك مېيى تولۇقلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، قۇلاق قاراش.
1. قۇلاق ئۇچىدا تىك سىزىق بولسا، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ۋىتامىن E تولۇقلىنىدۇ؛
2. قۇلاق غوڭۇلدايدىغانلارنىڭ بۆرىكى ياخشى ئەمەس، ۋىتامىن E، ۋىتامىن C تولۇقلىنىدۇ؛
3. قۇلىقى قىزارسا، ئاخىرقى ئۇچلىرىنىڭ مىكرو ئايلىنىشىدا مەسىلە كۆرۈلگە بولۇشى مۇمكىن، B تۈردىكى ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدۇ؛
4. قۇلاق قىچىشىسا، ۋىتامىن E تولۇقلىنىدۇ.

تۆتىنچى، بۇرۇن.
1. بۇرۇن ياللۇغى بولسا B تۈردىكى ۋىتامىن ۋە ۋىتامىن C تولۇقلىنىدۇ؛
2. بۇرۇن ئۇچى قىزىرىش، B تۈردىكى ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدۇ؛
3. بۇرنىنىڭ ئۈستىدە توغرا سىزىقچىلار پەيدا بولسا، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ۋىتامىن E تولۇقلىنىدۇ؛
4. بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، ۋىتامىن C، ۋىتامىن A؛
5. بۇرۇن قاناش، ۋىتامىن C تولۇقلىنىدۇ.

بەشىنچى، ئېغىز.
1. ئېغىز قۇرۇپ، تىل قۇرغاقلىشىغ بولسا، جاۋغاي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، B تۈردىكى ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدۇ؛
2. تىلى قىزىرىش، B تۈردىكى ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدۇ؛
3. چىش مىلىكى ئىششىش، قاناش، ۋىتامىن C؛
4. تىلى ئىششىش، قىزىرىش، تىلىدا خەرىتىدەل داغلار بولۇش، B تۈردىكى ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدۇ؛
5. تىلنى دائىم چىشلىۋېلىش، گەپ قىلغاندا چاققان بولماسلىق، B تۈردىكى ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدۇ؛
6. چىش چىرىش، ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىش، كالتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش؛
7. ئېغىز بوشلۇقى ئېغىر يارىسى، ئاقسىل ياكى B تۈردىكى ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدۇ؛
8. تىل ئۇچى قىزىرىش، تەسكەن (草莓舌) بولسا، B تۈردىكى ۋىتامىن تولۇقلىنىدۇ؛
9. قان يېتىشمەسلىك، مىكرو قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىق، ۋىتامىن E تولۇقلاش؛
10. ئېغىز پۇراش، ۋىتامىن B ۋە A تولۇقلىنىدۇ؛
11. ئوت چىشى ئاغرىش (باشقا جىسمانىي كېسەللىكتىن كېلىپ چىققان چىش ئاغرىقى، ئادەتتىكى چىش ئاغرىقىدىن بەكرەك ئاغرىيدۇ)، ۋىتامىن C تولۇقلىنىدۇ.

ئالتىنچى، قول
1. بارماق بوغۇملىرى قىزىرىش، مىكرو قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن بولۇپ، كاروتىن A، ئاقسىل تولۇقلىنىدۇ؛
2. بارماق ئۇچىنىڭ ئوتتۇرىسى قارىداپ قالسا، B تۈردىكى ۋىتامىن، تۆمۈر تولۇقلىنىدۇ؛
3. تىرناقتا تىك سىزىقچىلار پەيدا بولسا، ئاقسىل تالقىنى تولۇقلىنىدۇ؛
4. تىرناقتا توغرا سىزىق بولسا، ئاقسىل، تۆمۈرنى تولۇقلىنىدۇ؛
5. تىرناق يۇمشاق بولۇپ قالسا، لېتسىتىن تولۇقلىنىدۇ؛
6. بارماق بوغۇمى يوغىناپ كەتسە، كالتسىي، ماگنىي تولۇقلىنىدۇ؛
7. بارماق بوغۇمى قىزارسا، ۋىتامىن C تولۇقلىنىدۇ؛
8. قولغا قاداق چىقسا، ئاقسىل كەملىكتىن بولىدۇ؛
9. تىرناق ئويمان بولۇپ، ئۇچى ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ چىقسا، تۆمۈر تولۇقلىنىدۇ؛
10. تىرنىقىدا ئاق چېكىت بولۇپ قالسا، سىنك تولۇقلىنىدۇ؛
11. پۇت-قولى مۇزلايدىغان بولسا، مىكرو قان ئايلىنىشى ياخشى بولماسلىقتىن بولىدۇ، B تۈردىكى ۋىتامىن، ۋىتامىن E تولۇقلىنىدۇ؛
12. تىرناق ئاسان سۇنۇپ كەتسە، تۆمۈر تولۇقلاش كېرەك؛
13. تىرناقتا ئاق تالالار بولسا، ئاقسىل، فولىك كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن C تولۇقلىنىدۇ؛
14. تىرناق ھەم قۇرغاق، ھەم چۈرۈك بولسا، ۋىتامىن A، كالتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلىنىدۇ؛
15. تىرناق تەمرەتكىسى بولسا، قوش ئاچىلىق تاياقچە باكتېرىيە ۋە سۈت كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيەسى تولۇقلىنىدۇ.

يەتتىنچى، تېرە
1. بەدەندە كىچىك قىزىل چەمبىرەك، چېكىت پەيدا بولسا، رېماتىزمنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ۋىتامىن C، كالتسىي، ماگنىي تولۇقلىنىدۇ؛
2. قىشتا تېرە قىچىشىپ، يازدا قىچىشمىسا، خولىستېرىننىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى، تۆمۈر كەمچىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان بولۇپ، بېلىق مېيى، تۆمۈر، ماگنىي تولۇقلىنىدۇ؛
3. تېرە قۇرغاقلىشىپ، تۈك خالتىسى مۈڭگۈزلەشسە، ۋىتامىن A تولۇقلىنىدۇ؛
4. تېرە ئاستى قانىسا، ۋىتامىن C تولۇقلاش؛
5. سۇلۇق ئىششىق بولسا، ئاقسىل، ۋىتامىن B6 تولۇقلاش؛
6. قېرىلىق دېغىنى يوقىتىشتا، ۋىتامىن A ،E ،C تولۇقلىنىدۇ؛
7. قورۇق كۆپەيسە، سۇ ۋە كوللاگېن ئاقسىلى تولۇقلاش؛
8. چىرايى قىزىرىش، قىل قان تومۇرلار كۆرۈنۈش يۈرەكنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن بولۇپ، ۋىتامىن B تولۇقلىنىدۇ؛
9. تېرە ياللۇغى، ئۇششۇقلۇق كېسىلى قاتارلىقلاردا سىنك، ۋىتامىن A تولۇقلىنىدۇ؛
10. پۇت تەمرەتكىسىدە B تۈردىكى ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدۇ؛
11. پۈتۈن بەدەن قىچىشىش مانگان كەملىكتىن بولىدۇ، كالتسىي، ماگنىي تولۇقلىنىدۇ؛
12. دانىخورەك، سەپكۈن قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى تولۇقلاش كېرەك؛
13. تېرە ياللۇغىدا ۋىتامىن B2نى تولۇقلاش؛
14. ياپىلاق سۆگەلدە ۋىتامىن E، ۋىتامىن Aنى تولۇقلاش كېرەك؛
15. تاتۇق بولسا، ۋىتامىن Eنى تولۇقلاش؛
16. يارا ئېغىزى ساقايمىسا، ۋىتامىن E تولۇقلىنىدۇ.

باشقىلار
1. بەل تېلىپ ئاغرىسا، كالتسىي، ماگنىي تولۇقلاش؛
2. سېمىز كىشىلەرگە B تۈردىكى ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدۇ؛
3. دىئابېت كېسىلىگە تالا ماددىسى (纤维素)، ئاقسىل، B تۈردىكى ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدۇ؛
4. ئورۇقلاۋاتقانلار تالا ماددىسى، B تۈردىكى ۋىتامىن، ۋىتامىن C تولۇقلاش؛
5. قەۋزىيەت بولسا ۋىتامىن B ،C، تالا ماددىسى تولۇقلاش؛
6. ئىدىيە بېسىمى ئېغىر بولسا، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E ۋە B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدۇ؛
7. زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا A ،C ،D تولۇقلىنىدۇ؛
8. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلاشتا B تۈردىكى ۋىتامىنلار، C ،E تولۇقلىنىدۇ؛
9. راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا: C ،E ،A تولۇقلىنىدۇ؛
10. سۆڭەك شالاڭلىشىش، ئاسان سۇنۇشتا D ،C، كالتسىي، ماگنىي تولۇقلىنىدۇ؛
11. ئىچى سۈرۈشتە B تۈردىكى ۋىتامىن ۋە ۋىتامىن K تولۇقلىنىدۇ؛
12. ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان ساڭگىلاش، ئاشقازاننى ئېلىۋېتىش قاتارلىقلاردا ئاقسىل، كالتسىي، ماگنىي تولۇقلاش؛
13. پەي تارتىشىشتا كالتسىي، ماگنىي تولۇقلاش؛
14. ئۇخلىغاندا خورەك تارتسا، سامساق ماددىسى تولۇقلاش؛
15. قېرىماي تۇرۇپلا زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ۋىتامىن B13، سېلېن تولۇقلاش؛
16. بوۋاسىر بولسا، ۋىتامىن B6 تولۇقلاش؛
17. بوغۇم ياللۇغىدا ۋىتامىن V ،C ۋە E تولۇقلاش؛
18. ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشتە، ۋىتامىن E ۋە فلاۋونوئىدنى تولۇقلاش؛
19. جىگەرنى ماي قاپلاپ كەتكەن بولسا، ئاقسىل تالقىنى، B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى تولۇقلاش؛
20. پەلەمپەيدىن چۈشكەندە پۇتى ئاغرىسا، ئاقسىل، كالتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلىنىدۇ.

يۇقىرىقى ماس كېلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا مەلۇم خىل ئوزۇقلۇق ماددىنى تولۇقلاشتا پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ماددىلىرىنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى كېلىش مەنبەسى بولسا يېمەكلىكتۇر، ئەگەر سىز يېقىندا يۇقىرىقى مەلۇم خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى (يېنىك دەرىجىدە) بارلىقىنى بايقىسىڭىز، ئەڭ ئاۋۋال مەلۇم خىل ئوزۇقلۇق ماددىسى مول بولغان بىر خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك يەپ بېرىش ئارقىلىق تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، كېسەللىك ئەمەلىيەتتە ئېغىزدىن كىرگەن، يەنى يەپ-ئىچىش ئارقىلىق پەيدا بولغان، ھەقىقەتەن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كېسەل بولۇشنى بىر مەزگىلدىن بۇيانقى يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، چوقۇم ئەھمىيەت بېرىپ، يېمەك-ئىچمەكنى ياخشى تەڭشەش كېرەك.
يەنە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولسا، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈش ياكى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورا ئىچىش كېرەك، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: