كومپيۇتېر كېسەللىكلىرى ھەققىدە تېبابەت نەزىريەسى

كومپيۇتېر كېسەللىكلىرى ھەققىدە

كومپيۇتېر كېسەللىكىدىن ھەزەر ئەيلەڭ كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ خىزمەت ، ئۈگىنىش ، تۇرمۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ناھايىتى زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭغا ئەگىشىپ ، كومپيۇتېر يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ كومپيۇتېر يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى مۇنداق بولىدۇ : بەزى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر كۆزى يوغىناپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ ، بېشى قايىدۇ ، قولى تېلىپ بېلى ئاغرىيدۇ ، تېرىسى قىچىشىدۇ ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ ، نېرۋىسى ئاجىزلاپ قالىدۇ . بۇ ئالامەتلەر كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇش ،...
داۋامى..
ۋىتامىن ب ھەققىدە بىلىملەر بىلىۋىلىڭ

ۋىتامىن ب ھەققىدە بىلىملەر

بىز ئالدىنقى  ئالدىنقى قىتىملىق تېمىدا ئادەم بەدىنىگە مۇھىم بولغان 13 تۈرلۈك ۋىتامىن بار دىدۇق. يەنى ، ئا، ب ، سې ، د ،ې ۋە ك ۋىتامىنلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ب ۋىتامىنى 8 كىچىك تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ب ۋىتامىنلەر ھەققىدە بىلىملەر ۋىتامىنلەر ب ۋىتامىنلىرى ۋە س ۋىتامىنى سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلاردۇر. گەرچە ب ۋىتامىنى كۆپ تۈرلەرگە بۆلۈنگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 8 تۈرى ۋىتامىننىڭ 4 شەرتىگە توشقاچقا، بۇ يەردە ۋىتامىن دەپ ئىسىم بېرىپ تۈرگە ئايرىغان. بۇلار ب 1، ب 2، ب3، ب5،...
داۋامى..
ئا ب س د ې ك ۋىتامىنلار ھەققىدە! بىلىۋىلىڭ

ئا ب س د ې ك ۋىتامىنلار ھەققىدە!

  ھاياتتا، بەدەنگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلەر، مەيلى تاماق بولسۇن، چېنىقىش بولسۇن ياكى باشقا ماددى نەرسىلەر بولسۇن، بۇلار ھەممىسى نورمىلىق بولسا ھايات ساغلام داۋام قىلىدۇ. ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ، جىق بولۇپ كەتسە، ئىھتىياجىمىزدىن ئېشىپ كەتسە، بەدەنگە زىيان زەخمەت يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن تاماقنى بىر قىتىمدا جىق يەۋەتسەك، ئاشقازىنىڭىز كۆتۈرەلمەيدۇ قۇسۇۋېتىپ قالىمىز، ئاز يىسىڭىز ئاچ قېلىپ ھالسىز بولۇپ قالىسىز. ۋىتامىنلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە. بەزى ۋىتامىنلەر مىكروگرام دەرىجىدە ئاز لازىم بولسىمۇ، ئەمما شۇ ئىھتىياجدىن بىرازلا ئېشىپ كەتسە، بەدەندە زەھەرلىنىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئا،...
داۋامى..
ۋىتامىن دىگەن نىمە؟ ۋىتامىن ھەققىدە بىلىملەر بىلىۋىلىڭ

ۋىتامىن دىگەن نىمە؟ ۋىتامىن ھەققىدە بىلىملەر

بەلكىم كۆپىنچە ئائىلىدە بىرەر قۇتىدىن ۋىتامىن بولۇشى مۇمكىن. سىز ئۆمرىڭىزدە گەرچە كېسەل بولمىسىڭىزمۇ، ۋىتامىن يەپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ۋىتامىن تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان سۆزلەرنىڭ بىرسى. ۋىتامىن دىگەن ئىسىم لاتىنچە سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ۋىتا لاتىنچە سۆز بولۇپ، ھايات مەنىسىدە كىلىدۇ. يەنى بۇ ماددىلار ئادەم ياكى ھايۋاناتلار بەدىنىدە بولمىسا بولمايدىغان ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىسىم بېرىلگەن. ۋىتامىنلەر بەدىنىمىزدىكى ھەرخىل ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم ياردەمچى ماددا. ۋىتامىنلارنىڭ تەبىئەتتىن تېپىلىدىغانلىقى، بەدەندىكى كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدىغانلىقى ناھايىتى بۇرۇنلا بايقىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ۋاقىتلاردىكى...
داۋامى..
ئەسقاتىدىغان 30 تۈرلۈك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى بىلىۋىلىڭ

ئەسقاتىدىغان 30 تۈرلۈك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى

ئەسقاتىدىغان 30 تۈرلۈك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى 1. ھەرە چېقىۋالغاندا: ھەرە چېقىۋالغان ئورۇننى سوپۇنلاپ يۇيىمىز؛ مۇمكىن بولسا ھەرىنىڭ نەشتىرىنى ئېلىۋېتىمىز؛ ھەرە چاققان ئورۇنغا مۇز پارچىسى قويسا ئاغرىق ۋە ئىششىقنى پەسەيتىدۇ؛ ناۋادا بەك قىزىرىپ ئىششىسا، قىزىسا، ھەتتا نەپەسلىنىش قىيىنلاشسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. 2. كۆزگە قۇم دانچىسى كىرىپ كەتكەندە: كۆزنى كۈچەپ ئۇۋۇلىماستىن قۇرۇق قەغەز ياكى لۆڭگە بىلەن كۆزنى سۈرتۈش؛ ياندىكىلەرگە كۆز قاپىقىنى ئاچقۇزۇپ كۆز ئېقى، مۈڭگۈز پەردىسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تەكشۈرتۈش؛ ناۋادا قۇم دېگەندەك نەرسىلەر كۆز تېرىسى ياكى كۆز ئېقىدا تۇرۇۋالغان بولسا...
داۋامى..
ئائىللەردە ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ساقلاش ئۇسۇللىرى تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئائىللەردە ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ساقلاش ئۇسۇللىرى

ئائىلىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ساقلىغاندا، ساقلايدىغان قاچىلار پاكىزە ۋە ھىم ئېتىلگەن بولۇشى، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق، قۇرغاق، يورۇق چۈشمەيدىغان، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا ساقلىنىشى ھەم دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇلۇشى كېرەك. 1. گۈرۈچنى ساقلاش، گۈرۈچ سېلىنغان خالتىنىڭ ئىچىگە ئازراق قۇرۇق لامنارىيە (خەيدەي) سېلىپ قويسا ياكى كاۋاۋىچىن، ئارپىبەدىيان، سامساق قاتارلىقلارنى كىچىك داكا خالتىغا سېلىپ، ئاغزىنى تىكىپ گۈرۈچنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويسىمۇ گۈرۈچتىكى نەملىكنى سۈمۈرۈپلا قالماستىن، مىتە ئۆلتۈرۈش ھەم مىتە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. گۈرۈچنى ئاپتاپقا سالماسلىق كېرەك. بولمىسا گۈرۈچ چۈرۈكلىشىپ ئاسان ئۇۋىلىپ كېتىدۇ. 2. بۇغداي...
داۋامى..
كۆپ ئۇسساش 7 خىل كېسەللىكنىڭ بىشارىتى ساغلاملىق بىلىملىرى

كۆپ ئۇسساش 7 خىل كېسەللىكنىڭ بىشارىتى

بەزىلەر دائىم ئۇسسىغاندەك بولۇپ، كۆپ سۇ ئىچىدۇ، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ روسىيە تېببىي ئالىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى يەتتە خىل سەۋەبتىن بولىدىكەن. 1. ئادەم بەدىنىدە ئېغىر دەرىجىدە سۇ كەمچىل بولۇش. ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا، قانسىزلانغاندا، كۆيۈپ قالغاندا، كۆڭلى ئېلىشقاندا، قورساق ئاغرىغاندا،بەك قىزىپ كۆپ تەرلىگەنلىكتىن، ئادەم بەدىنى ئېغىر سۇسىراپ، ئۇسسۇزلۇققا چىداش تەس بولىدۇ-دە، دائىم ئاغزى قۇرۇش، چىرايى قارىداپ قىلىش، كۆز چانىقى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، تېرىسى قېتىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپ ئۇسساش ئادەم بەدىنىنىڭ بىر خىل قوغداش مېخانىزمى، بۇ...
داۋامى..
قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش تېبابەت نەزىريەسى

قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش

قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش ئادەتتە قۇم بىلەن داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ قۇمدىكى ھەر خىل پايدىلىق تەركبلەرنىڭ بەدەنگە تەسىر قىلىشى ۋە قۇمنىڭ قىززتىش ، شۈمۈرۇش قاتارلىق ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆرىىىتىدۇ. قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش بولسا ئۇيغۇر تببابىتىدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمكى يەرلىك داۋالاش چارلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەت، ھادىسىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش، كۈندىلىك تۇرمۇشنى باشقۇرۇش جەريانىدا ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز (تاسادىپىي) ئىشلەتكەن چارە-ئاماللىرىنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەجرىبە ساۋاقلارنى يەتكۈنشىدىن تەدرىجىي شەكىللىنىپ چىققان، ئۈنۈملۈك...
داۋامى..
ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت ئەھۋالى تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت ئەھۋالى

كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساپاسى، كەيپىياتى، تۇرمۇش ئادىتى، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى تەڭشىشى ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتىنىڭ رېتىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، ھەر بىر كىشى تۈۋەندىكى ئادەم بەدىنىنىڭ خىزمەت پائالىيىتىگە ئاساسلىنىپ ھەمدە ئۆزىنى بىر مەزگىل كۆزىتىپ، بىئولوگىيىلىك سائىتىنىڭ رېتىمىنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەت ۋە دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. سائەت 1:00 دە ئادەم سەزگۈر ئۇيقۇ ھالىتى (ئۇيقۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى) گە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاغرىشقا بولغان سېزىمى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ ھەمدە ئاسان ئويغىنىپ كېتىدۇ. سائەت 2:00 دە ئادەم بەدىنىدىكى زور كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ خىزمەت سۈرئىتى...
داۋامى..
بەش بارماقنىڭ ھەر بىرىدە <كۈتۈنۈش پەللىسى> بار بىلىۋىلىڭ

بەش بارماقنىڭ ھەر بىرىدە <كۈتۈنۈش پەللىسى> بار

جۇڭگو تېبابىتى نەزەرىيەسىدە مۇنداق دەپ قارىلىدۇ: قولدا ئالتە تال تومۇر بار بولۇپ، بۇ تومۇرلار پۈتۈن بەدەندىكى ھەر قايسى ئىچكى ئەزالار ۋە توقۇلمىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ تومۇرلارنىڭ بەش بارماق ئۈستىدىكى پەللىلىرىدىن ياخشى پايدىلانغاندا، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ. بىرىنچى، باش بارماق- باش بارماق ئادەم بەدىنىدىكى ئۆپكە تومۇرى، ئۆپكە ئاساسىي يەل قىسىمى ۋە نەپەسلىنىش سىسىتىمىلىرى قاتارلىقلارغا تۇتىشىدۇ. باش بارماق ئۈستىدىكى شاۋشاڭ پەللىسى- بەدەندىكى ئۆپكە ئارقىلىق ھاسىل بولغان يەلنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، گالنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش رولىنى...
داۋامى..
جىگەر ئاغرىسا ئاگاھ بولۇڭ ئىچكى كېسەللىكلەر

جىگەر ئاغرىسا ئاگاھ بولۇڭ

تونۇش: جىگەر ئاغرىقى بولسا جىگەرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان ، كىلىنىكىدا جىگەر ساھەسى يېقىمسىزلىنىش ۋە ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. سەۋەبى: جىگەر مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى ،جىگەردە قاتتىق ئىششىق شەكىللىنىش، جىگەرگە يەل يىغىلىش ، جىگەر زەخىملىنىش، جىگەردە ئۇششاق تاش پەيدا بولۇش، جىگەر قېتىش، بوھران كۈنلىرىدە خىلىتلانىڭ ھەرىكەت قىلىشى، جىگەر ئاجىزلىقى، جىگەر مودۇر- چاقىلىرى سەۋەبىدىن بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. تەكشۈرۈش: ئەگەر جىگەر ساھەسىدە ئاغرىق بولۇپ قىزىتما بولمىسا ، بۇ يەلدىن بولغان جىگەر ئاغرىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئاغرىش بۆھران كۈنلىرىدە يۈز بەرسە، بۇ بۆھران كۈنلىرىدە...
داۋامى..
نېمىشقا بۇرۇننىڭ بىر تەرىپى دائىم پۈتۈپ قالىدۇ؟ بىلىۋىلىڭ

نېمىشقا بۇرۇننىڭ بىر تەرىپى دائىم پۈتۈپ قالىدۇ؟

زۇكامداپ قالغاندا بۇرنىمىز دائىم پۈتۈپ قالىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسلەر بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بەردى: بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى بۇرۇننىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت مېخانىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئايلىنىشى مۇستەقىل بولىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى مۇستەقىل نېرۋىلار سىستېمىسى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئالمىشىپ خىزمەت قىلىش جەريانىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىكەن. شۇنداقلا بۇ سىستېما يەنە ھەزىم قىلىش ۋە يۈرەك ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك فۇنكسىيەنى تەڭشەپ تۇرىدىكەن. بۇرۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇستەقىل نېرۋىلار سىستېمىسى بۇرۇن بوشلۇقى ئايلىنىشىنى تەڭشەپ، بۇرنىمىزنى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرىدىكەن. ئامېرىكا بالىلار بۆلۈمى دوختۇرى، مەخسۇس تېببىي يازغۇچىسى جېنىففېر...
داۋامى..
​دوختۇرلار تەۋسىيە قىلغان 29 ساغلاملىق مەخپىيىتى بىلىۋىلىڭ

​دوختۇرلار تەۋسىيە قىلغان 29 ساغلاملىق مەخپىيىتى

1. قان بېسىمى بىر قېتىم ئۆرلەپ كەتكەنلىك يۇقىرى قان بېسىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. يۇقىرى قان بېسىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئۆلچەش لازىم، ھەمدە ئوخشاش بولمىغان كۈنلەردە ئۆلچەپ دىئاگنوز قۇيۇش لازىم، دېمەك ئۇدا ياكى كۈن ئاتلاپ ئۈچ كۈن قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە 90-140 دىن يۇقىرى بولسا ئاندىن يۇقىرى قان بېسىم دەپ بېكىتىلىدۇ. 2. مېۋە سۈيى ئىچكەندىن كۆرەر بىۋاستە مېۋە يېگەن ياخشى. مېۋە سۈيى تەركىبىدە مېۋىنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق قەنت بار، لېكىن يېمەكلىك تالاسى ۋە بىر قىسىم ۋىتامىنلار يوق، شۇڭلاشقا مېۋە سۈيى بەدەندىكى...
داۋامى..
پەقەت دوختۇرلا بىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ساغلاملىق بىلىملىرى بىلىۋىلىڭ

پەقەت دوختۇرلا بىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ساغلاملىق بىلىملىرى

نۇرغۇن كىشىلەر ساغلاملىققا ئىنتىلىدۇ، لېكىن بەزىلەر ساغلاملىقنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ، تۆۋەندىكى كۆپچىلىك كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىدىغان 50 تۈرلۈك ساغلاملىق بىلىملىرىدۇر. مېدىتسىنادىكى سوغۇق بىلىملەر دائىم تىلىنى چىشلىۋېلىش بەلكىم سەكتىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن يېقىندىن بېرى دائىم تىلىڭىزنى چىشلىۋالىدىغان بولۇپ قالغان بولسىڭىز بۇ تاسادىبىيلىق ئەمەس بەلكىم سەكتىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، تىلىڭىزنى چىشلىۋېلىشتىن باشقا يەنە باش ئاغرىش، باش قېيىش، يول ماڭغاندا قەدەم نورمال بولماسلىق، گەپنى ئېنىق دېيىلمەسلىك قاتارلىقلار تەڭ كۆرۈلگەندە تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم. 2. سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە تۈز ئۈچەينى تەكشۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق 80% تۈز ئۈچەي راكىنى...
داۋامى..
بەدىنىڭىز توغرىسىدا يەنە توققۇز سوغۇق بىلىم بىلىۋىلىڭ

بەدىنىڭىز توغرىسىدا يەنە توققۇز سوغۇق بىلىم

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ‎ئىنسانلارنىڭ تېنىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز نۇرغۇن ئېنېرگىيە يوشۇرۇنغان، شۇنداقلا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر تونۇشىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن. گەرچە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىشلىنىش ئورنى ۋە ئارتۇقچىلىقى ھەممىمىزگە ئايان بولسىمۇ، بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ھەممە ئادەمنىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى! ‎1. يۈزى قىزارغاندا ئاشقازانمۇ قىزىرىدۇ. ‎بىز ئىنسانلار ئىنتايىن ئالاھىدە، بەدىنىمىزدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر ھايۋانلاردا بولمايدۇ، مەسىلەن، ئادەمنىڭ يۈزى قىزارغاندا، ئەمەلىيەتتە ئاشقازىنىمۇ قىزىرىدۇ. بۇ ئادرېنالىننىڭ بەدەندىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتكەنلىكىدىن بولىدۇ، ئاشقازان دىۋارىمۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشى بىلەن...
داۋامى..
ئىچكى ئەزالارنى تازىلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى بىلىۋىلىڭ

ئىچكى ئەزالارنى تازىلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى

بىزنىڭ ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، ئۈچەي، ئاشقازان قاتارلىق ئەزالىرىمىز خۇددى سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ مەركىزى خىزمەت ئورنىغا ئوخشاش بەدىنىمىزدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، قاننى ساپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە سۇ تازىلاش ئەسۋابى ئۇزۇن خىزمەت قىلسا مەينەت نەرسىلەر تېگىگە ئورنىۋالغانغا ئوخشاش بىزنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمىزمۇ ئەخلەتلەرگە توشۇپ قالىدۇ، ئۇنداقتا  بۇ مەينەتلەرنى قانداق تازىلايمىز؟ 1. ئۆپكە-ئادەم بەدىنىدىكى چاڭ-توزاڭ سۈمۈرگۈچ ئۆپكىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مەينەت ئەزا ھېسابلىنىدۇ، ئۆپكىنى زەھەرلەيدىغان ئىككى ئامىل : بۇلغانغان ھاۋا ۋە تاماكا. نورمال ئادەمنىڭ ئۆپكىسى ئادەتتە قىزىل رەڭدە بولىدۇ، تاماكا...
داۋامى..