• 20
    ئۆكتەبىر
    1
     دادىنىڭ ئەجرى
    ھىكايە
    دادا ناۋاي ئىدى
     ئۇ ،گۈلدەك ھۈنىرى بىلەن بىر ئائىلىنى بېقىپ كەلدى. ئۇ ،ھاياتىدا
    كەچكى شەپەقتە پېتىۋاتقان قۇياشتەك  دۈپ -دۈگىلەك ، قىپقىزىل ، چوڭ-چوڭ نانلارنى ، كېچىدە تولۇنئايدەك پارقىراپ تۇرغان گىردىلەرنى ، كۆپ-كۆك ئاسماندا جىمىر-جىمىرلاپ تۇرغان
    سانسىز يۇلتۇزلاردەك ئوماق توقاچلارنى ياققىچە، تالاي-تالاي قېتىم باش-كۆزلىرىنى ‹‹ ئۈتلەپ››
    كەتكەنلىكى ئېسىدىمۇ يوق ئىدى . كېچە-كۆندۈز  پەقەت ئېسىدىن چىقمايدېغىنى ، يالغۇز ئوغلىنى ۋايىغا يەتكىچە ئوقۇتۇش . ئىدى ...........................................................
              باشلانغۇچتا :
          - بالام، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان  ۋاقىت بوپتۇ ، دەيتتىدە ، تېلېۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ ، قولىغا بىر پارچە گېزىتنى ئېلىپ ،ئوغلىغا روبىرو ئولتۇراتتى .
              تولۇقسىزدا:
            -بالام ،  تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقىت بوپتۇ ،دەيتتىدە ، تېلېۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ ،  قولىغا بىر ژۇرنالنى ئېلىپ ،ئوغلىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ زور قىزىقىش بىلەن كۆرەتتى .
              تولۇق ئوتتۇرىدا :
            -ئوغلۇم، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلىۋال دەپ، بالىنىڭ قۇلاقلىرىدىكى تىڭشىغۇچلارنى ئېلىۋېتىپ
    قولىغا بىر روماننى ئېلىپ دېرىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تازا ئىشتىياق بىلەن ‹‹ ئوقۇيتتى ››. ئاتا      ئۆيدە بارلىكى چاغلاردا مۇشۇنداق قىلاتتى .
              ئالى مەكتەپتە:
         ئاتا ئالى مەكتەپكە ئەلىيۇل ئەلا بولۇپ ئۆتكەن ئوغلىدىن چەكسىز پەخىرلەنسىمۇ ، ئەسلى ئادىتى بويىچە  پات-پات تېلىفۇن قىلىپ: -ئوغلۇم ، ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇما ، ئوقۇشىڭنى ياخشى
    ئوقۇ ! دەپ تاپىلاشنى پەقەت ئۇنتۇپ قالمايتتى .
              دوختۇرخانىدا:
      ئوغلى چەتئەلدىكى ئوقىشىنى تۈگىتىپ ،دوختۇرلۇق كەسپىنى قولىغا ئالدى. چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان ئاتا-ئانا مۇراد-مەقسەتلىرىگە يەتتى . بىر كۈنى توساتتىن، دوختۇرخانىدىن تېلىفۇن كەلدى . دادا ئۇچقاندەك يېتىپ باردى . ‹‹ سوقۇر ئۈچەي›› سەۋەبىدىن ،ئوغۇلنى  جىددى
    ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا  كەلگەنىدى . جەدىۋەلگە قول قويىدىغان چاغدا دادا ساۋاتسىز چىقىپ قالدى. ئوغۇلنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلگەن ياشلىرى ‹‹ بوۋاي›› نىڭ ساقاللىرىدىن سىرغىپ چۈشتى

    :bilimnur  :(0)
  • 20
    ئۆكتەبىر
    1
    过去都是假的,回忆是一条没有归途的路,以往的一切春天都无法复原,即使最狂热最坚贞的爱情,归根结底也不过是一种瞬息即逝的现实,唯有孤独永恒。

    ——马尔克斯《百年孤独》

    ئۆتمۈشنىڭ ھەممىسى يالغان، ئەسلىمە بىر قايتىش يولى يوق يول، ئىلگىرىكى بارلىق باھارنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، ئەڭ ئەسەبىي، ئەڭ قەيسەر مۇھەببەت بولغان تەقدىردىمۇ، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا بىر خىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغان رېئاللىق، پەقەت يالغۇزلۇقلا مەڭگۈلۈك بولىدۇ.

    ـ ـ ـ ماركۇس يۈز يىل غېرىبلىق


    :bilimnur  :(0)
  • 20
    ئۆكتەبىر
    1

    كوڭزىنىڭ ئادەم تۇنىشى ھەققىدىكى ھىكايە

    كوڭزى ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، زىشىيا (شاگىرتى) نىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ ئىلگىرلەپ كېتىدىغانلىقى، زىگوڭ (يەنە بىر شاگىرتى) نىڭ ئىلگىرىكىدىن چىكىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى.
    سېڭزى (كوڭزىنىڭ ئاخىرىقى ئۆمرىدىكى شاگىرتلىرىنىڭ بىرى) بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، كوڭزى:
    -بالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەك ئۈچۈن، ئۇنىڭ دادىسىغا قارىماق لازىم، دادىنىڭ ئەھۋالىدىنلا بالىنىڭ ئەھۋالى بىلىنگەي؛
    بىراۋنى چۈشەنمەككە، ئەتراپىدىكى دوستلىرى كۇپايىدۇر؛
    چۈشىنەلمىگەن غوجايىننى، ئۇنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىسىگە قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ؛
    بىر يەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، شۇ جاينىڭ گۈل-گىياھلىرى ۋە دەل-دەرخلىرىگە قارىماق لازىم، -دېدى.
    دائىم ئالىيجاناپلار بىلەن بىللە بولۇش بەئەينى ئىپار ياكى ئەنبەر ساقلانغان ئۆيدە تۇرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى خۇشپۇراق قاپلايدۇ؛
    پەسكەش ئادەملەر بىلەن بىللە يۈرۈش، سەدەپ گۆشى ساتىدىغان دۇكانغا ئوخشايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى شۇ ئادەمنىڭ تېنىگە سېسىق ھېد سىڭىپ كېتىدۇ؛
    شۇڭا ئەزىمەت ئۆزى تۇرىدىغان مۇھىت ۋە ئالاقە چەمبىرىكىنى ياخشى تاللىمىقى لازىم.
    مېنىڭ ئىككى شاگىرتىمدىن، زىشىيا ئۆزىدىن دانا ئادەملەر بىلەن بىللە يۈرۈشكە ئامراق، زىگوڭ ئۆزىگىمۇ يەتمەيدىغانلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىپ يۈرىدۇ، سېلى دەپ باقسىلا كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ قايسىسى ئالغا ئىلگىرلەيدۇ، قايسسىسى چىكىنىدۇ؟
    .....
    ئاكتىپ ئېنېرگىيە بىلەن تولغان دوستلار چەمبىرىكى نەچچە مىڭلىغان ئاقماس دوستتىن ئەۋزەلدۇر.
    ئۆزىدىنمۇ ياخشىلار بىلەن بىرگە بولغاندا، ئادەم كۈنسايىن ئالغا باسىدۇ؛
    پاسسىپ ئېنېرگىيە قاپلاپ كەتكەن دوستلار چەمبىرىكى ياكى ئ‍ەخلەت ئادەملەر توپىغا كىرىپ قالسىڭىز، بارغانسېرى چېكىنىپ، ئاخرىدا سىزمۇ ئەخلەتكە ئايلىنىپ كېتىسىز.

    ——————— End ——————


    :bilimnur  :(0)
  • 20
    ئۆكتەبىر
    1

    كۈچلۈكلەرنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسى

    ئاجىزلار، ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى ئارقىلىق ئويۇن قائىدىسىنى ئۆلچەيدۇ؛ كۈچلۈكلەر بولسا، تېخىمۇ كۈلۈك رەقىبى ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆلچەيدۇ.
    كىشىلەر، ھەمىشە ئۆزىنىڭ قانداق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئويلايدۇ ھەمدە بەزىدە باشقىلارنىڭ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالىنى ئويلاپ ئۆزىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ؛ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا بولسا،ئادەم ئوخشاشلا ئىختىيارسىز ھالدا باشقىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئويلاپ سېلىشتۇرىدۇ،بەزىلەر ئۆزىنى تەلەيلىك ھېسابلايدۇ،بەزىلەر ئۆزىنى بىتەلەي ھېسابلايدۇ.

    ئىچكى دۇنياسى ئاجىز كەلگەن كىشىلەر، ئېغىزىدا گەپ بەرمەيدىغان بولۇپ، تازا قاملىشىپ كەتمىگەن سۆز-ئىبارىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غۇرورىنى ئىسپاتلايدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇلار، مەڭگۈ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار پىسخىكىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئادىللىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
    ئىچكىى دۇنياسى كۈچلۈك كىشىلەر، گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش تۇرۇشىغا دىققەت قىلىدۇ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا باسىدۇ. ئۇلار ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، ئەڭ قىسقا گەپ-سۆز ئارقىلىق بارلىق مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بىرىدۇ. چۈنكى ئۇلار، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزى ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
    كىشىلەرنىڭ ئىش قىلىشتىكى كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىق پەرقىمۇ ئوخشاش بولۇپ، كۈچلۈكلەر كوللىكتىپقا رەھبەرلىك قىلىپ، نىشاننى باشقىلارغا ئورۇنلاتقۇزىدۇ؛ ئاجىزلار بولسا ھەر تەرەپكە چېپىپ ئالدىراش بولىدۇ ھەمدە ھەمىشە ئۆزىنى يىڭىلاپ تۇرىدۇ.
    بىز كۈچلۈكلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى روھى كەيپىياتىنى يىتىلدۈرۈپ ۋە نىشانىنى بىكىتىپ، كەلگۈسىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك.
    كىشىلىك ھاياتنىڭ نىشانى، ئەسلىدىنلا ئۆزىمىزدىن كۈچلۈك كىشىلەرگە يىتىشىۋىلىش ياكى ئېشىپ چۈشۈش بولۇشى كېرەك؛ بۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن روھى ھالىتىمىز كۈچلۈك بولۇشى لازىم.


    :bilimnur  :(0)
  • 20
    ئۆكتەبىر
    1
    تىرىكلىكتە ئادەم لازىم تېپىلغاندا سۆزلىمەيمۇ بولمايدۇ. بىراق، سورالغاندا ئۆز لايىقىدا جاۋاب بەرگەن ياخشى، سورالمىسا ئېغىز ئاچماسلىق كېرەك.سورىماقلىقنى ئەركەك دېسەك، ئۇنى چۈشىنىپ جايىدا جاۋاب بېرىشنى چىشى دېسەك بولىدۇ. شۇنىڭدا «ئوغۇل» دۇنياغا كېلىدۇ.
    نادان ئادەملەر ئۇيدەك يەپ ئۆتسىلا شۇنىڭغا قانائەت قىلىدۇ، مەنىسىز سۆزگە گول بولۇپ ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. بىلىم ئىگىلىرى بولسا جېنىنى سەمىرىتىپ، تېنىنى جۈدىتىدۇ. بىلىملىك ياخشى ئادەمنىڭ ئىككى مۇھىم بەلگىسى بار: بىرى تىلغا ، يەنە بىرى گالغا ھاكىم.
    ئادەم بىلىم ئەھلىلىرىدىن ئاڭلاپ، بىلىمسىزلەرگە دېيىش، چوڭلاردىن لازىملىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ، كىچىكلەرگە يەتكۈزۈش كېرەك. ئادەم كۆپ سۆزلەش بىلەن ئالىم بولالمايدۇ، بىھۇدە سۆز بىلەن تەربىيە مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، كۆپ ئاڭلاش بىلەن بىلىم تۆرىگە چىقىدۇ. ئادەم كېكەچ بولسىمۇ بىلىم ئالالايدۇ، .ئەمما پاڭ بولسا بىلىمگە قولى  يەتمەيدۇ.
    تىل ــــــــ بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ تەرجىمانىدۇر.  ئادەم تىلنىڭ خاسىيىتى بىلەن قەدىر-قىممەتكە ئېرىشىدۇ. تۇغۇلغان ئۆلۈپ كېتىدۇ، ياخشى سۆزنىڭ خاسىيىتىدىن مەڭگۈلۈك بولۇپ قالىدۇ. ئادەم ئىككىى ئىشنىڭ خاسىيىتىدىن مەڭگۈ قېرىمايدۇ: بىرى ياخشى ئەمەل، يەنە بىرى ياخشى سۆز.

    :bilimnur  :(0)
  • 20
    ئۆكتەبىر
    1
    ھىچكىم  ھەققىدە  ئۇلۇغ  سۆزلىمە
    ………
     ، سۆزلىرىڭ  كەلگۈسىدىكى تەقدىرىڭنىڭ  تىمىسى  بولۇپ  قالمىسۇن
    . ھىچقاچان باشقىلارنىڭ  ئەيىۋىنى  ئاچمىغىن ، شۇ  ئەيىپلەر سېنىڭ  تۇرمۇشىڭدا  كۆرۈلمىسۇن .
     ھىچقاچان  باشقىلارغا  تۆھمەت  قىلمىغىن ، باشقىلارغا  ئات ،ساڭا  راس  بولۇپ  قالمىسۇن…!
    ئىنسان نۇقسانسىز ئەمەس…
    ، سېنىڭ ئەيبىڭ چىكىت ،
    باشقىلارنىڭ ئەيبى تاغ كۆرۈنمىسۇن…!
    ………
    باشقىلارغا قىلغان ياردىمىڭگە مىننەت قىلىپ،  پەس كۆڭلۈڭنى ئاچمىغىن، ھەرئىش رازىمەنلىك بىلەن بولسۇن…
    باشقىلارنىڭ  ئۈستىدىن كۈلگەن  ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغان ۋاختىڭ،  بەخىتسىزلىكنىڭ  سېنىڭ بېشىڭغا ھەسسىلەپ يۆتكىلىدىغان ۋاختىدۇر ……
    توققۇزى تەل ھىچكىم ئۆتمىگەن بۇ ھاياتتا……
    ………
    يوغانچىلىق قىلما……
    بېشىڭغا كەلگەن ۋە كىلىۋاتقان قىسمەتلىرىڭدىن ئىبرەت ئالغىن .
    ھەرقانداق بىر كۆڭۈلسىز ئىشتىمۇ بىر ھىكمەت بار…
     بىرياخشىلىق جاۋاپسىز بىر يامانىلىق جازاسىز قالماس .
    سەن بىرسىگە مەقسەتسىز ياخشىلىق قىلساڭ، سەن خىيالىڭغا كەلتۈرمىگەن يەردىن ساڭا مىڭ ياخشىلىق يانىدۇ .
    … ياخشلىقنى مىننەتسىز قىل ،  ھەسسىلەپ بەخىتكە ئىرىشسەن

    :bilimnur  :(0)
  • 20
    ئۆكتەبىر
    1

    جالالىدىن رۇمىني شۇنداق دەيدۇ :
    ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر

    ئازابلانما ۋە ھېچكىمدىن رەنجىمە . ئەكسىچە تەشەككۈر ئېيت .
    خىيانەت قىلغانلارغا ، ساداقەتنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن

    مىننەتدار بول .

    يالغانچىلاردىن ، توغرىنى بىلىشىڭگە ياردەمچى بولغانلىقى ئۈچۈن،مىننەتتار بول.

    ساڭا يامانلىق قىلغانلارغىمۇ مىننەتدار بول,چۈنكى ئۇلار ساڭا نىمىنىڭ ياخشلىقىنى ھېس قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن

    ھەرقانداق ئادەمنى ياخشى كۆر ، سىنى ھاياتقا ياخشى يامان مەنادا قاراتقانلىقى ئۈچۈن .

    ھايات شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنچە گۈزەل ، ئاق بىلەن قارا پەرقلىق بولغانلىق ئۈچۈن

    قەلبى گۈزەل ئىنسانلارنى ئۇچراتقىنىڭدا قايغۇسنى بولسىمۇ بىردەم تىڭشىۋال

    ئادەملەر مىسالى ئەينەك ئۇلارنىڭ خاتالىقىدا سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەكىس ئېتىدۇ

    بىلگىنكى دۇنيارىڭنى يورۇتىۋاتقىنى ئۆزۈڭ تارقاتقان نۇردۇر ...!

    سۆز_لىباس مەنا_ئۇنىڭدىكى يۇشۇرىن سىر
    -جالالىدىن رۇمى


    :bilimnur  :(0)
  • 20
    سېنتەبىر
    29

    تىرىكلىكتە ئادەم لازىم تېپىلغاندا سۆزلىمەيمۇ بولمايدۇ. بىراق، سورالغاندا ئۆز لايىقىدا جاۋاب بەرگەن ياخشى، سورالمىسا ئېغىز ئاچماسلىق كېرەك.سورىماقلىقنى ئەركەك دېسەك، ئۇنى چۈشىنىپ جايىدا جاۋاب بېرىشنى چىشى دېسەك بولىدۇ. شۇنىڭدا «ئوغۇل» دۇنياغا كېلىدۇ.

    نادان ئادەملەر ئۇيدەك يەپ ئۆتسىلا شۇنىڭغا قانائەت قىلىدۇ، مەنىسىز سۆزگە گول بولۇپ ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. بىلىم ئىگىلىرى بولسا جېنىنى سەمىرىتىپ، تېنىنى جۈدىتىدۇ. بىلىملىك ياخشى ئادەمنىڭ ئىككى مۇھىم بەلگىسى بار: بىرى تىلغا ، يەنە بىرى گالغا ھاكىم.

     

    ئادەم بىلىم ئەھلىلىرىدىن ئاڭلاپ، بىلىمسىزلەرگە دېيىش، چوڭلاردىن لازىملىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ، كىچىكلەرگە يەتكۈزۈش كېرەك. ئادەم كۆپ سۆزلەش بىلەن ئالىم بولالمايدۇ، بىھۇدە سۆز بىلەن تەربىيە مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، كۆپ ئاڭلاش بىلەن بىلىم تۆرىگە چىقىدۇ. ئادەم كېكەچ بولسىمۇ بىلىم ئالالايدۇ، .ئەمما پاڭ بولسا بىلىمگە قولى يەتمەيدۇ.

     

    تىل ــــــــ بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ تەرجىمانىدۇر. ئادەم تىلنىڭ خاسىيىتى بىلەن قەدىر-قىممەتكە ئېرىشىدۇ. تۇغۇلغان ئۆلۈپ كېتىدۇ، ياخشى سۆزنىڭ خاسىيىتىدىن مەڭگۈلۈك بولۇپ قالىدۇ. ئادەم ئىككىى ئىشنىڭ خاسىيىتىدىن مەڭگۈ قېرىمايدۇ: بىرى ياخشى ئەمەل، يەنە بىرى ياخشى سۆز.


    :bilimnur  :(0)
  • 20
    سېنتەبىر
    14

    ئاداۋەت ئۆچمەنلىكنى كۆمۈپ قويسام تەبەسسۇم گۈللىرى ئۈنۈپتۇ، غەم-غۇسسىنى كۆمۈپ قويسام خاتىرجەملىك گۈللىرى ئۈنۈپتۇ!

    ئاغرىنىش تاپا-تەنىلەرنى كۆمۈپ قويسام، مۇھەببەت گۈللىرى ئۈنۈپتۇ. قاقشاش، كوتۇلداشلارنى كۆمۈپ قويسام، زازىمەتلىك گۈللىرى ئۈنۈپتۇ!

    ھەسەتخورلۇقنى كۆمۈپ قويسام شۈكرى قانائەت گۈللىرى ئۈنۈپتۇ. تاماخورلۇق كىبىرلىكنى كۈمۈپ قويسام، قايىللىق گۈللىرى ئۈنۈپتۇئ شۇنداق قىلىپ، پۇرەكلەپ ئېچىلغان چىرايلىق خۇش پۇراق گۈللەرنىڭ ئارىسىدا قالدىم

    ئىنسان نوقسانسىز ئەمەس، سەنمۇ مەنمۇ ئۇمۇ، ۋاقىتلىق ئوڭۇشسىزلىق، چارچاشلار بۇرنىمىزنى، كۆزىمىزنى قۇلىقىمىزنى ئېتىپ قويمىسۇن.

    بۇ ھايات خاپا بولۇپ رەنجىگۈدەك ئايرىلىپ تالاشقۇدەك، ئاداۋەتتە ياتلاشقۇدەك، ئۈنچە ئۇزۇن ئەمەس، تىلىمىز تاتلىق، دىلىمىز يۇمشاق بولسۇن، مھىىر بىرەيلى، مھىىرلىنەيلى، تۇرمۇشىمىز مىھىر-مۇھەببەتكە، گۈزەللىك لىق تولسۇن!


    :bilimnur  :(0)
  • 20
    سېنتەبىر
    8

    ھەر قانداق ئادەمنى ئۆز-ئارا ماس كېلەمدۇ دەپ سورىماڭ. ئالايلۇق، بىر يۈەنلىك چاقماق بىلەن 10 مىڭ يۈەنلىك تاماكىنى تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ.

    ئېسىڭىزدە بولسۇن، نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك بىر ئۈستەل قورۇما، ئاخىرىدا يەنىلا ئىككى يۈەنلىك تۇزدىن ئايرىلالمايدۇ.

    ئەگەر تۇرمۇشىڭىز پۇلنى مەركەز قىلسا، ناھايىتى جاپالىق ياشايسىز.

    ئەگەر تۇرمۇشىڭىز پەرزەنتلەرنى مەركەز قىلسا، بەك چارچاپ كېتىسىز.

    ئەگەر تۇرمۇشىڭىز مۇھەببەتنى مەركەز قىلسا، ناھايىتى ئازابلىق ياشايسىز.

    ئەگەر تۇرمۇشىڭىز بەسلىشىشنى مەركەز قىلسا، بەك زىرىكىشلىك ياشايسىز.

    ئەگەر تۇرمۇشىڭىز مىننەتدارلىقنى مەركەز قىلسا، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ياشايسىز.

    ئەگەر تۇرمۇشىڭىز قانائەتنى مەركەز قىلسا، ئىنتايىن خۇشال ياشايسىز.

    ئەگەر تۇرمۇشىڭىز كەڭ قورساقلىقنى مەركەز قىلسا، ناھايتى بەخىتلىك ياشايسىز.


    :bilimnur  :(0)
  • 20
    سېنتەبىر
    4

    مۇھەببەتنى مۇھەببەت ئويغۇتالايدۇ! ھەر ئىنساننىڭ قەلبىدە مۇھەببەت بار,دۇنيادا مۇتلەق يامان ئىنسان يوق
    شۇنداق كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەتكە ئىرىش ئۈچۈن بىزدىنمۇ ئۇلارغا بەرگۈدەك مىھىر بولىشى شەرىت!


    :bilimnur  :(0)
  • 20
    ئاۋغۇست
    22

    بىر ئىشلارنى ئارتۇقچە ئويلاش ۋە ئۇنىڭدىن تەشۋىشلىنىش خامۇشلۇق كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پىسخىكا ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
    ھالبۇكى ئىشلارنى زىيادە كۆپ ئويلىۋېلىش، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقى ئۇنچە كۈچلۈك بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، بىر ئىش ئۈستىدە توختىماي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ بېسىمنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالىدۇ.


    :bilimnur  :(0)
  • 20
    ئاۋغۇست
    22
    نۇرغۇن ئادەملەر يوقاتقانلىرىنى ئۇنتالماي، ئېرىشەلمىگەنلىرىگە ئاھ ئۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك يوللاردا تەمتىرەپ يۈرۈپ، ھازىر ئىگە بولغان نەرسىلەرگە سەل قارايدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈن ئاھ ئۇرماي، كەلمىگەن ئىشلاردىن قۇرۇق غەم قىلماي، بۈگۈننىڭ قەدرىگە يېتىپ ياشاش كېرەك!
    ئۆزىڭىزنى بەك چوڭ تۇتۇۋالسىڭىز، باشقىلارنىڭ سىزنى چوڭ كۆرۈشى ناتايىن؛ ئۆزىڭىزنى بەك تۆۋەن تۇتسىڭىز، باشقىلارنىڭ سىزنى ھۆرمەتلىشى ناتايىن. ئادەم بېشىنى كۆتۈرەلىشى ھەم ئېگەلىشى كېرەك.

    :bilimnur  :(0)
  • 20
    ئاۋغۇست
    22

    ‏بۇ دۇنيادا سەن ئۇچراتقان ھەر بىر ئادەم ساڭا بىر ھېكمەت، بەزىلەر ھۆرمەت، بەزىلەر مۇھەببەت ۋە بەزىلەر ئىبرەت...
    بەزىلەر سېنى ئەڭ ناچار خۇيۇڭنى چىقىرىشقا قىستايدۇ، ئاندىن  مانا سەن مۇشۇنداق ناچار دىيىشىدۇ…
    ھەر ئىنساننى ئۇچراتتىم، دۆت چاغلىسىمۇ كۈلۈپ قويدۇم. كەينىمدىن  غەيۋەت  قىلسمۇ  چاندۇرمىدىم. چۈنكى ئۆزىگە يانىدىغانلىقىنى بىلەتتىم ھەركۈنى ئەمەس ھامان بىركۈنى …


    :bilimnur  :(0)
  • 20
    ئاۋغۇست
    22

    مەجنۇننىڭ زامانىسىدا لەيلىدىنمۇ گۈزەللەر كۆپ ئىدى. باشقىلەر ئېيتتىكى:-سەن نىمىشقا ئۇنچە چىرايلىق بولمىغان لەيلىگىلا ئېسىلىۋالىسەن؟ لەيلىدىنمۇ گۈزەللەرنى كۆرسىتەيمۇ ساڭا ؟
    مەجنۇن دېدى:-تاشقى سۈرەت مىسالى بىر قەدەھ، قەدەھ  ئالتۇندىن ياسالسۇن-يۇ، ئىچىگە تۇزلۇق سۇ تولدۇرۇلسا،  ئىچىشنى ئىستەمسەن؟ ياق، مەن قەدەھنىڭ سىرتىدىكى ئالتۇننى ئەمەس، بەلكى ئىچىدىكى  شەربەتنى كۆردۈم.


    :bilimnur  :(0)