تېبابەت نەزىريەسى

قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش

قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش ئادەتتە قۇم بىلەن داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ قۇمدىكى ھەر خىل پايدىلىق تەركبلەرنىڭ بەدەنگە تەسىر قىلىشى ۋە قۇمنىڭ قىززتىش ، شۈمۈرۇش قاتارلىق ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆرىىىتىدۇ. قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش بولسا ئۇيغۇر تببابىتىدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمكى يەرلىك داۋالاش چارلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەت، ھادىسىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش، كۈندىلىك تۇرمۇشنى باشقۇرۇش جەريانىدا ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز (تاسادىپىي) ئىشلەتكەن چارە-ئاماللىرىنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەجرىبە ساۋاقلارنى يەتكۈنشىدىن تەدرىجىي شەكىللىنىپ چىققان، ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. قۇمدا داۋالىنىشقا بولىدىغان قۇم دۆۋىلىرى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قۇم دۆۋىلىرى، پىچان- لۈكچۈن، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا قۇم دۆۋىلىرى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى قىسمەن قۇم دۆۋىلىرى بولۇپ ، بۇلار كۆپ يىللاردىن بېرى داۋالاش ئۈنۈمى ۋە پايدىلىنىش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا يۇقىرىلاۋاتقان تەبىئىي داۋالاش ئورۇنلىرىدۇر. قۇمدا داۋالاش ھازىرقى زامان مىدىتسىنا ئىلمىدىكى فىزىكىلىق داۋالاشنىڭ بىر تۈرىدۇر. شىنجاڭ مەملىكىتىمىز بويىچە قۇملۇقلار ئەڭ كۆپ تارقالغان رايون . شىنجاڭدىكى قۇملۇقلارنىڭ كۆلىمى مەملىكىتىمىزدىكى ئومۇمىي قۇملۇق كۆلىمىنىڭ %60 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. تۇرپان ئويمانلىقىنى مىسال ئالىدىغان بولساق، تۇرپان ئويمانلىقى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىي چېتىگە، يەنى شىمالىي كەڭلىك 42 گرادوس 56 سېكۇنت، شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇرس 12 مىنۇتقا جايلاشقان تىپىك ئازگال ئويمانلىق بولۇپ تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان، تۇرپان ئويمانلىقى دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولغاچقا، ئۇنىڭ قىش پەسلى قىسقا، ياز پەسلى ئۇزۇن بولىدۇ. ياز پەسلىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃48 قا يېتىدۇ . ئادەتتە نورمال بولغان ۋاقىتلاردىمۇ 6-ئايدىن8-ئايغىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئوتتۇرىچە℃ 38 دىن ئاشىدۇ . ياز پەسلىدە يەر يۈزىنىڭ چىڭقى چۈش مەزگىلىدىكى تېمپېراتۇرسى ℃57 قىچە ئۆرلەيدۇ. شۇڭلاشقا تۇرپاندا 4- ئاينىڭ ئاخىرىدا ياز باشلىنىدۇ . بىر يىل ئىچىدە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 3049.5 سائەتكە يېتىدۇ بىر يىلدا 203 كۈن ھاۋا ئوچۇق، 106 كۈن ھاۋا ئوچۇق ۋە بەزىدە بۇلۇتلۇق 65 كۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ. قۇم دانىچىلىرى ھەر خىل مىنېرال ۋە تاغ جىنىسلىرىدىن تەركىپ تاپقانۈ دېئامىتىرى 0.05 ~ 0.1 مىللىمېتىر كېلىدىغان توزغاق چۆكۇندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار تەركىبىدىكى تاغ جىنىىىىلىرى، مىنېرال ماددا ۋە ئۇلارنىڭ سىرتىنى قاپلاپ تۇرغان ھەر خىل ماددىلارنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن ئاق، سېرىق، يېشىل، جىگەررەڭ ۋە قىزىل رەڭلىك بولىدۇ. مەسىلەن ، تۇرپان ئويمانلىقتىكى قۇمنىڭ رەڭگى قىزىلغا مايىل، پىچان ناھىيىىىىىدىكى قۇم قىزۋچ رەڭدە، لۈكچۈن ناھىيسىدىكى قۇمنىڭ رەڭگى پىچان ناھىيىسىدىكى قۇملارنىڭ رەڭگىدىن سەل سۇىىىراق، خوتەن، كورلا ۋىلايەتلىرىگە تەۋە رايونلاردىكى قۇملار توپا رەڭ ھەم قارامتۇل كۆكۈش رەڭدە كۆرۈنىدىغان قۇم دۆۋىلىرى بولۇپ، قۇم دۆۋىلىرى قۇم دانىچىلىرىنىڭ ھەر خىل چوڭلۇقتا بولۇشىقا ۋە كۆپ كاۋاكچىلىق قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ھەر خىل مىنېرال ماددىلارنى ئۆزىدە ناھايىتى ياخشى ساقلىيالايدۇ ھەمدە مۇۋاپىق شارائىتتا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. تەركىبىدە ئالتۇن، پىلاتىنا، ئالماسقا ئوخشاش زىچلىقى بىركدەر يۇقىرى مېخانىكىلىق ۋە خىمىيىلىك پارچىلىنىشلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان، ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلار كۆپ بولغان قۇم پايدىلىق قۇم ھېسابلىنىدۇ . تەركىبىدە توپا، ئۇششاق شېغىل قاتارلىقلار بولمىغان قۇم دۆۋلىرى ئەڭ ياخشى، پاكىز قۇم ھېسابلىنىدۇ. تۇرپان شەھىرىگە بىۋاسىتە قاراشلىق يار يېزا تەۋەسىدىكى قۇم دۆۋىلىرى ئەنە شۇنداق توپىسىزا پاكىز قۇم دۆۋىلىرىدۇر. قۇياش رادىئاتىىىىيىىىىىنىڭ يەر يۈزىگە يېتىپ كەلگەن قىىىىمى ئېنفىرا قىزىل نۇر، كۆرۈنىدىغان نۇر ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇر لازېر دىن تەركىب تاپىدۇ. تۇرپان قۇرغاق چۆل ئىقلىمىغا ئىگە، قۇياشنىڭ بۇرۇلۇش ۋاقتى ئۇزۇن، تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان تۇيۇق ئويمانلىق بولغاچقا، ئويمانلىققا چۈشكەن قۇياش رادىئاتسىيىسى ئاسانلىقچە سىرتقا تارقىلىپ كېتەلمەيدۇ. قۇم قۇياشتىن ئىسسىقلىق رادىئاتىىىىيىىىىىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قاتتىق قىزىيدۇ . كىشى قۇمغا كۆمۈلگەندە، قۇمنىڭ قىزىقتىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلپ كۆپلەپ تەرچىقىشقا باشلايدۇ. تەرنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ، بەدەن تېمپېرانۇرىسى تۆۋەنلىشىدۇ. بۇ چاغدا كىشى تەر بىلەن نەمدەلگەن قۇمدىن يۆتكىلىپ باشقا ئورۇنغا كۆمۈلىدۇ. بەدەن يەنە قىزىپ، تەر يەنە چىقىدۇ. تەر چىققاندىن كېيىن بەدەن يەنە سوۋۇيدۇ. مۇشۇنداق تەكرارلىنىش ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىمدىن ، كۈندە 4 ~ 5 قېتىمغىچە داۋاملاشىىىا، بەدەندىكى ھەر خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار تەركىبىدىكى كېرەكسىز سۇيۇقلۇقلار ئۈزۈلمەي سىرتقا چىقىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە، روھلار جانلىنىپ، ھەر خىل قۇۋۋەتلەر كۈچلىنىپ، ھارغىنلىق ۋە بەدەندىكى ئېغىرلىق يېنىكلىشىپ، بوغۇملاردىكى ئاغرىقلار قالىدۇ. ئاغرىق ئورۇننى قۇمغا كۆمۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بەدەن كۇن نۇرىغا قاقلىنىپ بۇ چاغدا ئىنفىرا قىزىل نۇرنىڭ ئىىىىىىىىقلىق ئېنېرگىيىسى بەدەن ئىچكىرسىگە ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ. ئۇنىڭ قىزدۇرۇش تەسىرى بەكمۇ كۈچلۈك بولغاچقا، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىش كۈچىيىپ، بەزىبىر يىغىلىپ قالغان زىيانلىق ماددىلار ۋە سان-سۇپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ كەتكەن غەيرىي ئەبىئىي خىلىتلاردا پارچىلىنىش ۋە يۆتكىلىش بولىدۇ. بۇمۇ كېرەكسىز ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىغا تۈرىتكە بولىدۇ. قۇمغا كۆمۈلۈش جەريانىدا بەدەندىن چىققان تەر ئىنفىرا قىزش نۇرتەرىپىدىن يۈتۈۋېلىنىپ، قىزدۇرۇش، پارلىنىش ھادىسسى داۋاملىق تەكرارلىنىدۇ. بەدەن توقۇلمىلىرى ئىنفىرا قىزىل نۇرىنى سۈمۈ رگەندىن كېيىن، ھۈجەيرە مولېكۇلىلىرىنىڭ ھەرىكىتى تېزلشىدۇ. بەدەندىكى ئەزا، توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە ئىسسىقلىق ھاسىل بولىدۇ. بۇ توقۇلمىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ماددا ئالماشۇرۇش تېخىمۇ تېزلىشىدۇ. توقۇلمىلارنىڭ ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلىش جەريانى جانلىنىدۇ. ئىسسىقلىق تەسىرىدىن نېرۋا تالا ئۇچلىرىنىڭ جىددىيلىكى تۆۋەنلەپ مۇسكۇللار بوشىشىدۇ. بۇ ئاغرىق قالدۇرۇشنىڭ روشەن ئىنكاسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇمغا كۆمۈلۈش خەريانىدا ئولترا بىنەپشە نۇرلار تېرىگە چۈشۇپ، تېرىدىكى شۈمۈرۇش قۇۋۋىتى كۈچەيگەنلىكتىن، ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرە يۈزىدىكى ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن شۈمۈ رۈلىدۇ ۋە تېرە توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلىدۇ، تورسىمان ئىچكى تېرە سىستېمىلىرى جانلىنىپ، نېرۋا سىستىمىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلىشىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قۇمغا كۆمۇلگەندە، تۇرپاننىڭ ئۆتكۈر قۇياش نۇرى ۋە قۇمنىڭ قىزىق تەسىرىدىن بەدەندىكى قان تومۇلار كېڭىيىپ، قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ. يۇرەك رىتىمى تېزلىشىپ، يۇرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىدۇ، قۇمدىن چىققاندا قان تومۇلار تارىيىدۇ. مانا مۇشۇنداق قان تومۇرلارنىڭ تارىيىپ-كېڭىيىشى نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۈچىيىپ، بەدەن خاراكتېرلىك قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، ئورگانىزمنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ ۋە نورماللىشىدۇ. قۇمغا كۆمۈلگەندە ، قۇمنىڭ قىزىق تەسىر قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇمغا كۆمۈلگەن ئورۇنغا مېخانىكىلىق بېسىم چۈشىدۇ. ئىسسىقلىق تەسىرىدىن قان تومۇرلار كېڭەيگەندە، قۇمنىڭ بېسىمى قان تومۇرلارنىڭ چەكسىز كېڭىيىشىنى كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيدۇ. قۇمغا كۆمۈپ داۋالاشتا قۇياش نۇرى تەسىرىدىن باشقا يەنە قۇمنىڭ تەركىبىمۇ شىپالىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى قۇم تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار بەدەن يۈزىگە تەسىر قىلىپ، ئىسسىقلىق تا رقىتىدۇ ھەمدە ۋىگېتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، توقۇلمىلارنىڭ سۇنى سۈمۈ رۈشىنى تېزلىتىدۇ. ئادەتتە قۇمغا كۆمۈلىدىغان ۋاقىت 6~8 ئايغىچە بولىدۇ، نۇرغۇن بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، قۇمنىڭ شىپالىق ئۈنۈمى توغرىسىدىكى بايانلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قۇمدا داۋالاش ئىلمى يەنە ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پەرۋىش ئىلمىنىڭ بىر تۈ رى بولۇشقا مۇنالىىىپتۇر. تۇرپاننىڭ يەر شارائىتى، ھاۋاكىلىماتى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى، قۇمنىڭ تەركىبى قاتارلىقلاردىن قارىغاندا، قۇمدا داۋالاش بىرقانچە خىل فىزىكىلىق داۋالاشلاردىن بىمارنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىدىغان ئونىۋېرىسال داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، نۇر بىلەن داۋالاش، ماگنىتلىق داۋالاش قاتارلىق بىرقانچە خىل فىزىكىلىق دا ۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ قوشۇلمىسى بولغاچقا، داۋالايدىغان كېسەللىك تۈرلىرىمۇ نىسبەتەن كۆپ. مەسىلەر، بوغۇم ياللۇغى، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، شەقىقە، قۇلاق غوڭۇلداش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، تۇغماسلىق، بالىياتقۇ قوشۇمچە ئەزالار ياللۇغى قاتارىق ئايرىم شەكىللەردە، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرىپ ئاغرىقى، ھۆل سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان كېسەللىكلىرى، سۈيدۈك خالتىسى ياللۇغى، دوۋسۇن پالىچى، بۆرەك كېسەللىكى، سوزۇلما خاراكتېرلك ئۈچەي ياللۇغى، كۈمۈرچەك ئۆسۈش كېسەللىكى، پالەچ ، بالىلار پارالىچى، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بەل-پۇت ئاغرىقى، بوۋاسىر، پۇت بارماقلىرى ئارىسى يېرىلىش ۋە پۇت پۇراش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. دېمەك، ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردىن بىرى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ قۇم بىلەن د اۋالاش ئۇسۇلى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ يەر شارائىتى، ھاۋا كىلىماتى، قۇياش ئېنېرگىيىسى ۋە قۇمنىڭ تەركىبى قاتارلىقلار ئاشۇ قۇم د ۆۋىلىرىگە تەبىئىي داۋالاش سېھرىي كۈچىنى ئاتا قىلىپ، ئىنسانلارنى ئاغرىق ئا زابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ كېسەللىكلىرىگە شىپالىق بېرىپ كەلمەكتە.
                      ئالاھىدىلىكى
قۇمغا كۆمۈپ داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى قۇم بىلەن داۋالاش ئۇسۇل تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

1. قۇم بىلەن دا ۋالاش باشقا خىلدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈ م قازانغىلى بولمايدىغان قىسمەن سوزۇاما كېسەللىكلەرگە قارىتا شىپالىق تەسىرى يۇقىرى بولۇپ، ئەكس تەسىر يوق، بەدەننى زەھەرلىمەيدۇ.

2. قۇم بىلەن داۋالاش كۈن نۇرىنىڭ قىزىتىشىدىن قۇمدىكى قۇرۇق ئىسسىقلىق كەيپىياتىنىڭ ئېشىشى، قۇياشتىكى ھەر خىل شىپالىق نۇرلارنىڭ قۇرغاق قۇمغا كۆپلەپ تەسىر قىلىپ سىڭىشى، قۇم تەركىبىدىكى ھەر خىل شىپالىق نۇرلارنىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش تېزلىكتە كۈچىيىپ، نېرۋىلار خىزمىتى جانلىنىپ مېڭە، جىگەر، ئاشقازان، ئۈچەي، تال، تەر بەزلىرىنىڭ خىزمىتى كۈچىيىدۇ.

3. قۇمغا كۆمۈپ داۋالىغاندا بوغۇملار ئارىسى، تېرە ئاستى ۋە ئىچكى ئە زالاردىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ بەدەندىن چىقىرىلىشى تېزلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تەر ۋە سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىلسا، يەنە بىر قىسمى قۇمغا سىڭىپ يوقىلىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە كېسەللەنگەن ئورۇنلاردىكى ياللۇغلار قايتىپ، چاپلىشىپ، قېتىپ قالغان ئورۇنلار يۇمشايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كېسەللىك ئالامەتلىرى يەڭگىللىشىدۇ ياكى ساقىيىدۇ.

4. قۇمغا كۆمۇپ داۋالىغاندا ئۆتكۈر قۇياش نۇرى ۋە قۇمنىڭ زىيادە قىزىش تەسىرىدىن بەدەندىكى قان تومۇرلار كېڭىيىپ ، قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ. قان تومۇلار كېڭەيگەندە، يۈرەك تېزلىشىپ، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىدۇ. قۇمدىن چىققاندا قان تومۇرلار تارىيىدۇ، مانا مۇشۇنداق قان تومۇرلارنىڭ تارىيىش، كېڭىيىش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۈچىيىپ ، بەدەن خاراكتېرلىك قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، روھلار جانلىنىپ، قۇۋۋەتلەر كۈچىيىدۇ. ئورگانىزىمنىنڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ ۋە نورماللىشىدۇ.

5. قۇمغا كۆمۈپ داۋالىغاندا، قۇم تەركىبىدە شىپالىق مىنېرال ماددىلار ھەم ئورگانىزىم ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىم ئېلىمېنتلاردىن Zz،Mn،VCu،Fe،Cr،Si قۇياش نۇرىنى ناھايىتى ياخشى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا قۇمغا كۆمۈلگەندە بەدەندىكى روھ– قۇۋۋەتلەر جانلىنىپ، قۇۋۋەتلەر كۈچىيىپ بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش پالىيتى تەڭشىلىپ كېسەللەرنىڭ ساقىيىشى تىزلىشىدۇ.

6. قۇمغا كۆمۈپ داۋالىغاندا، قۇمدا بىر قىىىم ماگنىتلىق تەركىبلەر بولغاچقا، بۇ خىل ماگنىتلىق تەركىبلەر تەسىرىدىن قۇمغا كۆمۈلگەن ئورۇن بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ماگنىت مەيدانى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تەسىر كۆرىىىىتىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. چۈنكى ئەسلىدە ئىنسانلار ياشاپ تۇرغان يەر شارى غايەت زور ماگنىت مەيدانىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسانلار ماگنىت مەيداننىڭ قورشاۋىدا تۇرغاچقا، ئادەم بەدىنىدىنمۇ ماس ھالدا ماگنىت مەيدانى ھاسىل بولىدۇ. لېكىن بۇ ماگنىت مەيدانى ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ. قۇمدا ھاسىل بولىدىغان ماگنىت مەيدانى مىكرو زەررىچە ئېقىمىنى تارقىتىدۇ. بۇ مىكرو زەررىچىلەر ئادەم بەدىنىدىكى ماگنىت مەيدانىنى قوزغىتىدۇ. يەنى بەدەندىكى بىئولوگىيىلىك زەرەت ۋە يۇقىرى بىئو-مولېكۇلىلارنىڭ يۆنىلىشىگە تەىىىىر كۆرىىىىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى ھەرىكەت قىلىۋاتقان زەررىچىلەرنىڭ تەسىر كۈچى ئەسلىدىكى بىئو – توك ئېقىمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ ھەم ئاجىز ھالىدىكى توك ئېقىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ بەدەندىكى ئېلېكترولىتلارنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى، ھۈجەيرىلەر ئىچى-سىرتىدىكى زەرەتلىك ئىئونلارنىڭ جايلىشىشى ۋە قويۇقلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، نېرىپلارنى قوزغىتىش ۋە چەكلەش ئارقىلىق ئاغرىق توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدىن ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئۆتكۈ زۈشچانلىقى ئېشىپ، ھۈجەيرە ئىچى – سىرتىدىكى ماددا ئالمىشىش راۋانلىشىدۇ. ھۈخەيرە توقۇلمىلىرىدىكى ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

7. قۇمغا كۆمۈپ داۋالىغاندا، بەدەن ئىچىدىكى كېسەللەنگەن ئورۇندا ياللۇغلىنىش يەنى ئىششىش، شەلۋەرەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئىنفىرا قىزىل نۇرىنىڭ ئىسسىقلىق تەسىرى، ئولتۇرا بىنەپشە نۇرىنىڭ جاراسىم ئۆلتۈرۈش رولى ۋە ماگنىت مەيدانىنىڭ ھەر خىل قۇۋۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ياخشىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى
قۇمغا كۆمۈپ داۋالاشنىڭ تۈرلىرى كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە داۋالايدىغان ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قۇم بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىمۇ تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

1. مەخسۇس ئورۇننى قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش: بۇ پەقەت كېسەللەنگەن ئۇرۇننى قۇمغا كۆمۈپ، باشقا ساق ئورۇنلارنى كۆممەيدىغار مەخسۇس ئەزا خاراكتېرلىك كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئۇسۇل ئاساسىلىقى رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، پالەچ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھۆل سوغۇق ۋە قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان قول-پۇت ئاغرىقى، پۇت بارماقلىرى ئارىسى يېرىلىش، ۋە پۇت پۇراش قاتارك كېسەللىكلەرنىڭ ئاغرىيدىغان ياكى ئاغرىۋاتقان ئەزا ياكى ئورۇنلىرىنى قائىدە بويىچە قۇمغا كۆمۈپ، باشقا ئە زالىرىنى كۆممەي داۋالايدىغان داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، كلىنىكىدا ناھايىتى كۆپ ئېلىپ بىرىلىدۇ.

2. ئومۇمىي بەدەننى قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش: بۇ ئاساسلىقى كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن، ئومۇمىي بەدەن (بويۇننىڭ تۆۋەنكى قىسمى)نى مۇۋاپىق چوڭقۇرلۇقتىكى قۇمغا كۆمۈش ئارقىلىق كېسەل د اۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل كۆپىنچە بەل ئاغرىقى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، دوۋسۇن ياللۇغى ياكى دوۋسۇن پالىچى، ئولتۇرغۇچ نېرىپ ئاغرىقى، تۇغماسلىق، بالىياتقۇ ۋە قوشۇمچە ئەزالار ياللۇغى، بۆرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدۇ.
قۇمغا كۆمۈپ داۋالاشتا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر
قۇمغا كۆمۈپ داۋالاشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان كېسەللىكلەر: قۇمغا كۆمۈپ دا ۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر خېلى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقلىرىدىن يېنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك رىماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، بوغۇملاردىكى ئىششىق ۋە بەل، قول، پۇتتىكى ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى ۋە ياللۇغى، پەسىل خاراكتېرلىك ياكى سوغۇقتىن بولغان يېنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى بەل ، قول ، پۇت ئاغرىقى، ئايالللار كېسەللىكلىرىدىن ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن كېسەللىكى يەنى ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ئاياللار دوۋسۇن ۋە يېرىق ئاغرىقلىرى، تۇغماسلىق، بالىياتقۇ ۋە قوشۇمچە ئەزالار ياللۇغى ھەمدە سوزۇلما بۆرەك كېسەللىكلىرى، پۇت-قوللار قولىشىش كېسەللىكى، ئولتۇرغۇچ نېرىپ ئاغرىقى، دوۋسۇن ياللۇغى ۋە دوۋسۇن پالىچى، كۆمۈرچەك ئۆسۈش كېسەللىكى، ھۆل سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش) ، قۇلاق غوڭۇلداش، بالىلار پارەلىچى، پۇت-قول بارماقلىرى ئارىسى يېرىلىش ۋە پۇراش قاتارلىق كېسەللىكلەر بولۇپ، قۇمغا كۆمۈپ دا ۋالاش ئۇسۇلىنىڭ يۇقىرىقى كېسەللىكلە رگە بولۇپمۇ مۇشۇ كېسەللىكلەر ئىچىدىكى ھۆل سوھۇق ياكى قۇرۇق سوغۇقتىن ياكى غەيرىي تەبىئىي بەلغەم ياكى بىر قىسىم تەبىئىي قان، سەۋد ا خىلىتلىرىدىن بولغان كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
قۈمغا كۆمۈپ داۋالاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

1. قۇمغا كۆمۈپ دا ۋالاشتا تەبىئىي شارائىتتىن ئوبدان پايدىلىنىش، شامال يوق، ئەڭ ئىسسىق پەسىللەردە، نەملىكى ئاز قۇم دۆۋىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىش كېرەك.

2. قۇمغا كۆمۈلۈش مەزگىلىنى ئوبدان تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. يەنى تۇرپان قۇملۇقلىرىدا 6- ئاينىڭ باشلىرىدىن تارتىپ 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىغىچە بولسا بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خوتەن، كورلا قاتارلىق تارىم ئەتراپىدىكى جايلاردا 7- ئاينىڭ باشلىرىدىن تارتىپ 8- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ۋاقىتلاردا قۇمغا كۆمۈلسە مۇۋاپىق بولىدۇ.

3. قۇمغا كۆمۈپ داۋالاشتا، قۇمغا كۆمۈلۇشتىن بۇرۇن سالامەتلىكى تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈپ، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش كېرەك.

4. قۇمغا كۆمۇپ داۋالاشتا بىمار كەلگەن رايوننىڭ ھاۋا شارائىتى بىلەن قۇمغا كۆمۈلمەكچى بولغان رايوننىڭ ئوتتەك قىزىق ھاۋا شارائىتىغا ماسلىشىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىمار قۇمدا يالاڭ ئاياق مېڭىش، يېنىك دەرىجىدە كۆمۈلۈش يەنى ئوشۇققىچە، تىزىغىچە كۆمۇلۈشى ئاندىن تەدرىجىي كۆمۇلۇش د ائىرىسىنى كېڭەيتىشى ۋە يۇقىرىلىتىشى ۋە ياكى دەسلەپكى بىرقانچە كۈندە كەچ تەرەپكە يېقىنراق كۆمۇلۇش ھەمدە كۆمۈلۈش ۋاقتى قىسقىراق بولۇشى، كېيىن تەدرىجىي ۋاقىتنى ئىلگىرى سۈرۈپ كۈننىڭ ئەڭ ئىسسىغان ۋاقتىغا. ئەكېلىش، كۆمۈلۈش ۋاقتىنىمۇ ئۇزارتىش كېرەك. 5. قۇمغا كۆمۇلۈپ داۋالانغۇچىلار قائىدە بويىچە چوڭقۇرلۇقى cm 20~30، ئۇزۇنلۇقى m1~1.5، كەڭلىكى cm 80~700 كېلىدىغان ئورەك كولاپ، ئورەككە كىرگەندىن كېيىنcm 10 قېلىنلىقتا، ئامال بار كىندىك ئەتراپىغىچە كۆمۇلۈشى كېرەك. چۇنكى كىندىكنىڭ يۇقىرى قىسمىنى يەنى كۆكرەك قىسمىنى قۇمغا كۆمگەندە، قۇم ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇزۇن مەزگىل كۆكرەك قىسمىغا قارىتا ئېغىرلىق بېسىمى چۈشۈرىدۇ، نەتىجىدە نەپەس قىيىنلىشىپ، يۈرەك سىقىلىپ، يۈ رەكنىڭ نورمال سوقۇشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

6. قۇمغا كۆمۈلگەندە ھەر يېرىم سائەتتە ياكى بىر سائەتتە بىر قېتىم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ كۆمۈلۇش، ھەر بىر قېتىم ئورۇن ئالماشتۇرۇش ئا رىلىقىدا بىرئاز ئارام ئېلىپ تەرلەرنى قۇرۇتقاندىن كېيىن قايتا كۆمۇلۇش كېرەك. چۈنكى، ھاۋا ۋە قۇمنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى تۈپەيلىدىن بەدەندىن كۆپلەپ تەرچىقىدۇ، قۇم ھۆل بولىدۇ ۋە تەر چىققاندىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەۋەنلەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھۆل قۇم ئىچىدە ئۇزاق تۇرسا قايتا بەدەنگە سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ.

7. قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋلانماقچى بولغان ھەربىر كىشى كۆمۈلۈش ۋاقتىنى ئۆز بەدىنىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. شۇنداقتىمۇ بىر كۈندىكى كۆمۈلۈش ۋاقتىنى 2 ~ 3 سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسىلىكى كېرەك. چۈنكى كۆمۈلۈش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە تەر بەك كۆپ چىقىپ كېتىدۇ. ھەر خىل قۇۋۋەتلەر ۋە بەدەن سەرپىياتى خورايدۇ، تۇزلارنىڭ سەرپ بولۇشىمۇ نىسبەتەن ئېغىر بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى سۇيۇقلۇق ۋە ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا، بەدەنگە كېرەكلىك ئېنېرگىيە ۋە سۇيۇقلۇق ۋاقتى – ۋاقنىدا تولۇقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك، بولمىسا، بەدەن ئاجىزلاپ ھالسىزلىنىش، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ۋە ئۇنىڭدىنمۇ باشقا كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قۇمغا كۆمۈلۇپ د اۋالىنىش جەريانىدا، بىمالار قۇۋۋەتلىك غىزالار بىلەن ئوزۇقلىنىشى ۋە داۋاملىق نۇز سېلىنغان ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ تۇرۇشى كېرەك.

8. قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالانغاندا كۈچلۈك قۇياش نۇرىنىڭ باش ۋە كۆزگە زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۇن، قۇمغا كۆمۈلۇش جەريانىدا كۇنلۈك ياكى سايىۋەن ئىشلىتىش كېرەك. چىڭىقى چۈش مەزگىلى قۇياش نۇرى تىكلەشكەندە ئىلاجى با ر قۇمغا كۆمۈلمەسلىك كېرەك. چۈنكى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چىڭىقى چۈش مە زگىلىدە ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرسى، قۇمنىڭ تېمپېراتۇرىسى، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، رادىئاتسىيە نۇرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بۇنداق چاغدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن كۈچلۈك كۈن نۇرى ئاستىدا ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا كىشى ئۇزاق تۇرسا بەدەندىكى ئىسسىقلىق مۇۋاپىق ھالدا سىرتقا تارقىلالماي، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئېشىپ كېتىپ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئەھۋال د اۋاملاشسا خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

9. قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ھەرگىز ھاراق، ئىسپىرتلىق ئىچىملىك، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئسىتېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش توغرىسىدىكى ئەمەلىي پاكىتلار، تەتقىقات-تەكشۈرۈش خۇلاسىسى ھەمدە ئۇيغۇر تېبابەت نۇقتىئىنەزى قۇمنىڭ ھۆل سوغۇق ياكى قۇرۇق سوغۇقتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرگە قارىتا ئۈنۈمى نىسبەتەن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىشنىڭ شىپالىق ئۇنۈمى بەدەندە يىغىلغان ھۆللۈك، كېرەكسىز ماددىلار جۈملىدىن غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتلىرىنى تەر بىلەن سىرتقا چىقىرىپ بەدەننى يەڭگىللىتىپ، بوغۇمللاردا غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى كەلتۈرۇپ چىقارغان ئاغرىقلارنى قالدۇرۇشتۇر. شۇڭا داۋالاش جەريانىدا سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا بەدەن توقۇلمىلىرى ئىچىدىكى ھۆللۈك كۆپىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ نورمال ھارارىتى تۆۋەنلەپ، مۇسكۇل پەيلەرنىڭ تارتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسەللىكنىڭ قايتىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالىدۇ. قۇمغا كۆمۈلۈپ چىققاندىن كېيىن سوغۇق سۇدا يۇيۇنماي ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغان ياخشى.

10. قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىۋاتقاندا ئېيىق مېيى، زاراڭزا مېيى، ئات مېيى قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك مايلار بىلەن قىزىق ئاپتاپتا مايلىنىش زىيانلىقتۇر. چۈنكى قۇمغا كۆمۈلۈشنىڭ ئۆزى ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىق تەبىئەتلىك مايلارنى سۈرتۈشكە ئوخشاش تۈردىكى دا ۋالاشنىڭ قاتلىنىشى، يەنى كۈچلۈك كۈن نۇرىنىڭ قىزدۇرۇشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئارتىشى ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى بۇزىۋېتىدۇ. ئەھۋال بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ مۇۋاپىق ھالدا سىرتقا تارقىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئەھۋال بىر قىسىم كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. 11. قۇمغا كۆمۈلۈپ تەرلەپ چىققاندىن كېيىن ياكى ياتاققا قايتىش جەريانىدا شامالداپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەدەننى قۇرۇق قۇم بىلەن سۈرتۈپ تەرنى قۇرۇتقاندىن كېيىن قۇرۇق لوڭگە بىلەن بەدەننى پاكىز سۈرتۈپ دەرھال كىيىنىۋېلىش لام. قايتىشتا قېلىنراق كىيىنىۋېلىش،سوغۇق شامال تېگىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

12. قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەردە قۇمغا كۆمۈلۈپ 1~3 كۈن ئىچىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. باشقا ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمىسىلا بۇ خىل ئەھۋاللار ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ. ئەمما، قۇمغا كۆمۈلىۋېتىپ باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۈرەك سېلىپ، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆز قىزىرىپ ئىششىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دەرھال قۇمدىن چىقىپ سايىداش لازىم.

13. ئادەتتە ھەرىكەتچان ئۆپكە كېسىلى، يۈرەك كېسەللىكى، قان ئازلىق، بۆرەك، جىگەر خىزمىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، ھەيز كېلىۋاتقان ئاياللار، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار، تېرىسى يۇقۇملانغان ۋە ئۇچۇق خاراكتېرلىك زەخىملەنگەنلەر، تېرە كېسەللىكى بار بىما لار، ئېغىر دەرىجىدىكى ماددا ئالمىشىش خارەكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ( مەسىلەن، دىئابېت كېسەللىكى بارلار) ئۇنىڭدىن باشقا كۈن نۇرى رېئاكسىيە قىلىدىغان بىمالار قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

14. قۇمغا كۆمۇلۇپ داۋالىنىشقا كەلگەن بىر قىسىم بىمارلاردا دەسلەپتە تېرىگە قىزىل ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتمىلار چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ بىمارلار بىر مەزگىل ماسلىشىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

15. قۇمغا كۆمۈلۇپ داۋالىنىشقا كەلگەن بىمارلار ئىچىدىكى ھەركەتلىنىش قىيىن بولغان، بەدىنى ئاجىز ۋە ياشانغان بىمارلارنى، بىر قىسىم يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار بىمارلارنى مەخسۇس كۈتىدىغان ئادەم بولۇشى، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى