بۆرەكنىڭ بەدەندىكى رولى…

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

بۆرەكنىڭ بەدەندىكى رولى…

بۆرەك بولسا سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا . شۇنداقلا ئورگانىزىمىڭ ئىچكى ماددا ئا لمىىشىش جەريانىنى كونترول قىلىپ ، شۇ ئارقىلىق ئىچكى مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ،ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرلىشىغا كاپالەتلىك قېىلىدۇ . بۆرەكنىڭ ئاساسلىق فىزىئولو گىيىلىك ئىقتىدارى تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك بولىدۇ .

1. سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىش رولى ؛بۆرەك سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ .

2. ماددا ئالماشتۇرۇش رولى :بۆرەك ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىدىن ھاسىل بولغان ماددىلارنى ۋە ئورگانىزمغا كىرگەن زىيانلىق ماددىلارنى ھەيدەپ چىقىرىدۇ .

3. كىسلاتا ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش رولى : بۆرەك ئورگانىزىمىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ ، شۇنداقلا بۆرەك ماددا ئالمىشىش جەرياندا ھاسىل بولغان كىسلاتالىق ماددىلارنى سۈيدۈك ئارقىلىق ھەيدەپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كاربون كىسلاتا تۇزىنى قايتا سۈمۈرىدۇ ھەمدە كىسلاتالىق ۋە ئاساسلىق ماددىلارنىڭ ھەيدەپ چېقىرىلىش مىقدارىنىڭ نىسبىتىنى كونترول قىلىپ ، كىسلاتا،ئاساسلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ .

4. ئورگانىزم سۇيۇقلۇق تەركىبىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش رولى : بۆرەك ئورگانىزمغا ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى ئورگانىزمدا ساقلاپ قالىدۇ .شۇنداقلا يەنە بۆرەكنىڭ ئورگانىزمغا ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى قايتا سۈمۈرۈش خۇسۇسىيىتىمۇ بار

5. ئىچكى ئاجراتما سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش رولى :بۆرەك ئىچكى ئاجراتما سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ياكى بىرىكتۈرۈپ ئورگانىزىمنىڭ فىزىئولىگىيىلىك ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ .مەنبە :ئادەم ۋە بۆرەك دېگەن كىتابدىن ئېلىندى .

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: