بىلىۋىلىڭ

چىلاننىڭ ئوخشاش بولمىغان يېيىش ئۇسۇلى

چىلاننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىي مول، تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش رولى بار. ئىشلىتىلىشى كەڭ بولۇپ، «ياغاچ غوللۇق ئاشلىق» دەيدىغان نامى بار، شۇنداقلا ئۇ ئىستېمالچىلار ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى. ئوزۇقلۇق ئانالىزلىرىغا ئاساسلانغاندا ، ھۆل چىلاننىڭ قەنىت مىقدارى %35-25، قۇرۇق چىلاننىڭ قەنىت مىقدارى %75 – 60؛ ھەر 100 گرام ھۆل چىلان تەركىبىدە 23.2 گرام كاربۇنلۇق بىرىكمىلەر، 12 گرام ئاقسىل، 10.2 گرام ماي؛ ھەر 100 گرام چىلاننىڭ تەركىبىدە 50.3 -80.6 گرام كاربۇنلۇق بىرىكمىلەر، 3.3 گرام ئاقسىل. 0.4 گرام ماي، يەنى كالىتسى، فوسفۇر، تۆمۈر قاتارلىق مىنرال ماددىلار بولىدۇ. بولۇپمۇ 100 گرام ھۆل چىلان تەركىبىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 -380 ۋىتامىن c بولىدىكەن. بۇ ئالمىنىڭ 80 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.

ئۇ تىبابەتتە 20 خىلدىن ئارتۇق كېسەلنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. بولۇپمۇ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، قان تولۇقلاش، تالنى كۈچەيتىش، كۆز كېسەللىكلىرى ، ئۆپكە ۋە يۇرەكنى ياشارتىش، نېرۋىنى كۈچەيتىش، ئاشقازان ۋە ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھۆسنىنى گۇزەللەشتۇرۇش، يۆتەل، ماغدۇرسىزلىق، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا رولى چوڭ.

ئۇنىڭدىن باشقا، چىلاندىن چىلان مۇرابباسى، چىلان شەربىتى، چىلان ئىچىملىكى، چىلان تورتى ۋە چىلان تالقىنى قاتارلىق يىمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ياسىغىلى بولىدۇ.

ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلدىغان ئىشلار

چىلاننىڭ پوستى سەل قاتتىق بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولمايدۇ. سۇغا چىلىغاندا، پايدىلىق تەركىبلەرنىڭ سۇدا ئېرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا چىلاننى چىلىغاندا، ئىككى پارچە قىلىپ چىلاش كېرەك. يېڭى چىلاننى چىلىماي، قاينايماي يېيىش كېرەك، چۈنكى يېڭى چىلاپ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ ، چىلىغاندا ياكى قايناتقاندا، تەركىبىدىكى ۋىتامىن C زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا يېڭى پېتى يېيىش كېرەك.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، چىلاننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان چىلان 15 تالدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خانىم قىزلار ھەيز مەزگىلىدە چىلاننى كۆپ يېگەندە، قاپىقى ھەم پۇت-قوللىرى ئىششىپ قېلىش ھەمدە قان بەك كۆپ كېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

چىلان سۈيىدە پىشۇرۇلغان تۇخۇم : ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ

چىلان، لۇڭيەن مېۋىسىنى قارا شېكەر سۈيىدە قاينىتىپ، چىلان، لۇڭيەن مېۋىسى ئېزىلگەندە تۇخۇمنى سالىمىز، سۇس ئوتتا تۇخۇمنى پىشۇرىمىز. چىلان، لۇڭيەن مېۋىسى ۋە قارا شېكەرنىڭ قان تولۇقلاش ئۈنۈمى بار.

چىلان شوۋىگۈرۈچى : ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ

مۇۋاپىق مىقداردىكى پىيازگۈل، نېلۇپەر ئۇرۇقى، چىلان، تېرىق قاتارلىقلارنى بىللە قاينىتىپ ئېچىپ بەرسە، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

چىلان چېيى : كېكىردەكنى ئاسىرايدۇ

چىلان بىلەن لۇڭيەن مېۋىسىنى بىللە چاي دەملەپ، ئىچىپ بەرسە قان تولۇقلايدۇ . قىزىل چاينى قورۇپ قارا ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، دەملەپ ئىچىپ بەرسە ئاشقازان ئاغرىقى ۋە سوغۇقى ئېشىپ كېتىشنى داۋالايدۇ.

چىلان شورپىسى : يۆتەل توختىتىدۇ

ئاق مورنى سۇغا چىلاپ كۆپكەندىن كېيىن، چىلان، ناۋات بىلەن بىللە قازانغا سېلىپ، ئالدى بىلەن چوڭ ئوتتا قاينىتىپ، ئاندىن سۇس ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىمىز، يۆتەل توختىتىش رولى بار.

دۈملەنگەن چىلان : دەم سىقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

چىلاننىڭ قان تولۇقلايدىغان رولى بار بولۇپلا قالماي، يەنە زىققا كېسىلى بىمارلىرى، بولۇپمۇ، يېشى چوڭراق بىمارلار چىلاننى دۈملەپ، كۆپرەك يەپ بەرسە، زىققا كېسىلىگە قارىتا بەلگىلىك ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

ئەكىس تەسىرى  ئاشقازانغا، باھقا زىيان قىلىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

بىر باھا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى