بىز ھەققىدە

توربىكەت ھەققىدە:
بىلىمنۇر ساغلاملىق تورى ئۇزۇن يېللاردىن بۇرۇن ساغلاملىق بىلىملىرى، تېبابەت بىلىملىرىنى ئۈگىنىشكە كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بىكەت باشلىقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تور بىكەت بولۇپ ، ئۇ چاغلاردا بىكەت باشلىقى ھەم ئۆزىنىڭ كومپىيوتېرغا بولغان توربېكەتگە بولغان قىزىقىشىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇرغان تور بىكەت .
تور بىكەت 2016-يىلى 7-ئايدا يازدا بىلىمنۇر تور نامى بىلەن تىزىملىتىلىپ ۋوردپىرەس سۇپىسىدا قۇرۇلغان
ھاياتنىڭ شامىلى بىكەت باشلىقىنى ئۇياققا بۇياققا سوقۇپ ئۇچۇرۇپ يۈرۈش جەريانىدا ۋە خىزمەت تۇرمۇش ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن تور بىكەتكە قارىغۇدەك ۋاقىت تورنام بوشلۇق ۋاقتى توشۇپ كىتىپ بۇرۇنقى يازمىلار ھەممىسى يوق بولۇپ كەتتى.ئىككىنجى قىتىم قايتا ئاچماسلىقنى ئويلىغان بولساممۇ قەلبىمدىكى بىر خىل ئىشتىياق توختاپ قالماي يەنە توربىكەتنى قايتىدىن قۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
2020-يىلى 2-ئايدا خىزمەت سەۋەبىدىن ئۆيگە قايتىشقا ئىمكان يوق بولۇش، ئۈندىدار سالۇنلىرىدا مەزمۇنلارنىڭ چاكىنا، سودا ئېلان توغۇرلۇق ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ كۆپلىكىدىن توربىكەتتىكى مەزمۇنلاردىن باشقا كىشىلەر پايدىلانسۇن پايدىلانمسۇن شەخىسنىڭ ئۆزى قىزىقىش ئۈچۈن ۋە ساغلاملىق بىلىملىرى، تېبابەت بىلىملىرىنى شەخسى توربىكىتىمدە ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قايتىدىن ئىچىلدى.
تور بېكەتنى مەيلى كومپىيوتېردا كۆرۈڭ ، ياكى يانفونىڭىزدا كۆرۈڭ ، ئەڭ ياخشى كۆرۈنۈش ھالىتىدە لايىھەلەندى.تور بىكىتىمىزنىڭ ئەپ،كچىك پىروگراممىسى ياسالمىدى تور ئادىرسىنى يانفونىڭىز تور كۆرگۈچگە بىسىپ كىرسىڭىزلام توربىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەر مەزمۇنلار دىن پايدىلنالايسىز.
ئەلۋەتتە تور بىتىكىمىزنىڭ ھازىرقىدەك روياپقا چىقىشى پەقەتلا بىكەت باشلىقىلا ئەمەس ، بەلكى ئۇزۇندىن بېرى ھەرقايسى جەھەتتىن قىممەتلىك ياردىمىنى ئايرىمىغان ھۆرمەتلىك چوڭ كىچىك تورداشلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100% ئىنىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ھوقۇق ۋە كېلىشىم
بىكەتتىكى قىسمەن ماقالە ، بىلىم ، مەسلىھەت ئۇچۇرلىرى ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە باشقا ئەسەرلەر، رەسىم ، فىلىم ، كۆرۈنۈشلەر تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان ۋە ياكى تەرجىمە قىلىنىپ قويۇلغان. بۇ مەزمونلار پەقەت شۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتور، يازارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا تەۋە. بۇ مەزمونلار بىلىمنۇر تور بېكىتىنىڭ كۆز قارىشىگە ۋە كىللىك قىلالمايدۇ.
ئەگەر بۇ مەزمونلار ئەسلى ئاپتورنىڭ ئەقلىي ھوقۇقى مۈلكىگە دەخلى تەرۇز قىلىندى ۋەياكى تەسىر يەتكۈزۈلدى دەپ قارالغان بولسا شۇ مەزمۇننىڭ ئىنكاس يزىش ئورنىغا سۆز قالدۇرىش ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، ھەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋېتىمىز.

بىلىمنۇر تور بېكىتىدە تارقىتىلغان مەزمونلارنى ئىشلىتىش:
ئەگەر تور بېكىتىمىزگە ئائىت مەزمونلار نى شەخسىي  توربېتىڭىزدە ياكى سالۇن بلوگ، ،مۇنبەردە  ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز، چوقۇم مەنبەسىنى ۋە ئاپتور يازارنىڭ ئىسمىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەگەر تور بېكىتىمىزگە ئائىت مەزمونلار نى سودا ئىشلاردا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم تور بېكىتىمىز بىلەن ۋەياكى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كېلىشىپ تۇرۇپ ئىشلىتىشىڭىز لازىم. ھەر قانداق توربېكەت ۋە سالۇن ئەپچاقلارنىڭ تور بېكىتىمىزدىكى ھەقسىز يوللانغان مەزمۇنلارنى ھەقلىق سودا خارەكتىردە كىرىم قىلىشقا بولمايدۇ!
ئەگەر تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان باشقا توربەتلەرنىڭ مەزمونلار نى شەخسىي مەقسەت ياكى سودا مەقسىتىدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشىڭىزنى ۋەياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

تىببىي ئەسكەرتىش:
تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان كېسەللىك، ساغلاملىققا ئائىت مەزمونلار، پەقەت تورداشلارنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ساغلاملىققا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن تەمىنلىدۇق .ئەگەر تورداشلارنىڭ ياكى يېقىنلىرىنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈشىنى ۋە داۋالىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .
تور بىكىتىمىزدە سۆز قالدۇرۇش توغرىسىدا :
تور بېكىتىمىزنىڭ مەلۇم بىر ماقالە ئەسەرلەرنىڭ سۆز قالدۇرۇش ئورۇنلىرىغا سېرىق مەزمونلار، ئېلان تۈرىدىكى مەزمونلار، زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش مەزمونلار، باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھەق ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلىدىغان مەزمونلار، ھاقارەت مەزمونلىرىنى قالدۇرماڭ ئايپى ئۇچۇرلىرىڭىز خاتىرلىنىدۇ. بايقالغان ھامان ئۆچۈرۈلىدۇ.
تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلغان ھەربىر تورداشلارنىڭ يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان شەرتلەرنى قوبۇل قىلغان ئاساستا بېكىتىمىزدىن ساغلاملىق مەزمونلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن
بىلىمنۇر ساغلاملىق توربىكىتى
ھاياتىڭىزدا بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىڭ ، ھاياتىڭىزنىڭ جۈملىلىرىگە چىرايلىق ئۈندەش بەلگىسى قويۇشقا ھەم بالىلىرىڭىزغا ، نەۋرە چەۋرىلىرىڭىزگە پەخىرلىنىپ سۆزلىيەلىگۈدەك ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىشقا ھازىردىن باشلاپ تۇتۇش قىلىڭ ، ھازىرمۇ ھەرگىز كېچىكمەيسىز !

 

  • توغرۇلۇق بىز ھەققىدە باھالار ئېتىۋېتىلگەن.
  • 34
    A+