تۇربا سۇيىدىكى دۇغ زادى نىمە؟ بەدەندە تاش پەيدا قىلامدۇ؟

  • A+
تەۋە سەھىپە:تۇرمۇش ساۋاتلىرى

تۇربا سۇيىدىكى دۇغ زادى نىمە؟ بەدەندە تاش پەيدا قىلامدۇ؟

تۇرمۇشتا بىز دائىم ئىچىدىغان سۇنىڭ كۆپىنچىسى ساپ سۇ بولۇپ، قاينىغاندىن كېيىن ئانچە كۆپ سۇ دېغى بولمايدۇ. لېكىن، بەزى كىشىلەر ساپ سۇدا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىنېرال ماددىلار يوق دەپ قاراپ، تۇرۇبا سۈيىنى قايناتقاندىن كېيىن ئىچىدۇ. سۇ قاينىغاندىن كېيىن، چەينەكتە ئازراق سۇ دۇغى قالىدۇ-دە، ھەر كۈنى يىغىلىپ، بىر قەۋەت قېلىن سۇ دۇغى ھاسىل بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر سۇدىكى بۇ سۇ دۇغلىرى تاش پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇنداقتا ھەقىقەتەن مۇشۇنداقمۇ؟
تۇرۇبا سۈيى قاينىغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن سۇ دۇغى ئەمەلىيەتتە سۇدىكى كالتسىي ئىئونى ۋە ماگنىي ئىئونى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئايلانغان چۆكمە بولۇپ، بۇ خىل ماددىلار ئاشقازان-ئۈچەيگە كىرگەندىن كېيىن، بىز دەۋاتقان تاش ھاسىل بولمايدۇ، بۇ خىل ماددىلار ئەمەلىيەتتە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ مېتابولىزمىدا پارچىلىنىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەيگە تەدرىجىي يىغىلىپ تاش ھاسىل قىلمايدۇ. شۇڭا، تۇرۇبا سۈيىنى قاينىتىپ ئىچىشكە ئامراق كىشىلەر بۇ مەسىلىدىن ئارتۇقچە ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. دائىم سۇ دۇغى بار سۇنى ئىچىپ بەرگەندە، بەدەندە تاش پەيدا بولمايدۇ، لېكىن سۇ ئىچكەندە بۇ ئىككى ئىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
1) ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىنى دائىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك
گەرچە سۇ دۇغىنىڭ زىيىنى بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار تۇڭغا قاچىلانغان سۇنى ئىچىشنى تاللايدۇ. لېكىن تۇڭغا قاچىلانغان سۇنى ئىچكەن ۋاقىتتا، دائىم ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىنى يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. ئىچىملىك سۇ ماشىنىسى سىرتتىن قارىماققا ھىم ئېتىلگەن بولۇپ، باكتېرىيە كىرەلمەيدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىنىڭ شامال ئۆتۈشۈش ئېغىزى بار، بۇ شامال ئۆتۈشۈش ئېغىزى باكتېرىيەلەر ئەڭ ئاسان كۆپىيىدىغان جايلاردۇر. شۇڭا، بەدەننىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، قەرەللىك ھالدا ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىنى يۇيۇپ تۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر.
2. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىستاكان سۇ ئىنتايىن مۇھىم
بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەتىگەندە تۇرۇپ سۇ ئىچىدىغان ئادىتى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئەتىگەندە تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن چوڭ. ئادەم بىر كېچە ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر قايسى ئەزالار ئاندىن ئويغىنىدۇ. مەيلى ئاشقازان- ئۈچەي بولسۇن ياكى قان تومۇر بولسۇن، سۇ بىلەن نەملىكىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىستاكان سۇ ئۈچەينى سىلىقلاش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپلا قالماي، يەنە قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىستاكان سۇ ئىنتايىن مۇھىم.

ئىنكاس يىزىش

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: