بەش بارماقنىڭ ھەر بىرىدە <كۈتۈنۈش پەللىسى> بار

  • A+
تەۋە سەھىپە:بىلىۋىلىڭ

بەش بارماقنىڭ ھەر بىرىدە <كۈتۈنۈش پەللىسى> بار

جۇڭگو تېبابىتى نەزەرىيەسىدە مۇنداق دەپ قارىلىدۇ: قولدا ئالتە تال تومۇر بار بولۇپ، بۇ تومۇرلار پۈتۈن بەدەندىكى ھەر قايسى ئىچكى ئەزالار ۋە توقۇلمىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ تومۇرلارنىڭ بەش بارماق ئۈستىدىكى پەللىلىرىدىن ياخشى پايدىلانغاندا، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ.
بىرىنچى، باش بارماق- باش بارماق ئادەم بەدىنىدىكى ئۆپكە تومۇرى، ئۆپكە ئاساسىي يەل قىسىمى ۋە نەپەسلىنىش سىسىتىمىلىرى قاتارلىقلارغا تۇتىشىدۇ. باش بارماق ئۈستىدىكى شاۋشاڭ پەللىسى- بەدەندىكى ئۆپكە ئارقىلىق ھاسىل بولغان يەلنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، گالنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. يەنە سىرتقى شامالنىڭ تەسىرىدىن بولغان يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئىششىپ ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، بۇ پەللىنى ئۇۋۇلىسا بولىدۇ. يۆتەل، دېمى سىقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، بۇ پەللىنى تىك ھالەتتە، ئوڭ ـ سول قولنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ، سانجىپ ئاغرىش سېزىمى كۆرۈلگەنگە قەدەر بېسىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇۋۇلاش ۋاقتى ھەر قېتىمدا، بىر مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئىككىنچى، بېگىز بارماق ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ ئۈچەي تومۇرى، چوڭ ئۈچەي ۋە ئاشقازانغا تۇتىشىدۇ. بىگىز بارماقتىكى شاڭياڭ پەللىسى چوڭ ئۈچەيدىكى سۇيۇقلۇقنى يەلگە ئايلاندۇرىدۇ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە بۇ پەللىنى ئۇۋلىسا بولىدۇ، بۇ پەللە كىلىنكىدا ئادەم بەدىنىدىكى «كەيسەيلۇ» (يەنى توسالغۇلارنى راۋانلاشتۇرغۇچى) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ پەللىنى ئۇۋۇلاش بەدەن ئاجىزلىقىدىن باشقا يەنە قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، دائىم بېگىز بارماقنىڭ ئۇچى بىلەن شاڭياڭ پەللىسىنى بېسىپ بەرگەندە، چوڭ ئۈچەيدىكى قاننى ئۇرغۇتۇپ، ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى تېزلىتىدۇ ھەم بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۈچىنچى، ئوتتۇرا بارماق يۈرەك تۇمۇرىغا تۇتىشىدۇ، يۈرەك تومۇرىدىكى ئىسسىقلىق ئوتتۇرا بارماقتىكى جۇڭچۇڭ پەللىسى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ ھەم يۈرەكنى ساغلام قىلىدۇ. بۇ ھەم يۈرەك كېسىلىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى بولۇپ، جۇڭچۇڭ پەللىسىنى كۆپ ئۇۋۇلاپ بېرىش كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىق، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ياخشىلايدۇ. يۈرەك تېز سېلىپ كەتكەندە، باش بارماقنىڭ قورساق قىسىمى ئارقىلىق جۇڭچۇڭ پەللىسىنى مۇۋاپىق كۈچتە بېسىپ بەرسە بولىدۇ ھەم ھەر كۈنى ئىككى قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا بەش مىنۇت ئۇۋۇلاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭچۇڭ پەللىسى ئاغرىققا نىسبەتەن بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، ئۇيقۇ كەلگەندە بۇ پەللىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، يەنە مېڭىنى سەگىتىپ، روھىنى كۆتۈرىدۇ.
تۆتىنچى، نامسىز بارماق- نامسىز بارماق ئادەم بەدىنىنىڭ سەنجياۋ (يەنى تىلنىڭ ئاستىنقى قىسىمىدىن كۆرەككىچە بولغان ئارىلىق) تومۇرىغا تۇتىشىدۇ، بۇ بارماقتىكى گۇەنچوڭ پەللىسى سەنجياۋ تۇمۇرىنىڭ باش پەللىسى بولۇپ، سەنجياۋ تومۇرى دائىرىسىدىكى ئىسسىقلىق بۇ پەللە ئارقىلىق بەدەن سىرتىدىكى تومۇرلارغا ئاقىدۇ. دائىم نامسىز بارمىقىنى سېرىپ ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، باش ئاغرىپ، كۆز قىزىرىش، قۇلاق گاس بولۇپ قېلىش، قۇلاق غوڭۇلداش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. تومۇز ئىسسىق ياز كۈنلىرى، باش قېيىش، باش ئاغرىش، ئۇسساش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، گۈەنچۇڭ پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ. گۈەنچۇڭ پەللىسىنى ئۇۋۇلاشنىڭ ئۇسۇلى بولسا، باش بارماق ۋە بېگىز بارماقنىڭ ئۇچى ئارقىلىق نىسبى يۆنىلىشتىكى كۈچ ۋە تىرناقنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن بۇ پەللىنى كۈچەپ بېسىپ بېرىشتىن ئىبارەت.
بەشىنچى، چىمچىلاق بارماق ئادەم بەدىنىدىكى كىچىك ئۈچەي تومۇرىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، «خۇاڭدىنىڭ ئىچكى تىبابەتچىلىك دەستۇرى» دا كىچىك ئۈچەي ئاساسلىقى «سۇيۇقلۇق ئارقىلىق زىيانغا ئۇچرايدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن، شۇڭا، جۇڭگو تېبابىتى كىلىنىكىدا «سۇيۇقلۇق» قا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى ئالدى بىلەن كىچىك ئۈچەي تومۇرىدىن ئىزدەيدۇ. چىمچىلاق بارماقتىكى شاۋزې پەللىسىنىڭ قىسمەن قان ئايلىنىشنى تەڭشەپ، تومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولۇپ، تومۇرلارنى ئىللىتىدۇ. شاۋزې پەللىسىنى ئۇۋۇلىغاندا، بارماق ئۇچى ياكى بارماقنىڭ قورساق قىسىمى بىلەن تۆۋەنگە بېسىش ھەمدە چەمبەر شەكلىدە ئۇۋۇلاش كېرەك. بۇنىڭدا يەنە كۈچنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىپ، دائىرىلىك چىڭقىلىپ ئاغرىش تۇيغۇسى ۋە يېنىك دەرىجىدىكى قىززىش تۇيغۇسىنى ئۆلچەم قىلىش ھەم كۈندە ئىككى قېتىم ئۇۋۇلاپ بېرىش كىرەك.
قولدىكى پەللىلەر ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئادەتتە قولدىكى پەللىلەرنى ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ساقلىقنى ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: