مۇھىم بولغان بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرى

  • A+
تەۋە سەھىپە:بالىلار ساغلاملىقى

مۇھىم بولغان بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرى

تۆۋەندە بىر قىسىم ئەپچىل بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

1.بىر ياش ئىچىدىكى بالىلارنىڭ ئوڭدىسىغا يېتىشى ۋە ئۆمىلەپ ئوينىشى
بوۋاقلارنىڭ ئوڭدا يېتىپ ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ، بوۋاق بالىلار ئويغاق ۋاقىتدا چوڭلارنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئۆمىلەپ ئوينىغاندا مۇسكۇللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
2.قىزىپ قېلىش يامان ئىش ئەمەس
قىزىپ قېلىش بالىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا نىسبەتەن پايدىلىقتۇر، بالىلاردا قىزىش سەۋەبىدىن بىئاراملىق كۆرۈلگەندە ئۇلارغا قايناق سۇنى كۆپ ئىچكۈزۈش كېرەك، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 39 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارغا قىزىتمىسىنى ياندۇرىدىغان دورىلارنى يېگۈزۈش، قىزىتمىسى يانمىسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك.
3.بالىلارغا كىيىمنى بەك جىق كەيدۈرمەسلىك
بالىلارنىڭ كىيىمى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئاتا-ئانىلارنىڭكىدىن بىر قۇر كۆپ بولسا بولىدۇ، بالىلار بەك كۆپ كىيىم كىيىۋالسا ئۇلارىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ، بەك كۆپ كىيىم كىيىۋېلىشمۇ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق.
4.بالىلار يول مېڭىشنى ئۆگىنىش ماشىنىسى ئوينىماسلىق كېرەك
يول مېڭىشنى ئۆگىتىش ماشىنىسى ئەمەلىيەتتە بالىلارغا يول مېڭىشنى ئۆگىتەلمەيدۇ، ئەكسىچە بالىلارنىڭ تاساددىبىي يارىلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.
5.قورساق ئاغرىشنى داۋالاشتا سۇسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم
بوۋاقلاردىكى قورساق ئاغرىشنى داۋالاشتا سۇسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم، بوۋاق بالىلاردا قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ئالامىتى كۆرۈلگەندە، داۋاملىق ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش، بالىغا سېنىك تولۇقلاش كېرەك، ئېغىر سۇسىزلىنىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، چوڭ تەرىتى قان ئارىلاش كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.
6.زۇكام بولۇپ قالغاندا قالايمىقان دورا يېمەسلىك كېرەك
زۇكام ئاساسلىقى ۋىرۇس سەۋەبلىك پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۈنۈملۈك دورىسى يوق، زۇكام دورىلىرىنىڭ ھەممىسى زۇكام ئەھۋالىنى پەسەيتىش رولىنى ئۆتەيدۇ، ھەرگىزمۇ زۇكامنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالمايدۇ، ئەگەر مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردىن يېزىپ بەرگەن دورىلار بولمىسا بالىلارغا قالايمىقان دورا يېگۈزمەسلىك كېرەك، ئۈچ ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلاردا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش، كالپۇكى كۆكىرىپ قېلىش، قۇلاق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك.
7.بالىغا ئانا سۈتى ئەڭ پايدىلىق
ئانا سۈتى ئەڭ قۇۋەتلىك ۋە ئەڭ ئەرزان نەرسە، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ھەمدە بالىلارنى نۇرغۇن كېسەللىكلەردىن ساقلايدۇ، ھەم ئانىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن تېز ئەسلىگە كېلىشىگىمۇ پايدىلىق، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە بالىلارنى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي چوقۇم ئانا سۈتىدە بېقىش كېرەك، تاكى بالىلار ئىككى ياشقا كىرگۈچە ئانا سۈتىنى ئۈزۈپ قويماسىلىق كېرەك.
8.نەپەس يولى ۋە ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى غەلىتە نەرسىلەرگە دىققەت قىلىش
بالىلارغا بەك كىچىك ئويۇنچۇقلارنى بەرمەسلىك كېرەك، مەسىلەن: تەڭگە، تۈگمە، باتارىيە، كىچىك ماگنىت قاتارلىق بالىلار ئاسانلا ئېغىزىغا سېلىۋالىدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ ئوينىشىغا تاشلاپ بەرمەسلىك كېرەك، تۆت ياشتىن كىچىك بالىلارغا قاتتىق پوسىتلىق مېۋە، پۈتۈن ئۈزۈم، سېغىز قاتارلىق نەرسىلەرنى بەرمەسلىك كېرەك.

9.يۆتىلىپ قېلىش ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ
يۆتىلىش بولسا بىر خىل قوغداش خارەكتېرلىك ھەرىكەت، يۆتىلىش ئۆپكە ياللۇغىنى پەيدا قىلماستىن بەلكى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۆتەل توختىتىش دورىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن زۇكام دورىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوخشاش، دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورا بولمىسا ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا خالىغانچە يۆتەل دورىسى يېگۈزمەسلىك كېرەك، ئۇزۇن ۋاقىت قاتتىق يۆتىلىش بەلكىم بالىنى بەكلا قيىناپ قويىشى مۇمكىن، بالىلارنىڭ يۆتىلى بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە، سېرىق نەرسە ياندۇرسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك.

bilimnur

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: