نېمىشقا بۇرۇننىڭ بىر تەرىپى دائىم پۈتۈپ قالىدۇ؟

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

نېمىشقا بۇرۇننىڭ بىر تەرىپى دائىم پۈتۈپ قالىدۇ؟

زۇكامداپ قالغاندا بۇرنىمىز دائىم پۈتۈپ قالىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسلەر بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بەردى: بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى بۇرۇننىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت مېخانىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئايلىنىشى مۇستەقىل بولىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى مۇستەقىل نېرۋىلار سىستېمىسى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئالمىشىپ خىزمەت قىلىش جەريانىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىكەن. شۇنداقلا بۇ سىستېما يەنە ھەزىم قىلىش ۋە يۈرەك ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك فۇنكسىيەنى تەڭشەپ تۇرىدىكەن. بۇرۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇستەقىل نېرۋىلار سىستېمىسى بۇرۇن بوشلۇقى ئايلىنىشىنى تەڭشەپ، بۇرنىمىزنى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرىدىكەن.
ئامېرىكا بالىلار بۆلۈمى دوختۇرى، مەخسۇس تېببىي يازغۇچىسى جېنىففېر مۇنداق دېدى: بۇرۇننىڭ بىر تەرىپىنى ئېتىۋېتىپ يەنە بىر تەرىپىنى ئېچىشتا ئادەم بەدىى ئاپتۇماتىك ھالدا بۇرۇن ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارغا قان تولدۇرىدۇ، قاننىڭ ئېقىمى كۆپەيگەندە بىر تەرەپتىكى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ قان تولدۇرۇش يولى توسۇلۇپ قالىدۇ، بۇ جەريان ئۈچ سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە يەنە بۇ بىر بۇرۇن تۆشۈكىگە ئالمىشىدۇ، ئادەم ياتقاندا بۇرۇننىڭ پۈتۈپ قالغانلىقىنى بەكرەك ھېس قىلىدۇ، ياستۇقنى يانتۇ قىلغاندا بۇرۇننىڭ پۈتۈپ قېلىشى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.
ئامېرىكىلىق مەخسۇس تېببىي سىتون يازغۇچىسى سونىيە كار مۇنداق دەپ قارىغان: بۇرۇن تۆشۈكى ئالمىشىپ خىزمەت قىلغاندا پۇراش سېزىمىنىڭ ئېششىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بىر قىسىم ھىدلارنى تېز سۈرئەتتە سۈمۈرگەندە ئاندىن ئۇنى پۇرىغىلى بولىدۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم ھىدلارنى ئاستا سۈمۈرگەندە ئاندىن ئۇنى پۇرىغىلى بولىدۇ. بۇرۇننىڭ بىر تۆشۈكى چوڭ ئېچىلغاندا يەنە بىر تۆشۈكى سەل ئېتىلگەندە بارلىق ھىدلارنىڭ ھەممىسىنى پۇرىغىلى بولىدۇ.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: